Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-18 15:05:11

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر

بۇنى مۇنبەردىكى ئۇيغۇر بالىغ ئىككىمىز http://hi.baidu.com/ugdulmix/blog/item/ee52e238bffb01c0d462254e.html دىن كۈرۈپ ULY دىن تەرجىمە قىلىپ قويدۇق.

-----------------------------------------------------------

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى بۈيۈك ، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان " پايناپ" يېزا تەۋەسىدىكى " ئالتۇنبېلىق" تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان . بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت . ئەمما ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كىشىلەر : " بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس ، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى " ، " يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلاد ساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن ، قەبرىگاھىمۇ بىلاد ساغۇندا بولۇشى كېرەك . " دېگەن دەۋالاردا بولۇپ ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، بۇ كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئاساسسىز دەۋالار دا بولۇشقان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى . مانا بۇ يۇقىرىدىكى دەۋانىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا ئۇل قويۇشتىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنى 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىغا دائىر بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلىدى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئالىم ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ ، پاكىتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى . ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر پاكىتنى تەكشۈرۈش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجرىيە 410 - يىلى بىلاد ساغۇندا تۇغۇلۇپ ، ھىجرىيە 478 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى ، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق " بارگاھ " دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى ، ھىجرىيە 514 - يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى " ئالتۇنبېلىق " قا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا . مەن ھازىرغىچە بۇ پاكىتلاردىن 19 - ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى ھۆججەت " بەھرۇل -ئەنساب " (نەسەب دەرياسى) ناملىق ئەسەر بولۇپ ، بۇنى 19 - ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئېمۇر ھۈسەيىن سەبۇرى تۈزگەن . بىراق ، سەبۇرىنىڭ ئۆمرى " بەھرۇل - ئەنساب " نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يار بەرمىگەنلىكتىن ، شاگىرتى قازى مۇھەممەت سايىم سۇفىاللايارىغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپشۇرغان . ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان يىلنامىسىنى ، قەبرىگاھ ئورنىنى شۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان . قازى مۇھەممەت سايىم سوفىاللايارى ئۇستازى سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن " بەھرۇل - ئەنساب " نىڭ ئەڭ ئاخىرىسىنىڭ سول بۇرجىكىگە : " ئەز ھەزرىتى يۈسۈف خاس ھاجىپ دەرسىنە چەھارسەد ھەجتاد ھەشت ھىجرىيە ۋەفات شۇدە . قەبرى شىمالىي كۇھنە ھىسار زەمىنى فابى ئاب مەدفۇن شۇدەست ، ئامىن . مىن شەيخى دۇاگۇي مۇھەممەت ساىم سۇفى ئاللايارى سۇبھۇ شام ، بەلكى ئەلەددۋام مەرازى مەزكۇر سېھتەن بۇزۇرۇكۋار روھى پۇرفۇتۇھ دۇايى قۇرئان مىكۇنەم " ، دەپ يېزىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋاپاتىنىڭ ھىجرىيە 478 - يىلى ئىكەنلىكىنى ، قەبرىگاھنىڭ شىمالىي كوھنە ھىساردىكى " فايى ئاب " تا ئىكەنلىكىنى ، بۇ قەبرىگاھتا يەنە يۈسۈپ قىدىرخان غازى پادىشاھىنىڭ ۋە يۈسۈپ قىدىرخان ئىسىملىك شاھشادىنىڭ مازىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىزاھلىغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، يۈسۈپ قىدىرخان مىلادى 1040 - يىلى غەربىي قاراخانىيلار زېمىندىن شەرقىي قاراخانىيلار زېمىنىغا قېچىپ كەلگەن يۈسۈپ ئىبنى ئېلى ئىسىملىك شاھزادە ئىكەن . قارى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى " بەھرۇل - ئەنساب " نىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ ، تۆۋەنكى ئوڭ بۇرجىكىگە : " ئەر ھەزرىتى ساھىب قەلەم ئۇستازىم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرى بۇ مەزكۇر ئ بەھرۇل - ئەنساب ئ نىڭ تەمامىغە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرى شەرىپلىرى شىمالىي كۇھنە ھىسادۇر . مەزافىىي فايى ئابتا مەدفۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ ، يېزىپ تاماملاشنى پېقىرغا تاماملاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇستازىم مەرھۇم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دەفىنگاھىنى بۇ ئ بەھرۇل - ئەنسابئ قا كىرگۈزۈپ ، جامائە مۇسۇلمان ، ئەۋلادى تۈرك خەلقلىرىگە يادىكار قىلدىم . قازى مۇھەممەد سايىم سۇفى ئاللايارى " دەپ يېزىپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ، قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنى ، كىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ، نېمە سەۋەبتىن بۇ " بەھرۇل - ئەنساب" قا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قازىلىق مۆھرىنى باسقان .
