zilala يوللانغان ۋاقتى 2009-1-25 21:04:27

ئانا! ئەمدى سىنى ئاپا دىمەيمەن!

مەن تور ئارلاۋېتىپ بۇ تېمىنى ئۇچرۇتىپ قالدىم ،ھەممىمىزنىڭ بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن ھورمىتىمىز ناھايتى چوڭقۇر،باشقا تور بەتتىكى ئىنكاسلارغا قاراپ ، ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرلىشىشنى ئويلاپ بۇ يەرگە يوللۇدۇم .

ئانا! ئەمدى سىنى "ئاپا" دىمەيمەن!

ئالپ ئەر تۇڭا

          "ئانا" دىگەن بۇ سۆز باشقىلارغا قانداق بىلىنىدۇ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ! لىكىن، ماڭا نىسبىتەن بۇ يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ!
          ئىلگىرى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ "ئانا"سى بار ئىدى. ھازىر بولسا ئاڭ سەۋىيەسى ئالغا كەتكەن، تۇرمۇشى باياشات شەھەر ئاھالىسىنىڭ "ئانا"سى يوق! پەقەت   "نامرات" ،  "تومپاي"  دىھقانلىرىمىزنىڭلا   "ئانا"سى  بار!
          ئاڭ سەۋىيەسى ئالغا كەتكەن، تۇرمۇشى باياشات شەھەر ئاھالىسىنىڭ نەزىرىدە "ئانا" دىگەن بۇ سۆز بەك تومتاق ھەم قوپال بولۇپ، ئۇلارنىڭ "ئانا"لىرىنى "چوڭ"ھەم "قېرى" كۆرسۈتۈپ، خۇددى "ئۇيغۇر تىلى زامانغا لايىقلىشالمىغاندەك" ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالماي قالغان! شۇڭا ئۇلار ھىچ ئىككىلەنمەيلا "ئانا" دىگەن بۇ سۆزنى "يوقۇتۇش"قا باشلىغان.
           ھەممەيلەنگە مەلۇم، گېزىت-ژورنال، رادىيو-تېلىۋىزىيە، كىتاپ-قامۇسلار زىيالىلارنىڭ،توغرىدىن-توغرا ئېيتقاندا سەۋىيىلىكلەرنىڭ مەھسۇلاتىدۇر! شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ "زامانغا لايىقلىشالمىغان ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇشتا"، ئەڭ ئاۋال "ئانا" دىگەن بۇ سىمىۋول سۆزىنى يوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىغىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ! شۇڭا ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئاخبارات قۇراللىرىدا "ئانا"لارنى ئۆلتۈرۈپ، زامانغا لايىق بولغان ھەم ئانىلىرىنى "قېرى" كۆرسىتىۋەتمەيدىغان گۈزەل سۈپەت "ئاپا" سۆزىنى ھە دەپ بازارغا سېلىشقا باشلىدى. ئەتە ئۆگۈن "ئانا ۋەتەن، ئانا يۇرت، ئانا تۇپراق"لارمۇ ئۆزگۈرۈپ "ئاپا ۋەتەن، ئاپا يۇرت، ئاپا تۇپراق" بولىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە سەۋىيىلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ بالىلىرى "ئانا" سۆزىنى پەقەتلا چۈشەنمەس بولىدۇ! مۇشۇ پېتى يەنە قىرىق-ئەللىك يىل ئۆتسە، باشقا تۇركىي مىللەتلەر تارىخنى مۇنداق تەتقىق قىلىدۇ:
          ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئانىسىنى "ئاپا" دەپ ئاتاپ كەلگەن، شۇڭا "ئانا"كەلىمىسى قوللىنىلغان كىتاپ ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەر بىزگە تەۋە! چۈنكى بىز ئەزەلدىن ئانىمىزنى "ئانە" ،"ئىنە" دىگەن سۆزلەر بىلەن ئاتاپ كەلگەن، بۇنداق ئاتىشىمىز "ئانا"سۆزىگە ئەڭ يېقىندۇر! مەسلەن: ئۇلۇغ تارىخچى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئۆز ئەسەرلىرىدە "ئانا" ئۇقۇمىنى ھەرگىزمۇ "ئاپا" سۆزى بىلەن ئىپادىلىمىگەن ، شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس!

          ئاخىرقى تەۋسىيە شۇكى، نىمە قوبۇل قىلساق، ئوبدان ئويلاپ قۇبۇل قىلايلى! مىنىڭچە، "ئاپا" سۆزى ئەمىلىيەتتە "ئانا" مەنىسىنى بىرەلمەيدۇ!  "ئاپا" سۆزى ئادەتتە ئۆز ئانىسىدىن باشقا مىھرىبان ئاياللارنى ئاتاشتىكى ھۆرمەت سۆزى بولۇپ، "ھۆرمەتلىك ئاچا، مىھرىبان ھامما"دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ! شۇڭا بىز ئېسىل تەۋەرۈكلىرىمىزنى ئالدىراپ تاشلىۋەتمەيلى، يوقاتقانلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىشنى "ئانا" سۆزىنى تىرىلدۈرۈشتىن باشلايلى!


                 ئەگەر خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر!!! مەن پەقەت كۆرگەن-بىلگىنىمنى يازدىم خالاس!!!
كامالىي ئىھتىرام بىلەن:

ئالپ ئەر تۇڭا

Tarim68 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 11:40:45

«ئانا» سۆزىگە ماس ھالدا «ئاتا» سۆزىنىمۇ تىرىلدۈرۈش كېرەك!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 11:42:25

بەزەنلەر ئاتالمىش كۆنۈپ قالدىدە  ھازىر ..................

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 14:53:04

نىمە دىگۈلۈك.بىزنىڭ ناھىيىگە قاراپ باقسام ئاپا دىگەن سۆز ئەمدى بىخلىنىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئاپا دىگەننى دەنشىدە ئاڭلايتتۇق.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 17:23:40

ئاپا.. مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئانا مەنىسىنى بىرىدۇ . چۈنكى مەن ئاپامنى تاكى كۈزى يۇمۇلغىچە ئاپا دەپ كەلگەن

qinar يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 17:38:18

ئاپا دىگەن يېڭىدىن پەيدا بولغان گەپما؟؟؟؟؟؟بىزنىڭ يۇرتتا ھەممەيلەن ئاپا دەيدۇغۇ؟مەن مۇ ئاپامنى بۇرۇندىن ئاپا دەيتتىم ،ئاپاممۇ ئاپىسىنى ،ئاپام، دەيتتى .ئاپامنىڭ ئاپىسىمۇ ،ئوز ئاپىسىنىڭ گېپىنى قىلسا ئاپام ،مۇنداق دىگەن دەپ سوزلەپ بېرەتتى.بۇنى قانداقمۇ ئاپا دىگەن توغرا ياكى ئانا دىگەن توغرا دىگىلى بولسۇن ! قانداق دەپ ئادەتلەنسە شۇ توغرا!بىزنىڭ يۇرتتا ئەزەلدىن \"ئاتا\"،\"ئاپا\"  دەيمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 19:06:07

ھەيران قالماڭ. سىزنىڭ \"ئانا\"نى \"ئاپا\"دىگىنىڭىزدىن بىزمۇ ھەيران بولىمىز.ھازىربەزى ئائىلىلەردە ئانىسىنى ئاپا دەپ چوڭ ئانىسىنى ئانا دەيدىكەن.مەن چوڭ ئانام (رەھمەتلىك)چوڭ داداملارنى ئاپاقئانام،ئاپاقدادام دەيمەن.ھى ھى ھى...

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 19:09:09

راسىت، نىيە تەرەپلەردە \"ئاپا\"دىگەن سۆزنى \"ئاچا\"مەنىسىدە قوللىنىدۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 20:16:54

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2009-1-27 03:31:33

بۇنداق تالاش تارتىش جىق بولۇنغان.ئاتا ياكى ئاپا ،دادا ياكى ئاتا دىگەننى رايۇن پەرقىگە قاراپ مۇنۇ رايۇنلار مۇنداق ئاتايدىكەن دىسەك كۇپايە.قالغىنىنى تىل يېزىق كومتىتىدىكىلەرگە قويۇپ بېرەيلى.شۇنداق ئاتاشلارنىڭ ئارىسىدىن ئاممىباپى قايسىسى،يەرلىك شىۋە تۈرىگە كىرىدىغانلىرى قايسى،بەلگىلەپ قويسىلا كۇپايە.بۇنى پىسخىكا،خاراكتىر دىگەندەكلەرگە باغلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?PageIndex=1&ThreadID=32957

مەن تۇرپاندىن.

