Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-21 21:33:37

قانداق قۇدرەت تاپقۇلۇق

                                                      قانداق قۇدرەت تاپقۇلۇق

ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە خېلى باش قاتۇرۇپ،پىكىر يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتاتقان.لېكىن قەلەم تەۋرىتىشنى تېخى ئويلاشمىغان.ماڭا بۇنداق يازمىلارنى يازىدىغانغا ئالتە قاپاق پىششىغى بار ئىدى.لېكىن يېقىندا كۆز ئالدىمدا ۋە باشقا يەېلەردە يۈزبەرگەن بەزى ئىشلار قەلەم تەۋرىتىشنى ماڭا ئەسكەرتتى.بەزى مەسىلىلەردە ئورتاقلاشساق.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بىرى مەن ئىسلام مۇرتلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن ئويلاندىم.نىمىشقا مۇسۇلمانلار ھەممە يەردە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ؟نىمىشقا ساقاللىق بىر مۇسۇلماندىن كۆرگەنلا باشقا بىرسى تېررورچىمىكىن دەپ گۇمانلىنىدۇ؟نىمىشقا بىز دائىم باشقىلارنىڭ ئەلگىكىدە تاسقىلىمىز؟ئەمىلىيەتتە ھەممە يەردە شۇنداق بولمىسىمۇ كۆپ يەرلەردە مۇسۇلمانلار مۇشۇ ھالەتتە.بۇقېتتىم جەززەدە بولغان ئۇرۇش ئەمىلى پاكىت.ئىسرائىلىيە بىر مۇنچە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قىرغىنچىلىقى قىلدى.ئەمما ئەجەپلىنەرلىك يىرى بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلەت تۈزۈك بىرەر ئىش قىلغىنىنى كۆرمىدۇق.قىسقىسى ئالدىغا چىقىشنى ھېچقايسىسى خالىمىدى.بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى،مۇنداقچە دىگەندە يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قوڭىنىڭ پىرتىقىغا ئالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.زادى نىمە ئۇلارنى شۇنچە چوڭ سۆزلەتتى؟

يەنە بىر مىسال.1998-يىلى 12-دىكابىردا بىر مۇخبىر ئىسرائىلىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تىتانياھودىن مۇنداق سورىغان:

-مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرى ئەينى چاغدا سىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تۈگىشىدۇ،دىگەنىكەن.بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

تىتانياھو مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

-ئۇلارنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان يەھۇدىيلاربىز ئەمەس.چۈنكى بىزنى ھالاك قىلالايدىغان ئەرەب مۇسۇلمانلار بۇنداق ھالەتتىكى مۇسۇلمانلار ئەمەس.

      سەيمىل خانتىڭتون يازغان مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ  قايتا ئورنىتىلىشى دىگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە كىرىش سۆز بۈلىكى 10-بەت ئاستىدىن ساناپ 3-9-قۇرلار.

تىتانياھو ئەرەب مۇسۇلمانلار دىگەن بولسىمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئەرەب مۇسۇلمانلاردىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.بەلكىم باشقىلار بىرتىپىككىمۇ يارىمايدۇ دەپ ئويلىغىنى بولىشى مۇمكىن.ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق باھاغا مۇۋاپىق بولدىمۇ؟نىمىشقا ھازىرقى مۇسۇلمانلارئۇلارنى ھالاك قىلالايدىغان مۇسۇلمانلار ئەمەس؟زادى بىزنىڭ نىمىمىز كەم؟ ئاللاھنىڭ دىنىنى تۇتقان مۇسۇلمانلار تۇرۇپ نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟نىمە ئىشنى خاتا قىلغاندۇ؟

بۇسوئاللارغا مەن ئاددى كاللام بىلەن شۇنداق جۆيلۈپ جاۋاب بىرىمەنكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خاتالىقى دىن بىلەن تەڭ تۇتۇش كىرەك بولغان پەننى قايرىپ قويغانلىقىدا.پەنگە دىنغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولالمىغانلىقىدا.دىندىلا تۇرۇپ پەنگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكنى مەن شەخسەن خاتا ئىتىقاد دەپ قارايمەن.مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئىتىقادى كەمتۈك بوپ چىقىدۇ.چۈنكى پەن ئاللاھنىڭ ھىكمەتلىرىنى تونۇيدىغان ئاللاھنىڭ ئىلمى.ئەمدى پىكىرلىرىمنى شەرھلەپ ئۆتەي.

گەپنى ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم ئاتىدىن باشلايلى.رەببىمىز ئادەم ئاتىنى يارىتىپ جان كىرگۈزدى.ئۇنىڭغا ئىلىم بىلدۇرگەندىن كىيىن پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان،ئاللاھقىلا سەجدە قىلىدىغان ئاشۇ پەرىشتىلەرنى ئادەم ئاتىغا سەجدىگە بۇيرىدى.چۈنكى ئادەم ئاتا ئىلىم بىلگەنىدى.ئەقىلگە ئىگە بولغانىدى.خوش،كىم پەرىشتىلەردەك كامىل ئىبادەت قىلالايمەن دىيەلەيدۇ؟ئىبادەتتە شۇنچە كامىل پەرىشتىلەر نىمىشقا ئادەم ئاتىغا سەجدە قىلىشى،ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئانى كەرىمدە بايان قىلىشى ئىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.

يەنە نيوتۇننى مىسالغا ئالايلى.تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا ئائېتىزىم كىتابتا مۇنداق بىر ماقالە ئوقۇغانىدىم.تىمىسى نيوتۇن نىمىشقا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەتكە تۆھبە قوشالمىدى دىگەن تىمىدا ئىدى.ئاساسى مەزمۇنى نيوتۇن تەتقىقاتى ئالەملىك تارتىش كۈچىگە كەلگەندە قوياشنىڭ ناھايىتى چوڭ كۈچ بىلەن ئەتراپتىكى پلانتلارنى ئۆزىگە تارتىدىغانلىقىنى بىلگەن،لېكىن قانداق بىر كۈچنىڭ پلانتلارنى قوياشنىڭ تارتىپ كىتىشىدىن ساقلاپ ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ كاللىسى يەتمىگەن ۋە ئىلھى بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى،شۇ كۈچنىڭ پلانتلارنى قوياشنىڭ تارتىپ كىتىشىدىن ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.شۇنىڭ بىلەن ئىدىيالىزىم يولىغا ماڭغاچقا ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشالمىغان.خوش،نيوتۇننىڭ ئىلاھى كۈچكە ئىشەنگەنلىكى "مىنىڭ ئالىم بەندىلىرىم مىنى ھەقىقى تونۇيدۇ"دىگەن ئايەتكە ماس كىلەمدۇ قانداق؟

يەنە مۇنداق سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.بىر مەھەللىدىكى ناھايىتى تەقۋادار ياخشى بىر قارىم بار دەيلى.ئۇكىشى شۇنداق ياخشى ئادەم.ئەمدى ئىدىسوننى مىسالغا ئالايلى.ئىدىسوننىڭ كەشپىياتىلىرى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ.مەسچىتلىرىمىز ئىدىسون كەشپ قىلغان چىراقنىڭ نۇرى بىلەن يورۇپ تۇرۇپتۇ.كىچىلىرى ئىبادىتىمىزنى تېخىمۇ ئوبدان قىلىشقا ئىمكان بولدى.قۇرئان ئوقۇۋاتىمىز.ۋە باشقا كەشپىياتىلىرى ۋەھاكازالار.ئەمدى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئورنى قانداق بولار؟ئەلۋەتتە ئۇنى بىز بىلمەيمىز.پەرەزمۇ قىلالمايمىز.لېكىن.....

