hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-25 16:37:38

جاپاكەش ئانىلار ياشسۇن!!

سەھەردە چېنىقىشقا چىققىنىمدا مەھەللىمىز ئەتراپىدا كوچا سۈپۈردىغانلار ئىچىدە65ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ قۇشۇلغانلىقنى كۆردۈم.
بۇشەھەردە <پىچەت>كىيىنگەن پۇزۇر ياشلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىشلىرنى،بەش ئەزايى ساق تۇرۇپ،مىيىپ قارغۇ تىلەمچىلەرنى تولا كۆرۈپ ھەيران قالمايدىغان بولوپ قالغانتىم. دۆڭكۆۋرۈكتە بىر قىسىم مىيىپلەرنىڭ گېزىت سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ غەيرىتدىن ئېلھاملىناتتىم.مانا بۈگۈن نەچچە نەۋرىسى بار بىر ئايالنىڭ كوچا سۈپىرىشى مىنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى،
ھەدە،ئەكىلىڭ!مەن سۈپۈرىشۈپ بىرەي،-دىدىم ئۇنىڭ قولدىكى چىغ سۈپۈرگىگە قۇلۇمنى ئۇزارتىپ..
بولدى قىزىم ئۈزۈم سۈپرەي.كىيىملىرڭىز مەينەت بوپ كەتمىسۇن دىدى ئۇ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن.
شۇ مىنىۇتتا ئۇ يۇرتۇمىزدىكى قۇرۇيمىزنى سۈپۈرۋاتقان ئانامدەكلا كۈرنۈپ كەتتى،،كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگىنىمدە.ئۇنىڭ ھاسىراپ تۇرسىمۇ،كوچلاردىكى ئەخلەتلەرنى ئىرىنمەي تىرۋاتقانلىقغا دىقەت قىلدىم..
ھەدە ياشنىپ قالغاندا بۇ ئېغىر ئىشنى نىمىشقا قىلسىز؟قىزقىشىمنى قوزغاۋاتقان بۇ سۇالنى ئىچىمگە زادىلا سىغدۇرالمىدىم،
ۋۇي قىزىم بۇ مۇھتاجلىقتىن ئەمەس،كۈنۈپ قالغان ئادەت دىمەمسىز،،20يىل بۇرۇن يولدۇشۇم قازا قىلغاندا 7بالا بىلەن قالغان.دىھقانچىلىق قىلىپ باللارنى قاتارغا قوشتۇم،مانا ھازىر باللىرىمنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇپ،نەۋرىلەرمۇ قولدىن چىقىپ بولدى،شۇڭا ئۈرۈمچىگە كىلىپ باللىرىمنىڭ ئۆيدە تۇرۋاتمەن ،بىراق بىزدەك ئىشلەپ كۈنۈپ قالغانلار بىكار چىلىققا كۈنەلمەيدىكەنمىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرىم تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ تازلىقنى قىلسام،خۇددى ھويلا-ئاراملىرىمنى سۈپۈرگەندەك ھىسياتتا بولدىكەنمەن.-دىدى ئۇ ئاۋالقىدەك تەبەسسۇم بىلەن.
بىر دىھقان ئاننىنىڭ مەركىزى شەھەرنىڭ مۇھىتى ئۈچۈن شۇنچە ئەجىر قىلشى بىزنى ئويغا سالماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
ئۇنىڭ مۇشۇئاددى ئەمما مۇشۇ ئالىجاناپ روھى ئالدىدا مۇشۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ئۆسۈپ چوڭ بولۋاتقان ھەر بىرمىزنىڭ بۇ <ھويلا ئاراممىز>
نىڭ مۇھىتنى ئاسرىماسلىققا نىمە ھەددىمىز بار؟بىزنىڭ مۇھىتىمىز،قەلبىمىز،روھىمىز دەل مۇشۇنداق جاپاكەش،ھارماس ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ تىزلاپ پەرۋىش قىلىشنىڭ مەسۇلى شۇنداق ئەمەسمۇ؟ئانلار ياشسۇن!
مەنبە ~ قانۇنچىلىق گېزىتى،

Sirlikdunya يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 21:33:43

ئانىلارھەقىقەتەن جاپاكەش ھەم ئۇلۇغ!!!

بەت: [1]
: جاپاكەش ئانىلار ياشسۇن!!