UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 11:47:17

ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلار
ئاپتور : ساخاۋەت مۇنبىرىدىن نازاكەت

  ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.
2007  -يىلى 10-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇ دۆلەت ئىچىدىكى جەمى نوپۇسى 10مىلىيۇن78مىڭ بولغان بولۇپ جۇڭگۇدىكى جۇۋاڭزۇ، مانجۇ، خۇيزۇ مىللەتلىرىدىن كېيىن نوپۇسى 10مىلىيۇندىن ئاشقان 4-چوڭ مىللەت بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ 99پېرسەنتى ئۆز ئانا تىلىدا ئالاقە قىلىدۇ، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا ئۇيغۇرلانىڭ ھەممىسى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
ئۇيغۇرلار10-ئەسىرنىڭ بېشىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى ھەنەفىيا فىقھىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە.
ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى "ئات مەدەنىيىتى" بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا "ئۇلۇغخور" دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6 ،5 ئەسىرلەرگىچە غەرب، جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىپىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيدىن ئىلگىرلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ -2تۈركۈمى-تۈرۈكلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېساپلىنىدۇ.
جۇڭگو يىلنامىلىرىدە غەربىي جۇسۇلالىسى زامانىدىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي) ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۈيفاڭ، دى-زەي قەبىلىلىرىنى كېيىنچە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن) خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربي دىڭلىڭلارغا ئايرىپ، بايقالدىن يېنسەيگىچە، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا، قەدىمكى تۇرپان، كروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې، ئۇخۇ ۋە قوش قاڭقىل قەبىلىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دېگەن قاراشلارمۇ مەيدانغا چىقتى.
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان-سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسىيسىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى، تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنەت ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئېتنوگرافك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيىتى، ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى، بوستان مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئالاقىلىرى، كۆپخىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى.
ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغىچە كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك، توخار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغان كەلگەن دېگەندە، يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك، ئورخۇن سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتىنەزەر، ئورتاق ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغ خورلىرى بولغان ئارىيان تۈركىمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە "ئات مەدەنىيتى" تۈپەيلىدىن مەركىزىي ئاسيا رايۇنىغا-مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا، بايقال ۋە موڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى. ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى) ئىمپېرىيىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىمىيەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنەنلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى. ئورخۈن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلىپ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوچۇ، كۈسەن، قەشقەر، سۇياب-سىر دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ياغلاقار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇنا سىۋىتىنى ساقلىدى. بۇ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى) قاچان كېلىپ چىققانلىقى نامەلۇم. بىرىنچىدىن، بۇ ئېتنونىمنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بېكىتىۋالغلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بۇلۇپ، بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۈن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىنمۇ گەنجۇ، ئىدىقۇت، كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر ناملىرىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى يۈگۇ- سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
" ئۇيغۇر" ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە "ئۇيۇشۇش، ئۇيۇشماق" مەنىدە ئىزاھلانماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشى ۋە سىياسى ھاكىمىيەت ئورنىتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا تەدرىجىي شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخىي قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى. بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىگە ئېتنىك مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.

ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار، ھاكىمىيەتكە قاتناشقان تۈركەن خاتۈندەك ئاياللار، شائىرە ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان. تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا-بالىلار مەبۇدىسى ئوماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۈۋى پاتىمىگە) سېغىنىش، بالىنىڭ قىرىق سۈيى، ئات قۇيۇش مۇراسىمى، بۆشۈك تويى، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا توشقاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بېرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.
ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش، توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى، نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، توي مۇراسىمى، يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى، قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخل بولسىمۇ، ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۈيۈپ كېپەنلەش، ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ، ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا-زارە قىلىش، مېيتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۈتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش، لەھەتتە مېيتىنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش، ئىچ گورنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، تاش گورنى تۇپا بىلەن كۆمۈش، قەبرە بېشىدا مېيتنىڭ ئىجابىي تەرپىگە گۇۋاھلىق بېرىش، قەبرە تېشى-گۈمبەز ئورنىتىش، مېيتنىڭ يەتتە، قىرىق، يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بۇلۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مېيت سۆڭكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش، مېيتنى تاش گۆرگە كۈمۈش، مېيتنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش، شام گۆرگە قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.
ئۇيغۇرلاردا ھېيت-ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار) قائىدىلىرى بويچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. "نەۋرۇز" (نورۇز) بايرىمى، "كۆك مەشرىپى"، "سۇ مۈلەك" ئايەملىرى باھار-نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە "قىزىل كۈل سەيلىسى"، "قوغۇن سەيلىسى" قاتارلىق يازلىق-كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان "بۇرھان (بۇت) يۆتكەش" مۇراسىملىرى بولغان ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەر بىر چوڭ ئاىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر، ئېقىن سۇلار، ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ، ئۆزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ، ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازە، پېشايۋان، ئايۋان-ساراي، ئوغۇل-قىزلار ئۆيلىرى، قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالخانا ئۆيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىنىچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۇپ قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقەشلىك مېھراب (مەرەپ) ، تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ئەزەلدىن ھېرىسمەن مىللەت، ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار، مىلىس-مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام-مەشرەپ-سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى. مىلىس-مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنەنىۋى ئېتنوگرافىيە مەكتىپى، ئەخلاق-ئەقىل مەكتىپى، ناخشا-ئۇسسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى. شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكسى "ئون ئىككى مۇقام" شەكىللەندى.
ئۇيغۇرلار خەلق فولكلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزم دەۋرى ھىكايەتلىرىگىچە، قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى، ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان، "بۆرە ھېكايىسى"، "ئوغۇز نامە"، "ئاپراسىياپ رىۋايىتى"، "چىستانى ئىلىك بەك رىۋايىتى"، "دەدە قورقۇت"، "تۇمارس"، "غېرىب-سەنەم" قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قۇشاقلار، لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى "قۇتادغۇ بىلىك" تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى، دىنىي، ئەخلاقىي، تارىخىي، ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر روھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۈر تارىخىنىڭ باي، رەڭدار خەزىنىسنى ھاسىل قىلدى.
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرىي سەنەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى. ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چىكىپ، بالباللار ۋە تاش پۈتۈك (ئابىدە) لەرنى ئورنىتىپ، ئالتۇن، مىس- كۈمۈشلەردىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ، كاھىش، قاش (قاشتېشى) تىن گۈزەل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ، تاشكېمىر سەنىتى بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تام رەسساملىقى، ياغاچ ئويما، تاختا سىزما، مېتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى. شىنجاڭدىن تېپىلغان زورو ئاستېر (ئاتەشپەرەستىلىك)، بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئاىت تەسۋىرىي سەنەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىلىرىنى مەپتۈن قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە. تاماق مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ يىراق تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن كامالەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى بىر تەتقىقاتچى: ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كېسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقاش بىلەن ئىنچىكە سوزۇلغان ئەشمە (لەغمەن) ئارىسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇسۇپە ياتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. تونۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار، ئۆپكە، ھېسىپ، پېتىر مانتا ۋە ئەۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپرىن ئېيتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاب ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزۈڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋېغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مېھماندوستلۇق ئەنەنىسىگە ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تېبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەرق-غەرب خەلقىلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتى يىراق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىز بازىرىق، قاراسۇق، ئەسكى قەلە، كونا كروران، قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرىستانلىقلار بىلەن سىكتاي- ساك سىزما يادىكارلىقلىرى، بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېتنوگرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ تۇرمۇش، ئاتلىق يۈرۈش، جەڭ ئېھتىياجىغا لايىق بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە غايەت زور ئېستېتىك ئالامەتلىرىگە، ھەتتا ماننىرىزملىق (زىننەت ۋازلىق) ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال مىلادىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ، مىلادىنىڭ بېشىدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ، شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ، ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ "خۇركىيمى" قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرچە كىينىش، زىبۇ-زىننەت، ئاتقا مىنىش ۋە ساز- ئۇسسۇل، ھەتتا مەي مەدەنىيىتى نۇرغۇن شائېرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر سادا-تىجارىتى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتلىق-تۆگىلىك جاھانكەشتىلك ئەنەنىسنى ئۆزلەشتۈردى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى، يىپەك يولى سادا تىجارىتىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران، ۋىزانتىيە ئارىسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى. مەشھۇر سۇدا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللىي تەركىبىگە سىڭدۈرۈپ، ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سودا ۋازارىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى، مەيخانا ئېچىپ، ئۆز زېمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى "ھەتتار" لاردىن پەرقلىق ھالدا، دۆلەت، رايون ھالقىپ، يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان خەلقارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت-رايونلار ئېتراپ قىلىدىغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.
ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە تەنتەربىيە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەككۈزۈش، چېلىشىش، ئات ئويۇنى، ئات توپ (چەۋگەن توپ)، ئوغلاق تارتىشىش، ساغاردى ئويناش، دارۋازلىق، سېھىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، شاھماتۋازلىق، گاگا توقماق، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى ئىجتىمائىي مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت كاتېگورىيىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئەمەس .

--------بۇ تېما مەرھۇم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتىمىن نىڭ يازمىسى ئاساسىدا قىسمەن يېڭىلاندى.
توردىكى مەنبەسى:
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=639&extra=page%3D1

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 13:50:31

ھازىرقى نۇرغۇن ياش مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم مەزھەپتە تەۋە دەپ ئاتىلىشىنى قوللىمايدۇ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 17:30:32

ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن ...

tikistini ozam yizip ,muzukini oguligan \"uyghur tapsun bir som bolsimu \"daydigan nahxam bar idi ,aytaymu ?

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 18:51:47

بىزنىڭ نوپوسىمىز 10 مىليوندىن ئاخىرى ئېشىپتۇ دە؟

murad يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 20:06:38

ئاتمايلىما ئا ناخشىنى ۋاپادارىم؟!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-23 17:51:59

ئاغىنىلەر بىلەن تۇڭگان ئاشخانىسىدا ھارام  توخۇلارنى يەپ ئىچىشكەندە مىللى غورورۇم قايناپ \"ئۇيغۇر تاپسۇن بىر سوم بولسىمۇ \"دىگەن بۇ ناخشىنى دائىما  ئېيتىمەن مۇرات ..

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 04:38:58

ۋاپادارىمنىڭ سۆزى بەك توغرا. مىللىتىم ئۇيغۇر. دىنىم ئىسلام. مەزھىپىم دېگەن كاتەكچىدە: يەنىلا ئىسلام.  مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈش دىننى بۆلۈشكە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھېلىمۇ مەن مۇسۇلمان، دەپ تۇتۇپ تەرەققىي قىلغان مەزھەبلەر ئايرىم دىنغا بۆلۈنۈپ كەتتى. خۇددى خىرىستىئانلار دەسلەپكى تۆت مەزھەبتىن تۆت دىنغا بۆلۈنۈپ كەتكەندەك.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-19 12:51:29

پۇتۇن يەرشارىدا نوپۇسى

izlen يوللانغان ۋاقتى 2010-10-21 19:49:55

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ،  سۆزلەرنىڭ ياخشىسى ئاللانىڭ سۆزىدۇر ،يوللارنىڭ ياخشىسى مىنىڭ يولىمدۇر

دىگەن ھەدىسنى بىلگەندىن بېرى،    پەقەت ئايەت ھەدىسنىلا تۇتقا قىلىپ  ماڭغىنىمىز توغرا يولدا ماڭغان

بۇلىدىكەنمىز   دىگەن چۈشەنچىگە كىلىپ قالدىم.

مەن ئۆزۈمنى قانداقتۇر بىرەر مەزھەپكە  تەۋە دەپ قارىمايمەن....

بەت: [1]
: ئۇيغۇرلار