jewlan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 15:27:46

(جەۋلان ) مەن يەكۈنلەپ چىققان 10 ماددا ، مەنa

قىزىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ، ھازىرغىچە بولغان كۈنلەر يادىمغا يېتىپ قالدى ، ئاپىسى بىلەن ياردەملىشىپ ئۇنى ئاسان دىسەك ئاسان (خۇداغا شۇكرى) ، تەس دىسەك تەس ( ئىشقىلىپ ئۆزىمىز بىلىشىمىز) كۈنلەرنى كۆرۈشۈپ ، ئاران دىگەندە  ئىمىش ، يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر ئىنساننى ، ھازىرقىدەك  يىيىش ، ئويناش ، تەرەت دىگەندەك تۇرمۇش ھاجەتلىرىدىن بىزنى خاتىرجەم قىلغان ھالدا چىقالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلدۇق (ئاساسلىغى تەبىئەت ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى)  ئويلاپ باقسام ، دادا بولۇش جەريانىدا كۆڭلۈمدا نۇرغۇن بالا بېقىش ھەققىدە مىزان قائىدىلەر ئەكس ئېتىپتۇ ، چىن تۇرمۇشتىن ئېلىنغان بولغاچقا ئاز بولسىمۇ نەپ تېگىپ قالار دەپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن ، پىكىر - تەكلىپتە بولغايسىلەر .

1. بالىڭىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ تاكى غەرەز بىلگىچە بولغان ئارلىقتا چوقۇم ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك

ئاساسىم :  غەرەز بىلگۈچە بولغان ئارلىقتا بالىدا ھەرگىزمۇ ياخشى ، يامان غەرەز پەيدا بولمايدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ھەر قانداق نەرسىگە قىزىقىدۇ ، ھەرقانداق نەرسىنى چۈشىنىپ باققۇسى كېلىدۇ ، سىز ئۇنىڭ قانۇنى قوغدىغۇچىسى بولغان دادا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمىگەن دائىرە ئىچىدە ئۇنىڭ رايىغا بېقىشىڭىز كېرەك ، چۈنكى مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە ئۇ مۇشۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ھەم ھوقۇقلۇق !

2. مەيلى سىز قانداق كەيپىياتتا بولۇڭ ، چوقۇم ۋە چوقۇم بوۋىقىڭىز ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇڭ !

ئاساسىم : بوۋاق خېلى ۋاقىتلارغىچە ئاتا ئانىسىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە سەپ سېلىپ قارايدۇ ،  ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىدىغان بىر دىنبىر قورالى شۇكى ئۇ كۆزىدە چىرايىڭىزدىكى ئۆزگۈرۈش ، ھەركىتىڭىزدىكى قاتتىق - يۇمشاقلىق دىگەنلەرنى كۆرسە ، قۇلىقىدا  ئاۋازدىكى كۈچلۈك ئاجىزلىق ، يېقىملىق - يېقىمسىزلىق دىگەندەك ئامىللار ئارقىلىق چوڭ مېڭىسىدە بىزگە مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلايدۇ ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىزنىڭ تۈرۈك قاپاقلىرىڭىز ، ۋاقىراپ - جاقىراشلار ، ئۇرۇپ - چېىقىش ، قاقشاش - يىغلاشلار بالىنىڭ سەبى كۆڭلىدە قورقونچ ، ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا بالا ئۈچۈن بولسىمۇ نورمال تۇرمۇش تەرتىۋىگە قايتىڭ ، ئۇنداق قىلالمىسىڭىز كۈلۈپ بولسىمۇ يۈرۈڭ ، ئۇنداقمۇ قىلالمايمەن دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ پۇشتىغا بولسىمۇ كۈلۈمسىرەپ قاراڭ !

3. ئۇنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن !

ئاساسىم : بوۋاقلىق ، بالىلىق ، ئۆسمۈرلۈك ، ھەتتا ياشلىق مەزگىلىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ جىددى ئۆگىنىش باسقۇچى ، مەيلى مەكتەپتە ئوقۇغان ، ئوقۇمىغان ئىنسان بولسۇن ئازدۇر كۆپتۇر تەبىئەت ، جەمىئەت مەكتەپلىرىدىن جاھان قانۇنىيىتى ھەققىدە تەلىم ئېلىپ تۇرىدۇ ، پەرزەنتىڭىزگە تىل چىقىپ چۇرۇلداشقا باشلىغاندىن باشلاپ ئۇ سىزنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى دوراشقا باشلايدۇ ، بەزىدە توغرا تەلەپپۇز قىلالماي ئاغزىغا كەلگەن ھەرپلەر تىزمىسىنى دەۋېرىدۇ ، ئۆزىنىڭ سىزدەك ۋاتىلداپ سۆزلەۋاتقانلىغى ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ يېڭىلىق ، چوڭ مۇۋەپىقىيەت ھىساپلىنىدۇ ، شۇڭا مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ئامال بار جىقراق گەپ قىلىشپ بېرىڭلار ، بىراق بالا قانداق ئۆگەنسە ، قانداق تەلەپپۇز قىلسا مەيلى چاۋاك چېلىپ رىغبەت بېرىڭكى ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ دەپ ۋاقىرماڭ ، مەن دىگەندەك قىلسىڭىز كېيىن سەت گەپلەرنى ئۆگىنۋالمايدىغان ، نىمە دىيىش دىمەسلىكىنى بىلىدىغان بولىدۇ ، ئىشەنمىسىڭىز قېنى داۋاملىق ئوقۇڭ !

4. ئەگەر سەت گەپ ئۆگىنىپ قالسا دەماللىققا ئۇنىڭغا رەدىيە بەرمەسلىك كېرەك !

ئاساسىم :  بالىلار باشقىلار بىلەن ئويناش جەريانىدا سەت گەپلەرنى ئۆگىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس ، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئەر - ئايال ھەر ئىككى تەرەپ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتكۈزۋېتىپ تۇرۇپ ، بالىغا بۇ گەپنىڭ "مۇھىم" گەپ ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەي تۇرۇپ ، ئۇنىڭ قانداق يەردىن ئۆگەنگىنىنى بالىغا بىلدۈرمەي سۈرۈشتۈرۈش ، ئامال بار ئۇنىڭغا ئۇ سۆزلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش كېرەك ، سۆزنى ئۇنتۇپ قالمىسىمۇ ئىشلىتىشنى بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇش سىز دادىنىڭ مەجبۇرىيىتى !

6. بالىغىمۇ ئوخشاشلا كوللىكتىپلىق ئېڭى لازىم

ئاساسىم : كىچىگىدىن بىر چوڭ ئائىلىدە ، تەبىئى مائارىپ ( ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلىۋى مائارىپى) شارائىتىدا چوڭ بولغان بالا بىلەن دادىسى بىلەن ئاپىسىدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمەي چوڭ بولغان بالا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ ، پەرزەنتىڭىزدە كىچىگىدىن كوللىكتىپلىق ئىدىيەسىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇلى بار ، ئۆزىڭىز بارغان يەرلەرگە بالىنىمۇ ئاپىرىڭ (جاپا سېلىشىدىن قورقماڭ ، بەدەل تۆلەش دىگەن شۇ جاپا چېكىش دىگەن گەپ) ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىز بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇڭ ، ئادەم كۆپ يەرلەرگە كۆپرەك ئاپىرىڭ ، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان تۇنجى ۋە دائىملىق ئاغزاكى پائالىيەتلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە سىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىڭ ، بۇنىڭ بالىدا ئۆز ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان ئىدىيەنىڭ تىكلىنىشىگە بەكمۇ پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن .

7.  ئۇرۇشۇپ قالسا ، باشقىلار ئالدىدا ئۆز بالىڭىزنى سەتلەشتۈرمەڭ !

