hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-18 19:24:24

ئاياللارتوغۇرلۇق دانالارھېكمەتلىرى،

مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭدىن ئەزا بولۇپ كىردىم.شۇنداقلا بۇ تىمىنى كىتاپ ئوقۇۋېتىپ قارسام خېلى بولىدىكەن،شۇڭا ھەر قايسىڭلارنى ئوقۇپ باقسۇن دەپ يوللۇدۇم،كەمىنە خەنجەرنىڭ كەمچىلىكم جىق،بۇندىن كىيىن كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىر بىرىپ تۇرشىنى ئۇمۇت قىلمەن،يەنە بىر گەپ باش سۈرەتنى پەقەت ئالماشتۇرالمىدىم ياردەم قىلدىغانلار بامۇ يا؟

ئاياللار-پېقىرلىققا قارشى پاسبان،
~ ئەرلەر بەدەن بولسا،ئاياللارجاندۇر،
~ بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئۆز ئىرىنلا بەخىتلىك قىلىش بۇرچى بار،
~ ئايالنىڭ بايلىقى ئېرىنىڭ مۇھاببىتى،
~ ئايالارنىڭ مىيقىدا كۈلشى قانچىلىك يېقىملىق بولسا،ئۇلارنىڭ قاقاقلاپ كۈلشى شۇنچە يېقىمسىز،
~ بىر كىشنىڭ ئۆيدە تەدبىرلىك ۋە تەربىيىلىك ئايالى بولمىسا،ئۇنىڭ ھالى قورقۇنۇچلۇقتۇر.
~ ئنسانلارنىڭ سائادىتى ئاياللار قولىدىن باشلىندۇ،
~ ئاياللارنىڭ ئەڭ ھۈرمەتلىگى ئەڭ ھۈرمەتلىكى ئەڭ قانائەتچان بولغىندۇر.
~دۇنيادا ئەڭ بەخىتسىز كىشلەر-تەربىيىلىك ئايال بىلەن پەرزەنتلەردىن مەھرۇم بولغان،
~ گۈزەللىكى بىلەن ماختانغۇچى ھەقىقى گۈزەل ئەمەس،بەلكى ياىشى تەربىيە كۆرگەن ئايال ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈزەلدۇر،
~ پاك ئايالنىڭ ئىپلاس خىزمەتچىسى بولماس،
~ كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ياخشى خۇلىقلىق ئايالدىن ھاسىل بولىدۇ.
~ تەكەببۇرلۇق -كىشلەر ئۈچۈن،بۇلۇپمۇ ئاياللارئۈچۈن يامان ئادەت،
~ باللىرنى كۆرۈپ،ئانىسنىڭ تەربىيىسى ۋە ئاڭ سەۋيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ،
~ ئەرلەرنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشى،ئاياللارنىڭ كۆچلاردا يۈرۈشى ئائىلىگە پېقىرلىق كەلتۈرگۈچى ۋاستىلەردىندۇر.

مەنبە~ئىلمى ئەخلاق ناملىق كىتاپتىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-18 21:06:26

باش سۈرىتىڭىزنى مۇنداق ئۆزگەرتىسىز:

تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن،  ئىسمىڭىزنىڭ كەينىدىكى [كونترول] غا نۇر بەلگىنى يۆتكەپ، چىققان تىزىملىكتىن تەھرىرلەشنى بېسىپ، ئېچىلغان بەتتە باش شەكلى دىگەن رامكا بېتىنى چەكسىڭىز سۈرەت ئادرىسى رامكىسى چىقىدۇ.

ياخشى مەزمۇن يوللاپسىز، رەھمەت..

zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-12-19 21:18:10

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ،داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز .

بەت: [1]
: ئاياللارتوغۇرلۇق دانالارھېكمەتلىرى،