atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 15:04:37

دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى

دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئابدۇقادىر جالالدىن

ئىنسانلارنىڭ پەرۋازى زېىمن،ھاۋا ۋە سۇلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسماننىڭ يىراق بۇرجىكىدىكى يۇلتۇزلار...سۈنئي ھەمراھلار يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىرنى چارلاپ،يەر يۈزىنڭ ئەلپازىنى نىشانلىدى.

ئەسۋابلار شۇ قەدەر نازۇك،يۈرەكنىڭ ئەنسز سوقۇشلىرى،ئىچ-باغرىمىزدىكى ئاينىشلار،قان-تىپلىرىمز،گېن تۈزۈلشمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا،ھەربىر بوسۇغا،ھەربىر دوقمۇش ئارخپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ،بارغانسىرى كارتىلارغا ئايلاندىم.كارتىلار مېنى توشۇماقتا.

تېلفۇن...تېلفۇنلاردا پارغا ئايلاندىم،كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە لېكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.

يالغۇزلۇق،ھېچكمىگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمگە قېپقالدى.

مەنپەئەت مۇرەسسەلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر-بىرىگە يېقنلاشتۇرۇدى.يەتتە ئىقلمىدىن كەلگەن بىر توپ ئادەم بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشتى،ئاندىن پاي چېكى،مۇھىت كىرزىسى،تېرورىزىم ھەققىدە گەپ قىلشتى،

دەل شۇ ۋاقتتا،ئوقۇش يېشدىكى گېزىتچى باللار تېرورىزىمنى باش ماقالە قىلغان گېزىتنى توۋلاپ سېتۋاتاتتى.

دەل شۇ كۈنى بىر مايلامچى بالا قۇياشنى دوقمۇشتا كۈتۈۋىلېىپ،يەنە شۇ دوقمۇشتا ئۇزىتىپ قويدى.ئۇنڭ كۆرۈپ يىتەلگىنى ئاياغلاردىن ئىبارەت ئىدى.ئۇ،چەملەرنىڭ ئاستدىكى يوللارنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدى.

كىتاپ كۆتۈرۈپ رەستىدە كېتۋاتقاندىم،رەستە بويدىكى بىر تىلەمچى يېندىكى بىر تىلەمچىگە مېنى كۆرستپ تۇرۇپ بىر نېملەرنى دېدى،ئۇلار كىر چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلدى،مەن ئۇلارغا ھومايدىم.

-كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،باج ئالمىغاندىكىن كۈلۈۋەردۇق،

مەن نېمە دېيشىمنى بىلەلمەي ئۇلارغا قاراپلا قالدىم.

-بىزئەرزىمەس ئادەملەر،-دېدى ئۇلارنىڭ بىرى،-ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ ئاليجانابلار ئۈستىدىن كۈلۈش ھوقۇقى بولار!؟

-ئەمسە نېمگە كۈلدۈڭلار؟

-كىتابمۇ كۆپىيىپ كەتتى،بىزمۇ كۆپىيىپ كەتتۇق،سىز بۇنى كىتاب ئارقىلىق داۋالىيالامسىز؟

مەن يەنىلا نېمە دىيشمنى بىلەلمدىم.

-كىتاب ئالغان پۇلغا بىزدەك تىلەمچىدىن نەچچنى قۇتۇلدۇرغىلى بولار؟-دېدى يەنە بىرى.

ئۇلار تىلەمچى بولغاچقا مۇتەپەككۈر بولغانمۇ ياكى مۇتەپەككۈر بولغاچقا تىلەمچى بولغانمۇ،بۇنى ئايرىيالمدىم،دەماللىققا گاڭگىراپلا قالدىم،قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى ئۇلارغا يېقنلاشتۇرۇدى،

-يۇرتىمىزىن ئېقىپ چىقتۇق،تىلەمچىلىك قىلىپ تەقدىرنىڭ چاقچقىغا چاقچاق قايتۇرۋاتىمز،-دېدى يەنە بىر تىلەمچى.

-ھار ئېلۋاتقانسىلەر،ھەقچان؟-سوردىم مەن،

-ھار ئېلىپ قانداق قىلاتتۇق،ھازىر كىم بلەن كىمنڭ ئىشى!

-ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرىدۇ دېگەن گەپ بار،-دېدىم مەن.

-نومۇس!؟-دېدى بىراقلا ئىككى تىلەمچى،-بىز نومۇس دېگەن گەپنىڭ نېملكىنى ئاللبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتۇق،بېزنىڭ نۇمۇسىمز يۇرتىمىزدىن ئايرىلغاندىلا ئۆلگەن.

ئەندىكىپ كەتتىم،نۇمۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسدىكى خىتابنامىنى تار رەستدىكى مۇنۇ تىلەمچىلەردىن ئاڭلاپ قېلشنى خىيالمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن.

بۇ مەن ئاڭلىغان ئاچچىق،ئەمما دىلكەش بىر پاراڭ بولدى،ھەشەمەتلىك داستىخانلار سىپايە گەپلەر،ئەدەپ،تەكەللۈپ،تەۋاززۇ بلەن توشۇپ كېتىپ،نەق گەپلەرنى تاپقلى بولماس بوپكەتتى،شېرىن تائام،شېرىن كالاملاردا نە كۆڭۈلنىڭ رىزاسى،نە قىسمەتنىڭ داۋاسى،نە ئازادىلىك ھاۋاسى!!!

