Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 11:18:28

يەنە بىر ياخشى ناخشا - ئارمانىم

ناۋانىڭ 14 - سانىدا ئېيتىلغان ناخشا بۇلۇپ ، بۇ قىزنىڭ ئىسمى ۋىنرا ئىكەن ، قارامايدىن ئوخشايدۇ . قارامايلىق باللا تۇنۇيدۇ ھەقىچان . بۇ قىزنىڭ سەھنىدىكى ئەركىنلىكى ۋە ھىسىياتقا ماسلاشتۇرغان ھېسىياتى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىكەن .

كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ قېلىپ ، سۈرىتىنى سۇ بوياقتا سىزغاندەك قىلىپ PS دا ئىشلەپ باقتىم .

totem يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 11:51:49

ناخشىنىڭ تېكىستى بىلەن مۇزىكىسى،ناخشىچىنىڭ چىراي ئىپادىسى ماس كەلمەپتۇ.

almashan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 12:29:08

بوپمۇ قالامدۇ نىمە

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 12:29:21

بۇ ناخشىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتىپتۇ ، بۇ قېز ھېلىقى<<گېزىت ساتىمەن گېزىت سادام تۇتۇلدى>> دەيدىغان ئاداش بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىدىغان قىز شۇمۇ ئەمەسمۇ؟

تىكىسىتى :

ئارمانىم

تىكىستى: ئابدۇرىشىت ئۇيغۇر
مۇزىكىسى: بەختىيار تۇرسۇن
ئورۇنلىغۇچى: ۋنىرا نۇرمەمەت

ئاشىقمەن ساڭا يارىم،
قەلبىمدە بىرلا دانەيىگانە .
كۆڭلۈمدە غەم-قايغۇ ،
تەسەللى تاپماس زادى نەچارە .

سەندىن ماڭا قالدى ،
ئۆچمەس ئىز قەلبىمدەقەلبىمدە .
قايتمىدىڭ كەينىڭگە،
ئەمدى سەن بىگانە بىگانە .

ئارمانىم سۆيسەڭ مېنى يېگانە
بەخىت ماڭا سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر .
ئارمانىم بولساڭ ماڭا جانانە ،
سەن بىلەن ئۆتسەم مەڭگۈ- مەڭگۈگە .

قوشۇمچە: بىلەرسەنمۇ بىلمىدىم ،
سېنى مەندەك سۆيىدۇ يەنە كىم ،
سۆيسە سۆيەر بىلمىدىم ، بىر كىم .
ئەمما مەندەك سۆيەلمەس ھىچكىم .
ئارمانىم .............................

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 12:59:45

پىنھانباي ، 15- ساندىكى شىرىنگۈلنىڭ ئىجراسىدىكى \"سەنسىز\" دېگەن ناخشىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟

Gumran يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 13:11:08

بولىدىكەن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 14:41:39

ناۋانىڭ 15 - سان پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالغاندا چوقۇم تېپىپ بېرىمەن

rock يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 17:03:03

خېلىلام بولىدىكەنغۇ، نەرى ماس كەلمەپتۇ؟ ماس كەلمىدى دېسە شۇ لويۇڭ قويۇپ بېرىدىغان ئىشقا خاتىمە بەرسە بولاتتى.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 21:07:24

يېڭى چىققاندا بىز ياقتۇرماي تىللىغانتۇق ، مانا بۇلار تىرىشىپ يۈرۈپ خېلىي يېتىشىپتۇ . ئاپىرىن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 22:19:57

بۇ قىز شۇ گېزىت ساتىمەن ، ھاۋا تۇتۇلدى دىگەن ناخشىنى ئېيتقان ئاداشنىڭ ئايالىغۇ دەيمەن..بەك ياخشى ئېيتىپتىكەن بۇ ناخشىنى ، ئاۋازى يىقىملىق ئىكەن .

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 11:39:54

تاپتىم ئاخىرى، قۇيۇپ بەرمىگەنتىڭغۇ تاز...{:92:}

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 11:54:39

مۇشۇنداق شوخ ناخشىلارنى ئاڭلىسام ئۇسۇل ئوينىغىم كىلىپ كىتىدۇ دىسە{:92:}

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 12:47:16

ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتىپتۇ.

سەھنىدىكى ئەركىنلىكىگە مەنمۇ قايىل بولدۇم.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 21:25:21

مەنلا ياقتۇرامدىمكىن دېسەم، پىنھانكاممۇ باركەن-ھە؟!

سەل كورىيە ئۇسلۇبىدا چىقىپتىكەن سەھنىگە.
بەت: [1]
: يەنە بىر ياخشى ناخشا - ئارمانىم