ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2008-12-19 20:00:58

«قەھرىمان دۇنياغا كەلدى»




«قەھرىمان دۇنياغا كەلدى»


كەتمەنباينىڭ بايانى:
(ھونلار تارىخىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر قەدىمقى مىللەت. ئۇلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئۆزىمىزنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز ھۇنلارنى كۆپ ھاللاردا دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى تارىخ كىتابلىرىغا تايىنىپ چۈشىنىپ كەلدۇق. ھونلار تارىخىنىڭ يەنە بىر ئەڭ شانلىق سەھىپىسى ياۋروپادا يېزىلغان. ياۋرۇپانىڭ كۆزى بىلەن ھۇنلارنى كۆرۈپ بېقىش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولسا كېرەك. «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت» دېگەن كىتابنى بەلكىم تورداشلار ئوقۇغاندۇر. لېكىن ئۇنىڭ جەۋھەرلە
نگەن قىسمىنى ئەمدى ئوقۇيدۇ. ئۆتكەن ئايلاردا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ھونلار ھەققىدىكى ئىككى تىمامنى – يەنى «ھونلار كەپتۇ. قىيامەت بولغۇدەك!» ۋە «بۈيۈك مىللىي كۆچۈش» دېگەن ئىككى تىمامنى سۇنغان ئىدىم. ئەمدى ھونلار ھەققىدىكى - «قەھرىمان دۇنياغا كەلدى» دېگەن ئۈچىنچى تىمامنى سۇندۇم.)


4- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ياۋروپادىكى ھونلار قۇدرەتلىك ئەللەردىن سانىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. (ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا قۇدرەتلىك ئىمپىرىيە قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان تەڭرىقۇت دەل ئاتتىلا ئىدى)
«ئاتتىلا» دېگەن بۇ ئىسىمنى كېيىنكى كىشىلەر بۇ ھۇن ئاتامانىغا قويۇپ قويغان بولۇشى، «ئاتتىلا» ئۆزى بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
«ئاتتىلا» دېگەن بۇ ئىسىم گۇتلارنىڭ رىۋايىتىدىن كەلگەن بولۇپ، «ئاتا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ھۇن ئاتامانىنىڭ ئىسمىنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىزمۇ بىلەلمىدۇق.
گۇتلاردا بىر ئايال داخاننىڭ سازلىققا قوغلىۋىتىلگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان بىر ئەپسانە بار.
رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئايال داخان ئۇ يەردە ئالۋاستى بىلەن جۈپلىشىپ، بەتبەشىرە ھۇنلارنى تۇغقانمىش. ئۇلارنىڭ تىلى بولمىغاچقا ھايۋاندەك چىقىرارمىش. بۇ سازلىق جاي دەل ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك چىگرىسىدۇر.
ئاتتىلا گەرچە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پۈتۈنلەي يېڭى بىر دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەن.
مىلادىيە 410 - يىلى ئاتتىلا ئون تۆت يېشىدا غەربىي رىمنىڭ پايتەختى راۋىننادىكى خوننولىئوسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلى
نگەن، ئۇ چاغلاردا ئاقسۆڭەك ۋە بەگلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتالمىش بارىمتاي سۈپىتىدە باشقا ئەللەرنىڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىلىپ، يات ئەللەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ناھايىتى ئومۇملاشقان.
راۋىننا – رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىدى. رىم بولسا مەمۇرىي پايتەختى ئىدى.
ئاتتىلا ئۆزىدىن بەش ياش چوڭ رىملىق ئاقسۆڭەك ئائېتىئۇس بىلەن ئاغىنە بولغان. ئائېتىئۇس ئىلگىرى ھۇن تەڭرىقۇتى رۇئانىڭ ئوردىسىدا بارىمتاي بولۇپ تۇرغان. ئاتېئىئوس ھۇنلاردىن ئات مېنىش ۋە ئوقيا ئېتىش ماھارىتىنى ئۆگە
نگەن. ئاتتىلا رىم دۇنياسىنى چۈشەنگەندەك، ئاتېئىئوسمۇ ھونلار دۇنياسىنى چۈشەنگەن.
ئاتتىلا بۇ يەردە يۇنان تارىخى ۋە رىم تارىخى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ ئېسىل ئۆرپ – ئادىتىنى ئۆگە
نگەندىن باشقا، يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن خرىستىئان دىنى بىلەن پىششىق تونۇشقان. لاتىن تىلىنىمۇ ئوبدان ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە رىملىقلارنىڭ كۆزى بىلەن دۇنياغا نەزەر سېلىشنىمۇ ئۆگەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئاتتىلا رىملىقلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىتتىپاقدىشى بولۇش بىلەن بىرگە, يەنە ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىمۇ بولۇپ قالغان.
