wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 13:53:14

شئېرىي ئېلان (wapadarim )

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،قىززىق ئادەممەن ،بىرسى ناخشا ئېيتىپ شۆھرەت قازانسا ناخشىچى بولغۇم كەپ كېتىدۇ ،باشلىقنى كۆرسەم ئۆسكۈم كېلىدۇ،بىرسى پۇل تاپسا خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ شىركەت ئاچقۇم كېلىدۇ ،تۈنۈگۈن ئاخشام  تېتىقسىز ،ئىپلاس ئېلانلارنىڭ دەستىدىن بىر ئوبدان كىنونى كۆرەلمەي تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ئاچچىقىمدا ئۇخلاپ قالغان ئىدىم ،چۈشۈمدە ئۆزۈمچە شىركەت قۇرغۇدەكمەن ،جىق-جىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغۇدەكمەن ،چۈشۈمدە خەلقىم كېسەللكتىن ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلسۇن دەپ مۇنۇ شئېر ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىمنى سىلەرگە چۈشەندۈرگىدەكمەن .ھەر بىر كوبلىت شئېر تۈگىگەندە قولۇمدا شۇ ماركىلىق مەھسۇلاتىمنى كۆتۈرۈپ  سىلەرگە داڭلىغۇدەكمەن ...
ھەي ئاجايىپ  چۈشلەر ،،،ھەي قىززىق ۋاپادارىم ....

شىركەت ئاچتى ۋاپادار ،بىلىپ قېلىڭ خېرىدار ،
زورلىمايمەن ئېلىشقا  كۆرۈپ قويۇڭ خېرىدار ،
مەھسۇلاتىم ھەرگىزمۇ ئۆتمەس ماتا ئەمەستۇر ،
قېنى ئاۋۋال رولىنى ئاڭلاپ بېقىڭ خېرىدار ....

ئۆپكە دېگەن مۇھىم يەر ،سەل قارىماڭ يۆتەلگە ،
كونىلىققا ئىشەنمەڭ ،ئۈمۈت بەرمەڭ ھەسەلگە ،
شىپا قىلار دورىمىز دۇنيادا بار كېسەلگە ،
شەربىتى" ساپ ھاۋانى" ،ئىچىپ بېرىڭ خېرىدار .

سوغاق ئۆتۈپ كەتمىسۇن ياللۇغلىنار ئۇرۇقدان ،
ئىېچىپ يۈرمەڭ ئېزىقىپ ھالۋا ،شورپا ۋە يوبدان ،
ساقلىقىڭىز بولغۇچى دورىمىزدا خوپ ئوبدان ،
"رامبو "ئاتلىق شەربەتنى ئىچىپ بېرىڭ خېرىدار .

ۋاھ دېگۈزەر ۋىروسنى ماگىنىتلىق ئىمپولۇس ،
سەللىمازا ساقىيىپ  ئەر بولۇرسىز راۋۇرۇس ،
چۈش ئەمەسقۇ بىز تۇرۇپ"چۈشكۈنلۈكتىن "قۇتۇلۇش ،                                    
"خىيمەن" ئاتلىق كۇسارنى كىيىپ بېقىڭ خېرىدار .

"خىيمەن" ئاتلىق كۇسارنى كەندىر بىلەن توقۇدۇق ،
داخانلارنى تەكلىپ قىپ قۇۋۋەت ئۈچۈن ئوقۇدۇق ،
بۇ كۇسارنى پەرزەنىتسىز ئەرلەر ئۈچۈن توقۇدۇق،
بالا بېرەر كۇسارنى كىيىپ بېقىڭ خېرىدار ..


خوتۇنلارنىڭ دۈشمىنى قورۇق بىلەن داغ ئېرۇر ،
قورۇقى بار گۈزەللىك باغۋىنى  يوق باغ ئېرۇر
بۇ شىپاھلىق دورىمىز   سىزگە يۆلەك  تاغ بولۇر  ،
"كۈشەندىسى قورۇق"نى ئىچىپ بېقىڭ خېرىدار .

بولمىسا گەر تېرىڭىز سۈزۈك ،يۇمشاق  ئەۋرىشىم ،
يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيسىز خۇشپىچىم ،
تېرە دىگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكى دىلكىشىم ،
شەربىتى "ئۇز تېرە"نى  ئىچىپ بېقىڭ خېرىدار .

گۈزەل بولاي دېگەنلەر قاراڭ بەدەن شەكلىگە ،
نۈزۈيكۇنى كەيسىڭىز يانپاش چىقسۇن كەينىگە ،
بولمىسىڭىز ئىككى قات قورساق كىرسۇن  ئىچىگە ،
شەربىتى" ياغ سۈزەر"نى ئىچىپ بېقىڭ خېرىدار .

بالىلارمۇ بىز ئۈچۈن چۈشۈپ قالماي قاتاردىن،
ياساپ چىقتۇق بىر شەربەت كالىتسىي ۋە ئاناردىن ،
ئىچسە ئۇنى كەلگۈسى بولۇر دوكتۇر ئاشاردىن ،
شەربىتى "دوكتۇر"نى ئېلىپ بېرىڭ خېرىدار.

سۈپەت بىزگە ئەڭ مۇھىم، مەنزىلسىرى ئۇزارغا ،
ئالدامچىلىق ئەپ بارار مامۇكاپتەك توزارغا
مۇسۇلمانچە گاندوكنى سالغۇمىز بار   بازارغا  ،
قېنى ۋاقتى سائەتتە سىناپ بېقىڭ خېرىدار ...........

بۇ چۈ ش شەھرى بورتالادا ئۆرۈلدى .....


jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 15:16:57

ھا ھا ھا . . .   

رەھمەت ، نىمانداق قاملاشقان ئېلان بۇ  . . .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 15:35:51

ھازىرقى ئىلان بورىنى سەل بوش تۇرغان ئادەمنى ئۇچۇرۇپ كىتىدۇ .  بۇلۇپمۇ قەشقەر ، خوتەندىكى ناھىيىلىك تىلۋۇزۇر ئىستانسىللىرىدا بىرىۋاتقان دورا ئىلانلىرىنى ئاڭلسا ئادەم ئۇزىنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ .تولا قانال ئالماشتۇرۇپ تىزگىنەكتىن نەچچىسى بۇزۇلۇپ بولدى . ئۇرۇمچىدە ئۇنچىلىك ئىغىر بولمىغان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدىغان ، ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىۋالغان مەسھۇلاتلىرىنىڭ ئىلان ھۇجۇمىدىن ساقلانماق تەسلىشىپ كەتتى .

MARWA يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 16:27:27

رەھمەت,قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن. دېمىسىمۇ بۇ تېتىقسىز ئېلانلارنىڭ دەستىدىن ئاتا - بالا، ئانا - بالابىريەردە ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرەلمەسلا بولدى.

بۇ  تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرىمۇ پۇللا بەرسە، نېمە ئېلان بولسا بېرىۋىرىدىكە. جاھان تەرەققىي قىلغانسېرى تاس قىلۋاتىدۇ خېلى -خېلى نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ ئىشلەيدىغانغا

بۇ خەق.  ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا دېگەندەك نەدە ساتالمىغان نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ . تېخى بىرنى ئالسا،بەشنى قوشۇپ بېرىمىز دېيىشلىرى بار.

hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 19:25:58

ئېلاندەك ئېلانكەن..

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 22:38:20

ياشاڭ ئىنىم . خوتۇن ئىلىپ بولغاندىن كىينكى تۈنجى يازمىمۇ نىمە بۇ ؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 22:45:06

رەھمەت ئۆزھالباي ،توي قىلغاندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتتىغۇ كىشى ...

بۇ يېڭى يىلدىكى تۇنجى تېمام ....

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 08:34:03

\"ئېرۇر \"  دىگەن گەپ ئالامەت كەپتۇ...