تۇرپاندا،ئاتا،ئاپا دەپ كۆنگەن،شۇنداقلا ھەممۇ دىگۈدەك شۇنداق ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ.

ئەمما ئانا دەريانى ئاپا دەريا داۋالىدىغان،ئاتا-ئانىلار يىغىنى دىگەننى تۇرپانچىلاشتۇرۇپ ئاتا ئاپىلار يىغىنى داۋالغاننىمۇ ئۇچرىتىپ باقمىدىم.

ئانا دىگەن ئاتالغۇنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقانلار بىلەكىم سىلەرنىڭ رايۇندىكىلەر بولسا كېرەك.تۇرپاندا يوقالمايدۇ.

مەن

ئاتا،ئاپا

دادا،ئانا

بوۋا،موما

............

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-27 09:48:12

نىمە دەپ چاقىرىش مۇھىم ئەمەس . شۇلار ئۈچۈن نىمە قىلىش مۇھىم

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2009-1-27 11:10:15

مۇزىكفەن توغرا دەيدۇ.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-1-27 11:29:10

ئانا - ئاپا ھەر ئىككىلى سۆز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك تىل قامۇسى << تۈركى تىللار دىۋانى >> دا ئۇيغۇر تىلغا تەۋە دەپ ئالتۇن ھەل بىلەن پۈتۈلگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىبارىلەر بولۇپ، قانداقتۇر يوق يەردىن پەيدا بولۇپ قالغان ياكى ياتلاردىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز ئەمەستۇر. ھەممەيلەنگەن مەلۇم بولغىنىدەك قەدىمىدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىز بىرقانچە قەبىلە - ئۇرۇقتىن تەركىبلەنگەن بولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ تىلى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمما بەزى پەرقلەرمۇ مەۋجۇد ئىدى. خۇسۇسەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىمۇ ئاز - تولا پەرق بار ئىدى. يەنى بىر قەبىلە ئاپا سۆزىنى (ئانا مەنىسىدە) ئىشلەتسە، يەنە بىر قەبىلە ئانا سۆزىنى ئىشلىتىشەتتى. دادا سۆزىنىمۇ بەزى قەبىلە ئۇيغۇرلىرى ئاتا مەنىسىدە ئىشلەتسە ، بەزى قەبىلىلەر ئاتىنىڭ ئاتىسى مەنىسىدە ئىشلىتىشكەن ئىدى. دېمەكچى ، ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى كۆز ئالدىمىزدىكى نەق ئەمەلىيەت( بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە ). ئەمما، ئاپا سۆزىگە ئوخشاش ئاتالمىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرغا يات ئەمەستۇر.

بىزدە كۈنىمىزگە قەدەر ئاتا - دادا ، ئانا - ئاپا كەلىمىلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ ماقالىلار ئېلان قىلىندى. كۆپىنچىلىرىدە بىرىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىرىنى كەمسىندىرىدىغان، ھەتتا بەزىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يات سۆز ، << مۇدا قوغلىشىش >> نىڭ ئاسارىتى دەپ قارايدىغان خاھىش ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مېنىڭچە، پۈتۈنلەي تەڭداش مەنادىكى ئىككى سۆزنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، بىرنى كۆتۈرۈپ بىرىنى چۆكۈرۈشنىڭ ئۆزى تولىمۇ ئىلمى بولمىغان ئىشتۇر. ئۇنى ئۇيغۇرلارغا يات سۆز دەپ قارىغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىغا ، ئاغۇن - ئەجدادلىرىنىڭ ئاياق ئىزلىرىغا ئوبدان سەپ سېلىش كېرەك، دەپ قارايمەن.

