UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 21:16:47

960 تال ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى

960 تال ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى

<div class=clear></div><div class=postBody>

پەلسەپە دوكتورى ياسىن ھوشۇر دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئۆز تەتقىقاتىدىن يەكۈن چىقارغاندا دەيدۇلەركى :
مەندە ئاشۇ باسما ھۆججەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە مەتبەە ھەرپى ئامېرىكا مەتبەە تارىخى مۇتەخەسسىسى كاتېر ئېيتقاندەك 4 تاللا بولماسلىقى مۇمكىن ، دېگەن گۇمان كۈنسېرى كۈچىيىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن 1995-يىلى ب د ت مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ يىپەك يولى تەتقىقاتى تۈرى بويىچە تەسىس قىلغان پىڭشەن يۈفۇ ( خراياما ) ئوقۇش مۇكاپات فوندىغا ئېرىشكەندىن كېيىن دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە باردىم. يەنە شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 8 -كۈنى لوندوندىن باغى ( پارىجھنىڭ فرانسۇز تىلىدىكى ئەسلىي تەلەپپۇزى ) غا كېلىپ يۈك - تاقلىرىمنى ئارودرومدىكى ساقلاش ئورنىغا ئامانەتكە قويۇپلا ياتىدىغان ، غىزالىنىدىغان جاينىڭمۇ غېمىنى قىلماي ئۇدۇللا فرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇبخانىغا باردىم . چۈنكى مەن ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە پېللىوت باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەترىتى فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەرقتىن ئېلىپ كەلگەن ماتېرىياللارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى گۇيمېت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىغا ساقلاشقا قالدۇرغاندىن باشقا قالغانلىرىنى ئاساسەن فرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇبخانىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ يەردە 3 كېچە - كۈندۈز ئىستەپمۇ مەتبەە ھەرپى تاپالمىدىم . ئاخىر يەنە گۇيمېت ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىغا باردىم. بۇ يەردە يەنە 3 كېچە - كۈندۈز ئىستەپ يۈرۈپ ئاخىر ناھايىتى سىپتا، نەپىس ياسالغان 3 قەۋەتلىك تارتمىسى بار بىر ئىشكابتىن 960تال ئۇيغۇرچە مەتبەە ھەرپىنى تاپتىم ھمدە بۇنىڭدىن 800 يىللار ئىلگىرى ياسالغان بۇ ھەرپنى چوڭ فورماتلىق شۇەنجى قەغىزى ( بامبۇك قەغىزى ) گە بېسىپ نۇسخا ئالدىم . مەلۇم بولدىكى ، مۇشۇ ھەرپلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇيغۇرچە تېكىست، تىنىش بەلگىلىرى ۋە باشقا مەتبەە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەرنى ناھايىتى ئېنىق كۆردۈم . بۇلارنى كۆرگىنىمدە بۇنىڭدىن مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرىكى بۇددىست ئۇيغۇر تىل ئۇستىلىرىنىڭ ، مەتبەەچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، مەتبەە ھەرپى ياساش ئۇستىلىرىنىڭ ، مەتبەە ئىشچىلىرىنىڭ ( نابورچىكلارنىڭ ) خىزمەت قىلىۋاتقان غايىۋانە سېيماسى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندەك ئۆتكەندەك بولدى. بۇ ھەرپلەرنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ كەڭلىكى 1.3 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇزۇن - قىسقىلىقى شۇ ھەرپ ئىپادىلەيدىغان بەلگىنىڭ ( ياكى سۆزنىڭ) چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن ياسالغان . بۇ مەتبەە ھەرپىنىڭ ماتېرىيالى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ ، ئۇنى چىلان ياكى نەشپۈت دەرىخى ياغىچىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن ، دەپ پەرەز قىلدىم . مەن بۇ ھەرپلەردىن بېسىپ چىقىرىلغان تېكىستلەرنى ئوقۇپ تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن ئاشۇ ھەرپ ئىپادىلىگەن تېكىست ۋە بەلگىلەرنىڭ 6 خىلغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى بايقىدىم . سىز ( يەنى مەن بارلاسنى دېمەكچى ) ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويمىغان بولسىڭىز بۇ 6 خىل بەلگە ، ھەرپلەرنىڭ خىلىنى ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلغان "ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەە تېخنىكىسىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى" دېگەن ماقالىدە ئېنىق تاپشۇرغان ئىدىم. گۇيمېت مۇزېيىنىڭ باشلىقى فرنس ماكوۋان ئەپەندى ماڭا بۇ ھەرپ توغرىلىق تونۇشتۇرۇپ " بۇ ھەرپلەرنى پېللىوت دۇنخۇاڭدىن ئېلىپ كەلگەندە قېزىۋېلىنغان لاي - پاتقاق پېتى ئىكەن ، دەسلەپتە شۇ پېتىلا مۇزېينىڭ ساقلاش ئامبىرىغا تۆكۈپ ( دۆۋىلەپ ) قويۇلۇپتۇ . كېيىن مەن بۇ ھەرپلەردىكى لاي - پاتقاقنى پاكىز تازىلاپ ، ھەر بىر ھەرپنىڭ چوڭ - كىچىكلىك ئۆلچىمى بويىچە قاپ ياسىتىپ ، ھەرپلەرنى ئايرىم قاچىلاپ ئاندىن مۇھىم يادىكارلىق قاتارىدا ساقلاپ قويدۇم . ھازىر بۇ ھەرپلەرنى ئاشۇ تارتمىلىق ئىشكابتا ساقلاۋاتىمىز " دېدى . بۇ ھەرپنىڭ ساقلىنىش بەلگە نومۇرى : مگ25507 ئىكەن ، مگ دېگىنى فرانسۇزچە گۇيمېت مۇزېيىنىڭ قىسقارتىلغان نامى ئىكەن. ياغاچتىن ياسالغان ھەرپ قېپىدا پېللىوت ئەينى چاغدا بۇ ھەرپلەرنى سۇرۇخقا چىلاپ بىر ۋاراق قەغەزگە سىناپ بېسىپ باققان 10 نەچچە ھەرپنىڭ باسما نۇسخىسى باركەن . مەتبەە ھەرپىنىڭ بايقىلىش جەريانى خاتىرىلەنگەن ، پېللىوت ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان " دۇنخۇاڭ تاش كېمىرى خاتىرىسى " مۇ ئاشۇ قاپتا ساقلاقلىق ئىكەن . بۇ خاتىرىدە " 1908- يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ، شەنبە ، 181 - تاشكېمىردىن خەت بېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن موڭغۇلچە چاسا شەكىللىك مىخ مەتبەە ھەرپى تېپىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئازراق تاڭغۇتچە باسما ھۈججەتنىڭ پارچىسىمۇ تېپىلدى " دەپ يېزىلغان ئىدى . پېللىوت ئەينى چاغدا قېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ، شۇ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ ئۇيغۇرچە ھەرپنى " موڭغۇلچە " دەپ خاتا تونۇپ قالغان . نەتىجىدە ئۇنىڭ ئاشۇ نەق مەيدان خاتىرىسى ھازىرغىچە خاتا پېتى قېلىۋەرگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن پېللىوت بۇ مەتبەە ھەرپلىرىنى تەتقىق قىلىش تۈگۈل رەتلەپمۇ قويمىغان .
( مۇخبىرلىق خاتىرەمدىن )