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 09:36:30

ئا ....\"ئارمانى \"دىگەن رومان يوقاپ كىتىپتا !!!!!!!!!!

xaytan731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 10:08:59

رەھمەت ياخشى يازمىكەن ........ئېلانلارمۇ سەرخىل... لىشۋاتىدۇ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 16:35:49

9- قەۋەتتىكى گاگاغا:

\"... ئارمانى\" دىگەن تېمىنىڭ يازغۇچىسى 16730 قېتىم كۆرۈلۈش، 44 بەتكە ئۇزىراش شەرىپىگە ئىگە بولغان تېمىسىدىكى ئۆز ئەسىرى بار جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئىسسىق بېسىملىق بومبا تاشلاپ، پارلاندۇرۇپ غايىپ قىلىۋېتىپتۇ، ھە، 3- بەتتە نەچچىسى ئامان قاپتىكەن، تولىمۇ ئەپسۇس، يەنە بىر \"ئە..\" چە ھەركەت يۈز بېرىپتۇ، ئالدىنقى كۆرۈنۈشتىكى دوستىمىز بىزگە يەنىلا قىيالمىغان ئىدى، بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئىگىسى ئۆتكۈنچى مېھمان ھېساپلىنامدۇ، BOB چاچلىقلارنىڭ مىجەزى زادى شۇنداق كىلەمدۇ، بىزگە ھازىرچە نامەلۇم...

ۋاپادارىم ئەسلى بايلاردىن بولىدىغان بالىكەنتۇق.. ئىنچىكە چىقىپتۇ ما شېئىر.. ئىلھامچى شېئىرلارنىمۇ ئىجاد قىلىپ تەسىرىنى تەجرىبە قىلىپ كۆرۈپ باقسا بولاتتى..

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 17:45:58

ياشىسۇن پۇل تېپىش ئىستىكى .

pul bolgana hayir ihsan kilguli bolidu

Estami يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 20:56:34

ئەيساجان ئوبدان چىقىپتۇ . مەنمۇ كەنجى بىلەن ئوخشاش ھېسياتتا.

خۇدايىم بۇيرسا بىر سوم پىلانىڭىزغا بۇ يىل ھەسسەمىنى قوشمىسام .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 20:59:51

بىر سوم پىلانىمىزغا ....

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-5 05:31:54

شىئېرىي ئېلانىمىز بار، \" بىر سوم پىلانى\" مىز بار دەڭا ماندا.

Turjun يوللانغان ۋاقتى 2009-1-5 09:25:47

قالتىس  ئىلان بوپتۇغۇ ، ئوزگىچە  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-5 09:57:55

ياشاڭ   ئەيساجان    ............                خۇدايىم  بۇيرىسا  مەنمۇ مەكتەپتە بوتۇلكا سېتىپ تاپقان  پۇللاردىن  \"بىر سوم پىلانىمىز\"غا ئازراق  كۆڭلۈم  بار،  ئاز  بو لسىمۇ،،،، خۇدايىم  بۇيرىسا كىيىن خىزمەتكە  چىققاندا   جىقراق  قىلارمەن  .... كۆڭلۈمدە  سان  بار،،،،،،،

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-5 18:07:32

كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت سىتۇدىنىتلار ....

ئىزدىنىشقا نېمە بولدى ،باش سۈرەتلىرىمىز يوقاپ كەتتىغۇ ....

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2009-1-10 17:44:54

پاھ _پاھ  تىخى ھىلىقى  لاۋبەيجىننىڭ ئىچىدە كىسەك ئالتۇن با  دەپ ......ھا ...ھا  ....ھا..

بۇنى ئىچسىڭىز 10مىنۇتتا ئۈنىمىنڭ كۆرىسىز دىيىشلىرىچۇ ..ھ؟؟؟؟ھا ا  ھى ھا  ھى ...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 09:49:37

ئەڭ تېتىقسىزى شۇ ئېلاننىڭ ئۇيغۇرچىسى ....
بەت: [1] 2
: شئېرىي ئېلان (wapadarim)