ئاپا سۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كەڭ ئومۇملىشى بەلكىم بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي دېئالىكتى قىلىپ بېكىتىلگەن << ئۈرۈمچى دېئالىكتى >> غا تەۋە بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.  يەنە بىرى ، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى قارىغۇلارچە شەھەر مەدەنىيىتىنى قوغلىشىش ئىستىكىدىن بولسا كېرەك ( بۇ ھەرگىزمۇ ئاپا سۆزىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەممە كىشىلەرنى شۇ خىل ئىستەككە ئىگە دېگىنىم ئەمەس ) . ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىچىك چاغلىرىمىزدا يېزىمىزدا بەزى ئاداشلىرىمىز ئانىسىنى << ئاپا >> دېيىشەتتى، بۇ بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا << زادى ياقمايتى >>. ئۇلارنى مازاق قىلاتتۇق. بەزى ئاداشلىرىمىزنىڭ ئانىسى كۆز ئالدىمىزدىلا ئۆز بالىسنى << ئاپا >> دەپ چاقىرمىدىڭ دەپ ، ئەيىپلەشكەن ئىدى. كىچىك چاغلىرىمىزدا ياش خانىملار ئارىسىدا بالىسىنى << ئاپا >> دەپ چاقىرتقۇزۇش باش كۆتۈرگەن ئىدى( بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى قارىشىدا ئانا سۆزى سەھرا مەدەنىيىتىدىن ، قالاقلىقتىن ، ئاپا سۆزى شەھەر مەدەنىيىتىدىن، مەدەنىيلىكتىن دېرەك بەرسە كېرەك ). يېقىندىن بېرى باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان ئاپا سۆزىنى << چەتلەشتۈرۈش >> دولقۇنىمۇ ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەش، چەكتىن ئېشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇمۇ كۈلكىلىك ئىش ئىكەن.

ئومۇمەن، ئانا ياكى ئاپا سۆزى بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مەنىدىكى تەڭداش ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر سۆز بايلىق خەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدۇر. مانا مەن بۇ ئىككى سۆزدىن شۇنچىلىك ئوبدان پايدىلانغان ئىدىم. يەنى، مېنى كىچىك چېغىمدىلا (2ياش) چوڭدادام - چوڭئاناملار ئېلىۋالغان بولۇپ، مېنى شۇلار بېقىپ قاتارغا قاتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مەن چوڭدادام - چوڭئانامنى كىچىكىمدىن دادا - ئانا دەپ چوڭ بولغانمەن. كېيىنكى كۈنلەردە مېنى يورۇق ئالەمگە كۆز ئاچقۇزغان << ئانام >> نى تەبىئىي ھالدا ئاپا دەپ چاقىرىپ كەتتىم. بۇمۇ شۇنداق جايىغا چۈشتى.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-27 17:03:16

ئاپا ۋەتەن ئاپا يۇرت ئاپا تۇپراق دىسە بەك قىززىقارلىق تۇيۇلىدىكەن،  خۇددى يۇمۇر سۆزلەۋاتقاندەكلا.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2009-1-27 17:06:58

بىز ئاپۇي دەيمىز.

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2009-1-28 14:38:18

تۇرپاندا  ئاپىمىزنىڭ ئاپىسىنى ئانا دەپ چاقىرىمىز.. ئاپامنىڭ ئاپىسىدىن تارتىپ  ئاپا دەپ چاقىرىپ كۈنۈپ قالغان.

ئەمدى قوپۇپ ئانا دېسەك  ئۆزىمىزگىلا ئەمەس ئاپىلىرىمىزغىمۇ غەلىتە بىلىنىپ كىتە....  مەنچىمۇ قانداق چاقىرىش مۇھىم ئەمەس،  مۇھىمى ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بۇلۇش...........  ئاپا _ ئانا  ئوخشاش مەنا.............

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2009-1-28 15:01:44

mayhana:

بىز ئاپۇي دەيمىز.

دادۇي دەيمىزغۇ تېخى

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-28 17:45:05

بالام ..ئاپايييييي ..دادايييييي دەيدۇ
بەت: [1]
: ئانا! ئەمدى سىنى ئاپا دىمەيمەن!