ئاتتىلانىڭ بالىلىق دەۋرىدە ھونلار بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھۇن چەۋەندازلىرى تەرەپ- تەرەپتىن شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپىرىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى.
دانىشمەن ھىخمىس 396 -يىلى مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «بۇ دەۋرنىڭ ھالاكىتىنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىمنى تىترەك باسىدۇ. يىگىرمە يىلدىن بىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك رىملىقلارنىڭ ئىسسىق قېنى قۇستەنتەنىيەدىن ئالپىس تاغلىرىغىچە ئېقىۋاتىدۇ... قانچىلىغان دەريالارنىڭ سۈيى ئىسسىق قان بىلەن قىپقىزىل بويالدى.
مىلادىيە 434 - يىلى تەڭرىقۇت رۇئا ۋاپات بولغاندا، ھۇنلارنىڭ قەدىمقى ئادىتى بويىچە رۇئانىڭ ئىككى جىيەنى بولمىش بىلېدا بىلەن ئاتتىلا تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.
رىملىقلار 453 - يىلى ترانسىلۋانىيە تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە (ھازىرقى رۇمىنىيەنىڭ ماگس شەھىرى) ھۇنلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ھونلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەن. بۇ كېلىشىم ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، ھونلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان زېمىنى رىم ئىمپىرىيەسىدىن باشقا پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋرۇپاغىچە كىڭەيگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ھۇنلارنىڭ تەسىر كۈچى رېيىن دەرياسىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، دەريانىڭ يەنە بىر قىرغىقى ئائېتىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى گاللىيە ئىدى.
ئائېتىئوس رىم ئىمپىرىيەسى قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ھۇنلارغا گاللىيە رايونىنىڭ تەپتىشلىك ھوقۇقىنى بەرگەن. غەربىي گوتلار يەنە بىر قېتىم ھۇن ياللانما لەشكەرلىرىنىڭ شەپقەتسىز زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. بىلىدانىڭ رەھبەرلىكىدە ھونلار بىر ھۇجۇم بىلەن بۇرگوندلارنى تارمار قىلغان. بۇرگوندلارنىڭ يوقۇتۇلغانلىقىدەك ئەمەلىيەت گىرمان مىللەتلىرىنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلغان. نۇرغۇن خەلق رىۋايەتلىرىدە بۇ تارىخ خاتىرىلە
نگەن. نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن بۇ تارىخ ئاساسىدا «نىبىلۇنگېن ناخشىسى» دېگەن بۈيۈك داستان يېزىپ چىقىلغان.
ئاتتىلا دۇنيا تارىخىدىكى داھىيانە سىھرىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرى.
‹ئاتتىلا› دېگەن ئىسىم بىلەن چېتىشلىق بولغان ھوقۇق، رەھىمسىزلىك ۋە قايناق ھېسسىيات ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ كەلدى.
ھېسابسىز بايلىقى، رىم پادىشاھى ئالدىدىكى مەغرۇرلىقى، ئىشرەتپەرەسلىكى، ئۇرۇشلاردىكى چىدامچانلىقى، دىپلوماتىيە ماھارىتى ۋە ئەڭ ئاخىرى ساھىپجامالنىڭ باغرىدا سىرلىق ئۆلۈپ كېتىشى – بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاتامانىنى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان سىرلىق شەخس قىلىپ قويغان.
«نىبىلۇڭېن ناخشىسى» دىكى ھۇن تەڭرىقۇتى ئېسىلنىڭ پىروتوتىپى بولغان ئاتتىلا دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا مەڭگۈلۈك كىرگۈزۈلگەن.
بىر تەڭرىقۇتنىڭ ھوقۇقىنى ئىككى بەگنىڭ تەڭ تۇتۇشى ھۇنلارنىڭ ئەن
ئەنىسى ئىدى.
بىلىدا بىلەن ئاتتىلانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا چېچىلاڭغۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى راۋاجلىنىپ، تەشكىلچانلىقى كۈچلۈك، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىمپىرىيەگە ئايلانغان.
بىلىدا بىلەن ئاتتىلا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارغا قىلچە رەھىم قىلمىغان.
ئاتتىلانىڭ نىشانى – ھوقۇقنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلەش ئىدى. ئۇ ئاۋۋال بىلىدانى يوقۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئىمپىرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تولۇق مۇستەھكەملىنىپ بولغاندا، ئاندىن ئاتتىلا بىلىدانى يوقۇتۇشنى پىلانلىغان. 445- يىلىنىڭ بىر كۈنى ئاتتىلا بىلىدانى ئالداپ ئۆزى قۇرغان توزاققا چۈشۈرگەن.
باشقا مۇستەبىتلەرگە ئوخشاش ئاتتىلا ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىشەنمىگەن. كىمكى مۇتلەق بوي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسە، ئۇ كىشى چوقۇم شەپقەتسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
ئاتتىلانىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىدا خام – خىيالغا بېرىلىش ۋە مەنمەنچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، ئۇمۇ رىم پادىشاھلىرىدەك ئۆزىنى ‹ئىلاھنىڭ ئەۋلادى› دەپ قاراپ، ئىلاھ مارىسنى ‹بەلكىم مېنىڭ ئەجدادىم بولۇشى مۈمكىم› دەپ ھىساپلىغان.
ئاتتىلا ھۇن ئىمپىرىيەسىنىڭ بۇنچە كەڭرى زېمىنىنى قانداق ئىدارە قىلغان؟
رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان بىر قانچە ئورگاندىن تەركىب تاپقان بولسا، ھۇن ئىمپىرىيەسى بىرلا شەخسكە تايىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئىمپىرىيە زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
ئاتتىلا گاللىيەگە يۈرۈش قىلىشنىڭ ئىستىراتىگىيەسىنى تۈزۈۋاتقاندا باشقا يەرلەردىكى ئۇرۇشلارنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق بىلگەنلىكى ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
ئۇ تۆت مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پىرسىيەدە بولۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئەھۋالىدىن قانداق خەۋەر تاپقان؟
تەڭرىقۇتنىڭ يېنىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇشاۋۇرلاردىن ئونىگىسىئوس بىلەن سىكتاس ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن بار ئىدى. بۇ ئىككىسى يۇنانلاشقان ياۋايىلاردىن بولۇپ، ئۆزلىرىگە يۇنانچە ئىسىم قويۇۋالغان. ئۇلار گېرىك تىلى، لاتىن تىلى ۋە ھۇن تىلىنى بىلگەن. ئونىگىسىئوسنىڭ ئورنى ئاتتىلادىنلا كېيىن تۇرغان. بەلكىم ئۇ ئاتتىلا چەكسىز ئىشە
نگەن بىردىنبىر شەخس بولۇشى مۇمكىن.
ئىمپىرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاتتىلا ھۆكۈمرانلىقىنى بېقىندى گىرمان دۆلەتلىرىنىڭ پادىشاھلىرىغا تايىنىپ يۈرگۈزگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئالان بەگلىرى، شەرقىي گۇتلارنىڭ پادىشاھى رەدارىسى، گىپىتلارنىڭ پادىشاھى ئادارىسى قاتارلىقلار بار ئىدى. يوھاننىس: ‹ئادارىسىنىڭ نامى ئەڭ مەشھۇر بولۇپ، سادىقلىقتا ھەتتا ئاتتىلانىڭ مەسلەھەتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان. بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئىچىدە كاللىسى ئۆتكۈر ئاتتىلا ھەممىدىن بەك ئادارىسىغا ئامراق› دەپ يازغان.
گىپىتلار ئىلگىرى ھونلار بىلەن ھايات –ماماتلىق جەڭلەرنى قىلغان خەلق بولۇپ، ئاخىرى يەنىلا ھۇنلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قالغان.
گىپىتلارچە سادىقلىق ماقال – تەمسىللەردە گىرمان مىللىتىنىڭ پەزىلىتىدىكى ‹مۇتلەق ئىتائەت قىلىش› مەنىسىنى ئىپادىلەيتى.
خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاتتىلا خۇددى ئادەتتىكى ئاتىدەك تەڭرىقۇت بولغان. قوشۇندا بىر ئاددىي لەشكەردەك بولغان. ئۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جازا بىلەن مۇكاپاتنى ئېنىق ئايرىغان.
ئاتتىلانىڭ بۇنداق كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان ئاددىي – ساددىيلىقى بەلكىم بىر تاكتىكا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ شاراب ئىچىش ئادىتى ۋە ئۈزۈلدۈرمەستىن يېڭى – يېڭى ساھىبجاماللارنى ئەكەلدۈرۈپ، ھەرەمخانىسىنى توشقۇزۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ تۇرمۇش جەھەتتە قانداقلا دېگەن بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
جوردانىس گوتلار تارىخىدا ئاتتىلانى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: ‹ئۇ پاكىنەك، كۆكرىكى كەڭ، يوغان باش، كىچىك كۆزلىرى كۈلرەڭ، بۇرنى پاناق، قارامۇتۇق ئادەم. قەدەملىرى ئېغىر، كۆز قاراچۇقى پىرقىراپ تۇرىدۇ. بەدەن ھەرىكىتىدىن ئىرادىسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزى ئۇرۇشخۇمار بىر كىشى. ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا ھەممە مىللەتلەرنى قورقۇتۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سالغان ئادەم›.