ئۇزۇنلۇقى 8.20 مېتىر ، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " نى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە قوغان يېزىسىنىڭ ئاياقچىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆلىما شائىر ئابدۇرېھىم ھاجىم ساقلاپ كەلگەن . ( 1877 - 1845 - يىللار) . ئابدۇرېھىم ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " مەرىپەرسۆيەر ئوغلى مۇھەممەتئىمىن قارىيغا مىراس قالغان . 1965 - يىللاردا بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " مۇھەممەتئىمىن قارىمىنىڭ قولىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ياشىغان تارىخچى ئالىم تالانتلىق شائىر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم ( 1900- 1985 -يىللار) نىڭ قولىغا ئۆتكەن . مەرھۇم .مىر ھەسەن قازى ھاجىم 1985 - يىلى بۇ " بەھرۇل - ئەنساب " نى ئاۋۋال قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنىغا ، كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەقدىم قىلغان . بۇ " بۇھرۇلئەنساب " ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ساقلانماقتا .
ئىككىنچى ھۆججەت : " قەلەمىي قۇرئان " ( كىتابنى تىزىمغا ئېلىش جەريانىدا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ ، ئەسلى قۇرئاندا بۇ ئىسىم بۇ مەۋجۇت ئەمەس . قۇرئان قولدا ، قومۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خوش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن ، تىزىمغا ئالغۇچىلار شۇنداق دەپ نام قويغان بولسا كېرەك . ئاپتوردىن ) بولۇپ ، خوتەندىن تېپىلغان . بۇ قۇرئاننى خوتەنلىك بىر يارى بۇرادەر ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان . ئېمىر ھەسەن قارى ھاجىم بۇ قۇرئاننى 1984 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان .
قۇرئان 726 بەت بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 34 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 22 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر ، ھەر بىرىدە 13 قۇردىن خەت بار . قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان . قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلاپ قويغاندىن باشقا ، ئىچ بېتىگە : " قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز " دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا : " سۈرە فاتىھە " بىلەن " سۈرە ئەلىف ، لام ، مىم " نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ ، تولۇقلاپ قويغان . قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان " ئەللاھۇممە ئەنفەىنا " دېگەن دۇئا بار .
بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835 - يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ .
بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830 - يىلىدىن 1848 - يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېكىمبەگلىكىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىدىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ ، بۇ كىتابنى زۇھورىدىن ھېكىمبەگ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ ، ئون بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ، ئىستىخارە قىلىپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش - خەۋەر بېشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېىمەتۇللا كاشىغەرىغە تەقدىم قىلغان . زۇھورىدىن ھېكىمبەگ نېىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرۇغان . بۇ ھەدىيىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723 - بېتىنىڭ ھاشىيەسىگە ( چەت چۆرىسىدىكى بىكار جايغا ) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان : " بۇ سۇرەتنى ۋاقىمىە تەھرىر ئولدىكىم ، ھەزرەتى ۋاڭ زۇھورىدىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەىمىراتى ئۈچۈن نەھىس - سەىدلىككە بىر ئىستخارە قىلدىم . كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەىمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبىتىگە رۇخسەت بولدى . بۇ رۇىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلىرىغە بەيان قىلدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزراتى ھاكىم دىۋانە شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفتى فەقىرغە ھەدىيە ، ئىنئام قىلدى . رەھمەت ، فەقىر ساھىب دۇئا نېىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم . 1253 - ھىجىرى " .
تامغا ( مۆھۇر ) ھىجرىيە 1238 - يىلى ئويۇلغان . تامغىدىكى خەت " نېىمەتۇللا بىن سەدرىددىن " دۇر .
مانا بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئورنىنى ، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن ، شۇنداقلا ئۇ ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19 - ئەسىردە ئۆتكەن ئېمىر ھۈسەيىن سەبۇرى ، قازى مۇھەممەت سايىم سوفى ئاللايارى ، زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ ، نېىمەتۇللا كاشىغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پاالىيىتىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ .
بۇلاق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

ئانا مەنبە:
http://hi.baidu.com/ugdulmix/blog/item/ee52e238bffb01c0d462254e.html

كىيىنكى مەنبە:

http://yolchi.blogbus.com/

http://tarix.blogbus.com/

بەت: [1]
: يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر