چېقىڭلار (wapadarim )
ئۆتۈپ كەتكەن پىخسىق دەپ پۇلى بارنى چېقىڭلار .
خوشامەتچى، ئىپلاس دەپ ، يولى بارنى چېقڭلار .
غەيۋەتلەرگە كۆمۈلدى يول ئىزلىگەن كارۋانلار ،
ئاشالمىسۇن مەنزىل دەپ قولى بارنى چېقىڭلار .
سۆڭەك ئۈچۈن ئۆز ئارا قان بولۇشقان ئىت كەبى ،
مەنپەئەت ئۈچۈن قېرىنداش،سۆيگەن يارنى چېقىڭلار .
"دىباۋ "يېسە بىر ئۇيغۇر ياتالمىدۇق غاجىماي ،
بىكار يېدى يېتىپ دەپ نانغا زارنى چېقىڭلار .
غەيۋەت بىلەن سېسىتتۇق ،يامغۇر، مۆلدۈر ،ئۈششۈكنى ،
دەريالارغا قان بەرگەن ئاپئاق قارنى چېقىڭلار .
شان شەرەپلەر قۇچقانغا ئىلھام بەرمەي يىغلاتتۇق .
ئالىم ،دوكتور ،ھۆنەرۋەن ،سەنئەتكارنى چېقىڭلار .
يازغانلىرىم ياقمىسا ،تۈك ئۈندۈرۈپ تۇخۇمدىن ،
يوق قىلغىلى دۇنيادىن ۋاپادارنى چېقىڭلار .
ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەھرى بورتالادا يېزىلدى ..
ئاز سانلىقلارنىڭ كۆپ سانلىقلار بىلەن بىرگە ياشىغاندا ئۇيۇشقاق بولغىنى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئىدى. ئەمما، ھازىر ئاز سانلىقلارنىڭ چېقىشقاق بولۇپ كېتىپ بارغىنى چاتاق بولدى. باشقىلار شەرەپ قۇچسا، يول تاپسا، پۇل تاپسا گەپ يوق ، ئۆز قېرىنداشلىرى سەللىمازا باش كۆتۈرۈپ قالسا، چوغقا ئولتۇرۋالغاندەك جايىدا تۇرالمىغان ... مەن تېخى ئەينەك چاقىدىغان ئوخشايمىز دەپ يۈگرەپ كىرىپتىمەن !!تىلى ئىنتايىن جانلىق ئۆتكۈر يىزىلىپتۇ ...بارىكاللا ....!!!!!!!؟
يۇكسەلنىڭ دىگىنى توغرا دىمىسىمۇ تاس قالىمىز زادى ....بەزىلىرىمىز ..
...ئىزدىنىشمۇ ئۇنداق كىشىلەردىن با زادى ئاز تولا ؟؟؟؟؟؟
ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان گەپ ئىكەن ئەسلىدە . ياخشى ئەسەر بوپتۇ .تىخى تۈنۈگۈن كۆرۈشكەندە يىزىشتىن توختاپ قالغاندەك پاراڭ قىلۋاتقانىدىڭ..... ئىچىڭدىكى ئوت دەم ئالغازماپتۇ.دە...
ھارما بۇرادەر .....
يۈكسەلباينىڭ دېگىنى ھەقىقەتەنمۇ توغرا ،
مەن بۇرۇن \"بىز بەئەينى ئىتقا ئوخشايمىز \"دەپ بىر شئېر يازسام بىرسى قىسقا ئۇچۇردا سەن ئىت دەپ تىللاپ كەتكەن ئىدى .....
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، مەن تېخى\" چېقىڭلار\" دىگەن تېمىنى كۆرۈپ نېمىنى چاقىدىغان بولغىدۇق دەپ ھاپىلا-شاپىلا كىرىپتىمەن دىسە.
ئۆمەرجان ئالىم ئوقۇغان بىر ناخشا ئېسىمگە كەپ قالدى.
داغدام يولغا پاتمايمىز،
تار كوچىدا قاترايمىز.
قىلتاق قۇرۇپ ئۆز ئارا،
يىقىتماقنى ئويلايمىز ..