شۇنداق پۇرسەتلەر يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەندە ...
ئەگەر سىز 70- يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ) مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ ( مەلۇم بىر بۇرجىكىدە توغۇلغان بولسىڭىز ، دېمەك سىزنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان پۈتكۈل ھاياتىڭىز باي بولۇشنىڭ ساناقسىز پۇرسەتلىرى ئىچىدە ئۆتكەن بولىدۇ . بىراق ، سىزنىڭ بۇ دەۋرىڭىز ئۆسۈپ يېتىلىش ، ئەقىل تېپىش جەريانىلا بولغاچقا ، ئەمدىلەتىن تېخى ئۆي - ئوچاقلىق بولۇش ، شەخسىي ئۆي سېتىۋېلىش ... دېگەندەكلەرنىڭ ھالەكچىلىكىدە يانچۇقىڭىزدىكى بىرنى ئىككى قىلالماي ئالدىراش يۈرىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ ، ئىنكار قىلالمايسىزكى ، يېنىڭىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئاشۇ پۇرسەتلەرنى تۇتىۋېلىپ " بىر كېچىدە باي بولۇش " چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغان . ئۇنداقتا بۇ پۇرسەتلەر قانداق پۇرسەتلەر ئىدى ؟ كىملەر بۇ پۇرسەتلەرنى تۇتىۋالغان ؟ قېنى ، قاراپ باقايلى :
1. 70- يىللارنىڭ ئاخىرى 80- يىللارنىڭ بېشى :" قاراڭغۇ بازار ئەتكەسچىلىكى" ، يەككە تىجارەتچىلەر، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بولۇپ ، گازىرچىلاردىن باشلانغان بۇ توپ ئەڭ ئاۋال يەككە تىجارەت يولىغا قاراپ ماڭغان . ) بۇ پۇرسەت ئەينى ۋاقتتا سىياسى جەھەتتىن تەۋەككۈلچىلىك ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا ، بۇ خىل كىشىلەر كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما دەل مۇشۇ كىشىلەر بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى بايلىق - شەخس بەختىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى ، دېگەن قاراشنىڭ تۇرغۇزىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ( . بۇنداق پۇرسەتكە سىز يۇلۇقالامسىز ؟
2. 85- يىلىدىن باشلىنىپ 80 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە : يېزا- بازار ئىگىلىكى دەۋرى، يېزا- بازار كارخانىچىلىرى ، كەنت ياكى كوپراتىپلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ، ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائى تەشكىلات ) كەنت (لاردىكى ئابرۇيى ياكى ئورنى ) كەنت باشلىقلىرى ، سېكرىتارلىرى ( دىن پايدىلىنىپ ، مەبلەغ توپلاپ زاۋوت قۇرغانلار . ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانىغانلار يوق دېيەرلىك بولىشى مۇمكىن . شەرقىي جەنۇب ، دېڭىز بويى رايونلىرىدا جەنۇبى جياڭسۇ ئەندىزىسىنى تىپ قىلغانلار بەكمۇ كۆپتۇر . ھازىرغىچە مەشھۇر بولغان خۇاشى كەنتى بۇلارنىڭ ئۈلگىسى .
3. پايچەك سېتىۋېلىش گۇۋاھنامىسى - سىز بۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كېچىلەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ باققانمۇ ؟ قانچىلىك سېتىۋالالىغان ؟ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن چىققان دېلۇڭ گوروھىنىڭ تاڭ فامىلىلك ئاكا - ئۇكىلار بۇنىڭ مىسالى . ئۇلار ئىپتىدائى جۇغلانمىغا مۇشۇ يول ئارقىلىق ئېرىشكەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق .
4. 90 - يىلىدىن 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە : قوش لىنيەلىك مال باھا سىياسىتى دەۋرى . توۋارلارنىڭ دۆلەت تاختا باھاسى بىلەن بازار باھاسىنىڭ تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشى بۇ دەۋردە ھوقۇقى بار ، مۇناسىۋىتى بار ، تەقسىمات نورمىسىغا ئىگە كىشىلەرنى نۇرغۇن بايلىق پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن . سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى بۇنداق كىشىلەر مىنىڭ بىلىدىغىنىمدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن .
5. 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى : قەرەللىك مال سودىسى . بۇ جۇڭگودا قەرەللىك مال سودىسىنىڭ باشلىنىش دەۋرى بولۇپ ، قالايمىقان بۇ بازار غايەت زور كاپىتالنىڭ ئوۋىسىغا ئايلانغان . بۇ سودىدىن نەپكە ئېرىشكەن 20 نەچچە ياشلىق " بالىلار " نىڭ ھە دېگەندە نەچچە يۈز مىليۇننى ئۆيىگە دۆۋىلەپ قويۇپ يۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېكايىلەر ئىچكىرىدە ھازىرغىچە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە . ئەمما ، شۇ جەڭ مېۋىلىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ پۇلدار بولۇپ يۆرەلىگەنلەر بەكمۇ ، بەكمۇ ئازمىش .
6. 90 - يىللارنىڭ كىيىنكى مەزگىلى : دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ چىكىنىپ خۇسۇسى ئىگىلىكنىڭ ئورۇن ئېلىشى . بۇ دەۋردە غايەت زور دۆلەت سەرمايىسى نەقلەشتۈرۈپ سېتىلىشقا باشلىغان . سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ روسىيە شوكلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر كېچىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشنى جۇڭگو 1997- يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئورۇنلاپ بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان يوللار بىلەن بۇ ئەرزان ئېلىم - سېتىم پۇرسىتىنى تۇتىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزىۋالدى . ئۈرۈمچىدە گۇاڭخۇي گوروھىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئاز - تولا چۈشىنىدىغانلار بۇنداق پۇرسەتنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ . ئەتراپىمىزدا ئىلگىرى بىزگە خېلى تۇنۇش بولغان ، ھەتتا ئاتا - ئانىلىرىمىز قان تەرىنى سىڭدۈرگەن كارخانىلارنىڭ توساتتىن بىر كۈنى ئاللىقانداق بىر كىشىلەرنىڭ نامى ئاستىغا يېزىلىپ قالغانلىقىدەك ئىشلارنى كۆرگەن بولىشىمىز مۇمكىن . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قېتىملىق پۇرسەت ياراتقان نەتىجىدۇر .
7. 90 -يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى : پايچەك بازىرى 519 نى باشلىنىش قىلىپ زور كۆلەمدە ئۆستى . بۇ جەريانغا سىزمۇ قاتناشتىڭىزمۇ ؟
8. 90 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2002 - يىلغىچە : ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ يېتىپ كىلىشى . سىز بىرەر ئىنتېرنېت شىركىتىگە مەبلەغ سالغانمۇ ؟ مۇشۇنداق شىركەتتىن بىرەرنى قۇرغانمۇسىز ؟ شۇنداقراق بىر مەبلەغ توپلاش پىلانىنى كۆتۈرۈپ " تەۋەككۇل مەبلىغى " ئىزدەپ باقتىڭىزمۇ ؟
9. 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2007-يىلىغىچە : تۇرالغۇ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى . سىز ئۆي ئالدىڭىزمۇ ؟ نەچچە يۈرۈش ئالدىڭىز ؟ مەخسۇس تۇرالغۇ ئۆي سودىسى قىلىدىغان گۇرۇپپىلار ئىچىدە ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە ئۇچتىڭىزمۇ ؟ ياكى " ئۆيلىنەيمۇ ، ئۆي ئالايمۇ يا ئۆلىۋالايمۇ " دەپ دىلىغۇللۇقتا يۈردىڭىزمۇ ؟
