ئۇيغۇر جاسۇسلار
ھەممە ئارتىستكالارنىڭ رازۋېتچىك بولۇپ چىقىشى مۈمكىن ئەمەس، لېكىن رازۋېتچىكلاردا چوقۇم ئارتستلىق قابىلىيەت بولىشى كېرەك، ئىرىنا ئالىموۋا( بىبىئىران كەرىموۋىچ ئالىموۋا، ئىرىنا ئۇنىڭ رۇسچە ئىسمى)نىڭ تەقدىرىگە مانا مۇشۇنداق قىسمەتلەر پۈتۈلگەن، ئۇ توكيودا 13يىل (1947-1960) سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخپارات ئورگانلىرى ئۈچۈن مەخپى ئالاھىدە خىزمەتتە بولغان ۋە پەقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا بۇ سىرلار يورۇقلۇققا چىققان ئىدى. ئۇ
تېخى 16يېشىدىلا "تۈركمەن فىلىم" دا ئىشلەنگەن مەشھۇر كىنو "ئۇمبار" دا باش رولچى بولغان، تۈركمەنستانلىق داڭلىق زىبۇ-زىننەت ئۇستىسىنىڭ قىزى گۈزەل ئۆز ىنىڭ چولپانلىق ھاياتىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن باشلىغان ئىدى.
لېكىن ئۇشتۇمتۇت پارتلىغان بۈيۈك ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ئۆزبېكستان فىلىمى " تاھىر- زۆھرە" دە ئاساسلىق رول ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتقان ئىرىنانىڭ چولپانلىق ھاياتىنىڭ ئۇنتۇلۇشىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى، ئالدىنقى فرونتقا تەرجىمان بولۇش ۋەزىپىسى بىلەن ئۇ ئۇكرائىنا، پولشا ، چېخوسلاۋىيەلەردە بولىدۇ، ئۇ ۋېنادىكى ۋاقتىدا ئۇرۇش غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، كېيىن ھەربى سەپتىن چېكىندۈرىلىدۇ ۋە ئاشخابادتىكى ئۆيىگە قايتىدۇ.
لېكىن بۇلار بىلەن ئۇنىڭ جەسۇر- قەھرىمانە كەچمىشلىرى ئاياغلاشمىغان ئىدى. ئۇ تۈركمەن تىلى ۋە رۇس تىللىرىدىن باشقا ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇيغۇر، تۈرك، پارس، ياپون، ئەنگىلىس ۋە نېمىس تىللىرىنىمۇ پىششىق ئىگەللىگەن ئىدى.
لۇبيانكا 47-نومۇر( سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپى ئاخبارات ئورگىنى)دىن كەلگەن كىشىنىڭ ئۇقتۇرىشى بىلەن ئىرىنانىڭ ئىسمى كىنو ئېلانلىرىدىن يوقىلىدۇ ۋە جاسۇسلۇق ئارخىۋىغا ئۇنىڭ مىلللىتى ئۇيغۇر، لەقىمى " بىر" دىگەن ئۇچۇرلار قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىرتال يىڭنە ئۇچىمۇ ئۆتەلمەس مەخسۇس ئارخىۋىغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئايرىدۇرۇملىرى، ھەربى بازىلىرىنىڭ فوتو- رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 توم، 7000بەتتىن ئاشىدىغان ئاخباراتلار توپلانغان ئىدى .
مېخائىل گورباچېف ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى موسكۋادا ياشاۋاتقان ئىرىناغا " قىزىل يۇلتۇز" ئوردېنى تەقدىم قىلىدۇ، ياپۇنىيەدە ئۇ توغۇرلۇق يېزىلغان كىتاپ بازىرى ئەڭ ئىتتىك كىتاپقا ئايلىنىدۇ، " رازۋېتچىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمىتى ياپونىيەنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىق ھەربىيچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەخپىي پىلانىنى ئاشكارىلىۋەتتى" دەپ يازىدۇ كىتاپ ئاپتورى ئېسىخىكو
تۆۋەندىكىلەر ۋ. ئانتونوف، ۋ. كارپوفلار يازغان، 2004-يىلى موسكۋا " ياش گۋاردىيە" نەشىرياتىدا نەشر قىلىنغان << ئايال جاسۇس>> كىتاۋىدىن ئېلىنغان پارچەنىڭ تەرجىمىسى:
.............................................................................................................................................
ئورخۇن مۇنبىرى يېڭىلىنىۋايقانلىقتىن تېما يوللاش 1- 2 كۈن توختاپتۇ، شۇڭا كونا يېزىقچە داۋامىنى قىستۇرۇش مۈمكىن بولمىدى، بۇ يەردىكى داۋامى:
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=650
ئۇرخۇن دىگەن تور ئىسىمنى ئالغۇچى تۈركىيىدىمۇ؟ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئەجەب جىددىيلىشىپ كەتتىم، ئورخۇنhttp://orkhun.com/bbs/index.php تورى توختىدىمىكىن؟دەپ. مۇنۇ قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالغان ئورخۇن توختىمىسىلا باشقا ئىشلار ئادەتتىكىچە. مەنمۇ ئۇرخۇن تارىخ مۇنبىرى توختىغان ئوخشايدۇ دەپ بىر ئەندىككەن ئىدىم ، خۇداغا شۈكرى مىنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ چاتىقىمۇ يا سىزنىڭ تېمىڭزىنىڭ ھەرىپلىرى ياخشى كۆرۈنمىدىمۇ؟ باشقلىلارغا ئۇنداق كۆرۈنمىدىمۇ نىمە؟ خەت نۇسخىسى توغۇرلانماپتۇ ، شۇڭا نورمال كۆرۈنمىگەن گەپ . مەن ئەلكاتىپ 5.5 نى ئىشلىتىمەن، ئىزدىنىشنى ئەلكاتىپ تور توم نۇسخىغا تەڭشەپ كۆرۈۋاتىمەن. EOT ھۆججەت سەل مۇكەممەل ئەمەستەك قىلىدۇ. راس شۇ ئورخۇن مۇنبىرى توختاپتۇ http://www.orkhun.com/BBS/ ۋە http://www.orkhun.com ئادرىسلارغا قاراپ بېقىڭلار بالىلار.输入的网址无法访问 دەپ چىقىۋاتىدىغۇ.
راستلا ئۇلانمايۋاتىدۇ.ئالدىغا wwwقوشمىسا ئۇلىنىدىكەن.لېكىن خەت نۇسخىسى نۇرمال ئەمەس.ئورخۇن نەشىرى يۇقۇرى كۆتۈرلىدىكەن !شۇڭا مەلۇم ۋاقىت تەڭشىلدىكەن ،ئورخۇن توختىمايدۇ ،ئەتىگىچە ئېچىلامدىكى !
ما تېما يۈرەكىنى ئالدى ..ما يولداشلار يۈرەككىنى يەپ قويمىغاندا، تورىدا بولسىمۇ ئارام خۇدالىق بولسۇن چۇ خالايىق
نېمە قاملاشىمغان ماۋزۇ قويۇپ . ئالتۇنتارىمدىن ئايرىلدۇق ، ئورخۇندىنمۇ ئايرىلىپ قالمايلى.
ھېچىنمىمىز يوق مۇشۇ كۈنلەرىدەئالتۇن تارىم تور بېكىتى ئوچۇققۇ؟....
رەھمەت جۇمۇ . بىر ۋاقىتتلارىدا ئېتىلىپ قالغان ، مەن تېخى ....

ئورخۇن مۇنبىرى يېڭىلىنىپ قايتا ئېچىلىپتۇ، ھۆرمەتلىك ئىزدىنىشداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ئۇشبۇ ماقالىنىڭ داۋامى ۋە تېخىمۇ قىزىقارلىق ئۇيغۇر تارىخى تېمىلىرى:
http://orkhun.com/bbs/index.php
دوستلارنىڭ ئورخۇنغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت ئەرزىيدۇ! نىمە دىيىشۋاتىسىلەر؟توربەت توغرىسىدىكى پاراڭلارنى دەيمەن؟