kagiliklik يوللانغان ۋاقتى 2009-1-2 19:18:40

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىنى كىم قوغدايدۇ

قاغىلىق ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىش مەسىلىسى ئىزچىل ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوش ئارام كۈنى (双休日) نىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدۇ، شەنبە چوقۇم خىزمەت قىلىش كېرەك، يەكەنبىمۇ تۈرلۈك باھالاشلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن خېلى كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا تازىلىق قىلىش، خاتىرە يېزىش، پىلان- خۇلاسە، ئارخىپ ماتىرىيال تولۇقلاش...... ھېچ بولمىغاندا يۇقۇرىدىن قويۇپ بەرسۇن دىمىدى دىگەنگە ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن دەم ئالالمايدۇ. تۈرلۈك ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىشنىڭمۇ تەڭدىن تولىسى تارتىۋېلىنىدۇ، يازلىق، قىشلىق تەتىلدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى خىزمەت كۈنلىرىدىمۇ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنىۋاتقان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتنى ئاكتىپ ئىشلەيدىغانلىرى سالامەتلىگىدىن ئايرىلماقتا، باشقىلىرى بىزارلىق ئىچىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭلا غېمىدە بولماقتا. « ئارام ئېلىشنى بىلمىگەن ئادەم خىزمەت ئىشلەشنىمۇ بىلمەيدۇ »، «مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش تۆھپە، ئاددى ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش ئاخماقلىق» قاغىلىق مائارىپى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشنىڭ مۇئەييەن قانۇنىيىتى بولىدۇ. بۇمەسىلە قاچان ھەل بولار؟؟؟

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2009-1-2 22:12:14

بىزنى بۇ تەرەپلەردىمۇ ئارام يوقكەن. ھەتتە تەتىل دىگەننىمۇ ئۇنتۇپ كەتتۇق دەيدۇ.

ezhar1977 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-2 23:45:03

مائارىپ ئىگە-چاقىسىز يىتىم بالىغا ئوخشاپ قالغىلى تۇردى....مەنمۇ ئوقۇتقۇچى ، سىلەرگە بەكمۇ ھېسداشلىق قىلىمەن....

Tarim68 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-2 23:50:07

ھازىر ئەمەل تۇتقانلار نىمىنى ئويلايدىكىن تاڭ.  90-يىللاردا ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە، كەچلىك تەكرار، شەنبىلىك دەرس دىگەنلەر يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى ئىدى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان شۇنداق جىددىي ئىشلەۋاتىمىزكى، ھەتتا قىچىشقان يەرنى قاشلىغۇدەكمۇ ۋاقىت يوق. بىراق ئوقۇتۇش سۈپىتى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مەكتىۋىمىزنى مىسالغا ئالسام، ئەتىگەنلىك تەكرار (ۋاقتى1 دەرس سائىتىگە تەڭ)، چۈشتىن بۇرۇن 4 سائەت دەرس، چۈشتىن كېيىن 4 سائەت دەرس، كەچلىك تەكرار(ۋاقتى 2 دەرس سائىتىگە تەڭ) بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئوقۇيدىغان ۋاقتى جەمئىي  10 دەرس سائىتىگە تەڭ. شەنبە كۈنى نورمال خىزمەت قىلىمىز. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپلارغا  يەكشەنبە كۈنىمۇ چۈشتىن بۇرۇن 4 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ. ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7 دىن (قىش ۋاقتى 7 يېرىمدىن) كەچ سائەت 7 گىچە ئوقۇغۇچىلار نورمال ئوقۇش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. دەرس ئارىلىقىدىكى 10 مىنۇتلۇق تەنەپپۇس بىلەن چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن باشقا  ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى خالىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتى يوق.  ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇنداق ئەتىگەندىن كەچكىچە جىنايەتچىدەك سىنىپقا سولىۋالغاچقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ئىنتايىن ئېغىر. كىتابنى كۆرسىلا بېشى ئاغرىيدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ۋە جاپالىق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۈگۈن 2009-يىل 2-يانۋار كۈنى ھەممە ئادەم يېڭى يىل شاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتسا مەن چۈشتىن بۇرۇن 4 سائەت دەرس ئۆتتۈم. ئەتە يەنە ئوخشاشلا ئىشلەيمەن. سۆزلەۋەرسەم گەپ ئۇزىراپ كەتكۈدەك. قالغان گەپنى ئەتە يازاي.

