JUNGGAR يوللانغان ۋاقتى 2009-1-23 17:32:56

« «جاللات خېنىم » » دىن تۇغۇلغان ئويلار

                                             
      نەچچە يىل بۇرۇن ياسىن سىدىق چوغلانىنىڭ >>جاللات خېنىم << رومانىنى ئوقۇغان ئىدىم. روماندا مەلىكە ۆھتىرەم خېنىمنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تۇلۇق يۇرۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن بايان قىلىنغان قۇشۇمچە ۋەقەلىكلەر ئىچىدە ئسمائىلخان بىلەن يولۋاسخاننىڭ ئالاھىدە كەچۈرمىشلىرى مىنىڭ دىققىتمنى تارتىپ، كۆپ ئويلارغا سالغان ئىدى.گەرچە بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسمۇ، بۈگۈنكى كۈندە يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەلەر، ئىلىپ بېرىلۋاتقان مۇنازىرىلەر مىنىڭ بۇ ئويلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىششقا تەقەززا قىلدى.

يولۋاسخان شاھ ئاتىسى ئىسمائىلخاننى ئۆلتۈرۈپ تەخت تارتىۋالغان.
      ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، سەئىدخاننىڭ جاپالىق كۈرەشلىرى بىلەن روياپقا چىققان سەئىدىيە خانلىغى ، ئابدۇرەشىتخان دەۋرىگە كەلگەندە گۈللىنىپ، ئىلىم مەرىپەت جانلانغان، خەلىق تۇرمۇشى پاراۋان بولغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.ھەم بۇ ۋەزىيەت ئىسمائىلخان دەۋرىدىمۇ داۋام ئەتكەن.مانا مۇشۇنداق سەلتەنەتنىڭ ۋارىسى ۋە
ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ پادىشاھ ئىسمائىلخان ، ئەپسۇسكى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر نائىبى بۇلۇپ تۇرۋاتقان ئۆز ئوغلى يولۋاسخاننىڭ تەخىت تالىشىش تەھتىدىگە دۇچ كەلگەن. ئۆز پۇشتى بىلەن باقى ئالەمنىڭ نەرسىلىرنى تالىشىشنى نۇمۇس ھىس قىلغان ئىسمائىلخان تەخىتنى تاشلاپ بىرىپ ئائىلىسنى ئېلىپ ھنىدستانغا چىقىپ كەتكەن. بىراق يەنىلا قارا كۆڭۈل ئوغلىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالماي، ھىندىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن.  
       تارىخنىڭ سىياسى سەھنىسىدە ھۇقۇق تالىشىپ بالا ئاتىنى ئۆلتۈردىغان، ئىنىسى ئاكىسنى ئۆلتۈردىغان، قېرىنداشلار ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق قىلىدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەن. بۇنى ئويلىغنىمىزدا، يولۋاسخاننىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشى ئەنە شۇنداق بىر ھۇقۇق تالىشىشى كۈرىشى بۇلىشى مۇمكىن. بىراق، ئىسمائىلخان ئالدىنئالا تەختنى تاشلاپ بىرىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلالماپتۇغۇ!؟ يولۋاسخان ئاللىبۇرۇن ھۇقۇققا ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆزئاتىسىغا كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟ بۇ زادى قانداق ئاتا بالا؟ يولۋاسخان نىمە ئۈچۇن ئاتىسغا بۇنچىلا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟ زادى نىمە ئۈچۇن؟؟؟؟

