UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 21:14:32

مىللەت دېگەن نېمە؟

ئا. مىللەت دېگەن نېمە؟

        نەچچە ئاي بۇرۇن بولسا كېرەك، مەن توردا (ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، خەنزۇچە تورلاردا) بىر قىسىم يامان نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بەزى پىتنە-پاساتلىرىنى خېلى ئۇچراتتىم: ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن بىر ساپ خەق ئەمەس؛ بۇرۇن ئۇلار ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك، غۇلجىلىق، تۇرپانلىق، خوتەنلىك، ... دەپ ئاتاپ كەلگەن، ئۆزلىرىمۇ ئۆزىنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلمەي (ھەتتا ئېتىراپ قىلماي) كەلگەن؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بەك ئارىلاش، 80%تىن كۆپرەك سۆزلۈك تەركىبى ئەرەپ-پارس تىللىرىغا مەنسۇپ؛ ئۇيغۇر دېگەن نام ستالىن قاتارلىق باشقىلارنىڭ تەقدىرىنى بەگىلىيەلەيدىغان "شاخماتچىلار"نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى ئۇششاغداپ باشقۇرۇش ھىلىسىنىڭ مەھسۇلى؛ ... ... ئۇ چاغدا مەن "بۇنداق نەرسىلەرنى نەزەرگە ئالمىساقلا بولىدىغۇ"، دەپ ئويلىغانتىم، لېكىن ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇنداق سۆزلەر ئازايمىغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ ئاشۇ يامان نىيەتلىكلەر ئاشۇ ئىغۋالارنى تۈزۈشتە كۆڭلىگە پۈككەن نىشانلىرى تەرىپىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن پارچە-پۇرات پىكىرلىرىم بولسىمۇ يېزىپ قويۇشنى ھەق كۆردۈم.

1. بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ساپ ئەمەس، ھەم دۇنيادىمۇ ساپ مىللەت مەۋجۇت ئەمەس!

        دۇنيادا قان جەھەتتىن ساپ مىللەت مەھجۇت ئەمەس. بولۇپمۇ ئوخشىمىغان ئىرقلاردا ماكان جەھەتتىن ئارىلىشىش بولغاندا، قان جەھەتتىكى ئارىلىشىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. بىز تارىخىمىزنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا قەبىلىلەر، باشقا مىللەتلەر، ھەتتا باشقا ئىرقلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئۆزىمىز خالىغان ھەتتا غالىپلار پاسونىدا ئۆزىمىز ئېلىپ بارغان قان ئارىلىشىشلارنى نۇرغۇن ئۇچرىتىمىز: باشقىلارنى مەجبۇرىلاپ ئۆزىگە قىز بەرگۈزۈش، باشقىلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بۇلاپ كېلىپ ئىگىلىۋېلىش، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى توپ-توپى بىلەن ئولجا سۈپىتىدە ئىگىلىۋېلىش، ئەسىرلەرنى ئۆز ئەرسكەرلىرىگە قوشۇۋېلىش ...... ئەلۋەتتە، نورمال يول ئارقىلىق، يەنى ئەركىن مۇھەببەت ئارقىكلىق ئىشقا ئاشىدىغان قان ئارىلىشىشلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمىسا كېرەك، لېكىن بۇنداق ئەھۋال چوقۇم سان جەھەتتىن ئىنتايىن چەكلىك.

        ئامېرىكا ئىشلىگەن <<ھون ئىمپېريىسى>> (匈奴帝国) دېگەن كىنونى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەك (بۇ كىنو يەنە <<ھون قامچىسى ئاتللا>> دېگەن نام بىلەنمۇ قويۇيلغان)، ئاتىللانىڭ ھۇن ئىمپىرىيەسى شەرقتىن غەربكە قاراپ كېڭىيىش ئېلىپ بارغاندا، يول بويى نۇرغۇن ئىسمىنىمۇ ئاتاپ بولغۇسىز مىللەت-ئىرقلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدۇ؛ لېكىن ئاخىرىدا غەربىي رىم ئىمپىرىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشتا تەل-تۆكۈس غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاتىللا قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن (كىنو مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ)دىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ غەربىي رىمغا نېچچە مەرتە ئۇرۇشلار ئېلان قىلىدۇ؛ ھۇن ئىمپىرىيەسى يىمىرىلىدۇ، رىم ئىمپىرىيەسىمۇ تارىختىن چېكىنىدۇ؛ ئاڭلو-ساكسونلار ھونلارنىڭ "دەردىدە" چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاشلاپ، برىتانىيە ئارىلىغا كۆچۈپ ئىنگلىز مىللىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ھونلار بولسا شىمالىي ۋە شەرقىي ياۋروپاغا سىڭىپ تۈتەيدۇ ... بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن قان ئارىلىشىشلارنى قىياس قىلىشىمىز ناھايىتى ئاسان.

        تارىخشۇناسلار سلاۋىيە مىللىتى بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئارىلىشىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ بۇلغارىيە (بۇلغار = بۇلاق + ئەر) خەلقىنىڭ ھازىر سلاۋىيە تىلىنى ئىشلىتىۋاتقىنىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ تۈرك مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان؛ تۈركىي خەلقتىن بولغان ياقۇت مىللىتى ھازىر پۈتۈنلەي رۇسلىشىپ كېتىش گىرداۋىدا تۇرىدۇ؛ غەرپتا "بىر رۇسنى ئۆلتۈرسەڭ، بىر تاتار يارىلىنىدۇ"، دېگەن گەپ بار... ...

مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭلىق ھېچقانداق بىر مىللەتنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

2. مىللەت دېگەن زادى نېمە؟

        مېنىڭچە مىللەت دېگىنىمىز ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق غۇرۇر ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن ئاھالە توپىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا شۇ ئاھالە توپىنىڭ چىراي-تۇرقى، ئۇلار ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان تىلنىڭ سۆزلۈك تەركىبى قاتارلىقلار مۇھىم ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، مۇھىم ئەمەس!

        يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك، ماكاننىڭ ئورتاقلىقىدىن مىللەت-ئىرقلار ئارىسىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش-بولۇش ئىشلىرى تارىختا ئىنتايىن كۆپ بولغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۇقىرى مۇكەممەللىك ۋە مۇستەھكەملىككە ئىگە بولۇشى، ئۇيغۇر مىللىتىنى ناھايىتى كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. تارىختا شىنجاڭدا ياشاپ ئۆتكەن نۇرغۇن مىللەت-ئىرقلار ئۇيغۇرلارغا ئاسىمىلاتسىيە بولغان. بىلىشىمىز كېرەككى، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش دېگىنىمىز باشقىلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، غۇرۇرىنى قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر. شۇڭا ئاشۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار نوپۇس، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتلەردىن چوقۇم باشقىلاردىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرغان بولۇشى كېرەك. (ھازىر بىز مانجۇلارنى خەنزۇلارغا تولۇق ئاسسىمىلاتسىە بولۇپ تۈگىدى، دېيىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئاسسىمىلياتسىيە تېخى تاماملانمىغان: مانجۇلار گەرچە خەنزۇلارنىڭ تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، غۇرۇرىنى قوبۇل قىلىشى چالا بولۇپ قالغان.)

        تىلىمىزدىكى نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئەرەپ-پارسچە بولۇشىغا كەلسەك، بۇ پەقەت ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ دىنغا ئوخشاش كۈچلۈك ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە ئىز قالدۇرۇشى (ئەرەب تىلى)، ماكان جەھەتتىكى ئورتاقلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى (پارس تىلى)دىنلا ئىبارەت. يەنە كېلىپ، ئوخشىمىغان تىللار ئارىسىدىكى تەسىر ھەرگىز تاق يۈنۈلۈشلىك بولمايدۇ. مەن ئەرەپ-پارسچە سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ تىلىمىزدا 80%كە يېتىشىگە ئىشەنمەيمەن. نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلىش ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، "دەريا" سۆزىنى ھەممە كىشى پارسچە دەپ بىلىدۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ تۈركىي تىللارغا تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. تىلىمىز ھەقىقەتەن بىر ئارىلاش تىل (پەقەتلا سۆزلۈك جەھەتتىن) بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھېچكىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ!!!

        ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى گەرچە ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ شاھمات تاختىسىدا ئۇيان-بۇيان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامىنى ھەرگىز ستالىندەكلەر ئەزان ئوقۇپ قويۇپ بەرگەن ئەمەس! بۇ نام مەندەك بىر تارىخ ساھەسىدىكى چالا ساۋاتنىڭ بىلىشىدىلا 1500 يىللىق تارىققا ئىگە.

3. يۇرتۋازلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىپتىداىي ھالىتى

        بىز دائىم يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ھەتتا بەزى ئۆزىنى "ھەقىقىي ئۇيغۇر" دەپ ئاتىغۇچىلارنىڭ "پالانى يۇرتنىڭ خەقى باشقىلارغا بەكلا ئارىلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئۇ يەرى ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ، بۇ يەرى ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ، ..." دېگەندەك "ئاقىلانە" سۆزلىرىنى ئاڭلايمىز. گەرچە ھازىرقى مەزگىلدە كىشىلەر ھەممىسى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ، بۇنداق سۆزلەر ئازايغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس! مېنىڭچە يۇرتۋازلىق ھازىر تېخىمۇ كۈچەيمەكتە: توي-تۆكۈندىن ئەيشى-ئىشرەتكىچە، سودا-تىجارەتتىن مەشرەپكىچە، ھەممىسى يۇرتنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلماقتا. مەن ئۆزۈم يۇرتۋازلىقنى ياقتۇرمايمەن، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ "يۇرتىڭىز قەيەر؟" دېگەندەك سۇاللارنى ھەرگىز ئاقتۇرمايمەن. باشقىلار مەندىن سورىسا، يۇرتۇمنى يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى يۇرت ھەممىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، ھاياتىمىز باشلانغان جاي؛ دەردىمىزگە دەرمان بولىدىغان، ماماتىمىزنى قوبۇل قىلىدىغان جاي. ئۆز يۇرتىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ باشقا يۇرتنى، يەنى مىللەتنىڭ باشقا ئەزالىرى ياشاۋاتقان ماكانلارنى، سۆيۈشى مۇمكىن ئەمەس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى ئېشىپ تاشقان كىشىدىلا مىللەتكە بولغان مۇھەببەت مەۋجۇت بولىدۇ. مىللەتكە بولغان مۇھەببىتى يۈكسەك چوڭقۇرلۇققا يەتكەن كىشىلەردىلا، ۋەتەنگە بولغان مېھر-مۇھەببەت يېتىلىدۇ. ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، يۇرتۋازلار مىللەت سۆيەرلەر ئەمەس! ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ تەس.

4. مىللەت يوقىلامدۇ؟

        بۇ مەسىلىگە، يەنى مىللەتلەر سانىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىپ بېرىشىغا، ماركسىزم ئاللىبۇرۇن قەغەز يۈزىدە جاۋاب بېرىپ بولغان. ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىشى، يەنى نۇرغۇن مىللەتلەر يوقاپ، ئىنسانلار ئورتاق بىر خىل تىلغا ئىگە بولۇشى بولسا، بىزنىڭ زامانىمىزدا، ھەتتا بىز پەرەز قىلالايدىغان كەلگۈسى زاماندا يۈز بېرىدىغان ئىش ئەمەس. ھەمدە مەلۇم زالىمنىڭ كاتالىزلىشى بىلەن بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.

        مەن <<شەخسىيەتچى گىن>> دېگەن كىتابتىنمۇ ياكى چۈشۈمدىمۇ (مەنبەسىنى پەقەت تاپالمىدىم)، مۇنداق مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم: جانلىقلاردىكى ئىرسىيەت دېگىنىمىز ئەمەلىيەتتە شۇ جانلىقنى قۇرغۇچى گېن گرۇپپىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنىڭ شۇ جانلىقنىڭ ئەۋلادىغا مىراس بولۇپ قېلىشىغا ئېيتىلىدۇ، يەنى، يادرو كىسلاتا (دنا) ھالىتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مىراس قېلىشى؛ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئىرسىيەت بولسا ئىنسانلار ياراتقان مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس بولۇپ قېلىشى بولۇشى كېرەك، يەنى، يادرو كىسلاتاسىنىڭ ئىرسىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئىرسىيىتى؛ كېلەچەكتە پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، ئەقىل-ئىدراكلىق ماشىنا ئادەملەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن، ماشىنا ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە، تېگىپلا كەتسە ئۆلۈپ قالىدىغان، گۆش-ئۇستىخاندىن ياسالغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش زۆرۈرىيىتىنى يوقىتىشى مۇمكىن، يەنى، ئۇ ۋاقىتتا ئىرسىيەت دېگىنىمىز ئالەمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا يىغىلغان پەن-تېخنىكا جۇغلانمىلىرىنىڭ بىر خىل ماددا شەكلى (گۆش-ئۇستىخان)دىن يەنە بىر خىل ماددا شەكلى (تۆمۈر-تېسەك)گە مىراس بولۇپ قېلىشى بولۇشى مۇمكىن....

        دېمەك، نەزەرىيە بويىچە ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ تىلىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ تېنىمۇ يەر شارىدىن يوقىلىشى مۇمكىن. لېكىن ھېچكىم "ئىنسانلار بەرىبىر يوقايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ جاھاندا خورلىنىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟" دەپ، جاھاننى ھازىر تېخى ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە بولمىغان تۆمۈر-تېسەككە تاشلاپ بېرىشنى ھەرگىز ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش دەپ ئويلىمايدۇ.

5. خۇلاسە

        دۇنيادا ساپ مىللەت مەۋجۇت ئەمەس.

        تىل مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇنىڭ لۇغەت تەركىبىدە مەلۇم ئۆزگىرىشكەر بولۇشى مۇمكىن. خۇددى قوشنىدارچىلىقتا باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئىشلەتسەك، ھەتتا ئۆينىڭ ھەممە يېرى قوشنىلارنىڭ نەرسىلىرىگە تولۇپ كەتسىمۇ، ئۆيىمىز ھەرگىز باشقىلارنىڭ بولۇپ قالمىغاندەك، تىلىمىزنىڭ سۆز تەركىبىدە چەت تىللاردىن كەلگەن سۆزلەرنىڭ بولۇشى ھەرگىز تىلىمىزنىنىڭ ساھىبىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.

        مىللەت دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى --- تىل، مەدەنىيەت ۋە غۇرۇردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرى ئۆز خاسلىقىنى يوقاتسا، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى چوقۇم خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۈچ تەرەپنى ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىگۈچى ئامىل --- ئاھالە --- نىڭ مول بولۇشى ئالدىنقى شەرتتۇر.

        مىللەت زادى يوقىلامدۇ؟


٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭


        يالتىراق قوڭغۇز ئاسماندىكى يۇيلتۇزلارغا قاراپ --- ئالىملارنىڭ دېيىشىچە سىلەرنىڭ يورۇقلۇقىڭلار ھامان بىر كۈنى يوقايدىكەن --- دەپتۇ. (تاگور)
        يۇلتۇزلار ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەپتۇ.


٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭


        بىزنىڭمۇ "يالتىراق قوڭغۇز"لارنىڭ سۇاللىرىغا جاۋاب بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.


B. مىللەتنىڭ ئۈچ ئامىلى

1. تىل

        --- مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچۇىسى ۋە يۈدىگۈچىسى

        تىل --- مىللەت ئۇقۇمىنىڭ ئۈچ ئامىلى (تىل، مەدەنىيەت ۋە غۇرۇر) ئىچىدىكى ئەڭ ئاسان ئۆزگۈرىدىغان ئامىلدۇر.

        "بىرىكمە"، "بىرلىكسەپ" دېگەندەك سۆزلەرنى ھەرقانداق كىشى چۈشىنەلەيدۇ، سەۋەب بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي ئۆز تىلىمىزنىڭ سۆز ئامىللىرىدىن ياسالغان. ئەگەر "بىرىكمە" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى ياساش ۋەزىپىسى ھازىرقى "مۆتىۋەر"لىرىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بولسا، ئۇلار چوقۇم ئاۋارە بولۇپ سۆز ياساپ يۈرمىگەن، چەت تىللاردىن مۇناسىپ سۆزلەرنى ئېپكېلىپ، مەدەنىيلەرچە خەلقىمىز ئالدىغان قويغان بولاتتى.

        ھەممىمىزگە ئايان، ئېنگلىزچىدىكى "چىۋىلىزاتىون" (文明)نى ئۇيغۇرچىدا قانداق دېيىش بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، بىر قىسىم ئالدىن ماڭار "ئەدىب"لىرىمىز ئۇنى ئەرەپچىدىن بىر سۆز سۆرەپ كىرىپ "ھازارەت"، دەپ ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ سۆزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىتىشكە باشلىدى. يەنە بىر قىسىملارنىڭ قۇلىقىغا "تۇغۇلۇش" دېگەن سۆز "ئانىسىنىڭ خ خ دىن چۈشۈش" دېگەندەكلا قوپال بىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "تەەللۇت" دەيدىغان بىر سۆزنى يەنە شۇ ئەرەپچىدىن ئۆتنە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ... ...

        بىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئىشلىتىدىغان "ياخشىمۇسىز؟"، "تېچلىقمۇ" دېگەندەك سۆزلىرىمىزنىڭ ئورنى ھەتتا "تۇغۇلۇش" دېگەن سۆزگىمۇ يەتمەيدۇ --- ئۇنداق چاغدا سىز چوقۇم "ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم!"، "ۋەەلەيكۇم ئەسسالام!" دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك، بولمىسا "كاپىر" دېگەن قالپاققا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا ھازىرقى ئەرەبلەر سالاملاشقاندا قانداق سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغاندۇ؟ بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى توربەتنى ئېچىڭ، سىز ئۇنىڭدىن ئوننەچچە ئەرەب دۆلىتى پۇقرالىرىدىن بىرەرسىنىڭمۇ "ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم!"، "ۋەەلەيكۇم ئەسسالام!" دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى سېزىسىز. (بۇ تىزمىغا قويۇلغىنى ئەلۋەتتە ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرى تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر.)

       "How are you?" in over 425 languages: http://www.elite.net/~runner/jennifers/hay.htm#Q

        مەن ئىككى كۈن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا كىتاب بازىرىدىن <<Yeldin Bolghan Késelliklerni Uyghur Tibabitide Dawalash>> (يىلدىن بولغان كىسەللكلەرنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋاسى)(شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2004.6) دېگەن بىر كىتابنى سېتىۋالدىم. بۇ كىتابنىڭ ئىلمىي پايدىلىنىش رولىنى دېمەيلا تۇرايلى (كىتابتا بارلىق ئاتالغۇلارنىڭ "ئۇيغۇرچە" نامىلا بېرىلگەن، يا خەنزۇچە، يا ئىنگلىزچە نامى بېرىلمىگەن، بىرەر دورىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ رەسىمىمۇ قىستۇرۇلمىغان)، ئۇنىڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتالغۇلار، ئىلم-پەن ساھەيىمىزدە قانداق ئېلىنىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، پارس-ئوردۇ تىلى بىلەن بېرىلگەن. مەسىلەن، "ھاۋاى نەسىمى"، "ھاۋاى دوخانى"، "لەتىف"، "ئوفۇنەتلەنگەن" دېگەن ئاتالغۇلارنى، ئۈزۈپ ئېيتالايلەنكى (چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ قەدەر قالاق ھالەتتە تۇرۇپ قالغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن)، كىتابخانلار ئارىسىدا ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. تۇنجى ئۇچرىغان جايىدا ئىزاھلاپ ئۆتۈشىدىن بىلىشىمچە، بۇ تۆرت سۆزنىڭ مەنىسى (تەرتىپ بويىچە) "ئوكسىگېن"، "كاربون تۆرت ئوكسىدى"، "ئۇچۇچان"، "سېسىغان/چىرىگەن/بۇزۇلغان" ئىكەن. ئۇنداقتا، ئاللىبۇرۇن ئومۇملاشقان ئاتالغۇلىرىمىز بار تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ......؟

        كىتابتا يۇقىرىقىدەك ئاتالغۇلاردىن باشقا يەنە، خەقنىڭ گرامماتىكا ئامىللىرىمۇ تەڭ سۆرەشتۈرۈپ ئېپكىرىلگەن: روھىي نەفسانىي، قۇۋۋىتى نەفسانىي، روھىي ھايۋانىي، رەۋغىنى مۇقەل ... (بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن پەقەت "رەۋغىنى مۇقەل" دېگىنىنىڭ مەنىسىنى ئىزاھاتتىن بىلدىم --- مۇقەل مېيى. ئەمما "مۇقەل"نىڭ مەنىسىنى يەنىلا بىلەلمىدىم، ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتمۇ بېرىلمەپتۇ.) بۇلار ئەمەلىيەتتە پارس-ئوردۇ تىلىدىكى سۆز بىرىكمىلىرى بولۇپ، شۇ تىلنىڭ گرامماتىكا ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خۇددى "نورمال" دېگەن سۆز رۇس تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ تىلىمىزغا يېتىپ كەلگۈچە، رۇس تىلىنىڭ سۈپەت قوشۇمچىسى "-نىي"نى قوشۇۋېلىپ، "نورمالنىي" ھالىتىدە كىرىپ كەلگىنىگە ئوخشاش. بۇ خىل ئەھۋال بەەينى قوشنىلاردىن ئىشىك-دەرىزىلەردەك ئۆينىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە نەرسىلەرنىمۇ ئۆتنىگە ئېلىپ ئىشلەتكەڭە ئوخشاش بولۇپ، كېلەچەكتە ئۆينى بىزنىڭ دېيىشكىمۇ تولۇق دەلىل-ئىسپات يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

        شۇڭا تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشتىكى تۇنجى قورغان ھېسابلىنىدۇ.


٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭


ئانا تىلىم!


ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم


ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.

ئەۋۋەلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.

سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،
سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاھلىرىنىڭ قالدىسى.
مىللەت مەۋجۇت "ياران"، مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.

تىل دېگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار --- رىشتە --- بىل،
رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە، بىل.
ئانا تىل --- مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

ئانا تىل --- تىل خەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
ئەرەب، پارس ھەم --- ئۆگەندىم --- ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
ئانا تىل --- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.

جان ياشاردى ئۆز زۇۋانىم بىرلە بىر سۆز ئاڭلىسام،
قالدى ھەيران خەق شۇ تىلدا ئۆز ئېلىمنى داڭلىسام.
چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل --- يۇرت تىلى،
ئۇشبۇ تىلدا پۈتتى داستان، شاىرلىرىم --- يۇرت بۇلبۇلى.

ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۆپ زامان،
ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇت شۇ يۈسۈپ، ماھمۇت ھامان...
ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلار قاتار،
بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئۆزبېك ھەم قازاق، قىرغىز، تاتار.

تىلغا ئەل ئەقدە، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلچىدىن،
ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئىلى، تۇرپانۇ، قەشقەر، ئىلچىدىن.
دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقىن ساقلا دەپ،
تىل-يېزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.

ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
شىر ناۋايىدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
كىم خۇشال بولمايدۇ روھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
ئانا تىل --- بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا تۆھپە قات!


بۇ شېىر، <<يېڭى قاشتىشى >> ژورنىلىنىڭ 1994-يىل 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭       ٭

2. غۇرۇر

        --- مىللەتنىڭ روھى

        غۇرۇر مىللەتنىڭ ئۈچ ئامىلى ئىچىدىكى ھەم جاھىل ھەم چۈرۈك بىر ئامىل.

        غۇرۇر ئىنتايىن غەيرىي نەرسە: ئاسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىدە) ھەممىدىن جاھىلى غۇرۇردۇر، يەنى ئاسسىمىلياتسىيە "تىل"دىن باشلىنىپ، "مەدەنىيەت" جەھەتتىكى نۇرغۇن توقۇنۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، "غۇرۇر"نىڭ جاھىللىقىدا ئۇزۇن يىللار سۆرىلىپ، مىڭبىر جاپادا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن --- پەقەتلا مۇمكىن (يەھۇدىيلارنى دەل ئۇلاردىكى جاھىل غۇرۇر، ئۇلارنىڭ تاشلىۋەتمەي ئەكەلگەن مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ ساقلاپ قالغان)؛ دىسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتنىڭ پارچىلىنىشىدا) ھەممىدىن راۋانى يەنە شۇ غۇرۇر --- گەرچە دىسسىمىلاتسىيەمۇ ئوخشاشلا "تىل"دىن باشلانسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈرۈش قەدىمى ھەممىدىن تېز بولىدىغىنى "غۇرۇر"دۇر، بۇ جەريانلارنى "مەدەنىيەت" ھەتتا سەزمەيلا قېلىشىمۇ مۇمكىن. (بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغىنى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بولسا كېرەك.) غۇرۇر خۇددى بىر ماگنىت تاياقچىسىغا ئوخشايدۇ: ئىككى قۇتۇبى بار، ئەگەر ماگنىت تاياقچىسى مەلۇم بىر جايدىن ئۈزۈلسە، يېڭىدىن شەكىللەنگەن ھەر ئىككى پارچە ماگنىت تاياقچىسىدا دەرھاللا قۇتۇپ ھاسىل بولىدۇ --- ھەر بىر تال تاياقچە مۇستەقىل ماگنېتقا ئايلىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش بولسا ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس --- ئىككىسى بىرگە تۇرالىغان تەقدىردىمۇ قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ.

        يەنە كېلىپ غۇرۇر يالغۇز مىللەتكىلا خاس نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە "غۇرۇر"غا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن:

        ① كىشىنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش ھىسسى، ئىززىتى-نەپسى
        ② كىشىلەرنىڭ بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن بولۇش ھېسسىياتى
        ③ كىشىلەر پەخىرلىنىشكە ئاساس بولىدىغان نەرسە

        بىز بۇ يەردە نۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىز بىرىنچى مەنىسىدۇر. "كىشىنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش ھىسسى." بۇ بىر جۈملە يەنە نۇرغۇن غۇرۇر تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، مىللىي غۇرۇر، دىنىي غۇرۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك غۇرۇرى ۋە باشقىلار. "ۋەتەنپەرۋەرلىك غۇرۇرى" كۆپ ھاللاردا "مىللىي غۇرۇر" بىلەن ئوخشاش ياكى مەنىداش بولىدۇ. "دىنىي غۇرۇر" بولسا بىرقەدەر مۇرەككەپ، چۈنكى ئۇ چېگرا ھالقىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دۇنياقارىشى، قىممەتقارىشى قاتارلىقلارنى مىللەتنىڭ ھەقىقىي مەنپەەتىدىن ئايرىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇلۇغ تىلشۇناسىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ <<تۈركى تىللار دىۋانى>>نى كۆرگەنلەر ئەلۋەتتە بىلىدۇ، ئۇنىڭدا تارىم دەرياسىنى "مۇسۇلمان دۆۋلىتىدىن ئۇيغۇر دۆۋلىتىگە ئېقىپ كىرىدىغان دەريانىڭ ئىسمى"، دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك شۇ زامانلاردا دىنىي غۇرۇر ئۇيغۇرلارنى ئىككىگە پارچىلىۋەتكەن --- بىر پارچىسى، تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار، بۇلار يەنىلا "ئۇيغۇر" دەپ ئاتالغان؛ يەنە بىرى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلار "مۇسۇلمانلار" دەپ ئاتالغان. ئالدىنقى ھەپتە مەن قايسى بىر توربەتتە مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم: بىرسى "ماۋۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈڭ"، دەپ، قەشقەردە تارتىلغان، كۆزىدىن باشقا ھېچقانداق يېرىنى ئوچۇق قويماي "مۇسۇلمانچە" كىيىنگەن بىرمۇنچە خوتۇن-قىزلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئاستىدا بولغان مۇنازىرىلەردە، بەزىلەر "ناھايىتى ياخشى ئىش قىپسىز، بەك ئېسىل سۈرەتلەرىكەن"، دېسە، بەزىلەر "خوتۇن-قىزلارنى ئۇنداق كىيىنىشكە مەربۇرلىماسلىق كېرەك"، دېيدۇ. مۇنازىرىچىلەرنىڭ ئىچىدە بىر يىگىتنىڭ دىنىي غۇرۇرى ئالاھىدە قوزغىلىپتۇ: "بۇ رەسىملەر بەك ياخشىكەن. مەن بۇرۇن تېلېۋىزور-جھورناللاردىن ۋە تورلاردىن چەتئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداق كىيىنگىنىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ قىزلىرىمىز قاچانمۇ مۇشۇنداق كىيىملەرنى كىيەر، دەپ ئويلايتتىم. مانا بۈگۈن قەشقەردە شۇنداق كىيىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ..." بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئارىسىدا تا ھازىرغىچە مىللىي غۇرۇر بىلەن دىنىي غۇرۇر ئارىلىشىپ كەتكەن، يەنى "مىللەت" ئۇقۇمى بىلەن "مۇسۇلمان" ئۇقۇمى ئارىلىشىپ كەتكەن.

        بەلكىم "غۇرۇر"نىڭ بۇنداق كۆپ خىللىقلىقى مىللەتنىڭ بىرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، غۇرۇرنىڭ خاراكتېرى ھەم جاھىل، ھەم چۈرۈك.

3. مەدەنىيەت

        ---- يېپىشتۇرغۇچى

        مىللەتنىڭ تىل، مەدەنىيەت، غۇرۇردىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى ئىچىدە، مەدەنىيەت يېپىشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەيدۇ.

        ئالدىنقى بۆلۈمدە، غۇرۇرنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن ماگنىت تاياقچىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پارچىلىنىشتىن ھاسىل بولغان ئىككى تال ماگنىت تاياقچىسىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ئىككىسى بىرگە تۇرالىغان تەقدىردىمۇ قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ، دېگەن ئىدىم. قارىمۇ-قارشىلىق ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەكلى. لېكىن ماددا بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، بۇ يەردە چوقۇم ئالاھىدە كۈچلۈك بىر ئامىل ("شىلىم") ماددا بۆلەكلىرىنى بىرگە تۇرۇشقا مەجبۇرە قىلغان بولىدۇ. ئىككى تال ماگنىت تاياقچىسى قارىمۇ-قارشى ھالەتتە چىڭ "بىرلەشكەن" بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئەسلىدىكى پۈتۈن ماگنېتقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ --- ئۇلارنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېپىشتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان شىلىم بولۇشى كېرەك. دىسسىمىلاتسىيەدىن بارلىققا كەلگەن "غۇرۇر" پارچىلىرىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئەنە شۇنداق بىر خىل شىلىم زۆرۈر، بۇ دەل مەدەنىيەت.

        مەدەنىيەت مەلۇم بىر تىلنى ۋاسىتە قىلىپ شەكىللىنىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە يىغىلىدۇ، ھەمدە بۇ، مىللىي غۇرۇرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، "مەدەنىيەت" يەنە كېلىپ "مىللەت"نىڭ مۇكەممەل مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.

        [ نەچچە مىڭ يىللىق سەرسانلىق جەريانىدا، يەھۇدىيلارنىڭ قېنى، تىلى گەرچە خىلمۇ-خىل ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ غۇرۇرى ۋە شۇ غۇرۇرغا ئاساس (ياكى سەۋەب) بولغان مەدەنىيىتى ئۆزگەرمىگەن. شۇڭا ئۇلار 1948-يىلى ئىسراىلىيە دۆۋلىتىنى قۇرغان چاغدا، دۇنيانىڭ ھەرياقلىرىدىن كەلگەن ئاق، قارا، سېرىق، ... ئۆڭلۈك "يەھۇدىيلار" ئاشۇ مەدەنىيەت ۋە غۇرۇرنىڭ كۈچىدە ئورتاق بىر بايراق ئاستىغا يىغىلغان. ]

4. خۇلاسە

        مۇكەممەل مىللەت ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئۈچ ئامىلى خۇددى داڭقاننىڭ ئۈچ پۇتىغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ.

        تىل --- مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ۋاسىتە.

        مەدەنىيەت --- مىللەت روھىنىڭ ئىپادىچىسى؛ مىللەت پۈتۈنلۈكىنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى شىلىم.

        غۇرۇر --- مىللەتنىڭ روھى؛ تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كىملىك كىنىشكىسى

        غۇرۇرنىڭ ئاساسى تىل ۋە مەدەنىيەت بولغاچقا، ئەگەر تىل ۋە مەدەنىيەت تەل-تۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگىسە، ئۇ ھالدا غۇرۇرنىڭمۇ قۇرۇق قېپىلا قالىدۇ.

        مىللەت = تىل + مەدەنىيەت + غۇرۇر
        مەدەنىيەت + تىل = غۇرۇرنىڭ ئاساسى

        مىللەتنىڭ ئۈچ ئامىلى تەل بولغاندىلا، مىللەت ئاندىن مۇكەممەل بولغان بولىدۇ.

        ① تىل + مەدەنىيەت + غۇرۇر = مۇكەممەل مىللەت
        ② تىل + غۇرۇر = ئاجىز مىللەت
        ③ مەدەنىيەت + غۇرۇر = ئاسسىمىلاتسىيەگە يۈزلەنگەن مىللەت
        ④ تىل ۋە/ياكى مەدەنىيەت = ھازىرقى دۇنيادا ھەقىقىي ئىگىسى يوق مەدەنىيەت يادىكارلىقى (مەسىلەن، شىنجاڭدىن تېپىلغان توكھارا تىل-مەدەنىيىتى، 100 يىلدىن كېيىنكى بولغۇسى مانجۇ تىل-مەدەنىيىتى، ...)
        ⑤ غۇرۇر = مىللەتنىڭ ئەرۋاھى (مەسىلەن، ياۋروپالىقلار كۆڭلىدىكى "توكھارا"، 100 يىلدىن كېيىنكى "تۇرانلار" كۆڭلىدىكى "مانجۇ"، ...)


----- I.N.APTAP
مەنبەسى:http://almiliq.googlepages.com/milletdigennime%3F(ئۇيغۇرلاتىن يېزىقىدىكى)

كونا يېزىقتىكى مەنبەسى :http://tarix.blogbus.com/

<div class=relpost> </div>

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 12:51:29

سىز كىمنى ئېغۋاچى دىمەكچى بۈركۈت ئەپەندى ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 23:26:41

ئېسىل يازما.. كۆڭۈلدىكى گەپلەر چىقىپتۇ.

Burkut يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 01:28:56

تازا تارىخ ئۇقۇمغان ئىغۋارچىمۇ بۇ؟

  دۇنيا ئۇيغۇردەك بىر قەدىمى مىللەتنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنيىتىگە ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلۋاتسا   

   شەرىقىنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپلىردىن فارابى،ناۋايىلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئەسەرلىرمۇ ھازىرمۇ ئۇزنىڭ قىممىتى بىلەن مەشھۇر.   

Burkut يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 01:34:33

ب د ت نىڭ 2008-يىلنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلىشىمۇ بۇ بىر ئادەتىكى ئىش ئەمەس.  بار ئكەنمەن يادىڭدا دۇنيا دەپ ئۇيغۇر خوشالىنىۋاتسا

Burkut يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 21:01:47

  تورغا ئۇيغۇرلارنى مىللەت دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ دەپ يازغان ئىغۋاچىنى دىمەكچى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 08:59:10

تىل- يېزىق كومىتىتىنىڭ نىمىگە ئالدىراش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرساق بولارمىكىن؟!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 09:07:27

قالايمىقان گەپ قىلماڭە! ئەرەبىستاننى 10 يىل  چۆگىلىمىگەن بولغىيدىڭىز، بىر سەئۇدى ماڭا ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ يەنە بىر خەيفالىق يەھۇدىيغا ھەللا دەپ سالام قىلاتتى. سىز كۆرسەتكەن تور بېتىدىمۇ پۈتۈنلەي شۇنداق گەپلەر، مەن سەئۇدى، پەلەستىن، مىسىر، يەمەن قاتارلىق كۆپ ئەللەرنىڭ ئەرەپلىرى بىلەن يۈز-تۇرانە پاراڭلاشقان، ھېچكىم تېنچلىقمۇ؟ دەپ باقمىدى، ھەممىسى ئاللاھنىڭ سالامىنى بېرىدۇ.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 20:39:58

http://www.elite.net/~runner/jennifers/hay.htm#Q

جوشۇۋا  سىز 10يىل چۆگىلگەن بولسىڭىز سىزمۇ يېزىپ باقمامسىز ؟

مەن قۇرۇق گەپ قىلغان بولسام ،سىز ئاڭلىمسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟

ئىستاستىكا قىلىنغىنى پەقەت يوقۇردىكى توربەت ،ئاشۇ ۋاقىتتا سىزدەك 10چۆگىلىگەن ئادەم كام بولۇپ قېلىپ ،ئامالسىز ئاشۇ توربەتتىن پايدىلانغان .

خۇدا بۇيرىسا 10يىلمۇ چۆگىلەپ قالارمىز

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 21:10:37

تىل - يېزىق كومىتېتى مۇئاشقا ئالدىراشمىكىن؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-17 21:21:23

سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت بۇرادەر ..تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ،تۈن نىسپىدە سۆيۈنۈپ كەتتىم ....

بىز ئۇيغۇر ...بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز !!!!!

ئۇيغۇر دىگەن نامنى  يادلىسام يۈرۈگۈم شاتلىققا تولىدۇ ..

ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان بەندىسى بولغىنىمدىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن ...

ھايات مىللەت دېمەكتۇر -گېتلىر

ئۇيغۇر دەپ يېزىڭلار قەبرەم تېشىغا -ۋاپادارىم

joshua يوللانغان ۋاقتى 2008-12-20 19:59:16

ۋاي، ئاڭلىمىدىم، بولدى. كاللا دېسە پاقالچاق دەيدىغان ئادەمنىڭ گېپىنى.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2009-1-11 18:46:41

بىر  توردا: ئۇيغۇر دېگەن ساختا مىللەت نامى. ئۇنى سىتالىن قاتارلىقلارنىڭ كۈچىشى، ئا.روزىباقىيپلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىزگە قويۇلغىلى 70 يىل بولدى. ئەسلى نامىمىز، تۈرك، دېگەن گەپنىمۇ كۆرگەنتىم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-1-18 08:51:39

مۇشۇ ئۇيغۇر دىگەن نام شەكىللەنگىلى 100 يىلدىن ئاشمىدى دىگەن قاراشمۇ كۆپكەن . لېكىن ئۇيغۇر دىگەن نام ئۇغۇرزخان دەۋرىدىمۇ بار تۇرسا .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-19 23:00:07

ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-3 19:55:19

خەقنىڭ نېمە دېيىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەڭلار ، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش  ئۈمۈتنىڭ ئىشكىنى چەككەنلىك !
بەت: [1]
: مىللەت دېگەن نېمە؟