بۇنداق مىساللاردىن نۇرغۇننى كەلتۈرۈش مۇمكىن.گەپنى يىغىپ كەلسەك دۇنيا مۇسۇلمانلىرى پەننىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىشى كىرەك.يۈكسەك تەرەققى قىلغان بىر مۇسۇلمان دۆلەت چىقىشى،دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا يار يۈلەك بولالايدىغان بىرسى چىقىشى كىرەك ئىدى.ئەپسۇس،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى زىددىيەتلەر تولۇپ تاشقان بۇكۇندە بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك تەس.بۇنىڭ ئاساسىنى يەنىلا خۇراپىيلىقتىن،ساپاسىزلىقتىن ئىزدەش مۇمكىن،

چۈنكى دىيارىمىزمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر بۈلىكى بولغاچقا يۇقىرىدىكى گەپلىرىمىز كېڭىيىپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا كەتتى.ئەمدى ئۆزىمىزگە قايتىپ كىلەيلى.

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى جۈمەدە مەلۇم مەسچىىتتە مۇنداق ئىشلار بۇلۇپ ئۆتۈپتۇ.خۇتبىدە ئىمام جەززەدىكى قازا قىلغان مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىپتۇ،بىردەمدە مەسچىتنى يىغا-زارەقاپلاپتۇ.ئەلۋەتتە ئۇلارغا دۇئاقىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز،ئەمما مەسچىتتە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەنلەر.بىزنىڭ كىشىلەر نىمانچە يىغلاڭغۇ بوپ كەتتىكىن دەيمەن.گەرچە جەززەدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆلۈمى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق بولسىمۇ،لېكىن ئۆلگەنلەر جەننىتى بولىدۇ.يارلانغانلارغىمۇ رەببىمىز ئۆزى رەھمەت قىلغاي.ئەمما بىزگە پەيغەمبىرىمىز ئۆلۈمگە يىغلىماسلىقنى ئۈگەتمىگەنمىدى؟يەنە بىر جەھەتتىن بۇسېپى ئۆزىدىن قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجانگۈل دىگەنلىك ئىدى.جوڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا بىزنىڭ كۈرمىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەن،ئاشۇلار سىز بىز ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغانلار،لېكىن قايسى بىر مەسچىت خانىقادا شۇلار تىلغا ئېلىندى؟قايسىمىز شۇلارغا بىر دۇئا قىلىپ باقتۇق؟بىز باشقىلار ئۈچۈن ياش تۆكتۇقيۇ بىز ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ باقتۇقمۇ؟كىرىپ باققانمۇ؟بىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى تۇركلەرنىڭ قېنى بۇزۇلغان بىر قىسمى،غەيرىي مۇسۇلمان خالاس.بەلكىم مەسچىتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ ھەقىچان.مانا بۇ بىزنىڭ ئاساسى قاتلامنىڭ ساپاسى.

ياتاققا قايتقاچ ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنى ئەسلىدىم.نىمىدىگەن كاللىسى ئىشلەيدىغان ئىنسان ھە!قولۇمدىن كەلسە دىيارىمىزدىمۇ مۇستاپا كامالنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىناتتىم.كىشىلەر ئىلىم-مەرىپەت ئۈگىنىپ ئازراق كاللىسى ئېچىلسا ئىسلامنى ھەقىقى بىر چۈشىنەتتى،ئىسلامغا ھەقىقى كىرىشەتتى.بۈگۈنكى خۇراپىي غەيرى ئىسلامدىن(پەندىن ئايرىلىپ قالغان ئىسلامنى دىمەكچىمەن)قۇتىلاتتى.

يەنە دەيمەنكى ئىسلام پەندىن ئايرىلسا ئىسلام بولالماسلىقى مۇمكىن.مەسىلەن:قۇرئاندا "بىز ئاينى نۇرلۇق،كۈننى نۇر چىقىرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق" دىگەن ئايەت بار.بۇلارنى ئوقۇغىنىڭىزدا پەننى كىتابتىن ئوقۇغان ئاينىڭ كۈندىن چىققان نۇرنى تارقىتىدۇ دىگەن يەرلىرى بىلەن باغلاشتۇرسىڭىز ئاللاھقا بولغان ئىمانىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دەيمەن.بۇنداق مىسالار بەك كۆپ.قۇرئاندىلا مۇشۇنداق بىرىككەن دىن بىلەن پەن قانداق قىلىپ ئايرىلىپ قالدى؟نىمىشقا بىز دىننىلا بىلىپ پەندىن ئايرىلىپ قالدۇق؟

كىچىكىمدىنلا ئىنسان بۇدۇنياغا نىمىشقا كىلىدىغاندۇ؟دىگەن سۇئال بار ئىدى.بۇنىڭ جاۋابىنى ئاخىرى قۇرئاندىن تاپتىم."ئەي زىمىندىكى ۋارىسلىرىم..."(بۇ ماقالىدىكى ھەممە ئايەتلەرنى قۇرئان ئوقۇغان ۋاقتىمدىكى ئىسىمدە قېلىشى بۇيىچە يازدىم،كۈچۈرۈپ كىلىشكە ئامال بولمىدى.تۈزىتىشكە ياردەمدە بولساڭلار).بۇنى مەن ئاددى كاللام بىلەن مۇنداق چۈشەندىم.رەببىمىزنىڭ بىزنى يارىتىشتىكى مەقسىتى خۇددى رەببىمىز بىزنى باشقۇرغاندەك دۇنيانى باشقۇرۇش،بىزنى ياراتقاندەك يىڭىلىقلارنى يارىتىش،رەببىمىزگە زىمىندا ۋارىس بۇلۇش،شۇ ئاساستا رەببىمىزنىڭ ھىكمەتلىرىنى،سۈپەتلىرىنى تۇنۇپ يىتىش ۋە ئۈگىنىش ئىكەن.ئەلۋەتتە بۇلار ھەرگىز پەندىن ئايرىلالمايدۇ،ئەكسچە پەن ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.مۇشۇ جەرياندا ئاندىن ئىسلامنى فورمۇلا قىلىش،شۇ فورمۇلاغا چۈشۈپ توغرا نەتىجە بولغان جەننەتكە كىرىش ئىدى.ئەپسۇسكى كۈپىنچە مۇسۇلمانلار ئۆلۈم پەلسەپىسىگە چۈشىۋېلىۋاتىدۇ.(ئۆلۈم پەلسەپىسى دىگەن مەن ئۆزەم قۇيىۋالغان بىر ئىسىم بۇلۇپ،كىشلەرنىڭ ئۆلسەملا،ئۇدۇنياغا بېرىپ جەننەتكە كىرىۋالساملا بولىدۇ،دەپ دۇنيادىكى ۋەزىپىلىرىنى ئۇنتۇپ كىتىشى.)ئەمما  جەننەت ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە.

ھەممىمىز بىلىمىز،بىرئادەم ئەلۋەتتە ئۆزى بىلەن گىپى بىر يەردىن چىقىدىغان ئادەملەر بىلەن دوست بۇلىشدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش سىزمۇ ئاللاھنىڭ ھىكمىتىنى قانچە جىق بىلسىڭىز ئاللاھ بىلەن شۇنچە يېقىنلىشىسىز.مەسلەن ئاللاھ تائالا بىرتال يۇپۇرماقنى قانداق ياراتتى،ئىچىدە نىمىلەربار دىگەندەك.بۇمۇ ھەرگىز پەندىن ئايرىلمايدۇ.

خۇلاسە

پەن دىننىڭ ئاساسى،پەندىن ئايرىلغان كەمتۈك بوپ قالىدۇ.پەن بىلەن دىن بىز چىققان كىمىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى.ئەگەر بىز بىر تەرەپكە يىغىلىۋالساق ئۆرۈلۈپ كىتىپ سۇغا غەرق بولىمىز.ھېلىمۇ بىر تەرەپكە يىغىلىپ قالدۇق.بولۇڭلار يەنە بىر تەرەپكە يۈرۈش قىلايلى غەرق بولۇپ ئۆلۈشتىن بۇرۇن.بىر پۇڭنىمۇ مائارىپقا مەبلەغ سالايلى.دۇنيا مۇسلمانلىرى پەن ئارقىلىق يۈكسەك قۇدرەت تېپىپ ئىنسانىيەتكە ئىسلامنىڭ خۇش پۇرىقىنى چېچىشى كىرەك.مۇشۇ پۇرسەتتە بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىمگە ئۆزرە ئېيتىمەن.ئۆزەممۇ بىر ئوقۇغۇچى بولغاچقا..............لېكىن چۇقۇم تىرىشىمەن.