يولۋاسخاننىڭ قەلبىدە يانغان ئۆچمەنلىك ۋە ئۇنىڭ ئۇلغىيشى
      روماندا بايان قىلىنىشچە، ئۆز ئوغلىنىڭ كىچىكىدىن سىياسى ئىشلارغا پىشىپ يىتىلىشىنى ئۈمۈد قىلغان ئىسمائىلخان ، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوغلىنى قەشقەر نائىبلىقىغا تەيىنلەپ قەشقەرگە يولغا سالىدۇ. تېخى ئاتا ئانا مىھرىگە قانمىغان گۆدەك يولۋاسخاننىڭ كۆز ياشلىرى ئاتىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ۋە كىچىكىدىلا ئاتا ئانىسىدن ،يۇرتى، ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ. قەلبىدە ئاتىسغا ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرى يانىدۇ.
      قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن بولسا، ئەينى يىللىرى ئەۋلىيا ئۆلىما ھىساپلانغان، بىراق ھازىر ئەپتى بەشرىسى تۇلۇق ئېچىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىسى بولۇپ تونۇلغان ئاپاق خوجا  ئۇستاز سۈپىتىدە يولۋاسخاننىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدۇ.<ئەقىل پاراسەت > لىك ئاپاق خوجا ، كۆڭلىگە پۈككەن قارا نىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇشۇ گۆدەك شاھزادىدىن باشلايدۇ. ئۆزىنى يولۋاسخانغا ئەڭ مىھرىبان كىشى قىلىپ تۇنۇتىدۇ. يولۋاسخاننى<كۆزى كور، دىلى قارا>  قىلىپ تەربىيلەيدۇ. ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدا يالغان خەت ئالاقە قىلىپ، كىچىك شاھزادىنىڭ قەلبىدىكى ئاتىسغا بولغان نارازىلىقنى ئۆچمەنلىككە ۋە قىساس ئوتىغا ئالماشتۇردۇ. ئاخىردا يولۋاسخان چوڭ بولۇپ، شۇنداق دىلى قارا ، ھاماقەت ھۈكۇمران بولىدۇكى، ئاتىسىنى ئۆلتۈرۇپ، ئاپپاق خوجىنىڭ ھىلە مىكىرلىرنىڭ ئىجراچىسى بولۇپ قالىدۇ.
       ئاخىرىدا نىمە بولغانلىغى ھەممىمىزگە ئايان. يولۋاسخاننىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرىشىدىن باشلانغان بۇ پاجىئە، پۇتۇن بىر مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ پاجىئەسى بولدى. ئاپاق خوجا ئويغۇر زىمىننى نادانلىققا ،قۇللۇققا پاتۇردى.بۇ تارىخى ۋەقەدىن بىز شۇنى يەكۈنلىيەلەيمىزكى بىر خاتا كەتكەن پەرزەنت تەربيسى شەخىسكە، ئائىلىگە، ھەتتاكى بىر مىللەتكە پاجىئە ئېلىپ كىلەلەيدۇ.
      ئۇنداق بولسا بۇ ۋەقەدىكى يولۋاسخاننىڭ تەربىيلىنىشدە قانداق خاتالىق بار؟ ئەلۋەتتە، ئىسمائىلخانمۇ  ئوغلىنى كىچىكىدىلا قەشقەرگە ئەۋەتكەندە، ئۇنى  ناچار تەربىيلەشنى مەقسەت قىلمىغان. ئوغلىنىڭ سىياسى ئىشلارغا پىشىپ يىتىلىشنى ئۇمۇت قىلغان. ئەڭ ياخشى ھىساپلانغان ئۇستاز تەربىسگە ئىگە قىلغان.بىراق ، مىنىڭچە، ئىسمائىلخاننىڭ مەسىئۇليىتى شۇ يەردىكى، ئاتا ئانا مىھرىگە قانمىغان سەبى بالىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، بىلىپ بىلمەي بالىسىنى دۈشمىننىڭ تەربىيسىدە چوڭ قىلش.

      مەن بۇ تارىخى ۋەقەنى سۆزلەش ئارقىلىق ، پەرزەنت تەربيسى توغرىسىدىكى ئاددى مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتورغا قويماقچى.ئەلۋەتتە پەرزنت تەربيسى بۇ بىر چوڭ تىما. مەن جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بولالمايمەن. لىكىن ئويلىغانلىرىم ئاددى بولسىمۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى دەپ يەنىلا سۆزلەشنى لايىق تاپتىم.