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 00:23:39

بىچارە بالام تۇنۇگۇنمۇ بۇگۇنمۇ ئوقىدى قاغىلىق ناھىلىك 5 - ئوتتۇرنىڭ تولۇقسىز سىنىپىدا، ئەتە يەنە ئوقۇيدۇ .

ئىسىت دەپ قالىمەن گايىدا، بالىلارنىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بالىلىق دەۋرىگە .

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 01:50:51

توغرىمۇ-خاتامۇ بىلمەيمەن، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنداق ئوقۇۋاتقىنىغا 30 يىل بولدىغۇ -دەيمەن. بۇنىڭ ياخشى يېرى بىر نەرسە بىلسە-بىلمىسىمۇ ئولتۇرالايدىغانلارنى تەربىيلەپ چىقىدىكەن.

ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ئىشلىسە كېرەك يوق، ئۇلارنىڭ ئەمگىگى ئۆز ئىزىدا دەسسەش ئەمەس، ھەر قېتىملىق ئەمگىگىدە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىدىغان بىرخىل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولسا ئىدى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 07:23:16

ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كەتتى !................

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 09:49:25

نىم دېگەن گەپكىنا ئاۋۇ ؟ ئەپەندىملەرنىڭ سەككىز سائەت ئىشلەپ قالغان ۋاقىتتا رېستۇراندا ئىچىدىغان مەمۇرىلاردىن بولغۇسى كېلىپ قالمىغاندۇ ؟ ھۆكۈمەت ھەممەيلەنگە مۇئاش بەرگەن بىلەن ماۋۇ خىزمەتنىڭ خاراكتىرى ئوخشىمايدۇ.يېزىلاردىكى مۇئەللىملەرنىڭ كېرىمى شۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن،شۇڭىمۇ كەيىپ-ساپانىڭمۇ ئالدىدا. ئۆزىنى سورىمىغانلارنى قانداق قىلىمىز-يا ؟ مۇئاشنى ئاز بەرسە قاندا بولا ؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 13:55:09

ئوقۇتقۇچىلارنىىڭ  مەنپەئتىنى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى قوغدايدۇ ،،شۇنڭدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەجبۇريەتلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن .

totem يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 16:10:16

ئوقۇتقۇچىلار قانونى مەمورى ھوقۇقدارلار ئالدىدا بىر تىيىن.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 16:49:06

ھەي ،،،،،،،،ئۆزۈڭلارنى قوغداشنى بىلمىسەڭلەر  ئەڭ ياخشىسى  چىشىڭلارنى چىشلەپ ئىشلەۋىرىڭلار ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 17:38:00

ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئەمەس ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ، نىمە قىلىش كىرەكلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ . ئاساسى مائارىپ قاتلىمىدىكى كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كۈنلەردىن بىر بىردىن ئۆتكۈزۈپ ئاي ئاخىرىدا مائاشىنى تولۇق ئالسىلا بولدى .   يۇقىردا دىيىلگەندەك ئۇلارنىڭ كىرىمى شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن ، شۇنداق بولغاچقا باشتا قاقشاپ باقسىمۇ ئەمەلى ھەركەت قوللانمىغاچ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار بۇنچىلىك ئارتۇق ئىشلەشنى ھار ئالمايدىغان دەرىجىگە باردى .

boiled يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 21:31:48

دەردىمىزنى ئوقۇتقۇچى بولغانلار ئۆزىمىز بىلىمىز... شۇ تارتقان جاپالىرىمىزنىڭ، ئارتۇق ئىشلىگەنلىرىمىزنىڭ ئوندىن بىرى ئەۋلادلارنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىلىق بولسىدى، قاخشىمايتتۇق... مەنمۇ مۇشۇ توغرىلىق توردا بىر چاقىرىق يازاي دېگەن، مۇشۇ يەردىلا ئويلىغانلىرىمنى دەي: قايسى كۈنى توردا بىرسىنىڭ \"مىڭ كاپ-كاپتىن بىر شىپ-شاپ ئەلا\" دېگىنىنى ئاڭلاپ، قايىل بولغان ئىدىم. بىز توردا قۇرۇق قاقشاۋەرمەي، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلساق بولمامدۇ؟ مەسىلەن:  ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مۇپەتتىش ئىشخانىسىدىكى ئەنۋەر مۇھەممەدكە (2850080 ) ياكى باشقىلارغا (http://www.xjedu.gov.cn/bsdt/ShowClass.asp?ClassID=268) ؛  ئاپتونۇم رايۇنلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قىزىق لىنىيىسى 12351گە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلساق، بىرلا ئادەم بىر قېتىم ئەمەس، كۆپلىگەن كىشىلەر، خىلمۇ-خىل تېلېفون نومۇرلىرىدىن ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېيتساق، نەتىجىسى چوقۇم چىقىدۇ، بىر چاغدا ئوقۇتقۇچىلارغا خىلمۇ-خىل ماددىي بۇيۇملارنى مەجبۇرلاپ سېتىش ئىشى يۈز بەرگەندە، مەكتىپىمىزدىكى ئۈچەيلەن تېلېفون قىلىپلا ئەسلىدە مۇئاشىمىزدىن پۇل تۇتۇشنى ئۇقتۇرۇپ تارقاتقان نەرسىلەرنى ھەقسىزگە ئۆزگەرتكەن ئىدۇق. 2006-يىلى ئوقۇتقۇچىلارنى كۈنىگە بىر سومدىن سۇغۇرتىغا مەجبۇرلىغاندىمۇ يۇقارقى تېلېفونلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، 2ئاي تۇتۇۋالغان سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالغانمىز! دېمەك، بىر-بىرىمىزگە دەردىمىزنى تۆكۈۋەرگۈچە، مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ كۆرەيلى! چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ! يۇقارقى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا ئۇسۇللارنى بىلىدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قويۇڭلار.

لېكىن، ھەممىدىن مۇھىمى يەنىلا ئەمەلىي ھەرىكەت، 12351گە تېلېفون قىلسىڭىز ھەقسىز، خەنزۇچە سۆزلىيەلمىسىڭىز، ئۇيغۇرچە سۆزلەۋېرىڭ، تېلېفوننى ئۇيغۇردىن بىرسىگە بېرىدۇ. باشقا نومۇرلارغا تېلېفون قىلسىڭىز،  ئېشىپ كەتسە  مىنۇتى 3مو،  ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن مىڭلاپ-مىڭلاپ پۇل سەرپ قىلىۋاتقانلارمۇ بىزگە ئوخشاشقۇ؟ قېنى، ئەمەلگە يۈزلىنەيلى!

http://www.fzxj.cn/default_list.asp?cataid=7   غا  \"شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇنىڭغا ھەممىمىز قايىل، لېكىن، مېنىڭ بىر سوئالىم، جەنۇبىي شىنجاڭمۇ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نېمىشقا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قانۇن-نىزاملار باشقا جايلاردىكىدىن پەرقلىق ئىجرا قىلىنىدۇ؟\" دەپ يازاي دېسەم،  ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمايدىكەن، خەنزۇچە قاملاشتۇرالمىدىم.

2009 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-3 21:42:31

پاتىروت ئەپەندى، ئۇقۇتقۇچىغا ج ك پ  پۇل  بەرسە  سىزنىڭ  نىمە ئچىڭز ئۆتىلىپ  كەتتى . گەپكە سەل دىققەت  قىلىڭ ،  بولمىسا  دوسقاندىن بىرنى  كۇتۇرۇپ  ئۇقۇتقۇچىنڭ ئالدىغاكىلىپ<ھەق دوس>  دەڭ .  چۇنكى ئۇقۇتقۇچىدا  پۇل جىق!!!!!!!!!!!!!!!!