يۇقارقىلار مىنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئويلاپ يەتكەنلىرىم،ئەمدى 20 گە كىرىپتىمەن.يېشىم كىچىك،بىلىدىغىنىم ئاز،خاتالىقلاردىن خالى بولالمىدىم.پىكىرلەردە ئورتاقلاشساق.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-21 23:24:40

ۋاھ ~! ياشلىقتىكى چاپچىپ تۇرغان تۇلپار كەبى تەپەككۈرلەرگە ئاپىرىن !  يېشىڭىزغا نىسبەتەن ئويلىغان مەسىللىرىڭىز بەكمۇ چوڭغۇر ، بەكمۇ ۋەزىنلىك مەسىللەر ئىكەن ! يېشىڭىزغا ماس كەلمىگەن ئەقلىڭىزگە ، تەپەككۈرىڭىزگە ، ئەڭ مۇھىمى بىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سەمىمىلىكىڭىزگە ھەشقاللا !

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-21 23:36:39

خۇداغا شۈكرى!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 00:34:46

مەنمۇ ئويلايمەن دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغاندىلا دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولارمىكىن دەپ (ئەلۋەتتە دىنغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا)

ئەينى ۋاقتتا ئاق تاغلىق قارا تاغلىق ئاپاخ خوجا باشلىق سوپى موللىلارغا ئەنە شۇ ئاتا تۈركتەك بىر ئادەم دورا ئىدى ، ئەپسۇس مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم (جاللات خېنىم) ئۆزى يالغۇز كېلىپ قالدىمۇ ، ۋە ياكى ئايال بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا دورا بولالماي قالدى .

بىر مىللەتكە نىسبەتەن ھەممە مىللەت ئەزالىرى ئېتراپ قىلىدىغان  بىر داھىنىڭ بولمىقى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن . مەسىلەن <<. . .>> دەك

A دادۇينىڭ موللىسىنىڭ گېپى  B دادۈيدىكىلەرگە يارىمايدۇ . بىزنىڭ خەققە كىچىك كىچىك پارچىلاپ ئۆز ئالدىغا ئاپتونوم شودۇي قۇرۇپ بەرسە ئاندىن رازى بولارمىكىن دەيمەن . يۇرتۋازلىق ، ھەسەتخورلوق بىزنى بىرەر داھىنى مەيدانغا كەلتۈرىشىمىزگە توسالغۇ بولدىمىكىن دەپ ئويلايمەن .

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 00:41:04

تېمىڭىزغا سالام دۇنيانىڭ ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە دىگەن تېمىسىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ .

تېمىڭىزغا نىسبەتەن پىكىردە ئورتاقلىشىشنى مەجبۇرىيىتىم دەپ بىلىمەن ، سادامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ تېخىچە ئەقلىنى تاپمايۋاتقان ئىرانلىقلار ھە دىسىلا سىياسى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، ئىراننىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بار كۈچى بىلەن تەرەققى قىلىش ئىدى ، تەرەققى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك ، ھېلىمۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايى ئاپەتلەرنى پارىسلار بىر ئۆمۈر چۈشىنەلمەيدۇ ، بۇ يەردە دىيىلۋاتقان مائارىپ نۇقۇللا پەننى ياكى دىننى مائارىپنى كۆرسەتمەيدۇ ،  مەن پەن بىلەن دىننى ئايرىپ قاراشتىن ۋاز كەچكىلى نەۋاق !  ماڭا نىسبەتەن ئالدىمدا بىرلا يول بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئەقلىم ، ئۆز كۈچۈم يەتكەن دائىرىدە يارىلىشىمنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ئىزدىنىش !  ئاغىنەمنىڭ قىزىنىڭ  بىر دەرسلىك كىتاۋىدا ، بىزنىڭ بايراملىرىمىز دىگەن دەرىسىنى كۆرۈپ \" تاڭزۇڭزا بايرىمى ، چاغان ، \" دىگەندەك گەپلەرنى كۆرۈپ تاس قالدىم كىتاپنى يىرتىۋەتكىلى ، مۇشۇمۇ پەنما؟!  ئۇيغۇر بالىلىرى مۇشۇ پەن بىلەن تەرەققى تاپامدىكەن ؟!؟!  بىز ئۇيغۇرىستاندا ياشاۋاتمايمىز ،  قوش تىللىق مائارىپ دۆلەت تۈزۈمىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتىمىز ، شۇڭا بارلىق ئىزدىنىشلىرىمىز چوقۇم قوش تىللىق مائارىپ كەلكۈنى غەرق قىلۋېتىش ئالدىدىكى مەدەنىيەتلىرىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش بولۇشى كېرەك ،  ئەمەلىيەتچان بولغاندىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ ، ئويلاپ باقساق ،  ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك كۆپ ، بىراق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى بىلىدىغانلار بەك ئاز ، بىلگەنلەر دىمەيدۇ ، دىسىمۇ خەقنىڭ قۇلىغىغا خوشياقمايدۇ ، مەسىلەن ، بىر قېتىم بىزنىڭ ئاشخانىغا گۆش ئەكىلىدىغان ماشىنىدا قوي گۆشى بىلەن چوشقا گۆشىنى بىللەن ئېچىقىپتىكەن (ئەلۋەتتە ، ئايرىم ئوراغلىق)،بارلىق ئۇيغۇرلار بىر ۋاقلىق تاماققا چىقمىدۇق ، ھەمدە چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتنى تاشلىدۇق ،  بۇ ئىش خېلى تەسىر قوزغىدى ، باشلىقلار ئوتتۇرىدا ئۇنى دەپ بۇنى دەپ تاماقنى يەيدىغان بولدۇق ، بىراق بۇندىن كېيىن خەنزۇ ئاشخانىغا ئايرىم بىر ماشىنا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى ، ئەمەلىيەتتە ئاشۇنچىلىكلا ئىش ، كىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ؟!    بۇغۇ رايون دەرىجىدىسىدىكى كىچىكلا ئىش ، بىراق شۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇ ، بالا يىغلىمىسا ئاپىسى ئەمچەك سالمايدۇ !

مەن ئۆز قۇلىغىم بىلەن ئاڭلىغان بىر ئاتىنىڭ ، ئاتا ئانىلار يىغىنىدىن قايتىپ كېلىپ مۇئەللىمنىڭ دىگەن سۆزىنى ماڭا دەپ بەرگەن مەزمۇنىنى قىستۇرۇپ قوياي ئويلىنىپ بېقىڭلار ...

---   بالىلىرىڭلارنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرۇپ باققانلار بارمۇ ؟ يانچۇغىنى ئاقتۇرۇپ باققانلار بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۈندە نىمە ئويلايدىغىنىنى بىلەمسىلەر؟  ماۋۇ نەرسىلەر مۇشۇ سىنىپتىكى 3 قىز ، 2 ئوغۇلنىڭ سومكىسىدىن چىققان نەرسىلەر كۆرۈپ بېقىڭلار  ( گاندون ، سېرىق كورت ، سېرىق فىلىم ،  نەشە ، قاپاق ، شىپىرىس ، خىروئىن ) ، باللىرىڭلار نىمىشقا تورغا كىرگەندە ئىشىكنى ئىچىدىن ئېتىۋالىدۇ ، نىمىشقا مۇزىكىنى ئۈنلۈك قويىۋالىدۇ ، نىمىشقا داۋاملىق كەچ ئۇخلايدۇ ، نىمىشقا داۋاملىق يالغان سۆزلەيدۇ ئويلىنىپ باققانلار بارمۇ؟

يۇقارقىسى تېخى يېقىندىلا بولۇنغان، بىز تۇرۇشلۇق يەردىكى تولۇق ئوقۇغۇچىلىرى  ئاتا - ئانىلار يىغىنىدىكى ھەقىقى بولۇنغان ئىش !

