UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 20:30:13

كەچۈر مەھمۇد بوۋا

ئەسسالامۇ _ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار ! ياخشىمۇ سىلەر ! بۇ مېنىڭ مۇنبەرگە كىرىپ ھەرقايسىڭىلارغا ئېلىپ كەلگەن تۇنجى سوۋغام ياقتۇرغايسىلەر ! كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىلەر!!

كەچۈر مەھمۇد  بوۋا---ئوقيا خاتىرىسىدىن


مانا  سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە 1000 يىل بوپتۇ، بۇ مىڭ يىلدا كۈرمىڭ ئىش بوپتۇ. سېنىڭ زامانىڭدىكى چاغلاردىن كوپ ئاشتۇق، يېڭى چاغلارغا قەدەم باستۇق، مىللىي خاراكتېرىمىزدە، قىلىقىمىزدا، ئېڭىمىزدا، تۇرقىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا، تارىخىمىزدا، پىسخىلوگىيەمىزدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

سەن قەدىرلىگەن تىلىمىزدا بولسا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇكى، ئەگەر سەن بىز بىلەن سۆزلىشىشكە توغرا كەلسە يا سەن چوقۇم لۇغەت ئاختۇرۇشۇڭ مۇمكىن ياكى بىز چوقۇم لۇغەت ئاختۇرشىمزى مۇمكىن.

ئۆزگىرىش بوپتۇمۇ ؟ ئۆزگىرىش بولدى، سەن بىزگە ياتلاشتىڭ بىز ساڭا ياتلاشتۇق. مانا بۇ بىزدىكى ياتلىشىش.

بىر چاغلاردا سەن تۇركى( ئۇيغۇر ) تىلىنى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە سالغان ئىدىڭ. نەتىجىسىگە ئېرىشتىڭمۇ ؟ سەن شۇ چاغ ئۇچۇن ئېرىشكەن ئىدىڭ، سەن يەڭگەن ئىدىڭ مانا بۈگۈن بىز يېڭىلدۇق.

بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز ئەرەب تىلى بىلەن چۈشكەن بەيگىدە بۇ يۈز يىلدا يېڭىلدى.

يېڭىلىش ئاچچىق، يېڭىلمەك سۆزىنى دەيسىز ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئاچچىق، يېڭىلگەن ئادەم ئۇچۇن يېڭىلدىم دېيىشتىنمۇ زور ئىش بولمىسا كېرەك بۇ دۇنيادا، ئەمما مەن ۋە بىز يېڭىلدىم سۆزىنى ناھايىتى ئاسان دەۋاتىمىز، چۈنكى دېدىمغۇ بىز ئۆزگەردۇق، سەن كۆرگەن ئۇ ئالتۇن قاندا جەڭ قىلغان، سەن كۆرگەن ئۇ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىسىگە سالغان بىز قالمىدۇق.

بىز ھەتتا سېنىڭ 1000 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىمۇ سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى قورقماي ئوز تىلىمىز بىلەن ئالالمايۋاتىمىز.

11- ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىغىنى خاتىرىلەيمىز.

باشقىسىنى دېمەي قويايلى سېنىڭ مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تاپالماي تەۋەللۇت ياردەمگە چاقىردۇق، ئەجەبا سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەۋەللۇتسىز قۇتلىساق سېنىڭ روھىڭ قورۇنرامىدى!!!؟؟؟

سېنىڭ شۇ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ...........

11- ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىغىنى خاتىرىلەيمىز !

دەپ ئالساق سېنىڭ يۈزۈڭگە بىرئاز بولسىمۇ بەشىمىزنى تىك كۆتۈرۈپ قارىيالايدىغان بولغۇيتۇق.


سېنىڭ تۇغۇلغان كۇنىڭە چوقۇم بىزنىڭ مىللىي پەخىرلىرىمىز، چوڭلىرىمىز، تىلشۇناسلىرىمىز كەلدى. بۇلار چوقۇم سېنىڭ ئۇچۇن ھەمدۇ سانا،(ماختاشلار) ئوقۇدى، سېنىڭ ئۇچۇن نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازدى. ئەمما مېنىڭچە ھېچكىم سىنىڭ ھېسسىياتىڭنى يازمىدى، سېنىڭ روھۇڭنى يازمىدى، سېنىڭ ئويلىرىڭنى يازمىدى. ئۇلار پەقەت سېنىڭ قالدۇرغان شۇ ئۇچ توملۇق كىتاۋىڭدەكى سۆزلەرنى يازدى، سېنىڭ قالدۇرغان شۇ ئۇچ كىتاۋىڭدەكى جۈملىلەرنى يازدى.


سەن ئۇ كىتابلارنى، قەلبىڭنى قەغەز قىنىڭنى سىيا، تومۇرۇڭنى قەلەم قىلىپ يازغان ئىدىڭ. ئەمما بىز ئۇنداق قەغەزگە ئۇنداق سىيا ۋە قەلەم بىلەن يېزىلغان كىتابىڭنى كۆرمىدۇق.

بىزنىڭ خەلق يەنىلا سەن كۆرگەندەك جۇغراپىيىلىك ئورۇندا، كۈندىلىك ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇلارغا سېنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرىڭ يېتىپ ئاشىدۇ، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز تېخىچە ئاق قەغەزگە قارا خەتلەر بىلەن خەت يېزىپ ئولتۇرىدۇ. ( قىسمەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا.)ئۇلار يەنە تىلىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەمەس ئۆزىنىڭ مەنمەنچىلىكى بىلەن ئۆتمەكتە، ئەگەر ئۆتمىگەن بولسا ئىدى، سېنىڭ قالدۇرغان شۇ قىممەتلىك كىتابىڭنى بېسىلىپ چىققاندا (1980 يىلى 8 ئايدا) تەييارلاشقا باشلىغان 1980 يىلىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۇتكەن، تۇركى تىللار دىۋانىنىڭ سوزلىك تىزىمى ( تۇركى تىللار دىۋانى ئىندېكسى) بېسىلىپ چىقىپ خەلقىڭ بىلەن يۈز كۈرىشەتتى، ئەمما تا ھازىرغىچە ئۇ كىتاب چىققىنى يوق.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىما پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ ئامبىرىدا توپا بېسىپ تۇرىدۇ. ( چىقماسلىقىڭ بىرلا سەۋەبى سېنىڭ ئىسمىڭ مېنىڭ ئىسمىمنىڭ كەينىدە چىقىدۇ دېگەنلىك خالاس) . ئۇنى تۈزۈشكە قاتناشقان بىچارە ( مەن بۇ سۆزگە ناھايىتى ئۆچ، ئامالسىز قالغاندا ئىشلىتىمەن) زىيالىرىمىزنىڭ ( بەزىلىرى بار ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ) بىر قىسمى ئۆلۈپ كەتتى( ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) . بىر قىسمى يەنىلا شىلەپىسىنى كىيىپ گالستۇكىنى تاقاپ كوچىىلاردا يۈرۈشمەكتە

بىز يېڭىلدۇق،

ئۇيغۇر تىلىمىزغا ئەدىب ئەخمەت يۇكنەكىدىن كىيىن ئەرەب تىلى كەلكۈندە بېسىپ كىرگەن ئىدى بۇنىڭغا تاقابىل كۈچىمىز يەتمىگەن ئىدى، چۈنكى بىزدە سەن كەم ئىدىڭ، ئەلىشىر ناۋائىمۇ تىرىشتى ئەمما يالغۇز ئادەمنىڭ كۈچى يېتىشمىدى.ۋە 18 ئەسىرىنىڭ ئاخىرى 19 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب پارس تىلىنىڭ چوڭ نۇقتىدىكى تەسىرگە شائىر تەجەللى بىلەن خاتىمە بەرگەن ئىدۇق، 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تىلىمىزدا بىر قىسىم تازىلىنىش بولدى( ئاندا ساندا ئوتتۇرىغا چىققان زىيالىرىمىز ئارقىلىق، ) تىلىمىز بۇ قېتىم رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق كىرگەن ياۋروپا تىلى بىلە ئېلىشىشقا باشلىدى ( بۇ ھازىرقى زامان ئېھتىياجى تۈپەيلى ) ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن خەنزۇ تىلى بىر مەزگىل ( مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باش ئاخىرى مەزگىللەردە ) ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇمۇ 1980 يىللارغا كەلگەن پەس كويغا چۆككەن ئىدى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەرەب پارس تىللىرى باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

سېنىڭ جان كويدۇرۇپ كۈچ چىقارغان تىلىڭ مانا بۈگۈنكى كۈندە نەچچىلىگەن تىلنىڭ (ئەرەب ، پارس، رۇس ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرى ) تەسىرى ئاستىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى( بارلىقى) ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن تىرىشماقتا. بۇ تىرىشچانلىق ئاساسى جەھەتتىن خەلقتىن كېلىۋاتىدۇ. سېنىڭ تىلشۇناس قالپىقىنى كىيگەن قېرىنداشلىرىڭ بولسا دەۋرگە ماس قەدەملىرى بىلەن ماڭالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قوشقان تۆھپىسى پەقەت تەييار سوزلەرى مىللەتكە تېڭىش بولدى.
خۇددى سېنىڭ تۇغۇلغىنىڭنى سېنىڭ تەۋەللۇتىڭ دېگەندە ئوخشاش......

ئۇيغۇر تىلى قورشاۋدا قالدى ئۇنى خەنزۇ ، ئەرەب، پارس، رۇس ۋە ئۇ ئارقىلىق كەلگەن تىللار قورشاپ ئالدى. ئۇنىڭ بۇ قورشاۋدىن چىقىشتا سەنىدەك بىر ئادەمگە ئېھتىياجى بار.


كەچۈر مەھمۇد بوۋا ساڭا دېگۈم يوقتى ئەمما بۇنى ھەم دېمەي ئامالمۇ  يوق......

. سېنىڭ قەدىرلەپ سۆيگەن تىلىڭ دەۋر ئېھتىياجىغا يېتىشەلمىگەنلىكى ئۇچۇن،بەزى دەۋىربىلەن تەڭ ماڭغۇچى ئاتالمىش (......)لار سەن قەدىرلىگەن ئاشۇ تىلنى ئىشلەتمىدى .ياكى نۇمۇس قىلدى  سېنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىزنىڭ تېپىرلىشى بىلەن يەنە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرگەن ئۇيغۇر تىلى، يەنە مىڭ يىل پۇت تىرەپ تۇرامدۇ ؟ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىن( بارلىقىنى) داۋام قىلالامدۇ؟ يوق بۇنى بىزمۇ سېنىڭ كېيىنكى مىڭ يىللىق نەۋرەڭگە ئاتاپ قويدۇق چۈنكى سەن بىزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان تىلشۇناسىمىز بولغان بولساڭ بىز بۇ يۇزيىلدا بىزنىڭ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان تىلشۇناسىمىزنى مەن دەپ بېرەلمەيمەن ئۇنى بۇ خېتىمنى ئوقۇغانلار تىلغا ئالسۇن ياكى بولمىسا بۇنى كەلگۈسى تارىخ( ئۆتمۈش) تىلغا ئالسۇن.

كەچۈر مەخمۇت بوۋا

بىز سېنىڭ تىلىكىڭنى ئاقلىيالمىدۇق، بىز سېنىڭ تىلىڭنى قوغداپ قالالمىدۇق.

كەچۈر بوۋا

كەچۈر .....................

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 12:19:56

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى بۈگۈن يەنى مىلادى 2008 - يىلى ئاخىرلىشىشقا ئاران 15 كۈن قالغان كۈندە مەھمۇد قەشقەرىنى خاتىرلەش يېغىنى ئۆتكۈزدى .

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 13:46:41

ئىملاغا دىققەت قىلمامسەن ھوي! قارا   بۇ مڭنىڭ مۇنبەرگە .........

------------------------------------------------------------------------

مەن سىنىڭ بلوگىڭنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم،مىنىڭكىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويمامسەن؟؟؟

ئىزدىنىشقا دائىم كىرىپ تۇرغىن.بۇ ھەقىقى بىر ياخشى ئائىلە......

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 22:31:36

ماۋزۇ خېتىنى بىر توغرىلاپ يېزىڭە! بۇمۇ سىزنىڭ مەھمۇد بوۋاينى ھۆرمەتلىگەنلىكىڭىزنىڭ پاكىتى بوپ قالسۇن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 21:45:49

تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ سۆزلۈك تىزىمى، تۈركى تىللار ئىندىكىسى؟  ھازىر \"تۈركىي تىللار دىۋانى' ئاچقۇچ نامىدا ئىشلەنگەن بىر يۇمشاق دېتال تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، 20 يىل بۇرۇن باشلىنىپ ھازىرغىچە پۈتمىگەن شۇ كىتاپنىڭ خىجىلچىلىقىنى قۇتقۇزدى. بىلىشىمچە شىنجاڭ داشۆنىڭمۇ ئۇلاپلا بىر يۇمشاق دېتال چىقارغان ئوخشايدۇ، ئىقتىدار جەھەتتە ئالدىنقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق. ئاچقۇچنىڭ تېكىستىنى كارىز ئەپەندى 4 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۆز قۇلى بىلەن ئۇرۇپ چىقتى، كارىزىم ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئېلېكتىرون كىتاپ قىلىپ چىقىرىش ئويى بار ئىكەن، مېنىڭ تەكلىپىم بىلەن ئېلېكتىرون كىتاپ ئىشلەنمەي، ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە پروگرامما تۈزۈشكە كېلىپ، بىغەم ئەپەندىنىڭ قىسقا مۇددەت تىرىشچانلىقى بىلەن يۇمشاق دېتال ئىشلىنىپ چىقتى ۋە تۈزىتىلىپ، تۇنجى نۇسخىسى توردا كەڭ ئېلان قىلىندى. مەزكور دېتالنىڭ قاچىلاش پروگراممىسى ۋە سۈرەتلىرىنى مەن بىر تەرەپ قىلدىم. تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى خەرىتىنى كارىزىم ئەپەندى تەمىنلىگەن كىتاپتىن ئىنچىكىلىك بىلەن سېكانىرلاپ، ئارىلاش رەڭنى تەڭشەشتىن ئۆتكۈزۈپ، توردىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېنىق ھۆججەت قىلىپ تەييارلاپ ، مەزكور تەرتىپ بىلەن بىللە تارقاتتۇق.  

\"تۈركىي تىللار دىۋانى\" ئاچقۇچ تەرتىپىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:
http://www.karizim.cn/html/2008-09/116.html

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 07:54:20

دىۋاننىڭ ئىندېكىسىنىڭ بارلىققا كەلگىنى بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ !
بەت: [1]
: كەچۈر مەھمۇد بوۋا