irpan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-14 09:49:56

كومپيۇتېردا يېزىق بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىرقانچە ئۇقۇمam

بۇ خېلى بۇرۇنلا تەييارلاش پىلانلانغان يازما بولۇپ، ۋاقىت چىقىرالماسلىق سەۋەبىدىن كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈن جەمئىي ئىككى قىسىملىق بۇ يازمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى رەتلەپ چىقتۇق. ئىككىنچى قىسىمىمۇ رەتلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا يوللىنىدۇ. Unicode، كود ئۆلچىمى، UTF-8، فونت، كىرگۈزگۈچ... دېگەندەك ئۇقۇملارنى بىرقەدەر چوڭقۇر چۈشىنىشكە ياردىمى بولۇپ قالار.(يازمىدىكى تارىخ تۈسىنى ئالغان تەپسىلاتلارنى تەييارلاشتا توردىكى مەنبە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى تەرجىمە قىلىش ئاساس قىلىندى.)

1.كومپيۇتېردىكى يېزىق
يېزىق تىل تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، تىلنى خاتىرىلەيدىغان بىر خىل بەلگىدىن ئىبارەت. مەنىسىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، تىلىمىزدىن چىققان سۆز-جۈملىلەرنى خاتىرىلەش يېزىقنىڭ بىۋاسىتە ھەم ئەڭ چوڭ رولىدۇر. تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق قوللانغان تارىخى 2000 يىلغا بارىدۇ.(راست شۇنداقمۇ؟) كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەت سانلارنى ھېسابلاش خىزمىتىنىلا قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ھېسابلىغۇچتىن كۆپ پەرقى يوق ئىدى. كېيىنچە كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە تېزلىشىپ، مانا ھازىر پۈتۈن دۇنيا كومپيۇتېردىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. مانا مۇشۇ تەرەققىياتنىڭ دەسلىپىدە كومپيۇتېرنىڭ ھەجمى كىچىكلەپ، بىرەر ئېغىز ئۆيگە پاتقۇدەك ھالەتكە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىدىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى، پەقەت سانلارنىلا بىرتەرەپ قىلىپ قالماستىن يەنە يېزىقلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولدى. ھازىرقى زامان كومپيۇتېرىنىڭ ئىجادچىسى بولغان ئامېرىكىلىقلار ئەلۋەتتە ئۆز يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تۇنجى بولۇپ كىرگۈزدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خېلى بىر مەزگىلگىچە كومپيۇتېرغا ئۆز يېزىقىنى كىرگۈزۈش دۆلەت كۈچىنىڭ شۇنداقلا مىللەت پەن-تېخنىكا ساپاسىنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر يېزىقىمۇ جاھاننىڭ بىر چېتىدە گۆھەر خوتەن قەغىزىگە يېزىلىپلا كېتىۋەرسە بولمايتتى، ئۇيغۇر يېزىقىمۇ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدا بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدىغان ھالەتكە كېلىشى كېرەك ئىدى. (بۇنىڭ رولى ۋە تەسىرىنى مانا بۈگۈنكى كۈندىكى بىزلەر كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز.) ھالبۇكى ئامېرىكىلىقلار كومپيۇتېرغا ئۆز يېزىقىنى كىرگۈزۈپ، پەن-تېخنىكىسىنى جاھاننىڭ ئالدىدا چاپتۇرۇپ كېتىپ بارغان ۋاقىتتا، جۇڭگودا تېخى ئەمدى ئۇرۇشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى بېسىقىپ، ئادەملىرىنىڭ قورسىقىنى توقلاش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. قورساق مەسىلىسى ھەل بولا-بولمايلا 10 يىللىق مالىماتاڭ باشلىنىپ كەتتى. بۇ تىنچ زاماندىكى ئىس-تۈتەك بېسىققاندىن كېيىن دېڭ شىياۋپېڭ «پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى!» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى بولغان چاسا خەتلەر كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈش شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇ ئىشمۇ ئۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇق بولمىدى، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 60 مىڭغا يېتىدىغان بولغاچقا، بۇنچىلىك كۆپ خەتنى كومپيۇتېردا ئىپادىلەش، كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە ئىدى. بۇ توغرىلىق مۇنداق گەپلەرمۇ باركەن: «نېمە قىلىسىلەر ئەمدى بۇ خەتلەرنى ئىشلىتىپ؟ كومپيۇتېرغا كىرگۈزەلمىگەندىن كېيىن ئەمدى بۇنى تاشلاپ بىزنىڭ ھەرپلىرىمىزنىلا ئىشلىتىڭلار بولدى!» دېگەن نومۇسلۇق مەسخىرىگە چىدىمىغان مەركەز رەھبەرلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «مەيلى قانچىلىك زور بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر خەنزۇچە خەتلەر چوقۇم كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك!» دەپتىكەن. (بىر خەنزۇچە ژۇرنالدا ئوقۇغان، ۋاقتى ۋە مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەگەر ئۇ ژۇرنالغا بېسىلغىنىمۇ مىش-مىش پاراڭ بولۇپ چىقىپ، ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋىرى بارلار ئۇچۇر بەرسە، بۇنى ئۆزگەرتىپ قويايلى.) شۇنىڭ بىلەن 1978-يىلى جۇڭگومۇ يېزىقىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، مەتبۇئات ئىشلىرىمۇ مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلىپ، بارا-بارا كومپيۇتېردا تىزىلغان گېزىت-ژۇرناللار قوغۇشۇن مەتبەنىڭ ئورنىنى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۆيۈملۈك ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈش ئىشلىرىمۇ باشلىنىپ، ئالدىنقى ئەسىردىكى 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئاخىرى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلدى! ئۇيغۇر مەتبەچىلىكىمۇ مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلىپ كومپيۇتېردا تىزىلغان گېزىت-ژۇرنال، ماتېرىياللار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلدى! (بۇنىڭمۇ ھەقىقىي تەپسىلىي تارىخىدىن خەۋىرى بارلار ئۇچۇر بېرىۋەتسەڭلار تولۇقلاپ قويساق.) كومپيۇتېرغا يېزىقىمىزنىڭ كىرگۈزۈلۈپ بىرتەرەپ قىلىنىشىنىڭ رولى، تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرساق مەزمۇن بەكلا كېڭىيىپ كېتىپ قالىدۇ، ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق پەخىرلىك دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئاخشام تۈزىتىپ پۈتتۈرگەن ماقالىسىنىڭ ئەتىسى كەچتە پۈتۈن ئۇيغۇر توربېكەتلىرىنى بىر ئېلىشى بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي مىسالى بولالايدۇ.

2.كود
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كومپيۇتېر ئىچكى قىسمىدا پەقەت 0 بىلەن 1 دىن ئىبارەت ئىككى سانلا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. پەقەت مۇشۇ ئىككى ساننىلا ئالالايدىغان بىرخىل بىرلىك بار بولۇپ كومپيۇتېردىكى ئەڭ كىچىك ساقلاش، ئۇزىتىش، بىرتەرەپ قىلىش بىرلىكى بولغان بۇ بىرلىك بىت (bit) دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر 8 بىت بىرىكىپ بىر بايت (Byte) نى شەكىللەندۈرىدۇ. بىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىدىغىنىمىز كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇ بايت ئۇچۇرلىرى بولىدۇ. دېمەك كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەقەت سانلارلا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار يېزىقلىرىمىزنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم بۇ يېزىق ئۇچۇرلىرىنى سانلىق ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئېنىق دېگەندە: ھەرپلەرنى سانلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ كىرگۈزۈشىمىز، بىرتەرەپ قىلىشىمىز، ساقلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە دېيىلگەن كود دەل مۇشۇ يېزىقىمىزدىكى ھەرپلەرنىڭ سانلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىشىدۇر. تۆۋەندىكى ئاددىي مىسال ئارقىلىق كود ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
بىزدە ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى 8 سوزۇق تاۋۇشنىڭ يېزىقىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ بىرتەرەپ قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن، بىز بۇلارنى چوقۇم سانلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك. خوش، ئۇنداق بولسا بىز مۇنداق لايىھە تۈزۈۋالايلى: 1)ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى ئا ئە ئې ئى ئو ئۇ ئۆ ئۈ لەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىۋالىمىز، 2)بۇلارغا 1 دىن باشلاپ تەرتىپ نومۇرى قويۇپ چىقىمىز، 3)مۇشۇ تەرتىپ نومۇرلىرىنى بۇ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ كود نومۇرى قىلىپ ئىشلىتىمىز.