10. 2000 -يىلدىن 2005 -يىلغىچە : جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى . سىز مۇشۇ كەسىپتىمىدىڭىز ؟ مال يۆتكەش ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شوغۇللىنامسىز ؟ توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللانغانمۇ ؟ دېققەت قىلىڭ ، شىمالىمىزدا بىر دۆلەت WTO غەۋغاسى قىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن قانداق پۇرسەتلەرنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن ؟
11. 2003 - يىلدىن 2007 -يىلغىچە : سىز ئوبوروتقا قاتناشمايدىغان پايچىكىگە مەبلەغ سالدىڭىزمۇ ؟ ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئوروتقا پۈتۈنلەي قاتنىشالايدىغانلىقىنى ، نەچچە ھەسسە ، نەچچە ئون ھەسسە پايدا ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىدىڭىز ؟
12 . 2004 - يىلدىن 2008 - يىلغىچە : سىز كان ئاچتىڭىزمۇ ؟ بىرەر كاننىڭ خوجايىنى بولۇشنى خالىمامسىز ؟ قانداق كان بولسا بولىۋېرىدۇ . مۇشۇ دەۋردە يۇرتىڭىزنىڭ تاغ - ئىدىرلىرىدا كانچىلارنىڭ نىمىشقىدۇر كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىمىدىڭىزمۇ ؟ كەلگۈسى نەچچە يىلدا توۋار بازىرىنىڭ گۈللەنگەن باسقۇچى قول پولاڭشىتماقتا . قولىڭىزدا ماللا بولسا ، باي بولالماسلىقىڭىزدىن غەم قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي ھاجىتى يوق .
13. 2007 -يىلى : پايچەك بازىرىدىكى تۇرۇسقا ئۈسىۋالغان كالا . بۇ جەريانغا مەن قاتنىشالمىدىم ، ئۇ كالىنى مەن كۆرمىدىم ،دېسىڭىز بولمايدۇ . ئەگەر 2007 -يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ياكى 2008 -يىلى باھاردا بۇ بازارغا كىرگەنتىم ، دېسىڭىز ، .ئۇ ھالدا ...
30يىلچە ۋاقت ، 13 قېتىملىق بايلىق پۇرسىتى ) بەلكىم بىز كۆرۈپ يەتمىگەن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر مەيدانغا كەلگەن بولغىيدى . بەلكىم ، يوقىرىدا دىيىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنى بەزىلەر ھېسابقا ئالماسلىقىمۇ مۇمكىن ( ، سىز بىلىدىغان زەردارلارغا قاراپ بېقىڭ ، ئەقىللىق ئادەم دېگەن نىمە ؟ ئۇلار قانداق باشلىغان ؟ قاراڭ ئاۋۇ پۇرسەتلەرگە ، يەنە ئۆزىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭچۇ ؟ ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق پۇرسەتلەر مەيدانغا كىلىپ قالسا ، سىزگە ، ماڭا ، شۇنداقلا بىزگە ئوخشاش تۇغۇلىشىمىزدىنلا ئاددى تۇغۇلغان بەندىلەرگە قانچىلىكى مەنسۇپ بولۇپ قالار...
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك يازما بوپتۇ. باشقىسىنى دىمەيلى، يېقىندىكى پاي بىلەن ئۆي سودا پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالغانغا-زە ... پىشمىغان بازار ئىگىلىكىدىكى قىسقا ۋاقىتتا بېيىيدىغان ياخشى پۇرسەتلەر ئىدى.
سۇلىياۋ يوپۇق،ئوغۇت سودىسى قىلغانلارمۇ ياخشى بېيىدى. ئۇيغۇرلاردىن دورىخانا ئاچقانلار يوق دىيەرلىككەن.ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالغانلار بەك ئاز ساندا.
پىشقان يازمىكەنغۇ بۇ.. رەسمىي ئىقتىسادشۇناس يېزىپتۇ مانى مەنمۇ ئۈگىنىپ باقاي دىگەنتىم مۇشۇ پاي چېكى دىگەن نەرسىنى...ئارىمىزدا ئىقتىسادنى مۇشۇنچىلىك چۈشىنىدىغان، چۈشەندۈرەلەيدىغانلار جىقراق بولسا ياخشىكەن...
ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر كۆپۈنچە ھالدا شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرسىڭىزمۇ ، ئۇنىڭدىكى پۇرسەتلەرنى كۆرۈپ يىتەلىشىڭىز ناتايىن . پۇرسەتنى تۇتالىشىڭىز ئۈچۈن سىز بۇ ساھەگە پىششىق بولىشىڭىز ، ھېچبولمىغاندا داۋاملىق كۆزىتىش ، تەجرىبە يەكۈنلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىڭىز كېرەك . بۇ خىل ئىنچىكە ھالقىلاردا دىققەت قىلغاندىن باشقا ماكرولۇق ، چوڭ جەھەتتىن تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش ، ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىك ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ تۇتىۋالالايدىغان بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم . ھېكايەت : 70 - يىللارنىڭ ئاخىرى ، 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزدىكى ۋىلايەت ، ناھىيىلەردىكى كوپراتىپ قالدۇقلىرىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىش ئېلىپ باراتتى . يىنىڭ سانائەت كوپراتىپى دېگەنلەردىن تارتىپ قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىگىچە شۇنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ ، ئۇيغۇرنىڭ قولىدا ئاياقلار تىكىلەتتى ، قۇرۇلۇشلار سېلىناتتى ،ماشىنا كالونلىرى ئۇيغۇرنىڭ قولىدا دېگۈدەكلا ئىدى . كىيىنكى بىر ئىككى قېتىملىقلا پۇرسەت تۇتۇلۇپ ، ئەنە شۇلار ھەمكارلىشىش ، ماشىنىلىشىش ، كارخانىلىشىش يولىغا ماڭالىغان بولسا ، ئىشلار باشقىچە بولۇپ كېتەرىدى ، ئەگەر بۇ كېيىنچە سوۋېتلەرنىڭ يېمىرىلىشى ، غايەت زور خەلقئارا بازارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرلەشكەن بولسا..... ئاخىرىنى ئۆزەڭلار تەسەۋۋۇر قىلىڭلار . بىراق ، پۇرسەت ئالدىدىلا تۇرغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆز قورقۇتۇپ ئارقىغا دەسسىگەنلىكىگە ، سانائەت ئىشچىلىرى ، بايلىق ياراتقۇچى بولمىش ياشلىرىمىزنىڭ كېسەك قۇيغۇچىغا ئايلانغانلىقىغا ، ئاخىرى ئۇنىڭمۇ يوق بولغانلىقىغا ، ... قاتارلىقلارغا مانا بىز مۇشۇ كىچىككىنە يېشىمىز بىلەن شاھىت بولۇپ قالدۇق . ئەلۋەتتە ، سىياسەت ، مۇھىت ئامىلى بار ، دەيمىز . بۇنى نەزەردىن ساقت قىلىشقا بولمايدۇ . ئەمما دېمەكچى ، ساپ مەنىدىكى بىر \" ئىقتىسادىي ئادەم \"گە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، پۇرسەت - مۇمكىنسىزلىك ئىچىدە بايقىلىدىغان ، يارىتىلىدىغان مۇمكىنچىلىكتۇر . ئۇ يەنە بەلگىلىك يۈرەك ، تەۋەككۈلچىلىكنىمۇ ( بۇ خىل تەۋەككۈلچىلىكنى بىز ئېچىش روھى دەپ چۈشىنىمىز )تەلەپ قىلىدۇ .
دېسەك گەپ تولا . پاراڭنىڭ ئاخىرى بېرىپ باتناشقا ، \" غەيۋەت\"كە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇ يەردە توختاي . ئىقتىساد ، بايلىق پۇرسىتى توغرىسىدىكى ئىلمى ، قايىل قىلارلىق پاراڭلار تېپىلغاندا كىيىنكى پۇرسەتلەردە قېرىنداشلار بىلەن يەنە ئورتاقلىشارمىز .
پىچاقنى قولىدا تۇتۇۋېلىپ،تاۋۇزنى تىلىپ يە دىسە قانداق تىلىپ يىگىلى بولىدۇ؟چېقىپ يىگەندە پاكىز بولمايدۇ.