hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-26 03:02:12

ئانىلارنىڭ دۇئاسى ئاتىلارنىڭكىدىن زىيادىرەكتۇر ،

«ئاتا ۋە ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىپ،ئۇلارنى رازى قىلىڭلار!»
مۇقەرەردۇركى،ئاتا-ئانا رازىلىقى بۇدۇنيادادۆلەت ئاخىرەتتە نىجات تاپماقنىڭ سەۋەبىدۇر.كەلتۈرۈپتۇرلاركى:
مالىك دىنار بىريىلى ھەجگە بېرىپ ھەج ئاداقىلدى.ھەممە ھاجىملارنىڭ ھەجى قوبۇل بولدى.ھەممە ھاجىلار ئەرافاتتىن ياندىلار.شۇكېچە مالىك چۈش كۆردى.چۈشىدە ئىككى پەرىشتە ئاسماندىن چۈشۈپ:
«بۇيىل (مۇھەممەد بەلىخدىن باشقا)ھەممە ھاجىلارنىڭ ھەجى قوبۇل بولدى،ئەمما مۇھەممەد بەلىخنىڭ ھەجى قوبۇل بولمىدى.بىھۇدە سەپەرمۇشەققىتىتىنى تارتتى»دېدى.مالىك ئۇيقىدىن ئويغىنىپ ،قوپۇپ بەلىخ كارۋانلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ،بىرچېدىرنىڭ ئىچىدەئولتۇرغان غايەت زىبا روي،ئۇچىسىغا پالاس يۆگىۋالغان بىرئوغۇلنى كۆردى.ئۇمالىكنى كۆرۈپ سالام قىلدى ۋە:
_ ئەي مالىك، چۈشۈڭدەھەجى قوبۇل بولمىدى دېگەن كىشى مەندۇرمەن.بۇبەندە غول(زەنجىر ھالقا)،قارا پالاس مەھرۇملۇقنىڭ نىشانىسىدۇر،_ دېدى،مالىك ھەيران بولۇپ:
_ ھەي ئوغۇل،نېمە ئۈچۈن ھەجنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قاپسەن؟سەۋەبىنى بىلەلىدىڭمۇ؟_ دېگەن ئىدى،ئۇ:
_ئاتا-ئانام مەندىن رازى ئەمەس ئىدى.مەھرۇملۇقۇم شۇنىڭدىن بولدى،_دېدى.مالىك:
_ماڭا بىركىشى قوشقىن.مېنى ئاتاڭنىڭ قېشىغا باشلاپ بارسۇن.مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى تىلىسەم ساڭا رازىلىق بەرسە ئەجەپ ئەمەس،_ دېگەنىدى،كىشى قوشۇپ بەردى. كېلىپ كۆردىكى،[مۇھەممەد بەلخىنىڭ دادىسى]بىر پادىشاھانە بىسات ئۈستىدە خۇش سۆھبەت ئولتۇرۇپتۇ.بىسات ئالدىدا خەلق سەپ تارتىپ تۇرۇپتۇ.مالىك ئالدىغا بېرىپ سالام قىلدى ۋە:
_ئەي بۈزۈرۈك،سىزنىڭ ئوغلىڭىز بارمۇ؟_دېدى.
_ئارى،بىر پەرزەنتىم بار.مەن ئۇنىڭدىن ئازارلانغانىدىم.
_ئەي پىر،_دېدى مالىك،_بۇشۇنداق ۋاقىتتۇركى،ئازارلىنىپ كۆڭلىڭىزگە ئاداۋەت چۈشكەن بولسا،ئۇنى خاتىرىڭىزدىن چىقارغايسڭز ۋەئوغلىڭىزنى ئەپۇ قىلغايسىز؛ئاداۋەت تۇتۇش سىزگە راۋا ئەمەس.ئۇنداق بولمىغاندا ئۆز پەرزەنتىڭىزنى خۇدايى تائالانىڭ ئازابىىغا مۇپتىلا قىلىپ قويىسىز. مەن مالىك دىنادۇرمەن.كېچە ئوغلىڭىزنىڭ مەھرۇملۇقىنى چۈشۈمدە كۈرۈپ قېشىڭىزغا كەلدىم،خۇدانى شەپى كەلتۈرەيكى ،ئوغلىڭىزنىڭ گۇناھىدىن ئۆتسىڭىز.بۇسۆزنى ئىشىتىپ:
_ئەي شەيىخ،سەن مەرد بۈزۈرۈك ئىكەنسەن،مىنىڭ قېشىمغا كېلىپ ئۇلۇغ زاتنى شېپى كەلتۈردۈڭ.قوبۇل قىلدىم.دېدى.مالىك شول زامان قايتىپ ئول ئوغۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ كۆردىكى.ئوغۇلنىڭ بوينىدىكى زەنجىر يوق.پاكىزە،رەڭگارەڭ سەرپاي كىيىپتۇ.ئۇمالىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
_ئەي مالىك،مەن بىلەن ئاتامنىڭ  ئارىسىدا سۈلھى قىلىپ،مىېنىڭ ھەجىمنى قوبۇل قىلدۇردۇڭ،ساڭا ھەم خۇدايى تائالا رەھمەت قىلغاي!_دەپ مۇناجات قىلدى.شۇنىڭ بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ،مالىك ھەج ساۋابىنى تاپتى.
ئەمما ئانىنىڭ دۇئاسى ۋەرازىلىقى ئاتىنىڭكىدىنمۇ زىيادىرەكتۇر.يېقىن-يۇرۇق،قاياشلىرىنىڭ ھەققىمۇ ھەم دىننىې ئىسلام ۋاجىپلىرىدىندۇر .شۇنداقلا سىلە رەھىم قىلماق،باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقمۇ رىزقىنىڭ كەڭ بولماقلىقىغا سەۋەپتۇر.ھەدىستە ھەقتائاللانىڭ:«كىمكى كىشىگە رەھىم قىلسا،مەن ئۇنى رەھمىتىمگە ئېرىشتۈرىمەن»دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
مەنبەسى_شەرق ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسى«مۇقەددەس نەسىھەت ۋەسىيەتلەر»ناملىق كىتاپدىن  ئېلىندى.

misran يوللانغان ۋاقتى 2008-12-26 08:47:25

ئاتا رازى، ئانا رازى ئاللا رازى!

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-12-26 22:28:31

بۇ كىتابنىڭ ھەدىس بۆلۈمى ناھايىتى ئېسىل.

بەت: [1]
: ئانىلارنىڭ دۇئاسى ئاتىلارنىڭكىدىن زىيادىرەكتۇر ،