ئۇقۇم پەرقى
مەن بۇرۇن ئوقۇغان ئەسەر ئىدى، ئېسىمدە قالغىنىنى يوللىدىم.
بىر جۇڭگولۇق مۇخبىر پۇل تېپىش ۋە باشقىلارنىڭ قارىشى توغرىسىدا جەمئىيەت تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىپ بىر كىشىدىن :
- مەن ئاڭلىسام، سىزنىڭ قوشنىڭىز توم يېقىندىن بۇيان بەك پۇل تېپىپ كېتىپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ - دەپ سوراپتۇ، ئۇ كىشى:
- نىمە؟ بۇ سەل مۇجىمەل سوئال بولۇپ قالدى قايتا دەپ بېقىڭ - دەپتۇ، مۇخبىر باياتىنقى سوئالىنى تەكرارلاپتۇ، ئۇ كىشى:
- ئۇنىڭ پۇل تاپقانلىقى مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى بار؟ نىمە كارىم! - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مۇخبىر ياپونىيەگە بېرىپ بىرسىدىن:
- قوشنىڭىز يىتەيلاڭ يېقىندىن بەك باي بولۇپ كېتىپتۇ! سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى:
- ئۇ بەك تىرىشچان، مەنمۇ شۇنىڭدەك پۇل تېپىش ئۈچۈن تىرىشىمەن! - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مۇخبىر ئەڭ ئاخىرى گۇاڭجۇغا كېلىپ بىر دېھقاندىن:
- سىزنىڭ ئاۋۇ لاۋۋاڭ دېگەن قوشنىڭىز سىزگە ئوخشاش دېھقان تۇرۇپ 3 قەۋەتلىك ئۆي سەپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇ دېھقان:
- بولسا مەن مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە قىڭراق بىلەن ئۇنى ئىككى پارە قىلىۋەتسەم! - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئۇ مۇخپىر شىنجاڭغا كىلىپ مەمەتتىن سوراپتۇ :
سىزنىڭ قوشنىڭىزئەمەت يىقىندىن بۇيان بەك كۆپ پۇل تېپىپتۇ سىز قانداق قارايسىز؟
- سىزگە دىسەم ئۇنىڭ پۇلى ھالال يەردىن كەلگەن ئەمەس قويمىچى نېمە ئۇ، ئالدامچىلىق بىلەن تاپمىسا باي بولامتى ئۇ، قانچىلىك ئادەملىكى بىزگە ئايان . دەپتۇ
پاھ.. پاھ..ئۈرۈمچىگە كەپ سوراپتۇ .
-يىنىڭڭىزدىكى بالاڭزا چ چ ماشندىن بىرنى ئاپتۇ ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟-
-ئوخخو ھەييييييييييييي . ئەتىلا چىقىىپ خوندادىن بىرنى ئالمىسام خەپ !!!
قەشقەرگە كېلىپ مەندىن سورىدى:
- خوشنىڭىز يېڭى ئولتۇراق رايۇنىدىن داچا سېتىۋاپتۇ، قانداق قارايسىز؟
- شۇنىڭغا قايلىغاندا داچا دېگەنمۇ تايىنلىق نېمە ئوخشىمامدا؟
بىزنىڭ ئادەملەردىن سوراپتىكەن: - خۇدايىم شۇ بىرمىلەرنى بىزگمۇ بېرۇرمۇ..
ئۇ مۇخبىر قۇمۇلغا كېلىپ ئېتىزدا ، قوغۇن ئۈزىۋاتقان ئەمەتتىن سوراپتۇ . سېنىڭ خوشناڭ سەمەت تۇيۇقسىزلا بېيىپ كەتتى . سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن . ئۇ پۇل تاققان بىلەن تېگى تەكتىنىڭ تايىنى يوق . بىز بولساق بەگ جەمەت قۇمۇلدىكى تۆتنىڭ بىرى دەپتۇ