      بىر ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئەقلى تۇلۇق يىتىلىپ ئاق قارىنى پەرق ئەتكىچە بولغان ئارلىقتا تەربىيگە مۇھتاج بولىدۇ.ھازىرقى دەۋىردە  بۇ تەربىيە ئادەتتە ئائىلىدە، جەمىيەتتە، ۋە مائارىپ ئارقىلىق بولىدۇ.
1.ئائىلە تەربيىسى
      بىر ئادەمنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ئىگە بولغان ئائىلە تەربىيسى شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقى ، ئەقلى ، جىسمانى جەھەتتىن تۇلۇق يىتىلىشدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.ھەم بۇ ئائىلە تەربىيسى شۇ ئائىلىنىڭ مەركىزى بولغان ئاتا -ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ  باسقۇچنى باسماي تۇرۇپ بالىنى ئاتا-ئانىدىن، ئائىلىدىن ئايرىپ تاشلاش بىر خاتا قىلمىش. ئوخشاشلا بۇ باسقۇچ مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىنىپ بولغاندىن كىيىن بالىنى ئائىلىدىن ئايرىلىشقا يول قويماسلىقمۇ بىر خاتا قىلمىش. بۇنىڭدا بىز تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ئائىلە تەربىسي ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ.
     كىتاپ، تېلۋۇزۇر ۋە باشقا مىدىيەلەر ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئامرىكا قاتارلىق ئەللەردە پەرزەنتلەرنىڭ 18 ياشقا توشقاندىن كىيىن ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىغا داۋاملىق مەسئۈل بولمايدىغانلىغىنى، بالىلارنىڭمۇ داۋاملىق ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاشنى ئاجىزلىق ھىساپلاپ نۇمۇس قىلدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتۇق. بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى بولسا، بەزىلەر بالىسنىڭ كەلگۈسىگە داۋاملىق مەسئۈل بولمايدىغان بۇ <تاش يۈرەك> ئاتا-ئانىلارغا لەنەت ئېيتتى. بەزىلەر، بالىسى چوڭ بولغاندىن كىيىن ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتىمەن، باشلىققا پۇل خەجلەپ خىزمەت تېپىپ بىرىمەن ،تۇرمۇشلۇق قىلىمەن، يىمەي ئىچمەي پۇل يىغىپ ئۆي ئېلىپ بىرىمەن ...دىگەندەك بىر تالاي غەملەردىن خالاس بولغان بۇ چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلارغا ھەۋەس قىلىشتى. لىكىن، ئەمىليەت شۇنداق ئىدىكى، بۇ چەت-ئەللىكلەر ھەرگىزمۇ پەرزەنتلىرىگە مەسئۈليەتسز ئەمەس، پەرزەنتلىرى كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ تەربىيلىنىشىگە زۈرۈر بولغان ۋاقىت، ئىقتىسادى چىقىمغا ھەرگىز بېخىللىق قىلمايدۇ. بالىسغا
كەچتە ھىكايە ئېيتىپ بىرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسا  ئولتۇرۇشلاردا ھايال بولۇپ قالماي ، شۇ ۋاقىتتا كىلىپ ھىكايە سۆزلەيدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشنى بايقىسا ۋاقتىدا پۇل سەرپ قىلىپ، بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنىڭ داۋاملىق ئۈسۇپ يىتىلىشگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ. ئىقتىدارى يىتىلىپ ئۆز ئىشنى ئۆزى ھەل قىلغۇدەك بولغاندا بولسا، بالىلىرى ئائىلدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يۇلىنى ئۆزى ئىزدەيدۇ.
      ئەمدى بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ھەم شۇنداق مىھرىبان. لىكىن بەزىلىرنى بەك تەتۈر مىھرىبانلىق ھىس قىلىمەن. مەسىلەن، كىچىكىدە مۇزىكا تالانىتى بار بالىسغا، ئازارق پۇل خەجلەپ بىرەر چالغۇ ئەسۋابى ئېلىپ بىرىشكە، نەچچە يۈز يۈئەن پۇلغا بىر مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ بىرىشكە قىيمايدۇ. لىكىن، بىچارە بالا ئۇقۇش
پۈتتۈرۇپ ھىچ بىر ئىشنى قاملاشتۇرالماي قالغاندا، ئۇنىڭ خىزمىتىگە، ئۈيىگە ھەسسىلەپ پۇل خەجلەيدۇ. ئەگەر شۇ بالىنىڭ مۇزىكا تالانتى يىتىلسە، بۇ  مەسىللەرنىڭ ھەممىسنى ئۆزى ھەل قىلىپ كىتەلىشى تامەمەن مۇمكىن بولاتتى.  
      قىسقىسى، ئائىلە تەربىيسى ۋە ئائىلە مەسئۇليىتى بىر ئۆمۈرلۈك تەربىيە ھەم مەسئۈليەت ئەمەس.لىكىن مەزگىللىك ئېغىر مەسئۈليەت. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرنىڭ ئەقلى قابىليىتى تۇلۇق يىتىلگىچە،بۇ ئېغىر  مەسئۈليەتنى چۇقۇم ئادا قىلىش، باشقىلارنىڭ تەربىيسىگە تاشلاپ بەرمەسلىك، چاي ئولتۇرۇشلاردا
ئاز ئولتۇرۇپ، ۋاقىتنى كۆپرەك پەرزەنتىگە سەرپ قىلىش، ھاراق، كىيىم، گىرىملەرگە ئازراق پۇل خەجلەپ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جېقراق دەسمى سېلىش زۈرۈر.

2.جەمىيەت تەربىيسى
      جەمىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى، ئۆرپ-ئادەت ،مەدىنيىتى بىر ئىنساننىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مەسلەن، ئاددى بىر مىسال ئالساق، ئۇيغۈر جەميىتىدە چوڭ بولغان ھەر قاندان بىر ئادەم باشقىلار ئالدىدا، بولۇپمۇ تاماق يەۋاتقاندا بۇرنىنى قېقىشنى ياقتۇرمايدۇ. بۇنداق  قىلىشنى ئەخلاقسىزلىق، باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھىساپلايدۇ. بۇ ئوخشاشلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ ئەخلاق قارىشى. لىكىن باشقا  جەمىيەتتە چوڭ بولغانلارنىڭ بۇنداق پىكىر قىلىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا، بىر ئىنسان چوك بولغان جەمىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئوخشاشلا شۇ ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىغى بولالايدۇ. بۇ جەمىيەتنىڭ كەمچىلىگى، شۇ ئىنساننىڭ كەمچىلىگى بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.
      چوڭلاردىن داۋاملىق مۇنداق گەپ ئاڭلايمەن. ھازىر چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمنى ياخشى كىيدۇ. ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. نىمىدىگەن بەختلىك. بىز چوڭ بولغان ئۇ زامانلاردا قوسىقىمىز تويمايتى، ئېغىر ئەمگەك قىلاتتۇق، مەكتەپلەردە ئۇقىيالمايتۇق.... ۋاي، بىز نىمە دىگەن بىچارىلەر!!! ئەلۋەتتە بۇ توغرا سۆزلەر، ئاتا ئانىلىرىمىز بىزگە قارىغاندا جىق جاپالارنى چەككەن. بىراق، مىنىڭچە ئۇلار بىزگە قارىغاندا ھىچ بولمىغاندا بىر جەھەتتىن بەخىت ھىس قىلىشى كېرەك. يەنى، ئۇلار چوڭ بولغان جەمىيەت ھازىرقىغا قارىغاندا جىق ساغلام ئىدى. ئاق تاماكا دىگەنگە ئوخشاش ئەزرائىللار يوق ئىدى . ئىچكىرگە قېچىپ چىقىپ ئوغۇرلۇق قىلىش دىگەندەك ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.قىزلار ئىچكىرگە چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدىغان سىياسەت يوق ئىدى. كىشلەر جامائەت پىكرىگە، جەمىيەت ئەخلاق ئۆلچىمگە رىئايە قىلاتتى.
      بىراق، ھازىرچۇ؟ بالىلار ئاق تاماكا چىكىپ ئاتا-ئانىسنى يەتكىچە ئازاپقا سالغاندا، ئاتا-ئانىلار يېغا زارە بىلەن، <بالىنى تۇغقان بىلەن ئەقىلىنى تۇغقىلى بولمايدىكەن > دىگەندەك بىمەنە يەكۈن بىلەن تۈگەتتى. لىكىن ئاشۇ پەرزەنتلەر ئۇزۇق ئېلۋاتقان جەمىيەتنىڭ بۇزلۇپ كەتكەنلىكىنى، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ جەمىيەتنى تۈزەشنىڭ تەقەززالىقىنى تۈنۇپ يەتمىدى. تۇنۇپ يەتسىمۇ، مەن بىر ئادەم جەمىيەتنى قانداق ئوڭشايمەن دىگەندەك ئويلار بىلەن بولدى قىلدى. ئەلۋەتتىمۇ جەمىيەت بىر ئادەمنىڭ جەميىتى ئەمەس، بىراق ھەر بىر ئەزانىڭ تىرىشچانلىقى بولمىسا بۇ جەمىيەت داۋاملىق بۇزۇلىدۇ. باشقىلارنىڭ بالىسى يامان يولغا كىرىپ قالغاننى كۆرگەندە،<خەقنىڭ بالىسى> ،<توۋا> دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن بولدى قىلماي، شۇ بالىنى قۇتقۇزۋېلىش ئۈچۈن خالىس ياردەمدە بولساق، <خەق>نىڭ بالىسى ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ بالىسى دىسەك،<خەق> ئەمەس، ئۇيغۇر دىسەك جەمىيەتنىڭ بۇزۇق يەرلىرىنى ئوڭشىغىلى، ھىچ بولمىغاندا داۋاملىق بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، بۇ ئارقىلىق ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جەمىيەتتىن ساغلام ئۇزۇق ئېلىشىغا مۇھىت ھازىرلاپ بەرگىلى بولاتتى.
     يەنە بىر جەھەتتىن، بۇنى ئۇيغۇرلار چۇقۇم قىلالايدۇ. ھەممىمىزگە ئايان، ياقا يۇرتلاردا، ئەزەلدىن تۇنۇشمايدىغان نەچچە ئۇيغۈر بىر يەرگە كىلىپ قالسا ،بىر دەمدىلا شۇنداق يېقىن ئۆزلىشىپ كىتمىز، بىر-بىرىمىزدىن ياردەم ئايىمايمىز. بۇ بىزدىكى روھىيتىمىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا يۇشۇرنۇپ ياتقان پىسخىك ساپا، مانا بۇ بىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاتىلىشمىزنىڭ سەۋەبى. بۇ پىسخىك ساپا ياقا يۇرتلاردىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ قالماي، ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ قىزىپ چىقىلسا جەميىتمىزنىڭ دەز كەتكەن يەرلىرىنى چۇقۇم ئوڭشاپ كىتەلەيمىز.

3.مائارىپ تەربىيسى
       مائارىپ تەربىيسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇستاز تەربىيسنىڭ پەرزەنت تەربيىسىدە قانچىلىك مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىغى بىزگە ئايان. ئايان بولمىسا، ئاپاق خوجىنى يولۋاسخانغا ئوستاز قىلىپ قۇيۇپ كىلىپ چىققان ئاقىۋەتنىڭ نىمە بولغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقەنى كۈرۈپ چىقىپ، ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلغاندىمىز.  يەنە كىلىپ بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپىمىز دۇچ كەلگەن بىر چوڭ مەسلە.
       بۇ مەسلىنىڭ بىرى، مائارىپىمىز ئىسمى-جىسمىغا لايىق مائارىپ بولالمىدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەركىتنى باشلىغاندىن باشلاپ  ھىساپلىغاندا ئۇيغۇر زىمىندا مائارىپ ئىشلىرى مەۋجۇت بۇلىۋاتقىلى 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولاي دىدى. لىكىن تېخىچە بىر مۇكەممەل تەربىيە مائارىپى شەكىللىنىپ بولالمىدى. ھازىر يۈرگۈزلىۋاتقان كىتاپ مائارىپىنى ئەسلەپ كۆرسەك ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتلىرى جىق. مەسىلەن، ئىچكىردە شىنجاڭ شاۋ توۋ دەپ  نامى چىققانلارنىڭ كۆپى كىچىك بالىلار. ھەم بۇلار نەچچە يىل مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن بالىلار. بۇلارنىڭ بۇنداق خاتا يولغا كىرىپ كىتىشىگە مائارىپمۇ بىر بۆلەك مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، ۋە ئەندىزىسىنى توغۇرلىشى كېرەك ئىدى.مائارىپ ئەندزىسى تۈزۈشكە چىشىمىز  پاتمايدۇ دەپ تۇرىۋالماي، ھەر بىرىمىز بۇ مەسىلىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۈلەيلى. كۆپرەك ئىزدىنەيلى.   
      مەسلىنىڭ ئىككىنچىسى، دۇنيادىكى ھىچ قانداق بىر زىمىندا بىزدىكىدەك كۆپ خىللاشقان مائارىپ ئەندىزىسى
مەۋجۇت بولمىسا كېرەك. ئويغۇر تىللىق مەكتەپ، قوش تىللىق مەكتەپ، خەنزۇ تىللىق مەكتەپ، تەجرىبە مەكتەپ، ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى،ئىچكىرى خۇسۇسى ئوتتۇرا مەكتەپ،  شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپ، ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپ.... ۋەھاكازالار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تاللىشمىزنى كۈتۈپ تۇرغان مائارىپ شەكلى.بەلكىم بەزىلىرىنى تاللاش پۇرسىتى بۇندىن كىيىن يوق بولىشمۇ مۇمكىن.
      بۇنى تاللاش توغرا كەلگەندە،ئادەتتە ئاتا ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. تاللاش ئۆلچىمى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، كىيىنكى خىزمەت پۇرسىتىنى ئويلاش ئارقىلىق، جەمىيەتتىكى يۈزەكى ھادىسلەرنى دەلىل  قىلىپ تۇرۇپ، ۋە مەڭگۈلۈك ھادىسە دەپ قاراش ئارقىلىق بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى، مائارىپىمىزدا <قوش تىللىق مائارىپ > دىن ئىبارەت يېڭى بىر ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. تاللاش پۇرسىتى يەنىمۇ كېڭەيدى.
      لىكىن مائارىپنىڭ مەقسىتى، بۇلۇپمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەقسىتى خىزمەت ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك. تەربىيە ئۈچۈن بۇلىشى كېرەك. بۇنى ئويلىغنىمىزدا، قايسى مائارىپ شەكلىنىڭ ئۇيغۇر ۋارىسىنى كۆپرەك تەربىيلەيدىغانلىغى ئۈستىدە ئىنچىكە ئويلۇنۇپ.يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسش كېرەك.  مىللى مائارىپنىڭ بەزى مەغلۇبىيتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. لىكىن باشقىچە مائارىپ شەكلىدە ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرى پۈتۈنلەي يوق بولىشىمۇ ناتايىن.
     قىسقىسى مائارىپنىڭ مەقسىتى ئادەم تەربىيلەش، ئالىم تەربيىلەش ئەمەس. يەنە يېڭى يولۋاسخانلار تەربىيلىنىپ قالمىسۇن!!!
  