ھۆججەتلەرگىغۇ قارىدۇق ،  مەركەزدىنغۇ ئانا تىلىنى ئاساس قىلمىسۇن دىمەپتۇ ، بىراق يەرلىكلەردە ئەھۋاللار بۆلەكچە ،  مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل ئۇيغۇرلار (ئەگەر بولسا) مۇشۇنداقلار مېڭىۋەرسەك ھەممىمىزنىڭ قان قان يىغلايدىغىنىنى ، تەقدىرىمىزنىڭ ئوخشاش ھالاكەت ئىكەنلىگىنى چۈشەنمەيدۇ دىگىلى بولامدۇ ؟ ئاشۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ، بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر ،  بىراق بىز ئۇيغۇرلاردا مۇنداق بىر پىسخىكا باركى ، ھەرقاندىقىمىز ، تاكى ئۆز مەنپەئەتىمىزگە بىۋاستە توقۇنۇشمىغىچە ئىچ ئىچىمىزدىن قاينىمايمىز ،  قىزىغا ، ئايالىغا  قوراللىق ھەربىلەر باسقۇنچىلىق قىلمىغۇچە ، ئەمدىلا كۆز ئاچقان كۈنلۈك بوۋىقى بىلەن ۋەھشى خېمىيىلىك بومبىلار ئىچىدە تىتىلىپ كەتمىگۈچە ،   ئەي ، ئاللا ، سەن راستىنلا بارمۇ يوقمۇ ؟! بار بولساڭ بولىۋاتقان ئىشلارنى كۆرىۋاتامسەن؟  مۇسۇلمانلار نىمىشقا رەھىم - ئىلپات قىلمايسەن ؟!؟! دەپ قان قان يىغلاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ كۈنىگە قېلىپ بولغۇچە ،  بۇنداق شەخسىيەتچى ، كىشىلەرنى ھالاك بولۇشقا ئۈندەيدىغان پىسخىكىدىن بالدۇر قۇتۇلۇپ كېتەلىسەك ، تارىخ ئالدىدا گۇناھكار قەۋىم بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان بولار ئىدۇق !

شۇڭا ، دىندىن پەننى ، پەندىن دىننى ،  ماۋۇنىڭدىن ماۋۇنى ئايرىيمىز دىمىسىلا باشقا ئىشلارنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ ،  ئەينى ۋاقتىدىكى تۈركيەدىكى ئىنقىلاپنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى بىلەن مىلادى 2009 يىللاردىكى ئەڭ روناق تاپقان ، تەرەققى قىلۋاتقان دۆلەتنىڭ بىر ئۆلكىسىدىكى ، ئىسلامغا ئەمەس ، كەيپى ساپاغا ، ئىشنىڭ ئاسىنىغا بېرىلگەن  مەنپەئەت ئۈچۈن  يۈزسىزلىك ، مۇناپىقلىق قىلغاندا ۋىجدانى ئازاپلانمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسىگە باھا بېرىش   ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەقىل ئىگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلۇر دەپتىكەن ، ئەپسۇس ، شۇ نەسىھەتلەر تەسىر قىلمىغاچ ، تىكەنمۇ ئۈنۈپ بولدى ، سانجىلىپ قاناپمۇ بولدى ،ئاتا ئانىلارغا نىسبەتەن ،  ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىزنى تونۇپ ، ئەۋلادىمىزنىڭ پۇتىغا سانجىلۋاتقان تىكەننى ئېلۋېتىشنىڭ كويىدا يۈرىلى ،  ئەڭ ئاددىسى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ۋاقىت چىقىرىپ ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك مەكتەپ تەربىيەسىگە ۋە ئۈنۈمىگە  نازارەتچىلىك قىلايلى ، ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا چوقۇم ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق مەكتەپ تەربىيەسىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزەيلى ! كېلىۋاتقان كەلكۈنگە ئەمدى بولغاندا قانداق قىلساق توسقىلى بولىدۇ دىگەن پىكىرلەرنىڭ ھاجىتى يوق ،  ھەممىمىز ئۆز ئۆزىمىزگە ئىگە بولۇپ ،  ئۆز ئۆزىمىزنى ئاۋال تەربىيەلەپ تۇرالىساق ، پەرزەنىتلىرىمىزنىمۇ چوقۇم شۇنداق تەربىيەلىشىمىز مۇمكىن ، ھەتتا بىر يەردە بولماي تۇرۇپمۇ ، خەت ، تېلفۇن ئارقىلىقمۇ بىر بالىنى ياخشى يوللارغا يىتەكلەشكە بولىدۇ .

atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 01:19:06

توغرا ئاۋال ئۆزىمىزى ياخشى تەربىلەيلى...ئاندىن شۇ ئارقىلىق ئەتىراپىمىزدىكى  كىشلەرگە تەسىر كۆرستەيلى....بىراق خېمغا يېنۋالمايلى...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 04:56:09

ئادەملەرنىڭ كاللىسى ئېچىلغاندا،ھەسەتخورلۇق، تەپرىقچىلىق تۈگكەندە...

قۇدرەت تېپىشنىڭ نىگىزلىك مەنبەسى مائارىپ.  بۇ مائارىپ مەكتەپ مائارىپىغىلا قارىتىلغان ئەمەس بەلكى بىر ئانا قورساق كۆتۈرگەندىن تارتىپ تاكى بالا چوڭ بولۇپ ئۇمۇ پەرزەنتلىرىگە  ياخشى ئۈلگە -تىرىك مائارىپچى  بولغىچە مۇشۇنداق داۋاملاشقاندا ، تاكى مۇشۇ تەرىزدە دەۋرىيلىنىپ ، بىر ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەندە ئاندىن غايىدىكى، تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن بىر جەمىيەت توپىنى شەكىللەندۈرۈش مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە  قىز -ئاياللىرىمىزدىكى ساپا. ئىلىملىك ئايال بىلەن ئىلىمسىز ئايال قانداقمۇ ئوخشىسۇن!؟ ئىلىملىك ئايال دەل ساپالىق ئايالدۇر. نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئىلىم بىلگەن ئايال ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىلىدۇ، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلەرنىڭ قائىدىللىرىنى بىلىدۇ، زاماننىڭ خەۋەرلىرىنى بىلىدۇ، ئۆز بۇرچىنى ھىس قىلالايدۇ ئەڭ مۇھىمى ياراتقۇچىسىنى تونۇيدۇ ، ھايا قىلىدۇ... مانا بۇ ساپا بولماي نىمە؟!

بىر ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا بىغۇبار ،ئاق تۇغۇلىدۇ. ھىچكىم تۇغۇلىشىدىن ئەسكى ياكى تۇغۇلىشىدىن ياخشى تۇغۇلمايدۇ. ئۇنىڭ قانداق بولىشى تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تەربىيەگە ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتقا باغلىق.(بۇ ھەقتىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نىڭ سۆزىگە دىققەت قىلغايسىز! ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ) بۇنىڭ ئىچىدە تەربىيە ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، خاراكتىرى ئاتا-ئانا تەربىيسىدىن، مەكتەپ مائارىپىدىن  يىتىلىپ بولغان بالىنىڭ مۇھىت ۋە كىيىنكى ئىدىيەلەرتەرىپىدىن ئۆزگۈرۈش ئىھتىماللىقى يوق دىيەرلىك!  بۇ خۇددى كۆچەتنى قانداق ئەگسە شۇنداق ئۆسكەندەك بىر ئىش. شۇڭا  ئانىنىڭ قانداق بولىشى ، پەرزەنتنىڭ ھەتتا پۈتۈن بىر جەمىيەتنىڭ قانداق بولىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك!

ئۈچ خىل ئايالدىن مىسال ئېلىپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىلى:

بىرىنچى خىل ئايال،ئوتتۇرھال، ئاللاھنى تونۇيدىغان  ، ئۆيىدە ئانچە-مۇنچە كىتاپ ساقلايدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىلا شەرىئەت بىلىملىرىنى بىلىپ چوڭ بولغان، قىز -ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك بارچە گەپ -سۆز ،ئىش -ھەرىكەتلەرنى ئانىسىدىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلغان، ئۆيدىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ ،كىتاپقا، بىلىمگە ئىشتىياق شەكىللەنگەن.  شۇنداق ياخشى بىر ئوبرازنى تىكلەپ بولغان قىز  كىيىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىمۇ ئۇنىڭ مىڭىسى يۇيۇلمايدۇ، خاراكتىرى ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ. بار ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئۇ ئۇچىرىغان ھەر تۈرلۈك مەسىللەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ. مۇھەببەت- نەپرىتى ئېنىق بولىدۇ...

كىيىن ئۇ ئانا بولىدۇ. بىر پەرزەنتكە، جەمىيەتكە، بىر قەۋمگە ئانا بولۇشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق شەرەپ ھىس قىلىدۇكى، پۈتۈن ھۇجۇدىنى بالا تەربىيلەشكە قارىتىدۇ. ئۇ قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش ھەتتا ئۆزىدىنمۇ ياخشى تەربىيلەشكە تىرىشىدۇ، ئوغلىنى جاسارەتلىك، ئەخلاقلىق، غورۇرلۇق قىلىپ تەربىيلەيدۇ، ئىللىق بىر ئائىلە مۇھىتى يارىتىدۇ...

ئىككىنچى خىل ئايال، نامرات(مۇھىمى روھى نامرات) ، دىنغا قارىسىغا ئەگىشىپ كىلىۋاتقان، ئۆيىدە بىر تال ۋاراقچىمۇ يوق(ھەتتا قۇرئانمۇ يوق!)، شەرىئەت بىلىملىرىنى ئەنئەنە يۈزسىدىن يۈزە، بىر قىسمىنى بىلىدىغان، ئەنئەنىۋى قائىدە -يوسۇنلارنى ئاڭسىز ھالدا (زورىغا) قوبۇل قىلغان. ئىلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەي ، كىيىنكى مەكتەپ مائارىپىدا ، ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئىددىيسى گادىرماچ ھالدا چوڭ بولغان... كىيىن ئۇ ئالى مەكتەپكە بېرىش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يىڭى مۇھىتقا كۆچكەندە ئاسانلا يىڭى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كىتىدۇ. پۇل ۋە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇنىڭ ئەڭ ئالى ئارزۇسى بولۇپ قالىدۇ. بەزىللىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ ، ئىختىسادقا ۋە ياخشى تۇرمۇشقا ، خىزمەتكە ئىرىشكەنمۇ بولىدۇ لىكىن مەڭگۈ قانائەت تاپماي كۆڭلىدىكى غايىنىڭ كەينىدىن يۈگىرەپ ئالدىراشلا ئۆتۈپ كىتىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالي بۇرچىنى ئۇنتۇيدۇ، بەزىللىرى ئىتتىك كىلىدىغان پۇلغا ئالدىنىپ، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىللەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالماي تۇيۇق يولغا كىرىپ كىتىدۇ...

كىيىن ئۇمۇ ھامان ئانا بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن زىھنىنى ۋە ۋاقتىنى بالا تەربىيلەشكە قارىتالمايدۇ. قىزىغا ياخشى بىر ئۈلگە تىكلەپ بىرەلمەيدۇ(ئۇمۇ ئىدديسى گادىرماچ ھالدا چوڭ بولىدۇ)، قىزىغا ئۆگىتىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ ياكى قانداق ئۆگىتىشنى بىلمەيدۇ. باللىرىنى ئۆزى ئەمەس ئاساسەن مەكتەپ مائارىپىغا تاشلاپ بىرىدۇ. ئۇ باللارمۇ  شۇ مائارىپ ئاستىدا  ئاست-ئاستا چوڭ بولىدۇ. كاللىسىغا ھەرخىل ئىدىيلەر قاچىلىنىدۇ، يۇيۇلىدۇ...

ئۈچىنچى خىل ئايال، ئىختىسادى يامان ئەمەس، ئاللاھنى تونىمايدىغان، ئۆزىدە بولمىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى يىڭىچە مەدەنىيەت دەپ چۈشىنىپ قارا-قويۇق قوبۇل قىلغىسى كەلگەن ،  ئۆز ئەنئەنىللرىدىن ۋاز كىچىپ ياتلارنى دورايدىغان ھەتتا يات تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەشنىمۇ بىرخىل مەدەنىيەت دەپ بىلگەن، خاس مەدەنىيەتنىڭ تايىنى بولمىغان، تىزىپ قويۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ئاز-تولا كىتاپ ساقلىغان، ئەنئەنىۋى قائىدە -يوسۇن ۋە دىننى پۈتۈنلەي كونا قاراش، خۇراپاتلىق دەپ چەتكە قېقىۋەتكەن ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە ئاللاھنى تونىمىغان، خەنزۇچە ۋە غەرىپچە مەدەنىيەتنى چوڭ بىلگەن، ئۆز مەدەنىيتىدىن پۈتۈنلەي دىگۈدەك خەۋەرسىز قالغان. لىكىن ياخشى يىرى ئۆيدىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ بىلىمگە ئىشتىياق شەكىللەنگەن...

بۇنداق ئايال يەنە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، بىلىم بىلگەنلىكتىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۆزى يىقىنلىشىپ،(ئاللاھ قالبىگە سالغانلىقتىن) ھىدايەت تېپىپ بىرىنچى خىلدىكى ئايالغا ئايلىنىدۇ ھەمدە پەرزەنتلىرىنى شۇنداق تەربىيلەشكە باشلايدۇ؛ يەنە بىرى شۇ پىتى ھىدايەت تاپماي ئۆتۈپ كىتىدۇ(ئەتراپىدىكى بۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش)...

كىيىنكى خىل ئايالمۇ ئانا بولىدۇ. ئۇنىڭدا پەرزەنت تەربىيلەش ئىشتىياقى بولىشى مۇمكىن لىكىن ئۇ پەرزەنتىنى ئۆزلىرىدەك ، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردەك تەربىيلەيدۇ. مىللى كىملىك ، غورۇرىنى ، ئۆز-ئۆزىنى بىلمەي، چوڭ مۇھىت شارائىتىدا ئۇ پەرزەنتلەر  شۇنداق بىلىم بولسىمۇ ئىلىمسىز، ئاقىل بولسىمۇ ئەخلاقسىز، جىسمى بولسىمۇ كۈچسىز ، ئاجىز چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ...

بەلكىم يۇقارقىلار شەخسەن مىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىمدۇر. چوقۇپ شۇنداق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ  تەخمىنەن ھالدا شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە مىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنىم شۇكى، مائارىپ ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. دەيدىغىنىم، پەرزەنتلىرىمىزنى بولۇپمۇ قىزلىرىمىزنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەيلى! ئۆيمىزدە كەم دىگەندىمۇ بىر تال كىتاپ ساقلاپ قويايلى! باللىرىمىزغا تەربىيە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تەربىيلەپ ، ئۈلگە بولۇپ بىرەيلى! ھاممەيلەن ئۆزىمىزگە، ئەتىراپىمىزغا ئىگە بولساق، ئىشائاللاھ ، قۇدرەت تىپىش ئىككى تاغنىڭ ئارقىسىدىكى ئىش ئەمەس!

يەنە ئالاھىدە، بەكمۇ بەك دىققەت قىلىدىغان مەسىلە- تەپرىقچىلىق . ھەرقانداق بوزەك بولىۋاتقان قەۋىملەرگە دىققەت قىلسىڭىز شۇنى بايقايسىز... بۇ ھەقتە سۆزلەپ بولالمىدىم . توختىلىدىغانلار توختالسا بولىدۇ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 07:34:24

