ezitku-kp يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 14:48:52

شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ دىيىش توغرىمۇ

使用口腔粘膜渗出液进行艾滋病检测

بۇگۇن http://cn.aids120.com/tuoye بۇ تو بەتتىن شولگەي سۇيۇقلۇغى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىروسىنى تەكشۇرۇش سىناق قەغىزى(唾液HIV抗体自我检测试纸 )نى ئۇچرىتىپ قالدىم شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ دىيىش خاتامۇ قانداق ؟ شوگەي سۇيۇقلۇغىدا ئەيدىز ۋىروسى بار دىسەك بولامدۇ قانداق؟   


Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 18:30:00

شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقامدۇ؟


ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى جىنسىي قىلمىش ئارقىلىق يۇقۇش ۋە بەدەن سۇيۇقلىقىنىڭ ئۆز - ئارا ئۆتۈشىشىدىن يۇقۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV )  يۇقۇش خەۋىپى بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى قان، ئىسپىرما، ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈت، مېڭە - يۇلۇن سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. ئادەتتە باشقا تەر سۇيۇقلۇقى، ياش، شۆلگەي قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن، بۇ سۇيۇقلۇقلار ئارقىلىق ئەيدىز يۇقمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەتتىكى سۆيۈشۈش تۈپەيلى ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەمما، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئەگەر ساغلام تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلىقىدا يارا ياكى زەخىملەنگەن جاي بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىمۇ يارا ياكى زەخىملەنگەن جاي بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆيۈشكەندە، قاننىڭ ئۆز - ئارا ئۆتۈشۈشى كېلىپ چىقىپ، ئەيدىزدىن  يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.
تەر سۇيۇقلۇقىدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ. شۇڭا، ئەيدىز يۇقۇمدارىلىرى بىلەن بەدەننىڭ ئۇچرىشىشى تۈپەيلىدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەمما، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇ، تىغ ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلاردا ئاز مىقداردا قان قالدۇقى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي تازىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن لۈڭگە ياكى لاتىدا ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى ياكى جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى قالدۇقى ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق شەخىسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئەيدىز ناھايىتى ئوڭايلا يۇقۇشى مۇمكىن. ئەيدىز يۇقمىدى دېگەندىمۇ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا باشقا يۇقۇچان جىنسىي يول كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرمۇ شەخىسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا ئاسانلا يۇقىدۇ.  شۇڭا، شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى زىنھار ئورتاق ئىشلەتمەسلىك لازىم.

يۈكسەل بلوگى سىزنىڭ جىددىي باھايىڭىزغا مۇھتاجمۇ نېمە؟

بۇ جاينى بېسىپ ، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىگە پىكىر بەرگەيسىز!


Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 18:51:46

بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە  سۆيۈپ قويسىمۇ ،تۇتۇپ قويسىمۇ، يېقىن كىلىپ قويسىمۇ، قاراپ قويسىمۇ يۇقىدىكەن. بەلكىم شۆلگەيدىن يۇقمايدۇ دىسەكمۇ خەقلەر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 19:56:31

فىرانسۇزچە سۆيىشىشتىن ئەيدىز يۇقامىش .....

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 21:38:37

جوڭگوچىسىدىنچۇ ...........

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 21:54:20

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-25 22:48:06

ھا ھا

almansur يوللانغان ۋاقتى 2009-1-26 09:30:35

ھەي.بۇ ئەيدىز!!!!!!!!!!!!
بەت: [1]
: شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ دىيىش توغرىمۇ