ئاساسىم : چۇرۇلداپ ، ئۇ ياق بۇياققا يۈگرەپ يۈرگەن بالىڭىز باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا زىدىيەت تۇغدۇرمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ، كىچىك باللار ئۇرۇشۇپ قالسا غەرەزسىز ، بىھۇدە ئۇرۇشىدۇ ، سىز ئەقلى بار بىر دادا بولسىڭىز زىدىيەت تۇغۇلغاندا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈپ گۇناھ كىمدە نى ئايرىماي ئامال بار زىدىيەتنى پەسەيتىش ، ئەھمىيەتلىك زىدىيەتكە ئايلاندۇرۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشۈڭ ، ھەرگىز ئۆز بالىڭىزنى باشقىلار ئالدىدا سىلكىپ ، ئۇنىڭغا ۋاقىرماڭ ، قول تەككۈزۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ ، بالىڭىز گەپ ئۇقىدىغان بالا بولسا ، زىدىيەتنى پەسەيتىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم يەردە ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ سىزنى قانچىلىك غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى بىرەر ئاۋازى قاتتىقراق يەرنى مۇشتلاپ بالىنى چۆچۈتۈپ ئېسىگە سېلىپ قويسىڭىز بولىدۇ ، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ بالىسىنى سىلىكش ئەمەس تىللاشقىمۇ بولمايدۇ ، ھەم قىلالمايسىز ، ھەممە كىشىگە ئۆزىنىڭ بالىسى ئاق ، شۇڭا ئۆز بالىڭىزغا بىرەر ئىشنى خاتا قىلسا چوقۇم سىزنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويالاش - قويالماسلىقىڭىز سىزنىڭ دىتىڭىز .

8. بالىنى ئالدىسىڭىز بولىدۇ !

ئاساسىم :  بالىلار بىز دادىلار مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولمايدىغان ، ھەتتا ئۇنى چۈشەنمەيدىغان ھالەتتە دۇنياغا كېلىدۇ ، چوڭ بولىدۇ ، بىر دادىنىڭ مەسئۇلىىيىتىنى بىلىپ يەتكۈچە ئۇمۇ بالا ئەمەس دادا بولىدۇ ، مۇشۇ ئارلىقتا يامان نىيەت ئارلاشمىغان ، بالىغا پايدىلىق ، چېنىپ قالماسلىقىغا كۆزىڭىز يېتىدىغان يالغان سۆزلىرىڭىز بىلەن بالىنى تەرتىپكە سالسىڭىز تامامەن بولىدۇ ، بالىغا يالغان سۆزلىسەم قانداق بولىدۇ دەپ راست سۆزلەپ بالىغىمۇ زىيانلىق ، ئۆزىڭىزگىمۇ زىيان بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەڭ !

9. كومپيوتېرغا زىنھار يېقىن يولاتماڭ .

ئاساسىم :  ھېلىمۇ بىزدىن يۇققان ئېلىكترونلارنىڭ بالىمىزنىڭ تېرىسىگە بولغان زىيىنى يېتىپ ئاشار ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ بالام خوش بولدى دەپ كومپيوتېر ئالدىغان ئەكىلىپ ئۇنى بۇنى كۆرسىتىمەن دەپ يۈرمەڭ ، ياخشىسى تېلۋۇزۇرمۇ شۇ ، بالىنىڭ بەدىنى شۇنداقلا تېرىسى مۇكەممەل تېرە ئەمەس يىتىلۋاتقان ، تەرەققى قىلۋاتقان تېرە بولغاچقا مۇشۇ ۋاقىتلاردىكى ئېلىكترونلۇق رادىئاكسىيە ۋە ياكى ئېلىكترون توزانلىرى تېرىسىنىڭ نورمال ، ساغلام تەرەققى قىلىشىغا تەھدىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، كۆزمۇ شۇنداق ، يىتىلۋاتقان ئەزالارغا يېڭى زاماننىڭ بۇ ئەجۈجە - مەجۈجىلىرىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرمىسىڭىزمۇ ئۇ چوڭ بولسا مۇشۇ ئەخلەتلەر ئارىسىدا چوڭ بولىدۇ !

10 . ئوغلۇم ، قىزىم دىگەن سۆزنى كۆپرەك دەپ بېرىڭ .

ئاساسىم :   بالىلار تاتلىق قىلىپ كەتكەندە ئىچىمىز كۆيۈپ جاھاندىكى ئەڭ تاتلىق تىللار بىلەن ئەركىلىتىپ كېتىمىز ، ئاۋاز ئۇدار ، رېتىملىرىمىزمۇ ئىنتايىن يېقىملىق ، بالىغا يېقىشلىق چىقىپ كېتىدۇ ،  بۇ ۋاقىتلاردىغۇ مەيلىغۇ ، بىراق تۇرمۇشتا بالىنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىغاندىن كۆرە كۆپرەك ئوغلۇم ، قىزىم دەپ ئاتىغاندا پەرزەنتنىڭ دادىغا بولغان ھۆرمەت ، ئىشەنچىسى تېىخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئىسمىنى ئاتاپ يۈرمىسەكمۇ بىزدىن باشقىلار ھەممىسى ئىسمىنى ئاتايدۇ ، ئوغلۇم ، قىزىم دەيدىغان جاھاندىكى ئىككى كىشى بىرى سىز ، بىر ئايالىڭىز ! ئۇلارغا كۈندە بىر مو پۇل بەرگەندەك ، ئاشۇنداق گەپلەر يىغىلىپ يىغىلىپ بالىڭىزدا چوقۇم سىزنى رازى قىلغۇدەك قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ ، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۆلمەي قالسىڭىز چوقۇم ھىس قىلالايسىز !

كۆچەت تىكىپ ، مىۋىسىنى يىيىش ئەڭ ئىنسانى ئەمگەكلەرنىڭ بىرى بولغىنىدەك ، بىر پەرزەنتنى چوڭ قىلىپ ئۇنىڭ سىزگە قىلغان يېقىنچىلىقلىرى ، سىزگە رەھمەت قايتۇرماقچى بولغانلىقىنى ھىس قىلغىنىڭىزدا ئالەمچە خوشاللىقلارغا چۆمۈلىسىز ، تارتقان جاپالىرىڭىز كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەيدۇ ،  خۇدايىم سىزگە شۇ كۈنلەرنى نېسىپ قىلسۇن !

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 16:13:52

ئاللاھ خالىسا، ئاتا بولۇشنى نىيەت قىلىپ يۈرۈۋېىدىم. كۆڭلۈمدىكىدەك دەرسلىك بولدى. ھەقىقەتەن جەۋلاننىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئورۇنلۇق. ئەمما، بۇ ئىشلارنى مۇنداق ماددىلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن. مەيلى تۇرمۇش مەيلى خىزمەت ھەرقانداق ئىشتا بولسۇن ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇتقان يولى بولىدىكەن، ئاتا بولغۇچە شەكىللىنىپ بولغان مىجەز - خاراكتېرى بولىدىكەن. تۇرمۇشتىمۇ شۇ ، خىزمەتتىمۇ شۇ مىجەر خۇلۇق بىلەن ياشايدىغان گەپكەن. ئەلۋەتتە، تەدبىر - چارىلەرمۇ شۇ خۇلۇق مېجەز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ...

بۇ تېما ئېتىبارىدا مەن پەقەت ئىشتقۇچى، ئۆگەنگۈچى ئىكەنمەن خالاس. بەلكىم ، ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بۇ ھەقتە جەۋلاننىڭ ئېيتقانلىرىغا جۆر بولۇشىم، ئۆزۈمىگە خاس تۇتقان يولىم ۋە تەجرىبىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشىم مۇمكىن.

ئۇنىڭغىچە، مۇشۇ تېما باھانىسىدە، ئىزدىنىشتىكى ئاتىلار ئاتىلىق بۇرچى ، ئاتىلىق سەنئىتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسا، بىزگە ئوخشاش ئاتا بولۇشقا تەرەددۇت قىلغان، ئاتا بولۇشقا تەييار بولغانلارغا ھېسابسىز قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ قالاتتى ...

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 16:25:57

11. پەرزەنتىڭىزنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشنىمۇ توختىتىپ قويماڭ! ئۇنىڭغا پەقەت پەزىلەتتىلا ئەمەس، بەلكى بىلىم-قابىلىيەتتىمۇ ئۆمۈرلۈك ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىڭ! ئاتا-ئانىلار بىزگە تەربىيە بەرگەندە ۋە ئۆتمۈشىگە ئائىت گەپلەرنى قىلغاندا، \"ئاتام مۇنداق دېگەن\"، \"ئانام مۇنداق دېگەن\" دەپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى كۆپ تىلغا ئېلىشىدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىلىرىغا ناھايىتى قايىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرەر، ئەمما ھازىر ياشلار ئىچىدە، \"دادام مۇنداق دېگەن\"،\" ئانام مۇنداق دېگەن\" تۈرىدىكى ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى بەكمۇ ئاز قالدى،( ئۇ پەيلاسوپ مۇنداق دېگەن دەپ يۈرىدىغانلار تولىمۇ كۆپ، ئۇلار شۇ پەيلاسوپنىڭ گېپىنىڭ تېگىگە يەتتىمۇ ياكى يەتمىدىمۇ بۇنىڭا بىر نېمە دېمەك تەس) بۇمۇ بەلكىم ياشلارنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىملەردە ئۆز ئاتا-ئانىلىرىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەر. شۇڭا، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلمەي، كېيىن پەرزەنتىڭىز ئالدىدا بىلىم جەھەتتىن ئاجىز كەلسىڭىز، ئېھتىمال، ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ياكى سىڭدۈرمەكچى بولغان غايە- نىشان ۋە ئېتىقادلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ مەسخىرىسىگە قالىسىز!

     ئىككىمىزنىڭ قىزى بىر دىمەتلىك كىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 16:42:42

رەھمەت بۇرادەر !

قېنى 12 - ماددىنى كىم ؟...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 17:11:11

ما تېماڭ نان بېرىدىغان تېما بوپتۇ جەۋلان قارى

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 19:41:02

11- ماددا ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويولۇپتۇ. تۈگىمەس سورۇنلاردا ،تېلۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغان چاغلىرىمىزدا باللىرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقان بولىمىز. بالا ئاتا-ئانىسىنى قابىليەتسىز ھىساپلىسا كۆزگە ئىلمايدۇ، بىر نىشاندىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ بولمىغىنىدىن ئېچىنشلىق ئىش. مىسال: دادام ئۇستا ئاشپەز، بەلكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئۇستا ئاشپەز، ئاپام مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئەمما ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى يادا، گەپ-سۆزلىرى ناھايىتىمۇ ئورۇنلۇق، Phd ئاسپىرانتى بولساممۇ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام خۇددى ئۆزەمنى ھىچنىمە بىلمەيدىغان مەكتەپ بالىسى ھىس قىلىمەن، دىگەنلىرىنى يېزىپ چىقسام بىر جاھاندارچىلىق قامۇسى بولۇپ چىقىدۇ.ئۇلار بىردەممۇ ئاراپ ئالماي ئىشلەپ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلدى. ئۇلارنى دوكتۇر يىتەكچىسى دەپ ئاتىمامدۇق ؟

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 19:56:10

12. ماددا.

بالىڭىزنىڭ پەزىلەتلىك تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىڭىز <<  ئەي قەدىرلىك بالام، ئەخلاقنامە، ھىدايەتنامە>>، <<جامىئۇلھەدىس يەنە بىر نامى: ئەرەبچە ئۇيغۇرچە 500 جۈملە ھەدىس>>، <<伊斯兰学 http://www.yich.org/Soft/shuji/zjiao/200512/80.html>> لەرنى ئوقۇپ بېرىشىڭىز، بالىڭىز رەسىملىك كىتاب<< دىنىمنى ئۆگىنىمەنhttp://www.islamhouse.com/p/58616>>، <<ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام دەرسلىكلىرىhttp://www.islamhouse.com/p/57684>>نى داۋاملىق ئوقۇپ بېرىشى كېرەك.

hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 20:02:01

ھەممىسى توغرا گەپلەر جۇمۇ،،

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 21:02:25

13. بالىڭىزغا ماس كېلىدىغان ( زىيانسىز) ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىڭ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناڭ!

قىزىم بىر يېرىم ياشقا كىرەي دىدى، مەن ئۇ ئولتارغۇدەك بولغان چاغدىن باشلاپ بىللە ئويناشقا باشلىغان، راست گەپنى دىسەم ئۇنىڭغا ئومىلەشنى ئوزەم ئۇگەتتىم دىسەممۇ بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ بالام بىلەن بىللە ئويناشقا باشلىدۇق.  ھازىر نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ قائىدىسىنى بىلىلىپ  بولدى. تاققا تۇققانى ئوزى باشلاپ ئوينىيالايدۇ ( 1- قېتىم چوقۇم ئوزى ئۇتۇپ چىقىدۇ)  توپ ئوينايدۇ، ياغاچلارنى تىزىپ ئوينايدۇ. موكۇشمەك ئوينايدۇ،،،،،،،،،، مەن بىللە ئوينىسام زىرىكمەي ئوينايدۇ،

ئەمما تىلىۋىزوردىكى ئىلانلارغا بولۇپمۇ ئىخلاس ،ئۇلكەر، قوزام دىگەنلەرنىڭ ئىلانىغا بەك ئامراق!

qismet1 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 21:25:37

8 - ماددىدا، جەۋلان بالىنى ئالدىسىڭىز بولىدۇ، دەپ خۇلاسىلاپتۇ. مەن مۇنداق خۇلاسە چىقاردىم:

8 - ماددا: بالىنى ئالدىماڭ، زىنھار ئالدىماڭ. ھازىر ئالداپ (گەرچە ئالداش زۆرۈر بولسىمۇ)، كېيىن، بالىڭىزنى نېمىشقا ماڭا يالغان گەپ قىلىسەن، نېمىشقا مېنى ئالدايسەن، دەپ سوتلاشقا نېمە ئاساسىڭىز بار؟

بېشىمدىن ئۆتكەننى دېسەم، قىزىم 2 - 3 ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، ئىشقا ماڭسام كەينىمدىن ئەگىشەتتى، قەغىش قىلاتتى، ئانىسى: قىزىم دادىڭىز ھېلى كېلىدۇ، يىغلىماڭ، دەپ بەزلەشكە باشلايتتى. ئەمما مەن، قىزىم، مەن ئىشقا ماڭدىم، خۇدا بۇيرىسا كەچتە كېلىمەن، كەچتە كۆرۈشەيلى، دەپ ماڭاتتىم. قىزىم بىرەر ئىشنى خاتا قىلسا ياكى بىزنى رەنجىتىپ قويسا، ئانىسى ئانچە - مۇنچە تەگكۈزۈپ قوياتتى، لېكىن مەن قىزىمنى يېنىمغا تارتىپ، چۈشەندۈرەتتىم، خۇددى چوڭلارغا قىلغاندەك مۇئامىلىنى قىلاتتىم. ھەقىقەتەن بۇنىڭ رولىنى كۆرۈپ كەلدىم. ھازىر قىزىمنى تەنبىھلەش زۆرۈر بولسا، ئانىسىنىڭ خېلى - خېلى قاتتىق مۇئامىلىسىدىن، مېنىڭ تىكىلىپ قاراپ قويۇشۇمنىڭ بەكرەك ئەھمىيىتى بولۇۋاتىدۇ.

14 - ماددا: بالىڭىزغا كاتتىلارنى، ئالىم - پەيلاسوپلارنى ئۈلگە قىلماڭ، بەلكى ئۆزىڭىزنى ئۈلگە قىلىڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تەربىيىلەڭ.

چۈنكى سىز ئۈلگە قىلماقچى بولغان ئالىم - پەيلاسوپلارنى بالىڭىز ئەمەس، سىزمۇ كۆرۈپ باقمىغان. لېكىن، بالىڭىز سىزنى كۆرۈپ، سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. سىز بالىڭىزنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىنمۇ ياخشى ئۈلگە بارمۇ؟ بىلسىڭىز، سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز، بىلىمىڭىز، خۇي - پەيلىڭىز بالىڭىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۈلگە. چۈنكى ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى سىزنىڭ قېنىڭىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقىنى سىزنىڭ تىلىڭىز.

سىز، پالانىدەك ئادەم بول ئەمەس، بەلكى، بالام، ئاناڭ (داداڭ) دەك ئادەم بول، قارا، ئۇ نېمە دېگەن، قالتىس ئايال (ئەر) - ھە! دېيەلەڭ. ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىپ ئۆتسۇن. سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزنى تۆرەلگىنى ئۈچۈن، ئاللاھقا بىر ئۆمۈر تەشەككۇر بىلدۈرۈپ ئۆتسۇن.

خەير، پەرزەنتلەر، سىزلەرگە گۈزەل كېلەچەك يار بولسۇن، ھەمىشە كۈلۈپ ئۆتكەيسىزلەر...

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 21:46:09

كارخانىغا تەشەككۈر ! ئەلۋەتتە ، بالا غەرەزلىك ھالدا ، ئاڭلىق رەۋىشتە ئالدانغانلىغىنى سېزىپ قالسا بولمايدۇ ، مانا بارغانسىرى مۈكەممىلىشىۋاتىدۇ ، قېنى 15 - ماددىغا ...

qismet1 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 22:03:53

15 - ماددا: بالىغا كىچىكىدىن توغرا ئېتىقاد قارىشىنى سىڭدۈرۈپ مېڭىڭ. بالىڭىز ۋىجدانلىق ئادەم بولسۇن. چۈنكى، «ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، لېكىن ۋىجدانسىز ئادەم ھەممىنى يەيدۇ» دېگەندەك، ئېتىقادسىز، ۋىجدانسىز ئادەمنىڭ قولىدىن ھەرنە ئىپلاسلىقلار كېلىدۇ.

16 - ماددا: بالىڭىزدا توغرا بولغان ئىقتىسادىي ئاڭ يېتىلدۈرۈپ مېڭىڭ. پۇلنى قارا - قويۇق يامان دېمەڭ. مىسال ئالسام، پىچاق دوختۇرنىڭ قولىغا چۈشسە، ئادەم قۇتۇلدۇرىدۇ. قاتىلنىڭ قولىغا چۈشسە ئادەم ئۆلتۈرىدۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 23:30:56

«سېتنا خانمنىڭ پەرزەنىت تەربىيسى»،«كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنىت تەربىيسى»دىگەن كىتابنى ئوقۇپمۇ جەۋلاننىڭ مۇنۇ گەپلىرىدەك ياخشى بىلملەرگىمۇ ئىرشەلمىگەن...
ياختۇرساڭلار ئۇلاپ قوياي...
17. كۈندە كەچتە بالىلار ئۇخلايدىغان چاغدا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكىلىرى ۋە بالىلار قوشاقلىرى ئېيتىپ بېرىش
مەسلەن:«سادىر پالۋان»،«چىن تۆمۈرباتۇر»،«قوڭغۇراقلىق ئۆچكە»،«ئۈچ توشقان»....بەك جىق... بۇئارقىلق بالىلارنىڭ ھېسي دۇنياسنى كېڭەيتىپ ئەڭ ياخشى تەربىيە ئىشلگىلى بولدۇ...
18. بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان گەپلەرنى قىلىڭ...
بىر كۈنى ئاچامنڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلنى ئېرىق بويدا ئوينتىۋاتاتىم.سۇدا يۈز-كۆزلىرنى يۇيىۋاتقان 9 ياشلىق ئاچىسنى كۆرۈپ مەنمۇ سۇغا كىيمە --دەپ تۇرىۋالدى..شۇنىڭ بلەن مەن ئۇكامغا ياق كىرسەڭ بولمايدۇ.سۇدا يىلان بار چىشلىۋالدۇ دىسەم،نىمە دەيدۇ-دىمەمسلەر
ئۇندا بوسسا ئاچامنى چشمەپتغۇ-دەيدۇ...ئەقلدىن سۆيۈنۈپ قالدىم

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 04:18:34

كەلگۈسىدە، اللە نىسىپ قىلىپ، بالىمىز بولغاندا ئە سقېتىپ قالغۇدەك.رەھمەت!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 08:17:27

مۇشۇنداق پاراڭلاردىن ئەجەپ ھوزۇر ھېس قىلىمەن دېسە !   ئوقۇش پۈتسە ، مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلەم بولسا ....

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 10:25:01

19 - ماددا : بالىڭىزنى قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئايالىڭىزنى (ياكى ئىرىڭىزنى) ئەيىپلىمەڭ ، ياكى چۈشۈرمەڭ .

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 11:43:02

karhana:

15 - ماددا: بالىغا كىچىكىدىن توغرا ئېتىقاد قارىشىنى سىڭدۈرۈپ مېڭىڭ. بالىڭىز ۋىجدانلىق ئادەم بولسۇن. چۈنكى، «ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، لېكىن ۋىجدانسىز ئادەم ھەممىنى يەيدۇ» دېگەندەك، ئېتىقادسىز، ۋىجدانسىز ئادەمنىڭ قولىدىن ھەرنە ئىپلاسلىقلار كېلىدۇ.

16 - ماددا: بالىڭىزدا توغرا بولغان ئىقتىسادىي ئاڭ يېتىلدۈرۈپ مېڭىڭ. پۇلنى قارا - قويۇق يامان دېمەڭ. مىسال ئالسام، پىچاق دوختۇرنىڭ قولىغا چۈشسە، ئادەم قۇتۇلدۇرىدۇ. قاتىلنىڭ قولىغا چۈشسە ئادەم ئۆلتۈرىدۇ.

ھەي ئادۇشۇي باللار تەربىيسگە مېنى زورلاپ ئارلاشتۇرمىسڭىزچۇ؟

ئۇنۇمىچۇ؟ ئۇنۇمىنىمۇ يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، كېرەك ، لازىم ،دىگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم، مەن ئۇنۇمىگە بەكرەك قىزىقىمەن،

astana512 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 12:05:14

مىنىڭچە 11ىنجى،15ىنجىللىرى ياخشى قوشۇلۇپتۇ.

بىزلەردە بالىلارغا بولغان ئائىلە تەربىيسى تازا مۇكەمممەل ئەمەس،خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەرجىمالىدا ئاپىسى ئۇنىڭ تۇنجى ئوقۇتقىچىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان،مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،ئائىلە تەربىيسى جۇملىدىن ئانىنىڭ تەربىيسى بالا ئۇچۇن بەك مۇھىم دەپ قارايمەن..

15ىنجى ماددىدا ئىتقاد تىلغا ئېلىنغان،ئىتقاد ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇشىنىڭ ئاساسى.....  

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 12:37:28

20-ماددا.بالىڭىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە قويىۋېتىڭ.(ئەلۋەتتە يامان ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا).مەكتەپ،دەرىسلەر بالىڭىزنىڭ قىزىقىشى بولسۇن،ھەرگىز مەجبۇرىيەت بولۇپ قالمىسۇن.زورىغا ئۈگەنگەن نەرسىدىن ئۈنۈم يارىتالمايدۇ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 13:53:32

ئەڭ ئاخىرقى ماددا . جەۋلان سىز مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىڭ ياكى بىزنىڭ ئۆيگە كىلىڭ . بۇ چاخچاق ئەمەس .
بەت: [1] 2
: (جەۋلان) مەن يەكۈنلەپ چىققان 10 ماددا ، مەن دادا دىگۈچىل