kesaskar يوللانغان ۋاقتى 2009-1-23 22:24:32

ئاۋال ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ھەمىمدىن مۇھىم

818pirate يوللانغان ۋاقتى 2009-1-24 14:10:13

خاتالىق بارمۇ قانداق ، ئىسمايىل خان ئەمەس ئابدۇللا خان ...

JUNGGAR يوللانغان ۋاقتى 2009-2-7 18:16:09

يېنىمدا ھازىر مۇناسۋەتلىك ماتىرياللار بولمىغاچقا، كىشى ئىسىملىرىنى ئىسىمدە قالغىنى بويىچە يازغان ئىدىم.   خاتا يىزىلغان بۇلۇشى مۇمكىن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-9-14 15:46:57

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جىدەلخور ئەپەندى.

جاللات خېنىم گەرچە رومان بولسىمۇ، تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا  مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر بايانىدا   پايدىلانغان مەنبەلەرنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتى.

ياخشىسى بۇ ھەقتە: سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار(قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، تارىخىي رەشىدىي(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، ئاپپاق خوجا(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجەت قىلغىنىڭىز تۈزۈك.

zordun يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 09:14:27

ئىسمائىلخان يولۋاسخاننىڭ تاغىسى ، ئىسمائىلخان يولۋاسخاننى ئۆلتۈۈرۈەپ تەخت تارتىۋالغان. يولۋاسخاننىڭ دادىسى بولسا ئابدۇللا خان.

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 09:30:06

ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى تاپالماي قاقشىغاندىن كۆرە،بۇندىن كىيىن ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي.
بەت: [1]
: ««جاللات خېنىم»» دىن تۇغۇلغان ئويلار