دېمەك بىز بۇ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتىدىكى بىر مۇھىم ھالقىنى تاماملىغان بولدۇق. كىرگۈزگەندە ئەگەر ئا ھەرپىنى كىرگۈزمەكچى بولساق كومپيۇتېرغا 1 دېگەن ساننى، ئۈ نى كىرگۈزمەكچى بولساق 8 دېگەن ساننى ئۇزىتىپ بەرسەكلا كۇپايە. ساقلىغاندا بولسا ئا ھەرپىنى 1، ئۈ ھەرپىنى 8 دەپ ساقلاپ قويىمىز. كېيىن بىرتەرەپ قىلغاندا، كۆرسەتكەندە كود جەدۋىلىگە ئاساسەن دەل مۇشۇنىڭ ئەكسى بويىچە 1 دېگەن ساننى ئا دېگەن ھەرپ، 8 دېگەن ساننى ئۈ دېگەن ھەرپ دەپ بىر تەرەپ قىلساق، كۆرسەتسەكلا بولىدۇ. (بۇ يەردە پەقەت ھەرپلەرگە ساننى ۋەكىل قىلىپ تۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش، ساقلاشلا چۈشەندۈرۈلدى. بىز 1 دېگەن ساننى كىرگۈزدۇق، ساقلىدۇق، بىرتەرەپ قىلدۇق. ئەمىلى قوللىنىشتا بۇ 1 دېگەن سان ۋەكىللىك قىلغان ئا دېگەن ھەرپنىڭ شەكلىنى ئېكران ياكى پرىنتېرغا بېسىپ چىقىرىش بولسا ئايرىم مەسىلە. بۇمۇ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان بىلىم بولۇپ، يازمىمىزنىڭ ئاخىرلىرىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ.)
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كومپيۇتېر پەيدا بولۇپ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن يېزىقلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ، بۇ يېزىقلارنىڭ تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ ئۆلچەملەشكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن كودلىرىنى يىغىپ كەلسەك بىر تالاي نەرسە بولىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە پەقەت ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ASCII كودى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
يۇقىرىدا بىز ئامېرىكىدا تۇنجى بولۇپ يېزىق كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى دەپ سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۇ لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇچۇرلىرى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئوقۇش، ساقلاش، ئۇزىتىش، كۆرسىتىش... قاتارلىق بىر قاتار ئېھتىياجلار تۇغۇلىدۇ. ئاۋۇ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ مىسالىدىكى چۈشەنچە بويىچە بۇ لاتىنچە ھەرپلەرگىمۇ شۇنداق بىر كود جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىپ، سان ۋە ھەرپ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. لاتىنچە يېزىق كومپيۇتېرغا كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق كود جەدۋەللىرىدىن نۇرغۇنى تۈزۈلدى، بۇ جەدۋەللەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانى ۋە ھەرپلەرگە ۋەكىللىك قىلغان كود نومۇرىمۇ ئۆز-ئارا ئوخشىمايتتى. بۇ ھەرپلەر پەقەت بىرلا كومپيۇتېردا كىرگۈزۈلۈپ، ساقلىنىپ، كۆرسىتىلىپ بىرتەرەپ قىلىنسىغۇ ئاشۇ جەدۋەللەر ئارىسىدىن بىرنى تاللاپلا شۇ بويىچە بىرتەرەپ قىلىنسا بولۇۋېرەتتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ۋاشىنگتوندا كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خەتنى نيۇيوركتا يەنە بىر كومپيۇتېردا ئېچىپ ئوقۇيدىغان ئېھتىياج قەدەمدە بىر پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، بۇ يەردە ئېغىر كود قالايمىقانچىلىقى يۈز بېرەتتى. مەسىلەن: رومىئو 26 ھەرپ بىلەن 10 سان ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان كود جەدۋىلى بىلەن بىر پارچە مۇھەببەت خېتىنى ۋاشىنگتوندا كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلاپ ئۇنى نيۇيوركتىكى سۆيگۈنى جۇلىتتاغا يەتكۈزۈپ بەردى. جۇلىتتا رومىئونىڭ بۇ خەتنى قانداق بىر كود جەدۋىلىگە ئاساسەن كىرگۈزگەنلىكىنى بىلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىدىكى پەقەت 26 ھەرپلا بار بولغان كود جەدۋىلىنى ئىشلىتىپ بۇ خەتنى ئوقۇتۇپ ئېكرانغا چىقاردى. بۇ جەدۋەلدە سانلار بولمىغانلىقتىن، شۇنداقلا رومىئو بىلەن جۇلىتتا ئىشلەتكەن ئىككى جەدۋەلدىكى ھەرپلەرنىڭ كودىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىگەنلىكتىن جۇلىتتانىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىدا پۈتۈنلەي قالايمىقان بىر مۇنچە ھەرپلەر كۆرۈنۈپ، بۇ خەتنى ئوقۇش مۇمكىن بولماي قالدى...
مۇشۇنداق كود قالايمىقانچىلىقىنى تۈگىتىش ۋە تېخىمۇ چوڭ كود قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن بىر كود جەدۋىلى(ئۆلچىمى) نىڭ بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. ئالدىنقى ئەسىردىكى 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكىدا دەل مۇشۇنداق بىر ئۆلچەملەشكەن كودنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ كودنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭىيىپ، تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن 1967-يىلى ANSI‏(美国国家标准学会 ،American National Standard Institute، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىلمىي جەمئىيىتى) تەرىپىدىن ئامېرىكا ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىلدى. مانا بۇ دەل داڭلىق بولغان ASCII‏(American Standard Code for Information Interchange ،美国标准信息交换码، ئامېرىكا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۆلچەملىك كودى؟) كودىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر ئالاقىسىگە ئائىت ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ كود ئۆلچىمى ئىشلىتىلدى. خۇددى باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاشلا، ئامېرىكىلىقلار بېكىتكەن بۇ ئۆلچەم كېيىن ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىپ پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيدى. شۇنداق قىلىپ ISO‏(国际标准化组织، International Organization for Standardization، خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش ئورگىنى) تەرىپىدىن خەلقئارا ئۆلچەم - ISO646 ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىلدى. تۆۋەندىكىسى ASCII كودى جەدۋىلى:

باشقا چوڭ يېزىقلارمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ ئۆلچەملەشكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئاز بولمىغان قالايمىقانچىلىق، ئاۋارىچىلىككە دۇچ كەلدى. نەچچە قېتىملاپ كود ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىپ، ئىشلىتىش داۋامىدا ئۇنداق مۇنداق يېتەرسىزلىكلىرى ۋە خاتالىقلىرى بايقىلىپ، تۈزىتىلىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ خەنزۇ يېزىقى، ئەرەب يېزىقى... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
يېزىق كودىنىڭ بىرلىككە كەلگىنى ياخشى ئىش، لېكىن پەقەت بىرلا مىللەت ياكى بىرلا دۆلەتنىڭ يېزىقىنىڭ ئورتاق بولغان كود ئۆلچىمىدە بىرلىككە كېلىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەرشارىلىشىش ئېقىمىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىدى. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئىككى دۆلەت ياكى ئىككى مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئارىلاش بىرتەرەپ قىلغىلى بولماسلىق ئىدى. بۇنىمۇ ئاددىي بىر ھېكايە بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى: ئەرەبلەر ئۆز يېزىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىدا بىرلىككە كەلگەن كود ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقتى، خەنزۇلارمۇ ئاللىقاچان بۇنداق كود ئۆلچىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ياخشى تېخنىكىلىق شارائىتتا بىرەيلەن كومپيۇتېردا ئەرەبچە خەنزۇچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق تەييارلىماقچى بولدى. ئۇ ئاۋۋال بارلىق ئەرەبچە جۈملىلەرنى ئەرەب يېزىقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كود ئۆلچىمى بويىچە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلىۋالدى، ئاندىن خەنزۇچە جۈملىلەرنىمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. تەھرىرلەش، تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ئىككى يېزىقتىكى جۈملىلەرنى قۇرمۇ-قۇر رەتلەپ تەييارلاش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ خىزمەت توختاپ قالدى. نېمە ئۈچۈن؟ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ مىسالى بويىچە بۇنى ئىنتايىن ئاسانلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ: خەنزۇ يېزىقىنىڭ كود جەدۋىلىدە ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ ئورنى، ئەرەب يېزىقىنىڭ كود جەدۋىلىدە بولسا خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئەڭ كەمىدە بۇلار ئىككىسىدىكى مەلۇم بىرىنىڭ كود جەدۋىلىدە يەنە بىرىنىڭ يېزىق كودلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولماي قالاتتى.
مۇشۇنىڭدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېيىنچە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا، كومپيۇتېر-ئۇچۇر ساھەسىدىكى گىگانت كارخانىلار ئارىسىدا كۆپلىگەن كود ئۆلچەملىرى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ كود ئۆلچەملىرى ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئەينى دەۋردىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولغان يېزىقنى كومپيۇتېردا نورمال بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئىدى. لېكىن بۇ كود ئۆلچەملىرىدىمۇ ئۇنداق مۇنداق يېتەرسىزلىكلەر بولۇپ، ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى شۇ بولدىكى: ھەر بىر كود ئۆلچىمىنى ئوخشىمىغان بىرنەچچە دۆلەتلەر ياكى كارخانىلار بىرلىشىپ تۈزۈپ چىققان بولغاچقا پەقەت مۇشۇ دائىرىدىلا ئورتاق ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى، بۇ ئۆلچەملەرگە كىرگۈزۈلمىگەن يەنە نۇرغۇن يېزىقلار بار بولۇپ، بۇ يېزىقلارنى ئارىلاش بىرتەرەپ قىلىش مەسىلىسى يەنىلا ھەل قىلىنمىغان ئىدى...
مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن شۇنداق بىر كود ئۆلچىمىنىڭ تۈزىلىشى تەخىرسىز بولدىكى: بۇ كود ئۆلچىمى پۈتۈن دۇنيادىكى بۇرۇن ئىشلىتىلگەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق يېزىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، بۇ كود ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق يېزىقلارنى كومپيۇتېردا ئارىلاشتۇرۇپ نورمال بىرتەرەپ قىلغىلى بولۇشى كېرەك ئىدى! شۇنىڭ بىلەن ئالدى كەينى بولۇپ ISO10646 ئۆلچىمى ۋە Unicode ئۆلچىمى بارلىققا كەلدى!

3.ISO10646 ۋە Unicode
ISO گە ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر 1984 يىلى خەلقئارالىق يېزىق كودى ئۆلچىمىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى، يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ ئۆلچەمگە دۇنيادىكى بارلىق يېزىقلارنى كىرگۈزۈشنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ISO/IEC JTC1/SC2/WG2 خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ(*) يېتەكچىلىكىدە مۇشۇنداق بىر ئۆلچەمنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى، بۇ ئۆلچەمگە ISO10646 دەپ نام بېرىلدى. نەچچە يىللىق جىددىي ئەمگەكتىن كېيىن ISO10646 ئۆلچىمىنىڭ سىناق لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لايىھە بۇرۇنقى كود ئۆلچىمى خىزمىتى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى كود ئۆلچەملىرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار ۋە يېتەرسىزلىكلەر چىقىرىپ تاشلانغان، CPU لارنىڭ ھەر 8، 16، 32 بىتنى بىر بىرتەرەپ قىلىش بىرلىكى قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىنى ۋە شۇنداقلا كېيىنچە ھەتتا 64 بىتلىق CPU نىڭمۇ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشقان ئاساستا ھەر بىر ھەرپ(خەت) نىڭ كود ئۇزۇنلۇقىنى مۇقىم قىممەتلىك 4 دانە 8 بىت قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. (بۇ 32 بىتلىق كود ئۆلچىمى لايىھىسىگە ISO10646 ئۆلچىمىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا جەمئىي 2,147,418,112 دانە ھەرپ-بەلگە سىغىدىكەن. ئۆلچەم لايىھىسى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش بىر قەدەر قېيىن نەرسە بولغاچقا بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنمىدى.) لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھامان لايىھىنىڭ كودلاش ئۇسۇلى ۋە قۇرۇلمىسى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. (نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنغانلىق توغرىسىدا ماتېرىيال تاپالماي قالدىم، مېنىڭچە ئەينى دەۋردىكى كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە سەپلىمىسى شارائىتىدا بىر ھەرپ(خەت) نى 32 بىت كەڭلىكتە ساقلاشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن، ساقلاش، بىرتەرەپ قىلىش، ئۇزىتىشتا ئىسراپچىلىق بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.) 1988-يىلىنىڭ بېشىدا Xerox شىركىتىدىكى Joe Becker يېڭىدىن بىر خەلقئارالىق ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىش پىكرىنى تەشۋىق قىلدى، بۇ كود ئۆلچىمىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى بولسا: 16 بىتلىق كودلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، بۇ خىل كودلاش ئۇسۇلىدىكى ھەرپ-بەلگە ئورۇنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ دۇنيادىكى بارلىق يېزىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئىدى. (بۇ خىل 16 بىتلىق كودلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا 65,536 دانە ھەرپ-بەلگىنى سىغدۇرغىلى بولىدۇ.) شۇنىڭ بىلەن Xerox شىركىتى ۋە Apple شىركىتىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئىنژېنېرلار خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ Unicode نامىدىكى بۇ كود ئۆلچەم لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى. 1991-يىلى 1-ئايدا ئون نەچچە كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسى، تور ساھەسى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كارخانىلار بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ Unicode جەمئىيىتى(Unicode协会 ،The Unicode Consortium) نى قۇرۇپ چىقتى، مەبلەغ چىقارغان شىركەتلەرنىڭ ئارىسىدا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغانلىرىدىن IBM، DEC، Sun، Xerox، Apple، Microsoft، Novell قاتارلىقلار بار ئىدى. ئارقىدىنلا بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىكىدە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان شىركەت - Unicode شىركىتى قۇرۇلدى، دەسلەپكى خىزمەت گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلىپ Unicode تېخنىكا كومىتېتى(Unicode技术委员会 ،Unicode Technical Committee) قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى. بۇ كومىتېت Unicode ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەرنى يىغىپ توپلاش، رەتلەش، كودلاش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى، Unicode نىڭ دۇنيا ئۆلچىمىگە ئايلىنىشىغا كۈچەش ۋەزىپىسى بولسا Unicode شىركىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. داڭلىق كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرى ناھايىتى تېزلا باشلىنىپ، 1989-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان سىناق لايىھە ئاساسىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، 1991-1992-يىللىرى كەينى-كەينىدىن Unicode ئۆلچىمى 1.0 نەشرىنىڭ 1-ۋە 2-قىسىملىرىنى نەشردىن چىقىرىپ تارقاتتى. (نەشردىن چىقاردى دېگەنلىكىگە قارىغاندا بۇ بەلكىم كىتابچە ھالىتىدىكى ئۆلچەم ئۇچۇرلىرى ۋە تېخنىكا ماتېرىياللىرى بولسا كېرەك؟)
Unicode جەمئىيىتىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي تەرەپ-تەرەپكە خىزمەت ئىشلىشى ۋە بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە ISO/IEC JTC1/SC2/WG2 خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاخىرى ئۆزىنىڭ كودلاش ئۇسۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، Unicode جەمئىيىتىنىڭ كودلاش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتتى. نەچچە ئايلىق سۆھبەت، كېڭىشىشتىن كېيىن ISO/IEC JTC1/SC2/WG2 خىزمەت گۇرۇپپىسى Unicode ئۆلچىمىنى ISO10646 ئۆلچىمىگە قوشۇۋېتىشكە ماقۇل بولدى، Unicode جەمئىيىتىمۇ Unicode ئۆلچىمىدىكى ھەرپلەرنىڭ كودىنى ISO10646 ئۆلچىمىدىكى ھەرپلەرنىڭ كودى بىلەن بىردەك قىلىشقا ماقۇل بولدى. مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ خىزمەتلىرىدىكى ئورتاقلىقنى يەكۈنلەپ چىقتى، دۇنيانىڭ ھەرگىز ئىككى خىل «خەلقئارا ئۆلچەم» گە ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى، خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىپ، ئورتاق بىر مەنزىلگە قاراپ يول ئېلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى! كېيىن ھەرپ-بەلگىلەرنى يىغىپ توپلاش، رەتلەش، كودلاش خىزمەتلىرىگە ئاساسلىقى ISO/IEC JTC1/SC2/WG2 خىزمەت گۇرۇپپىسى مەسئۇل بولدى، Unicode جەمئىيىتى بولسا بۇ گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ ياردەمدە بولدى. شۇنداق قىلىپ گەرچە ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆلچەم ئېلان قىلىۋەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ كودلاش شەكلى ۋە ئۆلچىمىدە بىرلىككە كېلىۋالغان بولغاچقا، كود ئۆلچىمى بىردەكلىكىنى ساقلاپ قالدى. كود ئۆلچىمىگە ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيدىغان، كىرگۈزگەن ئۆزگەرتىشلەرگە ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە قارار چىقىرىپ ماقۇللايدىغان بولۇشتى. ئۇنداق بولسا بۇ ئىككى ئۆلچەمنىڭ پەرقى نېمە؟ بۇ ئىككى ئۆلچەمدىكى ھەرپ بەلگىلەرنىڭ كودى، جايلىشىش ئورنى ