Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 23:08:26

«ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» (چاپلانما )

(چاپلانما، ئېلىنغان مەنبە:تارىخ بىلوگى، http://tarix.blogbus.com/logs/32445129.html)

«ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!»


ئەك.شىمىس (گېرمانىيە) 


_______________________________________________
(كەتمەنباينىڭ بايانى: ھونلار تارىخىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر قەدىمكى مىللەت. ئۇلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئۆزىمىزنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز ھونلارنى كۆپ ھاللاردا جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخ كىتابلىرىغا تايىنىپ چۈشىنىپ كەلدۇق. ھونلار تارىخىنىڭ يەنە بىر ئەڭ شانلىق سەھىپىسى ياۋروپادا يېزىلغان. ياۋروپانىڭ كۆزى بىلەن ھونلارنى كۆرۈپ بېقىش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولسا كېرەك. «ئاتىللا ھەققىدە رىۋايەت» دېگەن كىتابنى بەلكىم تورداشلار ئوقۇغان بولسا كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ جەۋھەرلەنگەن قىسمىنى ئەمدى ئوقۇيدۇ. بۇ مېنىڭ ھونلار توغرىسىدا تەييارلاۋاتقان تېمامنىڭ بىرىنچىسى)
_______________________________________________

مىلادىيە 375-يىلى پۈتكۈل ياۋروپا يەر تەۋرىگەندەك تىترەپ كەتتى. ئاسىيادىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ياۋايى ئاتلىقلار ياۋروپانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بۆسۈپ تاشلىدى.
«ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» ئەجەبا، بۇ «ئىنجىل» دا بېشارەت بېرىلگەن زامانى ئاخىرنىڭ ئۆزىمىدۇ؟
ھونلار بېسىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شىمالى چېگرىسى دائىم بەدەۋى قەبىلىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما رىملىقلارنى ھەقىقىي باش ئەگدۈرگەنلەر يەنىلا ھونلار بولدى.
1500 يىل ئىلگىرى ھونلار ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلار ئاسىيادىن كەلگەن ۋەھىمە دەپ قارالدى. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن مەدەنىيەتلىك غەرب دۇنياسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ساراسىمىگە سالغان شەرقلىق غەيرىي قوۋملاردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھونلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى غەرب جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى.
ھونلار يەر شارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىمپېرىيە بولمىش – جۇڭگو، پىرسىيە ۋە رىمغا تەھدىت سالغان بىردىنبىر مىللەت.
ھونلار يېزىقى يوق مىللەت بولغاچقا، زامانىمىز تارىخشۇناسلىرى بۈگۈنكى رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان سىكەنتلەر ئارقىلىق ھونلارنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولماقتا.
رىملىقلار بۇ مۇقىم تۇرالغۇسى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى يوق دەپ قارالغان ھونلارغا قىلچە قىزىقمىغان. لېكىن، ھونلار كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى چۈشەنچىسىدىكىدەك ھۆكۈمەتسىز پىدائىيلار بولماستىن، ئەكسىچە، تەشكىلچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، مۇستەقىل مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتتۇر.
375-يىلدىن 469-يىلغىچە ھونلار ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈز يىلدەك جەرياندا، پۈتكۈل ھونلار ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان تەڭرىقۇتلار بىرلا جەمەتتىن كېلىپ چىققان.
ھونلار چارۋىچى ۋە چەۋەندازلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ قول سانائىتىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان. ھونلارنىڭ «سىرلىق قورالى» ئوقيانى ياساش ناھايىتى يۇقىرى ھۈنەر ۋە مۇناسىپ بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
يۇنانلىق پىرىسكائۇس «ھونلار ناھايىتى مېھماندوست» دەپ تەسۋىرلىگەن. يۇنانلىقلار بىلەن قانداش بولغان رىملىق تارىخشۇناس ئامىيانوستۇر شەرقتىن كەلگەن بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنى «مەدەنىيەتسىز چارۋىچىلار، ئىپتىدائىي تاش قورال دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان تەرتىپسىز ئالامانلار» دەپ تەسۋىرلىگەن.
قانداشلىق جەھەتتىن موڭغۇللار بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىن بۇ مىللەتنىڭ زادى قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكى ئالىملار ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
ھونلار ئۆي سالمىغان، شەھەرمۇ قۇرمىغان، ئۆلگەندىن كىيىن تاش لەھەتكە سېلىپ دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ بولمىغاچقا، ئۇلاردىن قالغان ئىزلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك.
قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلغان بىر ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش كىشىلەرنى ھونلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدە، بۈگۈنكى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تۇتاشقان جايدا بولسا كېرەك دېگەن خۇلاسىگە كەلتۈرمەكتە.
كىشىلەر بۈگۈنكى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۇرۇشقاق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ماكانى دەپ قارايدىغان بولغان.
ھازىر نۇرغۇن تارىخشۇناسلار ياۋروپالىقلار تىلغا ئالغان ھونلار بىلەن جۇڭگولۇقلار ئېيتقان ھونلارنىڭ بىر مىللەت ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانماقتا. ياۋروپالىقلار ئېيتقان ھونلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بىرلەشكەن گەۋدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرق تەۋەلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنىپ چىققىنى يوق.
ھونلاردىن ئىبارەت بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەت موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇب ۋە غەرب تەرەپلەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىگەن. ھەتتا قۇدرەتلىك جۇڭگومۇ مەلۇم تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىش كېرەكلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 214-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ كاتتا قۇرۇلۇش  سەددىچىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى جۇڭگولۇق بىر ئەمەلدار ھونلارنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە سوقۇۋاتقىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى. ئەلمىساقتىن ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارالغان ئەمەس».
ھونلار ئىگىلىۋالغان جۇڭگو زېمىنىدا ئۆز ئۆيىدەكلا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلار شەھەرلەرگە ھۆكۈمران بولۇپ، خەنزۇلار بىلەن قۇدىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگو جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرگەن. 350-يىلىغا كەلگەندە، بىر مەيدان ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي زىيانكەشلىك نەچچە ئەۋلادتىن بىرى جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ھونلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇۋەتكەن. ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ھونلاردىن قېرى-ياش، ئەر-ئايال، پۇقرا ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ جەمئىي ئىككى يۈزمىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ بىر يۈگەنسىز ھەم ھۆكۈمران بولغان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى، كىشىنى قاتتىق چۈچۈتىدىغان ۋەقە.
ھايات قالغان ھونلار ئاۋۋال شىمالغا قاراپ قاچقان. ئۇلارنىڭ كۆچۈشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە شىمالدا تۇرۇۋاتقان ھون قەبىلىلىرى غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدە چارۋا مال باقماق ناھايىتى مۈشكۈل ئىش بولۇپ، قارا قىش دائىم ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1992-يىلدىكى زىمىستان قىش سوغۇقىدا، مۇشۇنداق قاباھەتلىك ھاۋا كىلىماتىغا ئالاھىدە ماسلىشالايدىغان قوتازلارمۇ توڭلاپ ئۆلگەن.
373-يىلدىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق سوغۇق قىش ھونلارغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ئاچارچىلىق ۋە ئارتۇقچە نوپۇس ھونلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.ھونلار بىپايان موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتاي تاغلىرى، ئارال دېڭىزى، كاسپىي دېڭىزى، ۋە قارادېڭىزنى بويلاپ مېڭىپ ياۋروپادىكى كارپات تاغلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلار ھونلار بۇ يوللاردا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى تەكشۈرۈپ، ھونلار ئىشلەتكەن مەشھۇر مىس قازانلارنى تاپتى. بۇ مىس قازانلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئەللىك نەچچە كىلوگرام كۈلىدۇ. بۇ مىس قازانلاردا ئىپادىلەنگەن قۇيمىچىلىق تېخنىكىسى بىلەن سىرتقى يۈزى ۋە گىرۋىكىدىكى بېزەكلەردە جۇڭگو سەنئىتىنىڭ تەسىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھونلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمۇ گەۋدىلەنگەن. بۇ مىس قازانلار بەلكىم دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
ياۋروپالىقلار تۇنجى قېتىم ھون چەۋەندازلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئات بىلەن بولغان شۇ قەدەر ئىجىللىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. رىملىق بىر تارىخشۇناس: «ھەتتا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادەم تەنلىك ئاتمۇ ھونلاردەك ئات بىلەن مەھكەم باغلانغان ئەمەس» دەپ يازغان.
ھونلار بىلەن زامانداش كىشىلەر ھونلارنىڭ ئاتلىرىنى ۋىجىك، كۆرۈمسىز، تۈكلىرى پاخپايغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن.
ھونلارنىڭ ئۆزگىچە ئات ئېگىرى رىملىقلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان. ھونلارنىڭ ئېگىرى رىملىقلارنىڭكىدەك ئاتنىڭ تۆشىگە تارتىلىدىغان كۆندىن ياسالغان بولماستىن، ئىككى بېشى ئېگىز ياغاچ كۆتۈرگۈچلۈك بولۇشى بىلەن باشقا ئىگەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنداق ئېگەردە ئولتۇرغان چەۋەنداز ئات ھەرقانچە چاپسىمۇ مەھكەم ئولتۇرالايدۇ. رىملىقلارنىڭ ئات مىنىش جەھەتتىكى قوپاللىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن چەۋەندازلار دائىم جەڭدە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ئاتتىن چۈشۈپ كېتىدىكەن. ھونلارنىڭ ئاتلىرى قاۋۇل ھەم چىداملىق، بوغۇزلۇق كۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر بىر ھون ئەسكىرىدە يەتتىدىن زاپاس ئات بولىدىكەن.
ئېگەردىن باشقا ھونلار يەنە ئاسىيادىن ئەينى چاغدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بىر خىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ ياۋروپالىقلار كۆرۈپمۇ باقمىغان ئۈزەڭگىدۇر. ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان ئۈزەڭگە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھونلار دەۋرى ئاخىرلىشاي دېگەندە ئاندىن مەيدانغا كەلگەن. ياغاچ ئېگەر ۋە ئۈزەڭگە بولغاچقا، ھون چەۋەندازلار ئاتقا مىنىپ ھەر تەرەپكە ئوق ئاتالىغان.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىردە، تەڭرىقۇت موتۇن «ھون» قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسىنى «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتىغان. ھونلارنىڭ ئاجايىپ قورالى ئۆزگىچە لايىھىلەنگەن يا بىلەن يېڭىچە ئوقتۇر. ھونلار ئوقنىمۇ ئاسىيادىن ئېلىپ كەلگەن. ھونلار ئىشلەتكەن ئوقنىڭ دەستىسىگە ئالاھىدە تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، ئاتقان ئوقتىن ئوخشىمىغان ئاۋازلار چىققان. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھونلار جەڭلەردە دۈشمەن ئۇقمايدىغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەن. ئوق بېشى تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۈچ قىرلىق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئاتمىش سانتىمېتىر كۈلىدۇ. ئوقنىڭ تېشىپ ئۆتۈش كۈچى جان ئالغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، بۇنداق ئوقنى ياۋروپالىقلار شۇ چاغقىچە ئۇچرىتىپ باقمىغان. ھونلار ئوقياسى بىلەن ئاتمىش مېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا دەل جايىدا يەتكۈزەلەيدىكەن.
ھەربىي جەھەتتىكى بۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە ھونلارنىڭ توساتتىن ياۋروپا چېگرىسىدا پەيدا بولۇشى ياۋروپالىقلارنى بىردىنلا زامانى ئاخىر يېتىپ كەلگەندەك ساراسىمىگە چۈشۈرۈۋەتكەن. ياۋروپالىقلار بۇنداق ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ئامالسىز قالغان. قەدىمدىن قالغان يۈزمۇيۈز ئىلىشىپ كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى بولسا ھازىر ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى.
ھونلارنىڭ ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئۇلارنى ئىنتايىن مۇھىم غەلىبىلەرگە ئېلىپ بارغان. 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان يۇنانلىق تارىخشۇناس سوشموس «يېڭى تارىخ» دېگەن كىتابىدا ھونلارنىڭ ئۆزگىچە جەڭ قىلىش تاكتىكىسى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان.
ھونلار تاكتىكىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىمكى ھونلارنىڭ ئوقىدىن ئامان قالغان بولسا، ئۇ ھون چەۋەندازلىرىنىڭ قوش بىسلىق ئۇزۇن قىلىچىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك. ھونلارنىڭ ئوقياسىغا ئوخشاش، بۇنداق قوش بىسلىق قىلىچىمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ قىلىچىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇرۇش ھونلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خىزمەتتۇر. ئات بولسا ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى. ھونلار ھەم ئۆزى ئۈچۈن، ھەم باشقىلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
بۇ غەلىتە ھونلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇلار ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى قوغداپ قىلىشنىڭ كويىدا بولمايدۇ. ھونلار ھەرگىزمۇ ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن دېھقانلارنى ئېتىزلىقىدىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارامبەخش ئۆيىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەردىن قوغلىمايدۇ. ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتمەيدۇ. ئۇلار شەپقەتسىزلەرچە بۇلاپ-تالاپ، قىرغىنچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار كىشىلەر بىلىدىغان ھەممە دۈشمەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. پېشۋا پوپلار بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ، (زامانى ئاخىرنىڭ بېشارىتىدە تەسۋىرلەنگەن چەۋەندازلار ئەمدى كەپتۇ، ھونلار جازالىغۇچىلاركەن، بۇ دېگەن «تەڭرىنىڭ جازاسى») دەپ ئويلاپ قىلىشقان. ھالاكەتلىك كۈنلەر يېقىنلاشقاندا، ئاۋگوستىنۇس: «دۇنيا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى، پات ئارىدا يوقالغۇسى» دەپ يازغان.

(مەنبە: ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گېرمانىيىلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتىللا ھەققىدە رىۋايەت». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004-يىل 4-ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا تور بېكەتكە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ)

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 12:58:26

------------------------------------------------------------------------!

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 23:14:08

يازما ئاخىرىنى داۋاملىق كۈتىمىز.

مۇمكىن بولسا، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى جايلاشقان رايونلارنىمۇ ئەسكەرتەرسىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 23:17:14

ئېگەردىن باشقا ھونلار يەنە ئاسىيادىن ئەينى چاغدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بىر خىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ ياۋروپالىقلار كۆرۈپمۇ باقمىغان ئۈزەڭگىدۇر. ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان ئۈزەڭگە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھونلار دەۋرى ئاخىرلىشاي دېگەندە ئاندىن مەيدانغا كەلگەن. ياغاچ ئېگەر ۋە ئۈزەڭگە بولغاچقا، ھون چەۋەندازلار ئاتقا مىنىپ ھەر تەرەپكە ئوق ئاتالىغان.
--------------

مۇشۇ ئابزاسنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇرلار توغىرلىق ئېيىتقان \" ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىغىمۇ شۇنداق ئاتىدىكەن..\" دىگەن سۆزنى ئەسلىتىدىكىنە..

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 00:11:39

دۇنيانى قورقۇتكۇدەك كۆچكە ئىگە بولغىنى ، ھۇنلاردىن كىيىن چىنگىزخان بولسا كىرەك .

ataxkiz يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 20:01:07

ھەقىقەتەن ياخشى ماتىرىياللار ئىكەن ! ھونلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تولىمۇ بىلگۈم بار !

                                              ........   ئاتەش قىز

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 20:52:54

ئۇيغۇربالىغ بىر ئەمەس ناھايىتى كۆپ يول قويۇپسىز، رەھمەت سىزگە، كىم سىزنى بىلوگىغا ياخشى نەرسىلەرنى چاپلاپ بىزگە دەپ قويمىسۇن دەپتۇ!...  دىمىسىمۇ پىشانىسىگە مەنبەسىنى ئەسكەرتتىم، بىلوگىڭىزغا ئېلان بېرىپ دەڭا..  جەۋھەر.. جەۋھەر..

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 21:28:59

داۋامىغا تەشنا مەن!

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 23:01:54

بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى،
يەنى، ھۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە ئىككى تىمىنى بۇ مەنزىلدىن ئوقۇڭلار:

http://ketmenbay.blogspot.com/search/label/uyghur%20tarixi

Yawuz يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 00:17:04

داۋانى كەتمەنباي بىلەن مەن قىلمىسام سىز قىلىپ كېتىپسىزغۇ ئۇيغۇر بالىق، ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى مۇنبىرىدىكى تېمىلارنى مۇنبىرىڭىزگە چاپلىۋېلىپ، ئەمدى مەنبە جىدىلى قىلغىلى تۇردىڭىزما؟ ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن، يە ماۋۇ باقكاجاننى ئانا مەنبە ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى دەپ ئەسكەرتىپ قويماپتۇ ، شۇ باھانىدە بىر ئېلان بېرىۋالاي.

ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مەشھۇر شەخسلەرگە ئائىت 2000 دەك تېما سىلەرنىڭ كۆرۈشۈڭلەرنى، پايدىلىنىشىڭلارنى كۈتمەكتە.

مەنزىل مانا بۇ يەر شۇ: http://www.orkhun.com/bbs

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 16:15:39

يۇقۇردىكىلەردىن بەك سۈيۈندۇم .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 18:01:37

بىرەرى شۇنداق دەپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم ياۋۇز ئەپەندىم، مەنبەسى دىمەستىن ئېلىنغان مەنبە دىگەن سۆزنى ئاۋايلاپ يازغان ئىدىم، ئەسلى مەنبەسىنى دەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر..

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 18:21:47

ياۋۇزنڭ ئىسمى ياۋۇز بولغان بىلەن ئەمەلىيىتى ئۇنداق ئەمەس.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 20:02:29

ھون دېسەڭلار بۇرۇنقى رەسىمىمىنى ئەسىلەپ قالدىم .

ھون بىلەن ئۇيغۇر زادى بىر ئۇقۇمۇ ؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 21:19:54

باچكا ئەسلى بىلوگدىكى ماقالىدا مەنبە بار ئىدىغۇ ؟؟؟

ياۋۇز ئەپەندى !مەن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بلوگىمغا چاپلىغان ~سوتقا تارتماڭ يەنە

Chighan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 02:44:20

  مۇشۇ كۇندە بۇ تور بەتكە بەك ياخشى تىمىلار يولىنۋاتدۇ. بۇنداق ياخشى تىمىلارنى ئۈزۈلدۇرۇپ قويمايلى!  

    مەنبە سۈرۈشتۈرۈپ سوتلىشىپ يۇرمەڭلار يەنە!

Burkut يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 02:53:51

        سوتلىشىدىغان ئىش بولسا خەلىقئارا سوت مەھكىمسىگلا كىلىڭلا بولمىسا ، مەنبەنى شۇ تارىخ بىلەن تەمنىلىگەن،تارىخ ئۈستىدىنلا سوت ئېچىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

       سوت چىقىمى بىلەن يول كىراسى مەندىن.

Chighan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 03:16:33

  سوتلىشىپ قالساڭلار qutlukئەپەندىمنىمۇ ئېلىشنى ئۇتۇپ قالماڭلار ھە!  ھونلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىرنى بەك بىلگۇسى باركەن. خەلىقئارا سۇت مەھكىمسى گوللاندىيدە بولغاندىكىن. ئاڭلىشىمچە گوللاندىيدە بارىن، كەلپىن، خوتەن دەپ يەرلەر باركەن. yawuz ئەپەندىم بىلەن     uyghurbalighلەر تارىخچى بولغاندىكىن مۇشۇ بارىن،كەلپىن،خوتەنلەرنىڭ  شىنجاڭدىكى بارىن،كەلپىن،خوتەنلەرنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى تىما قىلغان ئاساستا ماتىرىيال يىغىساڭلار مۇنبەرنى تېخمىۇ جانلاندۇرۇشقا پايدىسى بۇلار!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 08:50:46

قۇتلۇق (سۇتۇق) ، ئاۋۇ باش سۈرىتىڭىزنى تۇخۇمدىن چىقىرىۋېلىڭ.

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=34476

http://www.yamghur.com/bax/qutluk-izdinix.jpg

yiganagul يوللانغان ۋاقتى 2009-1-9 17:48:13

ھونلار ھازىرقى كىم
بەت: [1] 2
: «ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» (چاپلانما)