2009 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 21:48:56

ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيادىكى مىللەتلەر

قىرغىزىستاندىكى تۇڭگانلار


نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان چۇي ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىسكىرا يېزىسىدا يۈز بەرگەن تۇڭگانلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش كىشىلەرنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۇڭگانلارنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇنداقتا تۇڭگانلار قىرغىزىستانغا قانداق كېلىپ قالدى دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي.

تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى تارقىلىشى

تۇڭگانلار قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك، ئوش، توقماق شەھەرلىرى ۋە چۇي ئوبلاستىغا تەۋە ئالىكساندىروپكا، سوقۇلۇق يېزىلىرى ھەمدە ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ قاراقول شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىردىق قاتارلىق يېزىلارغا تارقالغان.
قىرغىزىستاندىكى تۇڭگانلار ئاساسەن دېگۈدەك دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قىرغىزىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سودا-تىجارەتكە كىرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
تۇڭگانلار قىرغىزىستاندىن باشقا يەنە قازاقىستان ۋە ئوزبېكىستانغىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قىرغىزىستاننى بازا قىلىپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆز تىلىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە يەنى 1979-يىلى ئۇلارنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سانى 50 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قىرغىزىستاندا ھازىر تەخمىنەن 70 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان نوپۇسى ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تۇڭگانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى

تۇڭگانلار جۇڭگودا جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " خۇيزۇ" دەپ رەسمىي بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر تەرىپىدىن تۇڭگان دەپ ئاتىلىدۇ. رۇسىيىدە بۇ ئىسىم "دۇنگان" دېگەن نام بىلەن تۇنجى قېتىم 19-ئەسىردە كۆرۈلگەن، رۇس تىلىنىڭ ئادىتى بويىچە تۇڭگان دېگەن ئىسىم دۇنگان دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ، موسكۋا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئايرىم بىر مىللەت نامى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق خەلقلەر ئۇلارنى دۇنگان دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمما تۇڭگانلار ئۆزلىرىنى بولسا" لاۋ خۇئىخۇي" دەپمۇ ئاتايدىكەن.
رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇڭگانشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تۇڭگانلار ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ھازىرقى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ 19-ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىرىدە كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ ئوتلىرى بىلەن قاپلاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭلىرىغا تۇڭگانلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ئىدى. 1867-يىلى ياقۇپ بەگ مۇستەقىل قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرغاندا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگانلار ياقۇپبەگكە بەيئەت قىلدى. ئىلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار بىرلىشىپ، مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇردى. بىراق، 1877-يىلى زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، تۇڭگانلارنىڭ قوماندانى باي ياڭخۇ ۋە باشقىلار ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىرلىشىپ، زو زوڭتاڭنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىراق مەغلۇپ بولدى. دېمەك 1877-1878-يىللىرى زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلغاندا، باي ياڭخۇ باشلىق بىر قانچە مىڭ تۇڭگان مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇچتۇرپان ئارقىلىق ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى قاراقول، بىشكەك ئەتراپىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلاندى. مانا بۇ تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزىستاندا يەرلىشىش تارىخىنىڭ باشلىنىشىدۇر.

تۇڭگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى


1871-يىلى ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتى تارانچى سۇلتانلىقى رۇسىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. كولپوكوۋسكىي باشچىلىقىدىكى چار رۇسىيە قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىلىنى بېسىۋالدى. ئەلاخان سۇلتان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاچقۇچىنى كولپوكوۋكسىيغا تاپشۇردى. ئىلى تەخمىنەن 10 يىلغا يېقىن رۇسلارنىڭ قولىدا تۇرغان بولسىمۇ، بىراق چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ئىلىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، ئاخىرى 1881-يىلى " ئىلى شەرتنامىسى" ئىمزالاندى. مەزكۇر شەرتنامىگە بىنائەن ئىلىنىڭ بىر قىسمى ۋە غۇلجا جۇڭگوغا بېرىۋېتىلدى. ئىلىنىڭ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ئۆچ ئېلىشتىن قورقۇپ، يەتتە سۇ تەۋەسىگە كۆچتى.
ئەنە شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە تۆت مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان يەتتە سۇ ۋادىسىغا ماكانلاشتى، تۇڭگانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا، ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق، قاراقول، سوقۇلۇق قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان.
تۇڭگانلارنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆچۈشى 1955-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۆچۈش بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئىلى ۋىلايىتى ھەم تارباغاتايدىكى بىر قىسىم تۇڭگانلار ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى كۆچۈپ چىقىپ ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قازاقىستانغا، ئازراق قىسمى بىشكەك شەھىرى ئەتراپىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم كۆچكەن تۇڭگانلار ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ ئارىلىشىپ كەتكەن.
تۇڭگانلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالى
تۇڭگانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن-بىر خەنزۇ -تىبەت تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلق، ئۇلار دىنى جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەژىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۆز تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى جۈملىدىن دىنىي ئېتىقادىنى كۈچلۈك ساقلىغان.
قىرغىزىستان، تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەت بولغاچقا، موسكۋا ھۆكۈمىتى تۇڭگانلارنىڭ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدا تۇڭگانشۇناسلىق مەركىزى قۇرۇلغان ھەم تۇڭگانچە رادىئو ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى. ھازىر قىرغىزىستاندا مەزكۇر ئورۇنلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، تۇڭگان تىلىدا ھەپتىدە بىر سائەت رادىئو پروگراممىسى بېرىلىدۇ.
تۇڭگانلار خەنزۇ تىلىنىڭ شەنشى-گەنسۇ دىئالېكتى ئاساسىدىكى ئۆز ئانا تىلىدا " خۇيمىن باۋ" ( تۇڭگان گېزىتى) دېگەن نامدا گېزىت چىقىرىدۇ. تۇڭگان تىل گەرچە خەنزۇ تىلى بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل تۇڭگان تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1928-يىلى لاتىن يېزىقى، 1953-يىلى بولسا، سلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدا تۇڭگان يېزىقى تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە سلاۋيان يېزىقىنى ئىشلەتمەكتە. تۇڭگانلار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە " شىيۈئەدە چى" (يەنى "ئۆكتەبىر بايرىقى") دېگەن نام ئاستىدا گېزىت چىقارغان شۇنىڭدەك يەنە سىلاۋيان يېزىقى بىلەن ئۆز تىلىدا كىتابلار نەشر قىلغان ھەم بۇ پائالىيەتلىرىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا. قىرغىزىستان، قازاقىستانلاردىكى تۇڭگان( دۇنگان) تىلى گەرچە خەنزۇ تىلىنىڭ شەنشى –گەنسۇ دىئالېكتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۈگۈنكى گەنسۇ-شەنشى رايونىدىكى تۇڭگانلار قوللىنىدىغان تىلدىن خېلى كۆپ پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا 19-ئەسىرگە خاس كونا سۆزلۈكلەر ساقلىنىپ قالغان شۇنىڭدەك يەنە رۇسچە ئاتالغۇلار كۆپلەپ قوبۇل قىلىنغان، ئۇيغۇر، قىرغىزچە ۋە باشقا تۈركىي تىللارنىڭ تەسىرىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىڭگەن.


تۇڭگانلار ئارىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئەربابلار يېتىشىپ چىققان

قىرغىزىستان، قازاقىستاندىكى تۇڭگانلار ئارىسىدىن ئەينى ۋاقىتتا "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى"، "سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى" دېگەن ئەڭ يۇقىرى ناملارغا ئېرىشكەن ئادەملەر شۇنىڭدەك يەنە ئاكادېمىك ۋە دوكتورلار يېتىشىپ چىققان.
قىرغىزىستان مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدىكى تۇڭگانلار جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزىستان تۇڭگانلىرى تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. مەزكۇر دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندا 50 تىن ئارتۇق پەن دوكتورلىرى ۋە پەن نامزاتلىرى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا، 20 دىن ئارتۇق ئادەم جۇمھۇرىيەتنىڭ پەخرىي ناملىرىغا ئېرىشكەن. بىر نەپەر تۇڭگان دۇنيا چېمپىيونى بولغان، ئۇلار ئارىسىدىن ئىلگىرى كېيىن يەنە تۆت نەپەر كىشى قىرغىزىستان پارلامېنتىغا ئەزا بولغان ئىكەن. تۇڭگان ئالىمى مۇھەممەد سۇشانلونىڭ( 1924-1998) ئىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە جۇڭگودىكى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا تۇڭگانلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە كىتاب يازغان كىشى ئىدى. شائىر ياسىر شىرۋازى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كەڭ تونۇلغان شائىر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى.
ھەربىي قوماندان ماسانچى بولسا، 1919-1920-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئابۇدۇللا روزىباقىيېۋ، ئىسمائىل تاھىروۋ قاتارلىق رەھبەرلىرى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان تۇڭگان ئەربابى ئىدى. ھازىر بىشكەك ئەتراپىدا ئۇنىڭ نامىدا بىر يېزا مەۋجۇت.
قازاقىستاندا تەخمىنەن 30 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان بار بولۇپ، تاكى 60-يىللارغىچە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدا ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيەت بۆلۈمى بار ئىدى. بۇ كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن، قازاقىستان تۇڭگانلىرىدىن سۇنۋازا 50-يىللاردا ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەت تۈزۈپ چىققان ھەمدە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماقالىلەرنى يازغان ئۇيغۇرشۇناس ئىدى.

تۇڭگانلار قىرغىز-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىدى

قىرغىزىستان تۇڭگانلىرى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا مەلۇم قىلىنىشىچە، ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە قىرغىزىستاندىكى تۇڭگانلار بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ياخشى ئالاقىلەر يولغا قويۇلغان. نىڭشا ۋەكىللىرى بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان، قىرغىزىستان تۇڭگانلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە جۇڭگونىڭ باشقا تۇڭگان رايونلىرىنى زىيارەت قىلغان. جۇڭگو مەتبۇئاتلىرىدا بۇ تۇڭگانلارنىڭ "ئەسلى جۇڭگو پۇقرالىرى، ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى جۇڭگو بولغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى سېغىنىدىغانلىقى "نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماقالىلارمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسى تۇڭگانلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلارنى ئورناتقان، شۇڭا تۇڭگانلار ئۆز دوكلاتىدا تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا مۇھىم ۋاسىتىقىچىلىق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.




<div align=center>دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملار </div>




قارايىملار قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەردىن بولۇپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ قىرىمدىكى سانى 1404 ئادەم. لىتۋادىكى سانى 289. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار رۇسىيە شەھەرلىرىدىن موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىقلارغىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى سانى 680 دىن ئاشىدىكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا قارايىملارنىڭ پۈتۈن سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىكى سانى 2602 دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر دەم دوستلۇقىدىكى يېڭى سانى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

قارايىملار كىملەر؟

تۈركىيە ئالىمى دوكتور نەۋزات ئۆزكەننىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، يەنە ئاز ساندىكى قارايىملار تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە، فرانسىيىدە ۋە پولشادىمۇ ئىستىقامەت قىلىدىكەن. ئۇنداقتا قارايىملار كىملەر؟ قارايىملار تۈركىي خەلقتۇر. ئۇلار تۈركىي تىللارنىڭ قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە قارايىم تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
قارايىملارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى تالاش-تارتىش تۈسىنى ئالغان مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئېنىق ۋە بىرلىككە كەلگەن يەكۈن يوق ئەمما، ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگە. بىرىنچى خىل نۇقتىئىنەزەر، "قاراي" دېگەن ئېتنونىمى قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى "كېرەي"، "كېرەيىت" دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراش، كېرەي سۆزى ھەر خىل شەكىلدە يەنە "قاراي"، "قىراي" دېگەندەك شەكىللەردىمۇ كۆرۈلگەن. "قارايىم" ئېتنونىمىدىكى "قار" تىپىك قەدىمىي تۈركىي سۆزى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خېلى كۆپ تۈركىي خەلقلەر بۇ سۆزنى ئۆز مىللىي نامى بىلەن بىرلەشتۈرگەن مەسىلەن، قاراچايلار، قاراخازارلار، قاراقالپاقلار ۋە باشقىلار. بۇ خىل كۆز قاراشتىكىلەر قارايىملارنى قەدىمكى دەۋرلەردىكى ھۇن- خەزەر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرىپ، سامات-ئالانلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن قارايلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. قارايىملار بىر مىللەت سۈپىتىدە قىرىمدا پەيدا بولغان.
ئىككىنچى خىل نۇقتىئىنەزەر، قارايىملارنى يەھۇدىيلار بىلەن باغلاپ، ئۇلارنى قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قاراش. بۇ خىل كۆز قاراشتىكىلەر، قارايىم سۆزىدىكى "قارا" يەھۇدىي تىلىدىكى "ئوقۇ" مەنىسىدىن كېلىپ چىققان دەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساس بولغان نۇقتىئىنەزەر شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، قارايىملار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلق بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنىڭ دىنى يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بۇ تارماق ئادەتتە قارايىم دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قارايىملارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى


قارايىم دىنى 8-ئەسىردە ئىراندا ئانان داۋۇد تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى "قاراي" دەپ ئاتالغان. نەۋزات ئۆزكەننىڭ كۆرسىتىشىچە، قارايىملارنىڭ دەستۇرى تەۋرات بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا زەبۇر بىلەن ئورتاقلىق بار ئىكەن.
قارايىم دىنى 8-13-ئەسىرلەردە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ دىنغا بىر قىسىم ئىرانلىقلار، ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار، گرېكلەر ئېتىقاد قىلغان.
قارايىم دىنى 8-ئەسىرلەردە تۈركىي خەزەرلەر دۆلىتىگە كىرگەن. قىرىم يېرىم ئارىلى رۇسىيىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن بۇ دىنغا يەنە قارايىم تۈركلىرى ۋە بىر قىسىم كازاكلار (كازاك رۇسلىرى) ئېتىقاد قىلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا قارايىملار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن دائىم ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.
18-19-ئەسىرلەردە چار پادىشاھ رۇسىيىسى قارايىملارنىڭ ئۆز دىنى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن قىرىمدا قارايىم دىنى ئىبادەتخانىلىرى كۆپەيگەن. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىرىمدا 20 نەچچە قارايىم دىنى ئىبادەتخانىسى بولغان. بۇ چاغلاردا قارايىم دىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل دىن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، پاسپورتلاردىكى دىنىي ئېتىقاد دېگەن يەرگە "قارايىم دىنى" دەپ تولدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.

يوقىلىۋاتقان قارايىم تىلى

قارايىملارنىڭ سانىمۇ 1932-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 10مىڭ ئادەم دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇلار بارا-بارا ئازايغان. 1957-يىلى 5مىڭ 700، 1979-يىلى 3 مىڭ 300 غا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 25 مىڭدىن ئارتۇق قارايىم ھازىر ئىسرائىلىيىدە ياشايدىكەن، ئۇلار ھەم ئۆزلىرىنى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە قىرىمدا ئاران 800 ئەتراپىدا قارايىملار ئېشىپ قالغان.
قارايىملارنىڭ تىلى شىمالىي قىرىم تاتارلىرى ۋە شىمالىي كاۋكازىيىدىكى قۇمۇقلار، قاراچايلار ۋە بالقارلارنىڭ تىلى بىلەن يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ قەدىمىي دەۋرلەرگە خاس تۈركىي سۆزلەر ساقلانغان. قارايىم تىلى ساپ تۈركىي تىل بولۇپ، ئۇنىڭدا چەت تىللارنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن. چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئاساسلىق ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە سلاۋىيان تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردۇر. ئۇنىڭدا قەدىمكى ئالان تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەڭ قىزىق نۇقتا شۇكى، قاراي تىلىدا 1841-يىلى تۇنجى ئىنجىل نەشر قىلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆزىتىشىچە، قارايىم تىلىدا يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەڭ قەدىمىيلىككە ئىگە تۈركىي سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكىدىنمۇ گەۋدىلىكرەك بولغان. شۇڭا1934 -يىلى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىل يىغىنىدا تۈرك تىلىدىكى ئەرەب ۋە پارس تىلى سۆزلىرى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 330 قارايىم تىلى سۆزى تولۇقلانغان ئىكەن.

مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش


قارايىم تىلى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن تىللارنىڭ (بەلكى دىئالېكتلارنىڭ) بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە باشقا دىنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاش ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قارايىملارنىڭ "قىرىم قارايلار جەمئىيىتى "دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە ئۇكرائىنىيە ھەم رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە قارايىملارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىلى كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىلتىماسلارنى سۇنۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى قارايىم خەلقىنى ۋە ئۇنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ياچېيكىلىرى قىرىمنىڭ باخچىساراي، ئەۋاپتورىيە، سىمفېرېپول، سېۋاستوپول، يالتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەۋجۇت.

گۇلىستان ئۇيغۇر سالونى  دىن ئېلىندى

Turjun يوللانغان ۋاقتى 2009-1-5 09:35:52

نەەبىجان تۇرسۇننىڭ يازمىللىرى بولسا  يەنە  يوللاپ  كويغان  بولساڭلار

بەت: [1]
: ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيادىكى مىللەتلەر