快乐女孩 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 07:06:11

. قاغىلىق ناھىيىسدە بۇ ئەھۋال راستىنلا ئىغىر. مائارىپتا  8سائەتلىك خىزمەت تۈزۇمى قەيەردە قالدى!ھۆكۈمەت قانۇندا بەلگىلەپ بەرگەن شەنبە-يەكشەنبە ئىككى كۈنلۈك دەم ئىلىش تۈزۈمى قىنى!ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قىشلىق يازلىق تەتىل قىنى !ئىككى ئاساسەن ۋە باشقا خىزمەتلەر سەۋەبىدىن كىچە -كىچىلەپ ئىشلىگەندە سىمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى بەردىمۇ؟ھەق بىرىش تۈگۈل ئىككى ئاساسەن ئىشلەش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار جەرىمانە تۆلىدى . ھەر مەۋسۇمدا نەچچە يۈز يۈەنلەپ گىزىت -زۇرناللارغا مەجبۇرىي مۇشتتەرى بولىمىز ،لىكىن شۇ زۇرناللارنى بىرەر قىتىم تولۇق ئىلىپ باقتۇقمۇ؟قولىمىزغا تىگىدىغان گىزىت زۇرنال ساناقلىقلا.   لىكىن قولىمىزغا تەگكەن ئاشۇ ساناقلىق زۇرناللارنى ئوقۇغۇدەك بوش ۋاقىتمۇ ھەم يوق .360كۈن ئاشۇ ئايىغى چىقماس باھالاشقا تەييارلىق قىلماق ،ھەر ھەپتىدىكى ئىككى ،ئۈچ خىل تەييارلىق بىلەن ئۆتۈلىدىغان 20نەچچە  سائەتلىك دەرىسكە تەييارلىق قىلماق ،ھەپتىسگە 7،8 قىتىمدىن تاپشۇرۇق تەكشۇرمەك ،يىزىلاردا تىغى مەكتەپكە كەلمىگەن بالىلارنى ئەكەلمەك ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزمەك ،سىياسى ئۆگىنىش قىلماق ،يۇقارقى بارلىق ئىشلاردىن خاتىرە قالدرماق ..................................،سىزنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گىزىت زۇرنال كۆرۈپ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىدىغان ،شەنبە يەكشەنبە ،تەتىل،تۈرلۈك بايراملاردا سىرتلارغا چىقىپ كاللىسىنى ئارام ئالدۇرغىدەك ۋاقتى بارمىكەن؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن باشقا يەنە تۇرمۇشى يوقمۇ؟شۇڭلاشقا ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە كىتابنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ،ئۇنىڭ ئۇسىتىگە ھازىر بىلىمنىڭ يىڭىلىنىشى شۇنچە تىز  تۇرسا.  منىڭچە ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېلىشىپ قالمىغىنى ئەجەبلىنەرلىك . باھالاش  كلىدۇ دىسە  ، ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەر بىر ياقتا قىلىپ   بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار  ھۆرمەتلىك باھالاش ئۈچۈن تەييا رلىق قىلىدۇ. بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار باھالاش كەلسە سورايدىغان ،   مەزمۇنىنى ھەتتا ئوقۇتقۇچى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر توقام سىياسى نەزىرىيەلەرنى قارىسىغا يادا ئالىدۇ.   ھەر ئايدا ئاز دىگەندە  ئىككى قىتىم ھەممىدىن ئەزىز بولغان باھالاش ،باھالىغۇچى جاناپلار نى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنە شۇنداق باھالاشلارنى ئۇزىتىپ بولالماي بىر ماۋسۇم ئاخىرلىشىدۇ،ماۋسۇم ئاخىرىدا ئۆتكەن دەرىسنىڭ تايىنى يوق،كىگىزدەك دەرس ئۆتۈپ بىگىزدەك سۇئال چىقىرىپ ئىمتىھان ئالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن چىقسا ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى تۇتىدۇ.  شەنبە يەكشەنبىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ،رۇخسەت سوراشقا ،ئاغرىپ قىلىشقا بولمايدۇ،ناۋادا ئاغرىپ قىلىپ رۇخسەت سورىسىڭىز مائاشىڭىز تۇتۇلىدۇ،(بىر  سائەت رۇخسەت 30يۈەن،بىر كۈنلۈك مائاشىمىز 40يۈەن)شۇڭا سىز ئۆلسىڭىزمۇ چوقۇم   خىزمەت قىلىپ ئۆلۈشىڭىز كىرەك،تەتىلدىن تىخىمۇ ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.شۇڭا ھازىر خىزمەتتىن قاقشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى (90%) ئوقۇتقۇچى .مىنىڭچە ،ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگىلى يەنىلا ئادەم چىقمىسا،ئۇزاققا قالمايلا بۇ كەسىپنى قىلىدىغانغا ئادەم چىقماسىلىقى مۇمكىن .لىكىن ،بىزدىكى ئەڭ چوڭ دۆتلۈك يەنىلا قانۇندىن پايدىلىنىپ  ئۆز ھوقۇق مەنپەئىتىمىزنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكىمىزدە .

جاپاكەش ئۇستازلار ، بىز بۇنداق كىتىۋەرمەيلى.مىنىڭچە بۇنداق بولىۋەرسە ئوقۇتقۇچىلار تارتىدىغان زىياندىن كۆرە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ،يۇمران مايسىلىرىمىزنىڭ تارتىدىغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 08:48:43

ئۇزاققا قالمايلا بۇ كەسىپنى قىلىدىغانغا ئادەم چىقماسىلىقى مۇمكىن ...راسما؟

patriot يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 09:55:54

ئىشنى بەرگەن پۇلغا لايىق قىلىمىز ئەمەسمۇ. بەرگەن ئادەمنىڭ قورسىغى كۆپۈۋېتىپتۇ،بىلىشمىدىڭلارما ؟

كۆپ دەرىس ئۆتۈپ، مۇزاكىرىگە كىرىپ، بالدۇر كېلىپ -كىيىن كېتىپ دىگەندەك ئىشلارغا قاخشىساق يۇقارقىدەك دىمەي ئامال يوق. ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتتا دەرىس ئۆتمەي باشقا ئىشقا سالغان بولسا پىكىر قىلساق بولىدۇ. گەپنى ئوڭشاپ قىلايلى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 17:41:00

ئەرز قىلىڭلار ،ھەر كۈنى تېلىفون قىلىڭلار ،،

چوقۇم بىر كۈنى ئەشۇ كالۋا ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان ئادەم چىقىدۇ .....

OO2 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 19:48:08

ھەي پاتروت باشقا ئىشقا سالمىدى دەپلا  خىزمەت ۋاقتىمىزنى ئۇزارتىۋەتسە گەپ قىلماي ئولتۇرىمىزما ؟

سېنى ئوتۇن يارغىلى ، كىر يۇيغىلى سالماي ،  كۈنىگە 15 سائەت ھۆكىمەت خىزمىتىگە سالسا ماقۇل دەيدىغان ئوخشىمامسەن ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-1-4 21:55:09

بىر نەچچە دوستلېرىم بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئولىمىزنى يوقلاپ بارغانتۇق . بىر نەچچە يىلدىلا ئوقۇتقۇچىمىزغا قېرىلىق يىتىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .  ئوقۇتقۇچۇم  گەپ ئارلىقىدا شۇنداق گەپنى قىلدى . سىلەردەك ئوقۇيدىغان بالىلار قالمىدى ھازىر ، بالىلار بەك شوخ ، ساپلا گەپ ئاڭلىماس كېيىنلىكى ئۈچۈن شۇنچە كۇچەيمىز لېكىن بالىلار بۇنى ئويلىمايدۇ ، يا ئاتا ئانىلېرى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن . مانا ئەمىسە دەپ  دەرسنى سۆزلەپ قۇيۇپلا باشقا ئىش بىلەن كارىمىز يوق  چىقىپ كىتەيلى دىسەك كۆڭۈل ئۇنىمايدىكەن . تېخى كومپۇتېر بىلەن خەنزوتىلىدىن ئىمتىھاندىن ئۆتمىسەك بولمايدىكەن . قاچان پىنسىيەگە چىقارمەن دەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بەت: [1] 2
: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىنى كىم قوغدايدۇ