پىرىسكوس ئاتتىلا توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: ‹ئۇ ئۇرۇشقا ئامراق بولسىمۇ، ھامان يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسەتتى. ئاساسەن ئەقىلگە تايىناتتى. باشقىلارنىڭ ئىلتىجاسىغا ھېسداشلىق بىلدۈرەتتى. بېقىنغانلارغا بەك كەڭچىلىك قىلاتتى. ئۇ ھەم ئەقىللىق، ھەم ھىيلىگەر بولۇپ، باشقىلارغا تەھدىت سالغاندا تەھدىت سېلىۋاتقىنىنى سەزدۈرمەيتى›.
ئاتتىلانىڭ بىر پارچىمۇ ئىشەنچىلىك رەسىمى قالدۇرۇلمىغان. رەسساملارنىڭ تەسۋىرىدىكى ئاتتىلانىڭ رەسىمىدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى ئىپادىلە
نگەن.
ئىتالىيەنىڭ پارمادىكى كارت مۇناستىرىنىڭ سىرتقى تېمىدىكى بىر مەرمەر تاشقا بۇ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ باش سۈرىتى قاپارتما قىلىپ ئويۇلغان بولۇپ، سۈرەتنىڭ ئاستىغا ‹ئاتتىلا - تەڭرىنىڭ جازاسى› دېگەن مەنىدىكى چۈشەندۈرۈش يېزىلغان. بۇ نەچچە ئەسىردىن كېيىنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا بەرگەن نام ئىدى.
ئاتتىلانىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى يەنىلا ئائىتىئوس بولۇپ، ئۇ رىمنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىرىدىن ئىدى. ئۇ راۋىنادىكى چىغىدا ئاتتىلا بىلەن ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈپ، ئۇزاق مەزگىل بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان بولسا، ئەمدى ئەشەددىي دۈشمەنلەردىن بولۇشۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ سىياسىي مەقسىتى ئوخشىمايتى. دۈشمەن بولۇشۇپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئائىتىئوس ھۇنلارنىڭ يارىدىمى ئارقىلىق رىمدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.
451 – يىلى 2 – ئايدا ئاتتىلا رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دەھشەتلىك ئۇرۇش باشلانغان. تارىخچىلار بۇ ئۇرۇشنى ‹كاتالونىيان ئۇرۇشى› دەپ ئاتىغان.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئاتتىلانىڭ پارىزغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پارىز شەھىرىنىڭ ھىمات ئىلاھى بولغان كىنوۋىۋا ئاپاق كىيىنىپ ئاتتىلانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ‹ۋىجدانىڭ ئۆرتە
نگۈدەك ئەيىپلىنىپ، ئاتلىق لەشكەرلىرىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىڭ، ئادەملىرىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى ئېلىپ، قىيقاس – سۈرەن سېلىشقىنىڭچە شەرققە چېكىنىسەن› دېگەن ئىمىش.
بۇ ئۇرۇشتا دەسلەپتە ئاتتىلا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن يېڭىلىپ قالغان. تارىخشۇناسلار ‹بۇ ئۇرۇش جەريانىدىكى زور قىرغىنچىلىقتا 150 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. ھەتتا بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتكەن دېيىشىدۇ›.
فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋىكتور ھيوگۇ: ‹ھونلار بۇ يەردە شامپانىيە زېمىنى تەرىپىدىن يۇتۇۋىتىلگەن› دەپ يازغان.
ئاتتىلا بۇ قېتىمقى جەڭدىن كېيىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن ۋە قوشۇننى قايتا رەتكىمۇ سالماستىن پاننونىيەگە چېكىنىشكە پەرمان چۈشۈرگەن.
ئاتتىلانى چېكىنىشكە قىستىغان نەرسە زادى نېمە؟
ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاتتىلا ئۇرۇش جەريانىدا بۇلاپ ئالغان ئولجىلارنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن ئىستىراتىگىيەلىك چىكى
نگەن.
ھەتتا ئائىتىئوسمۇ ئاتتىلانىڭ چىكىڭەنلىكىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. ھىرىپ ھالىدىن كەتكەن بۇ قوشۇنغا يەنە بىر قېتىم زەربە بەرگەن بولسا، بەلكىم ھونلار ئاسانلا ياۋرۇپانىڭ تارىخ سەھنىسىدىن ئەبەدىي قوغلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئائىتىئوس ئۇنداق قىلمىغان. ئۇ بەلكىم ‹ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ يايلاق مىللىتى – رىملىقلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان گىرمانلارنى تىزگىنلەپ تۇرالىشى مۇمكىن› دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.
452 – يىلى ئاتتىلا ‹كاتالونىيان ئۇرۇشى› دىكى مەغلۇبىيەتتىن پەيدا بولغان ئار – نومۇسنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە قوشۇن توپلاپ، رىمغا يۈرۈش قىلغان.
بۇ ئۇرۇش ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغاندا، ئىككى خىل دۇنيانىڭ ۋەكىللىرى ئۇچراشقان. پاپا لېئوⅠ – رىم ۋە خىرىستىيان دۇنياسىغا ۋەكىل بولۇپ، ئاتتىلا – ياۋايى قەبىلىلەر بىلەن خىرىستىيان دىنىغا ئىشەنمەيدىغان غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ داھىيسى سۈپىتىدە ئۇچراشقان. پاپا لېئوⅠ ئىنتايىن يۇقىرى سۆھبەت ماھارىتى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاتتىلانى ئۆز پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە كۆندۈرگەن. رىمنى تالان – تاراج قىلماسلىق بەدىلىگە، رىملىقلار ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەردىكى ئىبادەتخانا، چېركاۋ ۋە مۇناستىرلاردىكى زور بايلىقلارنى ئاتتىلاغا بېرىۋەتكەن. ھۇنلارغا ئەسىر چۈشكەن ئاياللار، بالىلار ۋە شەخسىي ئەركىنلىكى بولمىغان كىشىلەر ھۇنلارغا قۇل بولۇپ كەتكەن.
سۆھبەت جەريانىدا ئاتتىلا سىپايىلىك بىلەن ھەيۋە كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزى ئاتتىن چۈشمىگەن ھەم پاپا لېئوⅠ نىمۇ ئۆزىدەك ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلىغان. كىيىنكىلەرنىڭ رىۋايەت قىلغانلىرىغا قارىغاندا، پاپا لېئوⅠ دىن چاقنىغان خىرىستىيان دىنىنىڭ نۇرى ۋە شۇ چاغدا كۆكتە كۆرۈ
نگەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى شاگىرتى پېتىروس بىلەن پائۇل ئاتتىلانى بويسۇندۇرغان ئىمىش. ئاتتىلا توۋا – ئىستىغپار ئېيتىپ، خىرىستىيان دىنىغا بەيئەت قىلىپ، دىنغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىمىش.
ئاتتىلانىڭ ھاياتىغا دائىر رىۋايەتلەر كۆپ بولۇپ، 453 – يىلى ئۇنىڭ توي كېچىسى سىرلىق ھالدا كىلىنچەكنىڭ قۇچىقىدا ئۆلۈپ كېتىشى – ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ھەر خىل قىياس – تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغىغان.
تارىخشۇناسلار تارىختا ئاتتىلانىڭ ئۇچ خىل تىپىك ئوبرازى بارلىقىنى بايقىغان.
بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1) ئاتتىلا – رەھىمسىز قاراقچى ۋە تەڭرى ئىنسانلارغا بەرگەن ئاپەت.
(2) ئاتتىلا – تالانتلىق سىياسىيون ۋە كۆپ مىللەتكە رەھبەرلىك قىلغان تەڭرىقۇت.
(3) ئاتتىلا – ئاق كۆڭۈل ھۆكۈمران.
453– يىلى ئاتتىلا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئاتتىلانىڭ باراۋىرىدىكى ئىزباسار تېپىلمىغانلىقتىن، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياۋروپا ھۇن ئىمپىرىيەسى ئۈزۈل – كېسىل پارچىلىنىپ كەتتى.

مەنبە:
ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گىرمانىيەلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004 - يىل 4 - ئاي نەشرى.
تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا تور بىكەتكە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ.
تور مەنبەسى:
بىلىم ۋە ئۇچۇر خەزىنىسى -- http://ketmenbay.blogspot.com/
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 09:44:54

ھونلارنىڭ شانلىق تارىخى تەسىۋىرلەنگەن سۈرەتلەر

بەت: [1]
: «قەھرىمان دۇنياغا كەلدى»