كىرزىسلىك خىياللارغا پېتىپ يۈرگىنمگە ئۇزاق بوپكەتكەندى،سائەت-سائەت ئولتۇرۇشلاردا قەلىب دېگەن نېمە يوق،پەقەتلا تەخسىدە ئىسكىلتى كۆرۈنۈپ قالغان بېلىق،تەبەسسۈملاردا مېھر يوق ،پەقەتلا ئۇ بىر ئادەت.سەممىي قەلىب ئىزدىگەنلەر كور، ئۇلار سېنىڭ سەممىي قەلبىڭنى دەسسەپ ئۆتۈپ ھارامدىن لوقما ئىزدىشدۇ،كۆز يېشىغا باي ئاياللار ھەرگىزمۇ ئالدىدكى دەرەخنىڭ سايسنى كۆزلىمەيدۇ،ئۇلارنىڭ بىقارار كۆزلىرى يىراق-يىراقلارغا تەلمۈرۈپ جۇلاسىدىن كېتىدۇ.سۆلەتىلك يىگىتلەرنىڭ لەۋزىدە سالماق يوق،باتۇرلارنىڭ ئەرۋاھى يىراقلارغا كۆچمەكتە.

ئېرشىش قىين،ئېرشىلگەننىڭ قىممتى يوق،زامان مۇئەككەللىرى چېكتى يوق تارازىلارنى كۆتۈرۈپ بازار ئارلاپ يۈرشىدۇ،جانانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈلكىسى سېنىڭ ئەتكى ئوغاڭ،مۇھەببەت خەتەرلىك ئويۇن...شائىرلىقمغا سوئال قويۇۋىدىم،ئۇ سۆزلەرنى سەپكە تىزدى؛

شۇنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق،

باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى،

ھېچكىم لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق،

پاراڭ پاراڭغا ئوخشىماي قالدى،

تەمە ئوت ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە،

سالام سالامغا ئوخشىماي قالدى،

ئۆزگىرىپ تۇردى يارنىڭ قارارى،

جانان جانانغا ئوخشىماي قالدى،

مېھرابتىن چايان چىققىنى قىزىق،

پالان پالانغا ئوخشىماي قالدى،

دەلدۈش تۇرۇپمۇ بېرەر پەتىۋار،

ساراڭ ساراڭغا ئوخشماي قالدى،

ئېشڭنى يەپمۇ بېشڭنى يەيدۇ،

بالاڭ بالاڭغا ئوخشماي قالدى.

ئاخىرىنى «شىنجاڭ مەدەنيتى» 2008-يىللىق 6-ساندىن كۆرۈۋالغايسلەر...

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 17:07:53

...نۇمۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى توغۇرىسىدىكى خىتابنامىنى  مۇنو تار رەستىدىكى تېلەمچىلەردىن ئاڭلاپ قېلىشىمنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن...

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 17:13:30

ئاۋۇ تىلەمچىلەر بىلەن بولغان سۆھبەت راسىت بولغانمىدۇ ياكى غايىۋى سۆھبەتمىدۇ ؟

1. ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيمەن دەپ بەزى دىئالوگلارنى ئۆزى زورمۇزور قوشۇۋېلىش ئاللىقاچان زاماندىن قالدى ، ھازىر ئۇنداق گەپلەرگە ئالدىراپ تەسىرلىنىپ كەتمەيمىز ...

2. مەيلى راسىتلا نومۇسىنى يوقىتىپ قويغان كىشى بولسىمۇ سىز نومۇستىن تىل ئاچسىڭىز ئۇ سىزدىنمۇ بەكرەك سەكرىشى ، سىزدىنمۇ كۆپ دەلىللەر بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشىنى قوغدىشى مۇمكىنكى  ناھايىتى ئالاھىدە ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا \" مەن نومۇسۇمنى يوقاتقان \" دەپلا ھېجىيىپ ئولتۇرمايدۇ . تاسادىپىي شۇ گەپنى دىگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ شۇ گەپنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ كىشى باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ نومۇسسۇزلىقىنى دەللىلەپ ئۇزۇن ۋەز ئېيىتسا قىلچە ھەيران قىلماسلىق كىرەك .  چۈنكى ئىنسان روھى مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن ئۆزىنى قوغداشنى ، ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى راستقا چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ...

ماقالە يېزىش ئۇسلۇبىمىزنى ئۆزگەرتىپ باقساق بولاتتى . مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ مۇشۇ ئۇسلۇپتا ، كىچىك بالىنى ئالدىغاندەك ...

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 18:35:10

بۇندىن كېيىن ئىستىقبالى بار ئەخلاق.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 19:01:27

ئىزدەنگۈچى يىگىتتەك گەپ قىلىپتۇ جۇمۇ ...    نىمە كەسىپتە ئوقۇۋاتىسىز ھوي ...

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 19:07:09

ئا رەسىم ئارتۇق بوپ قالدىمىكىن...

atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 19:35:56

ئا رەسمىنى ئۆچۈرۋەتتىم...

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 21:39:36

فىزىكىدا   

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-12 09:14:20

ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئىشەنمىگۈدەك ياشلىرىمىزمۇ باركەندە..

totem يوللانغان ۋاقتى 2009-1-12 11:54:46

ئىزدىنىش مۇنبىرىدە  ئىجدىمائىي تېمىدا ماقالە يازدىغان ئۇيغۇر زىيالىلېرىنى كۆرسىتىپ بېقىش پائالىيىتى ئىلىپ باردىغان يەرگە كەلگەندەك قىلىدۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-12 13:09:22

مېنڭچە مەخسەتنى بايان قىلىشتا ئابدۇقادىر ئاكا يەنمۇ ئىلگىرلىگەندەك .بۇ يازمىدا ئەڭ يارىغان يېرى...تىلەمچى بلەن قىلىشقان دىئالوگى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكنىڭ قەلمى بارغانسىرى كىنايە، تەنە، ئاچچىق تىل  بىلەن قاپلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ..

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-13 05:20:57

مەنمۇ شۇنداق ئويلۇدۇم...

بەت: [1]
: دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى