atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 10:43:11

قىز-ئاياللارنى مۇنداق ئاتايمىز

قىز-ئاياللارنىڭ دەۋىرلىك بويچە ئاتىلشى

بۇ تىمىنى ئەسلىدە ئۇيغۇر بالىقنىڭ «كىم بىلدۇ»سەھپىسگە ياردەم سوراپ يازغان تىمسغا ئىنكاس سۈپتىدە يازاي دەپ ئويلغان، بىراق كۆپچىللكمۇ بىلشكە تىگىشلىك دەپ ئورتاقلىشش مەقسدىدە ئايرىم تىما قىلىپ يوللىدۇم...
ئۇيغۇر بالىقنىڭ تىما ئادىرىسىhttp://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=34590

1. قىز----توي قىلمغانلار
2. چوكان -         تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئاتىلدۇ.
1) بالا چوكان---- يېشى كىچىك تۇرۇپ ياتلىق بولغانلار
2) چالا چوكان--- ئاجىرشىپ كەتكەنلەر
3) چوكان---باللىق بولمىغانلار
3. جۇۋان-- توي قىلىپ بالا يۈزى كۆرگەنلەر
4. جۇۋانقالتاڭ(كاداڭ)-بىرنەچچە بالىغا ئانا بولغانلار
5.موماي،كەمپىر-- ياشنىپ قالغانلار

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 13:44:32

چوكان سېكىلەكچۇ؟

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 13:53:55

ما < جۇۋانقالتاڭ > نەنىڭ دېئالىكتېكىسىدۇ ؟

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 15:28:33

قاتۇن.

hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 16:00:53

مانداق ئاتسا چىرايلىق ئاڭلىنامدۇ نىمە،،،

totem يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 17:24:36

ئەركەكلەرنىچۇ؟

~arif~ يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 18:01:36

قىزلارنىڭ  چاچ قۇيۇش  ئەھۋالىغا  قاراپمۇ  ،قىزلارنىڭ ئاتىلىشى  بۇلىدىغان .  ھازىرغۇ   پەرىق قىلماق تەس.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-12 09:21:49

ئەركەكلەرنىچۇ؟

--

ئۇغۇل، يىگىت، ئەر

5tash يوللانغان ۋاقتى 2009-1-12 19:02:12

ىانا ،اپا ،قىزىم ،اچام دىسەكمۇ بولامدۇ

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-1-13 19:11:17

قىز ____ئۇيغۇرلار ئادەتتە توي قىلمىغان قىزلارنى بۇنداق دەپ ئاتايدۇ .بۇنى ھەممىڭلار بىلىشىڭلا مومكىن .

جۇۋان ___توي قىلىپ بولغان ھەمدە بالىلىق بولغان ئاياللار بولۇپ، رايۇنىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا ھازىرمۇ بالىلىق بولغان ئاياللار ئۈچۈن چوكان توي(بەزى جايلاردا چاچۋاق توي دەپ ئاتىلىدىكەن )قىلىىدىغان ئادەت ساقلانغان  ،بۇ توي شۇ ئايالنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ قىلىنىدىكەن .بۇتويدا شۇ ئايالنىڭ ئېرى ئايال ئۈچۈن كىيىم -كىچەك ،زىننەت بويۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىكەن ،شۇ تويدىن كىيىن ئۇ ئايالنىڭ چاچ شەكلى ئۆزگىرەيدىكەن .يەنى ئەسلىدىكى قىز ،چوكانلارنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى بولغان ماڭلاي چاچنى كەينىگە تارايدىكەن .

چوكان ___توي قىىلغان ،ئەمما تېخى بالىلىق بولمىغان ئاياللارنى ئاتاش ئۇسۇلى


قەدىمدەئەجداتلىرىمىز  ،قىز _ئاياللانىڭ چاچ شەكلنى قىز ،چوكان ،جۇۋانلارنى پەرىقلەندۈرىدىغان بەلگە قىلىنغان .قىز لار ،چوكانلار ماڭلاي (پىشانە )چېچىنى ئالدىغا ،جۇۋانلار كەينىگە تا رايدىغان ئادەت بار ئىكەن .

ئىزاھات :جۇۋان ئەسلى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا بالىلىق بولغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدىكەن ،مەھمۇد كاشغەرىنىڭ <<تۈركى تىللار دىۋانى>>دا بو توغرۇلۇق ئىزاھات بىرىلگەن ئىكەن .

مەنمۇ ئالدىنقى كۈنى ئوقۇتقۇچىمدىن سورىسام شۇنداق دېدې !   

ئاتللا غىمۇ رەھمەت !  ئىشقىلىپ بۇنداق ياخشى ئادەتلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتمىسىلا بولاتتى !!!

atella يوللانغان ۋاقتى 2009-1-13 20:06:26

ئۇيغۇر بالىق قايتا بىر تەھېرىرلىۋەتكەن بولسىڭز...
بەت: [1]
: قىز-ئاياللارنى مۇنداق ئاتايمىز