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى جۈمەدە مەن ئاق مەسچىتتە بولدۇم.خۇتبىدە ئىمام جەززەدىكى قازا قىلغان مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلدى،بىزمۇ ئەگشتۇق،بىردەمدە مەسچىتنى يىغا-زارەقاپلىدى.ئەلۋەتتە ئۇلارغا دۇئاقىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز،ئەمما مەسچىتتە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەنلەر،توۋا،ئۆمرۈمدە مۇنداق يىغىنى كۆرمىگەنمەن.ناماز باشلاندىيۇ يىغا توختاي دىمىدى،كەينىمدىلا بىرەيلەن ھاڭراپ يىغلاپ كەتتىكى،نامىزىمنى بىر ئارامخۇدا ئوقۇيالمىدىم دەيمەن.پەرىزنى تۈگىتىپلا سۈنئەت ئوقۇمايلا قايتىپ چىقتىم.يەنە بىردەم تۇرسام بۇغۇلۇپ قالاتتىم.كەينىمدىكى ئادەمگە قارىسام 30 ياشلاردا بار ساقاللىق قارىمكەن.بىزنىڭ كىشىلەر نىمانچە يىغلاڭغۇ بوپ كەتتىكىن دەيمەن.گەرچە جەززەدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆلۈمى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق بولسىمۇ،لېكىن ئۆلگەنلەر جەننىتى بولىدۇ.يارلانغانلارغىمۇ رەببىمىز ئۆزى رەھمەت قىلغاي.ئەمما بىزگە پەيغەمبىرىمىز ئۆلۈمگە يىغلىماسلىقنى ئۈگەتمىگەنمىدى؟يەنە بىر جەھەتتىن بۇسېپى ئۆزىدىن قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجانگۈل دىگەنلىك ئىدى.جوڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا بىزنىڭ كۈرمىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەن،ئاشۇلار سىز بىز ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغانلار،لېكىن قايسى بىر مەسچىت خانىقادا شۇلار تىلغا ئېلىندى؟قايسىمىز شۇلارغا بىر دۇئا قىلىپ باقتۇق؟بىز باشقىلار ئۈچۈن ياش تۆكتۇقيۇ بىز ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ باقتۇقمۇ؟كىرىپ باققانمۇ؟بىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى تۇركلەرنىڭ قېنى بۇزۇلغان بىر قىسمى،غەيرىي مۇسۇلمان خالاس.بەلكىم مەسچىتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ ھەقىچان.مانا بۇ بىزنىڭ ئاساسى قاتلامنىڭ ساپاسى.

--------------------------------

ماۋۇ يەردە سەل جۆيلۈپ قاپسىز تورداش !

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 08:44:03

دىن پەن دەپ ئايرىش ئۆزى ئادەمنى خاتا يولغا باشلاپ قۇيدۇ.

ۋاقتى كەلگەندە چۈشۈنۈپ يېتىدىكەنمىز: ھەممىسى دىندىن شاخلاپ چىققان نەرسە،ئۆز ئالدىغا بىرمۇستەققىل  ئۇقۇم ئەمەس. چوڭ چەمبىرەكنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىر چەمبىرەك خالاس.

زىمىندا \"ئىجات قىلىش\"دىگەن سۆز مەۋجۇت ئەمەس.\"بايقاش\"دېسە توغرا.. چۈنكى پىشاڭنى قانۇنىيىتى ئۇ بايقىلىشتىن بۇرۇنلا كالتەك بىلەن تاشتا مەۋجۇت ئىدى.

گۈللىنىشكە كەلسەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىغىلا ئېسىلۋالماي 10 نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك..زوۋاللىققا يۈز تۇتۇپ كەتتى دېسە ئاللانىڭ سىنىقى ياكى ئۆزىمىزنىڭ \"ھەق\"تىن بىلىپ بىلمەي قېيىپ كەتكەنلىكىمىزدۇر.

تېمى ئىگىسى ھازىرقى رىئاللىقىنى نورمال بىر زىيالى قاتارىدا ئەينەن يىزىپتۇ .لىكىن  يۈزەكى.

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 08:59:58

نەقىل ئالغان گەپمىدى ۋاپادارىم . توۋا ما ئاداش تىمىغا ھەجەپ ئۇزۇن ئىنكاس يېزىپ كىتىپتا دەپتىمەن تېخى .

قانداق قۇدرەت تېپىش مەسىلىسىنى كۆپ مۇنازىرە قىلساق خېلى قىزىپ قالىمىز . مىنىڭچە بۇ يەردە ئورتاق پىكىرگە كەلمىكىمىز تەس . مىنىڭچە بولغاندا 65 ياشقا كىرىپ قېلىپ بۈگۈندىن باشلاپ خەتنەمنى قايتىدىن قىلدۇرىمەن دىگىلى بولمايدۇ . قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۈزىمىزنى ، بالىلىرىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنى بىلىم ، ئەخلاق ، ئىتىقاد جەھەتتىن تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ قۇدرەت تېپىش ئاساسىنى تۇرغۇزساق بولىدۇ .

تاغلىق يېزىدىكى بىر كەنت كادىرى يۇقىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىچكىرىدىكى بىر ئۆلكىگە ئىكىسكۇرىسىيىگە بېرىپتۇ . ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى كومپىيوتىردىن ئىبارەت يىڭى زامان ئۇچۇر قورالىدىن ئادەتتىكى بىر كەنىتنىڭ شۇنچىلىك ياخشى پايدىلىنىپ كىتىۋاتقانلىقى بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كومپىيوتىردىن بىرقانچە يۈرۈش سېتىۋالسام كەنىتنىڭ تەرەققىياتى تىز بولغىدەك ، دەپ ئويلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىكىسكۇرىسىيە يىتەكچىسىنىڭ ياردىمىدە 6 يۈرۈش كومپىيوتىر سېتىۋاپتۇ ۋە ئۇنى كەنىتكە ئېلىپ كەپتۇ . كومپىيوتىرنى ئىشخانىغا ئەكىرىپ ساندۇقتىن ئېلىپ قارىغۇدەك بولسا ئىچكىرىدە كۆرگەندەك ئۇنداق رەڭدار مەزمۇنلار چىقمايمىش . ئارلىقتا ياشراق كەلگەن بىر كەنت كادىرى «شۇجى ، بۇ نەرسىگە توك كىتەمدىكەن ؟ كەنتىمىزدە تېخىچە مۇقىم توك بولمىسا؟» دەپ سۇراپتۇ . شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى كەنت كادىرى كومپىيوتىر بولغان بىلەنلا تەرەققى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭغا كىتەرلىك ئىنىرگىيەنىڭ كەنتتە تېخى ھەل قىلىنمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى ئىشلىتىشنى كەنتتە ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈزى ئويلاپ تاپقان ئاجايىپ تىز سۈرەتتە تەرەققى تېپىش خىيالىنىڭ سۇغا چىلىشىشى بىلەن كەنت ئىچىدە قاتتىق مەسخىرىگە قاپتۇ .

murad يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 09:19:28

مەن دەيدىغاننى ۋاپادارىم دەپ بوپتۇ. سىز ئاڭلىغان ئۇ يىغىنىڭ سەۋەبىنى يىغلىغۇچىلار ۋە ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. ئانىڭغا يىغلىماي مانىڭغا يىغلىدى، دېگەنگە سىز ئۆز خاھىشىڭىز بويىچىلا ھۆكۈم قىلدىڭىز.

\" قۇرئاندا'بىز ئاينى نۇرلۇق، كۈننى نۇر چىقىرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق' دېگەن ئايەت بار\" دېگەن گېپىڭىزدە نەقىل قىلغان قۇرئاندىكى ئۇ ئايەت: \"ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى\" (10- سۈرە يۇنۇس 5- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) . \"ۋارىس\" ئىبارىسى قۇرئاندا سىز مىسالغا ئالغاندەك كەلمەيدۇ، بەلكىم 2- سۈرە بەقەرە 30- ئايەتتىكى\" ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: 'مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (ئورۇنباسار) يارىتىمەن' دېدى.\" دېگەن ئايەتنى دېمەكچى بولسىڭىز كېرەك.   قۇرئاندىن نەقىل ئېلىشتا ئاۋۋال ئىزدەپ كۆرۈڭ،   بۇ مەسئۇلىيىتى ئېغىر ئىش.   http://www.xsada.com/quran_uy.asp دەك مەنزىللەردىن ئاچقۇچ سۆزلەر ئارقىلىق ئايەتلەرنى ئىزدەشكە بولىدۇ. (يازمىڭىزدا ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يازدىم، دەپتىكەنسىز، بۇنىڭدىن كېيىن پايدىلىنىپ قالار، دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم).

ئەمىلىيەتتە ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان چاغلاردىلا مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى خېمىيە، ئالگېبرا، فىزىكا، ئاسترونومىيە، گېئومېتىرىيە، تىبابەت پەنلىرىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان، ھەم ھەقىقىي قۇدرەت تاپقان.  تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئۈچۈن:

http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_Muslim_scientists  

http://www.ummah.net/history/scholars/

كېيىنكى كۈنلەردە مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ ئىلىم- پەنگە، ياق، ئاللاھنىڭ \"دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر) .(8-سۈرە ئەنفال 60- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)\" دېگەن ئايىتىگە قىلغان ئېتىبارسىزلىقى  مۇسۇلمانلارنى ئاستا- ئاستا قۇدرەتلىك ئورۇندىن ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.

ئابدۇقادىر داموللام كۆرسەتكەن  ئىنساننىڭ خار- زەبۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولغان ئىلىمسىزلىك ۋە تەپرىقىچىلىكتىن قۇتۇلساق، \"بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز\"(3- سۈرە ئال ئىمران 140- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېيىلگەن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بويىچە، كۈچ- قۇدرەت ۋە ئەزىزلىك مۇسۇلمانلارغا نېسىب بولغۇسى.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 09:53:40

ھەممە ئىنكاسنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسلىرى بار ،تۇنۇش بىر يەرگە كىلىش ئۇچۇن پىكىرلىشىش كىرەككەن ،ئىنكاسلارنى  بىرلەشتۇرۇپ  نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۇشۇنىۋالدىم .

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 10:48:15

كەچۈرۈڭلار ،خاتا گەپ قىپتىمەن ،ئىنكاسىمنى تەھرىرلىۋەتتىم .

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 10:50:50

تىمىدىكى ۋاپادارىم تىلغا ئالغان مەزمۇنلار دادامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆزگەرتىلدى.ئۆزەڭگە ئىش تاپما دەيدۇ.توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.

-----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

ۋاپادارىمكا،جۆيلۈمۈدۈم. بۇھەقىقەتەن بولۇپ ئۆتكەن ئىش.

مۇراد،سىزگە كۆپ رەھمەت.سىزگەئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.مۇشۇنداق بىرسىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىدىم.تېخىمۇ مۇكەمممەللەشتى دەپ قارايمەن.

بىرسىنىڭ يىغلىغىنىغا باھا بىرىش توغرا ئەمەس.بۇنى مەنمۇ ئويلىغان.لېكىن مىنىڭ كاللامدا ئەكس ئەتكىنى رەسۇلۇللانىڭ ئۆلۈمگە يىغلىماسلىق توغرىسىدا ئېيتقان ھەدىسلىرى بولدى.بەزى ۋاقىتتا شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزىمىزنىلا ئويلىماي بولمايدۇ.مانىڭغا يىغلىماي مانىڭغا يىغلىسا بولاتتى دەپ تەتۈر ئېقىمدا تۇرۇش خاتا بولسىمۇ،ئەتراپىمىزدا يۈزبەرگەن ئىشلار توغرىسىدا مانداقراق بولسا تېخىمۇ توغرا بولاتتى دەپ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش ھەر ئىنساننىڭ ئەقلى ھەم مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن.

------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

ھەقىقى قۇدرەت تېپپىش دىگەن ماقالىنى تاپقانىدىم،لېكىن كۈچۈرۈپ ئەكىلەلمىدىم.

http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?PageIndex=1&ThreadID=23186

بۇماقالىنىڭ ئېلكىتابى تىلفۇنۇمدا بار،ھەرۋاقىت ئوقۇپ تۇرىمەن.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 11:02:36

مەن چاپلاپ قوياي ،
                                                              ھەقىقى قۇدرەت تىپىش دىگەن نىمە ؟
                                                                                سالام دۇنيا
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ \" ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ \"،\" ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ \" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﺎﺕ -ﺗﯜﮔﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﯘﻟﻰ ﺋﯧﭽﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .
ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﯩﺘﺴﺎﻕ \" ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮔﺎﮬ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﮔﺎﮬ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﺳﯩﻤﺎﻥ ﮬﺎﻟﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ \". ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺑﺌﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ -ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯩﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﯩﻜﯩﻨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﮔﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﯩﯖﯩﻼﻧﻤﺎﻱ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 49 -ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻡ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻨﯩﺸﻰ ﺧﺎﻻﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﻣﯩﻼﺩﻯ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ \"ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ \" ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺟﺎﮬﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ \" ﻳﯜﺯ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ \" ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ، ﺧﯧﻤﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻠﻼﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﺳﯧﺮﯨﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺳﯧﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﯘﺟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﻕ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﯘﺟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻧﯩﭙﯩﺰ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺧﯘﺗﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﯩﺘﻠﻪﺭ ﺷﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﮬﯩﻠﻪ -ﻣﯩﻜﯩﺮ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻘﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﯞﻩ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻨﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﯞﻩ ﺋﯩﻼﮬﻨﯩﯔ ﯞﻩﮬﯩﻴﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ . ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ \" ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯘﺷﻘﯩﻘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻛﯩﺮﻩﻛﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻤﯘ \" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺩﯨﻨﻨﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ \" ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﺍﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺸﻰ ، ﻏﻪﺭﯨﺒﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ، ﻳﯜﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ \" ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ .
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ، ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﮔﻪﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ .
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﺎ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﯞﻩ ﮔﯘﺭﯗﮬ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﯨﺞ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻣﺸﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻳﻪﭖ ﻻﻟﻤﺎ ﺋﯩﺖ ﻛﻪﺑﻰ ﺧﻮﺭﺟﯘﻥ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ \" ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ \" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﯧﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﺎﺗﺎﻟﯩﺰﺍﺗﯘﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ، ﺧﯘﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ، ﺋﺎﻗﺴﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﺪﻯ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻨﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯜﺗﯜﺭﻟﯜﭖ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺮﯨﺶ ، ﺳﺎﭘﺎ ، ﻧﯘﭘﯘﺱ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﻰ . ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻍ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻍ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﯘﻗﯘﻕ ، ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ، ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﯩﺪﻩﻝ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ \"ﺋﯩﺴﻼﻡ \" ﮔﯘﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪ ﮬﯜﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﯓ ﺯﯨﯖﺸﯩﻦ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﻮﻟﻤﯩﻨﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ .
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗ ﺳﻪﻣﻪﺗﻮﻑ :\" ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻻﺯﯨﻢ ﺩﻩﺭﯨﺠﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ؟ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﺮﻻ ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﭼﯘﻕ ،ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰﺍ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ، ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻳﻤﯩﺰ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ! ﻛﯩﻢ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻗﯘﺷﯩﺪﯗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻗﯘﺷﯩﺪﯗ ، ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯘﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ \" ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﺩﻯ .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺳﺎﺗﻘﯩﻦ - ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﭖ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺵ ﺋﯧﯖﻰ ، ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺋﯧﯖﻰ ، ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯘﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ، ﻛﯩﻢ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻣﯘ \" ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺩﯨﻨﻨﻲ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭖ -ﺋﯘﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ \" ﺩﻩﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺳﺎﺗﻘﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﺎﺋﯩﻨﻐﺎ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺩﻩﺳﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻕ -ﻗﺎﺭﯨﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍ ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ - ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﯨﮕﻨﯩﭽﻪ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﺪﻯ ، ﻳﯧﻘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ، ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﺎﺩﯗﻏﺎ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻳﺪﻯ .
ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ، ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ . ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﭽﻰ ﺯﯛﺭﯛﺯﺭ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ، ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﻳﻠﻰ . ﺑﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯜﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺶ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ، ﻏﯘﺭﯗﺭ ، ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ ، ﺯﻩﮬﻪﺭﺩﻩﻙ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﻎ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﺳﻠﻪ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﻳﺎﻕ ، ﺋﯚﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯩﺘﯩﯟﻩﺭﺩﻯ . ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ؟
ﺧﻮﺵ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ . ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﯧﻠﯩﯟﯗﺯﯨﻴﻪ ﺋﯩﯩﺴﺘﺎﻧﺴﻰ \" ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﺷﻰ \" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ . ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﭼﯩﯖﺨﯘﺍ ﺩﺍﺷﯚﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ GDP ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﻮﺭ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﮔﯩﺰﯨﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﮬﻪﺭﺑﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،GDP ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﯜﺳﯜﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﻨﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ - ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﭗ ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﺍ ، ﺳﺎﭘﺎﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ، ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ .
ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ以人为本,建立和谐社会 ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺵ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ . ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭙﻼ ﻗﯘﻳﯘﺵ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯘﺯﯗﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ.
ﺑﯩﺰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﺎﭘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻧﺨﯘﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﯞﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﺖ ﻳﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﯘﮔﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ﺑﯧﺸﻰ ﻳﯘﻏﯩﻨﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺖ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﯞﺗﻪﻱ ﮬﺎﺭﯨﻘﻰ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﯗﺭﺍ -ﺋﯘﻛﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺯ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﻰ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ . ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ؟ ﺳﺎﭘﺎ ﺗﯜﯞﻩﻥ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯚﺯ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﯗﯞﻛﺎﺕ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻛﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﺪﻯ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺯﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ، ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯚﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﺎﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺵ ، ﻳﯩﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﻰ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﺗﻮﻱ ، ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﭖ -ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻯ -ﻳﯘﺳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﻳﻮﻕ ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﻰ ﻳﻮﻕ ، ﺋﻮﻏﺮﻯ -ﺑﯘﻻﯕﭽﻰ ، ﻗﺎﺗﯩﻞ ﭘﺎﮬﯩﺸﯟﺍﺯ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ، ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ، ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﻨﻰ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ، ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯘ 0 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ -ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ .


ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﭖ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﭘﺎﺭﺍﺧﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻮﻏﯘﺭﻻﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﮭﯩﺮ -ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﻛﺎﯓ ﻳﯘﯞﯦﻲ ﻻﺭ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯜﭼﯜﺵ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺷﺘﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﻳﯘﺩﯗﭖ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﻪﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﺪﯨﻦ ﻓﯘﺯﻯ ﻳﯜﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺳﯜﻥ ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﻣﯩﻴﺠﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯜﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻨﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﻛﻠﯜﻙ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻴﻮﻏﯘﻟﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﮬﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ، ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﻓﯘﺯﻯ ﻳﯜﺟﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ، ﭘﯜﯞﻟﯩﺴﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭼﯘﻗﯘﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﭼﯘﻗﯘﻧﻐﺎﻥ ﻛﻮﯕﺰﻯ - ﻣﯩﯖﺰﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻨﻰ ﺟﺎﻥ -ﺟﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻛﺘﻰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ脱亚论 ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﻜﻰ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰ ، ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺑﯘﺭﮊﺍﺯﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ، ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ، ﻏﻪﺭﯨﭙﭙﻪﺭﻩﺱ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﯛﺗﻜﯩﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﯘﺯﻯ ﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯧﻐﺰﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﺎﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

ﻛﺎﯓ ﻳﯘﯞﯨﻴﻼﺭ \"ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﯜﻛﯜﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﭖ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻛﯜﻟﺴﯘﻥ \" ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﺯﺍ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯩﯖﯩﭙﻤﯘ ، ﺗﯘﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﭘﺎﺭﺧﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﯜﻟﯜﻣﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻛﯩﻨﯩﭗ ﻏﻪﺭﯨﭙﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﯩﭽﻪ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﮔﯩﻼﺳﺘﯘﻙ ﺗﺎﻗﺎﭖ ، ﻛﺎﺳﺘﯩﻴﯘﻡ -ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﺎ ، ﭘﻪﻟﺘﯘ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻓﯩﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺷﯩﻠﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯟﯦﻠﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﻪﭖ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﺋﻪﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻼﺷﺘﻰ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﻛﯘﭼﯩﺪﺍ ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯜﻳﻪﻟﯩﺪﻯ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .
21 -ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻼﺭ ﺑﯘﯞﺍﻗﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﯕﻤﯩﺴﺎ ﻳﯜﻟﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯩﯟﻩ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺳﯜﻛﯜﭖ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ، ﺟﺎﻻﭘﻨﯩﯔ ، ﮬﻪﺯﯨﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ، ﺋﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯩﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺳﯜﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﻩﺗﺴﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ، ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﯩﻤﯩﺴﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﯛﭖ -ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ؟ ﻳﺎﻕ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ، ﺳﺎﭘﺎﺩﺍ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ .

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﺍ -ﺑﺎﺭﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻢ ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯘﻗﯩﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ، ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ، ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﯨﻤﯩﺰ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ .......ﺩﻩﭘﻼ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﮔﯘﻧﺎﮬﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﯩﻼ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺴﯩﭗ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ .

ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻤﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ، ﻧﯩﻤﯩﺲ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻣﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺪﻯ ، ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﻮﺭﯗﻝ ﻗﯩﻼﻟﯩﺪﻯ ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﺩﯗ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯜﭺ ﻳﻮﻕ ، ﺋﯘ ﻗﯘﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﻳﻮﻕ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼ ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ، ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﻛﻮﻻﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﻧﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ؟ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ﺳﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﭺ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ؟ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﻕ . ﺑﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﻛﻪﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺯﻭﺭﺩﯗﻧﻜﺎﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﺰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﻪﻳﻠﻰ .....
ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ -ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ، ﮬﺎﺭﺍﻗﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻞ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﭽﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ، ﺧﯧﻨﻪﻧﻠﯩﻚ ، ﮔﻪﻧﺴﯘﻟﯘﻕ ........ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ، ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ، ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﻐﺎ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﯧﺴﯩﻖ ، ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ، ﺋﻪﯓ ﺳﺎﺗﺮﯨﻚ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ، ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻳﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ، ﻣﻮﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭ ، ﺑﻪﺯﻯ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯞﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﻤﺎ .

---------------------------------------------------------------------

جەۋلان  سوراپ باقسام ،قارىمايدىكى خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ  بالىلىرى قانداقراقتۇ ؟  قارىمايلىق بەزى بالىلارنىڭ قىلغان ئىشلرىغا قاراپ ھەي دەپ قالىمەن .

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 11:09:52

تىمىنىڭ ماۋزۇسى<سەقىقى> بولۇپ قاپتۇ.

-------------------------------------------------------------

ئۇيغۇر بالىغ،مەن ئۇنداق ياخشى يېزىپسىز دەپ مىنى كۆككە ئۇچۇرىدىغان ئىنكاسلارنى ئاڭلىغۇم يوق،ئۇنداقتا ئىزدىنىسنىڭ خاسلىقى يوقاپ كىتىدۇ.ئاشۇنداق ئىنكاسلارنىڭ چىقىشى بەك مۇھىم.ئىزدىنىشتا باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا خاپا بولۇپ يۈرۈش پوقنى يىگەنلىك.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 11:11:50

guitarfan رەھمەت ساڭا راسلا پوقنى يەپتىمەن

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 12:51:28

ھەقىقىي قۇدىرەت تېپىش پۇلدا ، پۇل بولغاندا ھەممە ئىشىنى قىلغلى بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 14:03:58

زىمىندا \"ئىجات قىلىش\"دىگەن سۆز مەۋجۇت ئەمەس.\"بايقاش\"دېسە توغرا.. چۈنكى پىشاڭنى قانۇنىيىتى ئۇ بايقىلىشتىن بۇرۇنلا كالتەك بىلەن تاشتا مەۋجۇت ئىدى.

----------------------

كەنجى، بوئىن 747 تىپلىق ئايرۇپىلاننى ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار بايقاپتىكەندە!

زېمىندا مەۋجۇت ئەمەس گەپ ئەسلى ماۋۇ: \"ئادەملەر ماددىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ\"، ئۇنىڭدىن سىرت، ھەممە سۆزنىڭ لايىق ئورنى بار، خۇدا ئالەمنى ئىجاد قىلمىغان، ياراتقان.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-22 17:17:07

جىق نەرسە يازغىم باتى ،باشلاپ بولۇپ تەھرىرلىۋەتتىم ..

بەت: [1] 2 3
: قانداق قۇدرەت تاپقۇلۇق