مەنبە:http://muzokyan.googlepages.com/(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى)

كونا يېزىقتىكى مەنبەسى :http://tarix.blogbus.com/

</div>

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 23:20:08

نۇسخا ئالغان شۇ قەغىزىنى سېكانېرلاپ تورغا چىقىرىپ قويمىسا قانداق بولىدۇ؟ بىزمۇ ۋارىسى تۇرساق؟..

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 00:44:37

شۇۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە يېزىق زادى قانداق شەكىلدە بۇلغىيدى ؟!مۇڭغۇل يېزىغىغا ئوخشۇشۇپ كېتىشى مۇمكىنمۇ ؟ مۇڭغۇل يېزىقىنى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان . مانا شۇ تارىخقا 800يىللاردىن ئاشتى .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 08:57:07

ئېدىقۇت خانلىقى مەزگىلىدە تۇرپاندا 17 خىل يىزىقتا  ھۆججەتلەر بىسىپ تارقىتىلاتتىكەن . غەيرەت ئوسمان يازغان قەدىمقى تارىم مەدەنىيىتى دىگەن كىتاپتا شۇنداق بىر ئۇچۇر بار .ھازىر ئۈرۈمچىدىمۇ 17 خىل يىزىقتا تارقاتماسمىكىن .

astana512 يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 12:14:52

تونۇشۇم تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى،

يوللىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.

بەت: [1]
: 960 تال ئۇيغۇرچە مىخ مەتبەئە ھەرپى