zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-12-19 22:20:20

يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا ساياھەت

يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا ساياھەت

ئەي قىز ئوزىنى تۇنۇغان ،ئوزىنى چۇشەنگەن ۋە ئوزىگە ئىشەنگەن قىزلارلا ئەڭ ياراملىق قىزلار قاتارىغا كىرەلەيدۇ ،ئوزىنى تۇنۇش ئەمىليەتتە ئوزىنىڭ كىم ئىكەنلىكى،يىلتىزىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇش ۋە شۇنداقلا ھاياتىدا قانداق ئىشلارنى قىلىش ،قانداق مەجبۇريەتلەرنى ئوز ئۇستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلىش دېمەكتۇر .مانا مۇشۇنداق روھقا ئىگە قىزلار بىز ئۇچۇن مۇشۇ دەۋرىمىزدە تولىمۇ قەدىرلىك .

خەلقىمىزدە ئىلگىرى يەتتە ئەۋلادىغىچە بىلىش ئەنئەنىسى ساقلىنىپ كەلگەن.لېكىن مۇشۇ بىر نەچچە يۇز يىلدىن بېرى يۇز بەرگەن ئۇرۇشلار ،خەلقىمىزنىڭ بۇخارا ئۇيقۇسىدا كوپ ئۇخلاپ كېتىشى،قەبىلىۋى ۋە جەمەت شەكىلدىكى ئىجتىمائى بىرلىكنىڭ ئاستا –ئاستا يىمىرلىشىگە ئەگىشىپ ،بۇ ئەنئەنە ئوخشىمىغان ھالدا يوقۇلۇشقا يۇز تۇتقان ،ئەمما ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ،ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن باشلاپ چەتئەل بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك سودا ئالاقىسى قىلىدىغان سودىگەرلىرىمىز ،چەت ئەلگە ئوقۇشقا ،بىلىم ئېلىشقا چىققان زىيالىلىرىمىز نەسەبسىزلىكنىڭ ،فامىلىسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۇچە تارتىۋالدى ،ئوز يىلتىزىنى بىلمەسلىك ،ئوزىنىڭ نەسەبىنى ئېنىقلىيالماسلىق ،فامىلىسىز بۇلۇش قاتارلىق سەۋەپلەر خەلقىمىزنىڭ مەدىنيەتلىك مىللەتلەت قاتارىغا يۇرۇش قىلىشىغا كۇچلۇك توسالغۇ بۇلۇپ كەلدى .مۇمكىن بولسا خەلقىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئانىلىرى ،تەربىيىچىلىرى ھىساپلىنىدىغان قىزلىرىمىزنىڭ بۇ توغۇرسىدىكى بىلىمى ۋە چۇشەنچىسى چوڭقۇرراق بولسا ،بۇ بىلىمنى ئەۋلادلىرىغا سىڭدۇرسە ،ئەۋلادلار ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ روھى بويىچە ئىلھامىلىنىپ چوڭ بولسا ،بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق ،شۇنداقلا ئالەمشۇمۇل زور ئىشتۇر .

دۇنيادا ئوزىنى سويمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك ،ئوزىنى سويمەيدىغ،ان ئادەممۇ بۇلۇشى مۇمكىن ،ئەمما ئوزىنى سويمەيدىغان ئادەم چوقۇم نورمالسىز ئادەم ھىساپلىنىدۇ ،شۇنىڭغا ئوخشاشلا بۇ دۇنيادە خەلقىنى ۋە مىللىتىنى سويمەيدىغان ۋە نەپرەتلىنىدىغان ئادەممۇ بۇلۇشى مۇمكىن،ئەمما بۇنداق ئادەممۇ تازا نورمال ئادەم ھىساپلانمايدۇ!سەرۋەقە بىزنىڭ جاسارەتلىك ئوغۇللىرىمىز بولسۇن ،نازاكەتلىك قىزلىرىمىز بولسۇن ،ھەممىسى دېگۇدەك ئوز ئەسلىگە ئىنتىلىدۇ ،خەلقىمىزنى سويىدۇ ،ئوزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەۋلادى بۇلۇپ قالغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ،ئوزىنىڭ تەقدىرىنى خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلايدۇ،ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۇرۇش –تۇرۇشتىكى غەيرىلىشىش ،ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ سۇسلىشىشى ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ باش كوتۇرشى ،تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق نەرسىنى قارغۇلارچە قوغلۇشىۋېرىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ،يۇقۇردا بىز تەكىتلەپ ئوتكەن كەيپىيات ۋە قىزغىنلىقمۇ روشەن ھالدا توۋەنلەپ كەتكەندەك قىلىدۇ .

نېمىشقا شۇنداق بۇلۇدۇ ؟

بىرىنچى،،ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى مۇشۇ جەھەتتىن تەربىيلىشى ئىنتايىن يېتەرسىز بولغان ،ھەتتا بۇ ھەقتە مۇتلەق تەربىلىمىگەن بۇلۇشىمۇ مۇمكىن .شۇنداق بولغاچقا ،پەرزەنتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ساۋاتسىز قېلىشى ،ھېچنىمە بىلمەسلىگى جەمىيەتتە بۇنداق كەيپىياتنىڭ توۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان .نۇرغۇن ياش ئاتا-ئانىلار ئائىلە نەسەبنامىسى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ياكى ئۇنى يادقا بىلىش ئارقىلىق بالىلىرىنى كىچىكىدىن تەربىلەشنى بىلمەيدۇ ،ئوز خەلقىنى مىللىتىنى سۇيۇش ،ئوزىدە كۇچلۇك مىللى ھېسيات سىڭدۇرۇشنى بىلمەيدۇ ،سەل مۇشۇنىڭ كاساپىتى تۇپەيلىدىن ،كىچىىك ئىش دەپ قارالغان نەرسە ئەمىليەتتە چوڭ ئىشقا ،بالىلارنىڭ ئوز نەسلىنى بىلمەيدىغان نادان تەربىلىنىپ قېېلىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ،بۇنى ئوزگەرتىش بۇ جەھەتتىكى بىلىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كەلگۇسىنىڭ ئانىلىرى ھېساپلانغان قىزلىرىمىز ئۇچۇن تولىمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇدۇ،ئەلۋەتتە .

ئىككىنچى،ئۇيغۇردەك نەسەبنامىسىنى يېزىپ قالدۇرغان ئائىلىلەر بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئاز،ئۇنىڭ ئۇستىگە فامىلە قوللىنىشمۇ ئومۇملاشمىغان ،فامىلىنىمۇ چۇشەنمەيدىغان كىشىلىرى ئىنتايىن كوپ بولغان مىللەتتە بىز يۇقۇردا تەكىتلەۋاتقان ئىجتىمائى كەيپىياتمۇ تەبى ھالدا توۋەن بۇلۇپ كەلدى .شۇڭا پەرزەنتلەر يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن جەمىيەتتىن بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى قۇبۇل قىلىشقا ئىمكانىيىتى بولماي كەلگەنىدى.‹‹تارىم غونچىلىرى››ژورنىلى ئالتە –يەتتە يىل ئىلگىرىلا ‹‹مېنىڭ يىلتىزىم ››دېگەن مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ ،ئوسمۇرلەر ئارىسىدا يەتتە ئەجدادىغىچە بىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ مەلۇم مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەنىدى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقىمىز ئارىسىدا فامىلە قوللىنىش قىزغىنلىغى ئومۇميۇزلۇك كوتۇرلۇپ ،بۇ جەھەتتە ناھايتى ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەر،ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئىشلەندى .نۇرغۇن زىيالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن فامىلە قوللۇنۇپ ،ئوزلىرىنىڭ مەڭگۇلۇك نەسەبنامە بەلگىسىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىدى .مانا مۇشۇ كەيپىياتنى ،مانا مۇشۇنداق نەسەبنامىنى قىزلىرىمىز چوڭقۇرلاپ چۇشۇنۇشى ،كەلگۇسىدە ئانا بۇلۇپ قالغاندا بالىسىنى مۇشۇ جەھەتتە ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم .

ئۇچۇنچى، ھازىر ھەممە نەرسە دۇنياۋىلىشىپ كەتتى ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى خەلقارالىق داڭلىق ماركىلار ،داڭلىق چولپانلار،داڭلىق پىكاپلار قاپلىۋالغان ،ئۇلار بىزدىن تولىمۇ يىراق بولغان ئامېركا ،ياۋرۇپالاردىكى نەرسىلارنى سۇدەك بىلىدۇيۇ ،ئەتراپىمىزدىكى،بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە بار بولغان نەرسىلارنى ياخشى بىلمەيدۇ .بۇلۇپمۇ ئوز-ئوزىنى تۇنۇشى يېتەرسىز ،بۇ خۇددى توگە مىنىۋېلىپ توگە ئىزدىگەندەك ھەم كۇلكىلىك ھەم ئېچىنىشلىق ئەھۋال .بۇ ئەھۋالنى قانداق قىلغاندا ئوزگەرتكىلى بۇلۇدۇ؟ دەسلەپكى تەربىيە مېنىڭچە ئىنتايىن مۇھىم .ھازىرقى قىزلىرىمىز كەلگۇسىدە ئانا بولغاندىن كېيىن بالىنى ھەرگىز كىچىك دەپ چاغلىماسلىق ،ئۇنىڭغا تۇغۇلۇپلا بۇ جەھەتتىكى تەربىيەنى كۇچەيتىش ،ئوزىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىق بولغان مىللى ئەن-ئەنىلىرىمىزنى ئوگۇتۇش ،چۇشەندۇرۇشنى دائىملىق تەربيە شەكىلگە ئايلاندۇرۇش لازىم .مۇشۇنداق قىلغاندىلا بۇ جەھەتتە ئاز-تولا ئۇنۇمگە ئىرىشكىلى بۇلۇدۇ .

توتىنچى :ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ يېتەرسىز بۇلۇشى تۇپەيلى ئوقۇغۇچىلار تەبى ھالدا بۇ تېمىغا قىزىقماس بۇۇپ قالغان .ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ساپاسىنىڭ توۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى ۋە بۇنىڭغا قارشى چوقانلار ئۇزۇندىن بېرى ئۇزۇ؛ۇپ قالغىنى يوق .ئەمما ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئىزدىنىش روھىغا باي ياشلار قوشۇنى ھېلىھەم بار ،ئۇلارنىڭ رولىنى ھەرگىز سەل چاغلىماسلىق كېرەك .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئىنتىلىش ۋە ئىزدىنىش روھىنى كۇچەيتىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا مىللى ئەنئەنە تەربىيىسى بېرىشكە ئۇنۇملۇك يول ئېچىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

بۇ پىكىرلەرنى يىغقاندا ،ئومۇمەن مەيلى ئاتا-ئانىلاردا بولسۇن ،ئەيلى ئوقۇتۇش جەريانىدا بولسۇن ۋە مەيلى جەمىيەتنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىدا بولسۇن ،بۇنداق ئۇنلۇك ۋە ئۇنسىز تەربىيە شەكلى بولمىغان ،بولغان تەقدىردىمۇ ئومۇملاشمىغان ،شۇنىڭ بىلەن يىلتىز ئىزدەش ،مۇشۇ ئارقىلىق ئوز –ئوزىنى تۇنۇش ،ئوز-ئوزىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق تەربىيەگەئىگە بۇلۇش شېرىن خىيالىغىلا ئايلىنىپ قالغان .بۇ جەھەتتە بىلىمى كوپ ئانىلارنىڭ بىزدە تولىمۇ ئازبۇلۇشىمۇ مۇشۇنداق قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنىڭ كېلىپ چقىشىغا سەۋەپ بولغان.ھالبۇكى ئۇمۇت يەنىلا ئۇزۇلمەيدۇ ،خەلقىمىزدە ‹‹ئۇمۇدسىز شەيتان ››دېگەن گەپ بار ،بىزنىڭ يەنە كۇرمىڭ قىزلىرىمىز بار ،ئۇلارنىڭ روھى جۇشقۇنلاپ تۇرۇدۇ ،غايە ۋە ئىستىقبال يولى ئۇچۇق ،قەلبى نۇرغۇن ئارزۇ –ئارمانلارغا توشقان .مانا مۇشۇ ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ بىرى ئوزىنى تۇنۇش ۋە يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلاردا ساياھەت قىلىپ ،مول بىلىم جۇغلاش ،كەلگۇسى پارزەنتلىرىنى بۇ جەھەتتە ئاجايىپ كامالەتكە يەتكەن قىلىپ ،مول بىلىم جۇغلاش ،كەلگۇسىدە پەرزەنتلىرىنى بۇ جەھەتتە ئاجايىپ كامالەتكە يەتكەن قىلىپ تەربىلەپ چىقىش .

ئەي قىز !يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا قىلغان ساياھىتىڭىز دائىم ئوتمۇشنىڭ ئاجايىپ جەزبىگە تولغان ئىللىق قوينى ئارقىلىق سىزنى ئالەمچە ھېسلار قۇچىقىدا ئەللەيلەيدۇ ،ئوتمۇش ،ئەجدادنى تۇنۇش ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىيتىدىن ئىلھام ۋە ھاياتى كۇچ ئالىدىغان ئەۋلادلىرىمىزنى كوپەيتىدۇ ،شۇنداقلا پارلاق كەلگۇسى ئۇچۇن دادىل يول ئاچالايدىغان جاسارەتكە ئىگە بىلىم گىگانىتلىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىقالايدۇ؛يىلتىز ئىزدەش دائىم سەمىڭىزدە بولسۇن ،يىلتىز ئىزدەش روھى سىزگە دائىم ھەمراھ بولسۇن،شۇندىلا سىز ئوز قەددىڭىزنى مەغرۇر كوتۇرۇپ ،ئوتمۇشكە ئوتمۇش كوزىدە قاراپ،كېلەچەككە ئۇمۇدۋار نەزەر تاشلاپ ،پارلاق كەلگۇسىڭىز ئۇچۇن ،كەلگۇسىدىكى ئەۋلادلىرىڭىز ئۇچۇن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيسىز .

بۇگۇن دەم ئېلىش مۇناسىۋېتى بىلەن كىتاپ ئىشكاۋىمنى رەتلەۋېتىپ ‹‹قىزلار ئەڭگۇشتەرى ››دېگەن كىتاپ قۇلۇمغا چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىنى يوللاش خىيالىغا كەپ قالدىم .بۇ تېما بۇرۇن يوللۇنۇپ بولغان بولسا ئۇچۇرۋەتسەڭلار بۇلۇدۇ .

yasen100 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-19 23:09:37

oyhurkizi يوللانغان ۋاقتى 2008-12-22 16:48:10

رەھمەت ،داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
بەت: [1]
: يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا ساياھەت