wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 20:57:28

«بىر سوم مېھرىبانلىقى »ئۈچ ياشقا كىردى

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﻪﮬﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﭖ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘﻕ .
ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ،ﯞﺍﻗﺘﭽﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ .
ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻤﻤﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ -ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯۋە بىر تىللا تورى ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ساخاۋەتچى ﺗﻮﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ .

بۇ بىر يىلدا بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئۇمۇمىي جۇغلانغان ئىئانە جەمىئىي 14مىڭ 331 سوم 70تىيىن .


بۇ بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
(تورداشلارنىڭ پىكىرى بويىچە ياردەم ئوبىكىتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىمىدىم ،ئۇلارنىڭ سالاھىتىنى بىلىشنى خالىغۇچىلار مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بىر سوم پىلانى ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان ئوبىكىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىمەن)

1-بورتالا شەھەر  چىندىل يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ياردەم ئوبىكتىمىز    غا ئىككى مەۋسۇملۇق 200 سوم پۇل بەردۇق .

2-بورتالا شەھەر چىندىل يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ياردەم ئوبىكتىمىز    غا ئىككى مەۋسۇملۇق 200 سوم پۇل بەردۇق .

3-بورتالا شەھەر  ئوتتۇبۇلاق يېزىلىق مەكتەپتىكى ياردەم ئوبىكتىمىز    غا ئىككى مەۋسۇملۇق 400 سوم پۇل بەردۇق .

4-بورتالا سەھىيە مەكتەپتىكى ياردەم ئوبىكتىمىز    نىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا بىر يىلدا 1310 سوم بەردۇق .

5-بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېدىكى    نىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا بىر يىلدا 3300يۈەن ،15 سوم رەسمىيەت ھەققى جەمىئىي 3315 سوم ئەۋەتتۇق .
(بۇ سىڭلىمىز بۇ يىل ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى)

6-بىر سوم پىلانى تور بېكىتى "بىر تىللا"ئۈچۈن 222 سوم بوشلۇق ھەققى خىراجەت قىلىندى .

7-توردىشىمىز تاشگۈل ھاۋالە قىلغان 500 سوم پۇلنى بورتالادىكى بىمار رىزۋانگۈلنىڭ قولىغا يەتكۈزدۇق ،توردىشىمىز ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىلەن بىللە يوقلىدۇق .

8-بىر سوم پىلانى ئىئانە جەدىۋىلىگە 2 سومغا قاتتىق قىزىل رەڭلىك  تاش ئالدىم. ئىرپان كىتاپخانىسىغا تىزىملىك دەپتىرى ياساش ئۈچۈن 4 سوم خەجلەندى .

9-شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرېستېتى ماگىستىر ئاسپىرانتى    غا 500 سوم تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئەۋەتتۇق ،توردىشىمىز يۈكسەل ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى .

10-بالىلار ئوقۇشلۇق كىتاپىدىن 100 سوملۇق ئېلىپ بورتالا شەھەر سېلىمھاشىم مەكتەپتىكى بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتى قۇرۇپ بېرىۋاتقان مەكتەپ قوش تىل  كۈتۈپخانىسىغا ئاپىرىپ بەردۇق .

11-بورتالادىكى بىمار ئايشەمگۈلگە يىل بېشىدا ئۈچ  قېتىمدا 600 سوم ئېلىپ بېرىپ يوقلىدۇق .توردىشىمىز شەمشەر 1975ۋە گۈلتىكىنلەر تەپسىلى ئەھۋالدىن خەۋەردار .

12-سىچۈەن ۋىنچۈەندىكى يەر تەۋرەشتىن كىيىن بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتى ھېساباتىدىن ئاز بولسىمۇ 120 سوم پۇلنى قۇرۇلۇش بانكىسى ئارقىلىق جوڭگو قىزىل كىرسىت جەمىئىتىگە ئەۋەتتىم . ئىزدىنىش تورىدا بىر سوم پىلانى  نامىدا "ۋەتەن تەۋرىدى"دىگەن تېمىدا ئاپەت ئەھۋالىدىن تېز خەۋەر بېرىش تەشەببۇسنامە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ھەر ساھە تورداشلارنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشىگە سەپەرۋەر قىلدۇق.

13-بانكا كارتىسىنىڭ يىللىق ھەققى ئۈچۈن 10 سوم .

14-بانكا ھېسابات دەپتىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 10 سوم .

15-بانكا ھېسابات كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارى يەنى  كارتا ھېساباتىدا ئۆزگىرىش بولغاندا يانفونغا ئۇچۇر كېلىش ئىقتىدارىنىڭ بىر يىللىقىغا 15سوم 60تىيىن خەجلەندى .

16-تور بانكىسى كارتىسىنىڭ يىللىق ھەققى ئۈچۈن 10 سوم .
17-قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارى ئۈچۈن 24 سوم  .


بۇ يىلدا خىراجەت قىلىنغان ئۇمۇمىي پۇل 7542.6

بۇ يىللىق پۇلدىن ئاشقىنى :


14331.7-7542.6=6789.1

ئالدىنقى يىلىدىن ئاشقان پۇل 4945سوم .

ھازىر بار پۇل
6789.1+4945=11734.1

ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻤﯘ ﺗﯜﮔﻪﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺳﻪ ،ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ ،ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ  ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﺋﻪ ﺟﯩﺮ -ﻣﯧﮭﻨﻪﺕ ﺗﻪﺭﻯ ﺗﯚﻛﯩﯟﯨﺪﯗﻕ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭھەر مىللەت  ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﻚ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺕ،ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ،ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 3ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ .3ﻳﺎﺵ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯘﻧﻰ  ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺷبﯘ ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯧﮭﺮﻯ -ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . "ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ " ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ....ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﺘﯘﻕ .....ﺗﺎﻻﻱ ﺩﯨﻠﻼﺭ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﻯ ،ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ......ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ،ﻣﻪﺩﯨﻴﮭﻪ ،ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ ..... ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯜﯞﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﯕﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﺩﯗﻕ ....................
ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﯞﺍﻱ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ "ﺗﻮﯞﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ،ﺗﻮﺧﺘﺎ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،،،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻟﻤﯘ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﻟﯘﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﯞﯗ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ..ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﺎﻻ ﺑﯘ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ "ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ "ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺘﯩﯔ ،ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯩﻨﯩﺘﯩﯔ .! ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﯓ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ........ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ..........
ﺋﻪﻧﻪ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﺎﻳﻨﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ...
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ "ﺋﺎﻛﺎﺷﻼﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ....ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ يېزىلىق مەسۇم بالىلار .........
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ :ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﺎﻻﻡ ،ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .............ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ...ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭ .....

ھۆرمەتلىك توردىشم ،ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ راھەتلىنىپ  تورغا چىقىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا  نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆمۈر قالاشقا قۇربى يوق ئوتۇن قالاپ يۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ قويۇڭ ،
ئاپىڭىز ۋە ياكى ئايالىڭىز ئېتىپ بېرىۋاتقان گۆشلۈك غىزا ئاغزىڭىزغا تېتىماي ئەخلەت چېلەكلىرىگە تۆكۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىرىدا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ  شۇ گۆشلۈك غىزاغا زار ئىكەنلىكىنى ،تېخى ئەڭ نامرات دۆۋلەتلەردە ئاچارچىلىق ئازابىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسلەپ قويۇڭ ....
ئېيىغا بىردىن يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ يېڭى كىيىملەرنى تاشلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ كىيىدىغان كىيىمىنىڭ تايىنى يوق ،سوغاق سىنىپلاردا دىر دىر تىترەرەپ دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ قويۇڭ ...
ئۈرۈمچىدە مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساخاۋەتلىك ئاتىلار كوللىكتىپى قۇرۇلۇپ مېھرىبانلىق مىلودىيەسىنى ياڭراتماقتا ..
مەيلى قايسى يول ئارقىلىق كىمگە ،قايسى  گۇرۇپپىغا پۇل ئىئانە قىلمايلى بۇنىسىنىڭ كارى چاغلىق ،مۇھىمى باشقىلارغا مېھرى شەپقەت يەتكۈزىدىغان،باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى ،روھنى يوقاتمايلى .
ئەرلەر ئايدا بىر قاپ تاماكىنىڭ پۇلىنى ،ئاياللار گىرىم بۇيۇمىنىڭ پۇلىنى تېجەيلى دەپ ۋارقىراپمۇ يۈرمەيلى ،ھەر ئايدا  ئۆتكۈزىلىدىغان قاتار چايلىرىمىز ،قاتارى تۈگىمەيدىغان چايلىرىمىزدا ھەممىمىز بىر نىيەتكە كېلىپ بىر ئىككى تەخسە قورۇما پۇلى دەپ بولسىمۇ 10 سومنىڭ مەرىدىن كېچەيلى ...
ئۆگىنىشى ئاجايىپ  ياخشى ئوغول  سىتۇدىنىتلىرىمىز ئالىي مەكتەپلەردىن ئايرىلىپ ئىشلەمچىلەر بولۇپ قالمىسۇن ،
ئۆگىنىشى ئاجايىپ ياخشى قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىشرەت كوچىسىغا داجىپ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىنى ئىشرەتخانىلاردا ئۆتكۈزمىسۇن ..
سەبىي بالىلار مەكتەپ قوينىدا تەربىيلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن ..

ھەمممىز مېھرىبانلىق مىلودىيەسىنى ياڭرىتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى .يەر شارىمىزنىڭ "ئورتاق تىلى"بولغان مېھرىبانلىق مىلودىيەسىدىن ھەممە دىللار سۆيۈنۈپ بۇ دىيارىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلسۇن ..

2008-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا شەھرى بورتالا ،ۋاپادارىم خانىسىدا يېزىپ تامام بولدى ...

خەيىر ...

Muxtak يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 21:03:37

يىڭى يىلدا ئىشلىرىمىز يىڭىچە قوللاشلارغا، يىڭىچە ئۇتۇقلارغا ، يىڭىچە مەنىلەرگە تولغاي!

totem يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 21:04:51

2009-يىلدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتكە مەنمۇ قىزغىن ئاۋاز قۇشۇشنى قارار قىلدىم.بەدەل پۇلۇمنى تاپشۇرۋەتسەم بۇلاتتى.

zulyar يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 21:11:23

ببىرسوم پىلانىغا باشتىن ئاخىر يۈرەك قېنىنى سەرەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ۋاپادارىمغا ۋە بىر سوم پىلانىنى قوللىغان تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

دۇنيا مېھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 21:13:17

يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ئەزىز تورداشلىرىم ..

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 21:16:50

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=33954

مۇنۇسى كۆلتىگىنكام يازغان بىر سوم مېھرىبانلىقىغا پۇل يىغىش ئىشىنىڭ خۇلاسىسى

koltigen يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 21:38:18

ئوبدان قىپسىز،سىزگە تېخىمۇ چىدام ۋە غەيرەت تىلەيمەن!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2009-1-1 09:34:34

بۇندىن باشقا مەلۇم تورداش تەرىپىدىن مېنىڭ تاۋباۋدىكى ھىساباتىمغا ئەۋەتىلگەن 10 سوممۇ بار .  ئاندىن تور بېكىتىمىزدىكى ئېلان كىرىمىدىن كەلگەن 60 نەچچە دوللارمۇ بار . ئەگەر مۇشۇ پۇل 100 گە يەتسە بۇنىمۇ تاپشۇرۋالالايمىز .

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-1 13:14:07

بۆر تالاغا  يەنە  قاچان بېرىشقا  ىۇدا  نىسىپ  قىلار.....

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-1 21:10:10

كېلىپ قالسىلا ئىزلىسىلە تورداش.

sirdax_ali يوللانغان ۋاقتى 2009-1-1 21:35:04

قانداق قىلغاندا سىلەر بىلەن ھەمنەپەس بولغۇلى بۇلار ؟مەن سىلەرنڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، سىلەرگە ياردەمچى بۇلۇشنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن ،بىرق قانداق قىلسام سىلەرگە ياردەم قىلالايمەن ؟ پۇلنى قانداق ئەۋەتىمەن ؟

FIRKAT يوللانغان ۋاقتى 2009-1-1 21:49:18

ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەن بەرسۇن قېرىنداشلىرىم. يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-2 09:16:04

جەۋلان بېگىم ،مۇنۇ تېمىنى   ئۈستىدە ماڭىدىغان قىلىپ قويساڭلار ،،،

مېدال ئالغان بالىلار كۆرسە ،بىلسە .....

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2009-1-2 13:22:16

مەنمۇ  نەچچە ۋاقىتتىن بېرى پارچە پۇللىرىمنى يىغىپ كېلىۋاتاتتىم............بۇ پۇللارنى بولسا مەن ياخشىراق يەرگە ئىشلەتسەم دەپ  ئويلىشىۋاتقان.......سىلەر بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ؟.......ئۇ پۇللارنى سىلەرگە قانداق يەتكۈزۈپ بېرىمەن؟......

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-6 12:25:27

http://www.1tilla.com

بىر تىللادا كۆرىشەيلى ...

رەھمەت

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2009-1-10 17:46:49

پۇلنى قاندا ئىۋەتىمىز ....بۇرادەرلەر ؟؟؟؟؟؟؟؟؟تەپسىلىي دەپ  بەرگەن بولساڭلار ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بەت: [1]
: «بىر سوم مېھرىبانلىقى »ئۈچ ياشقا كىردى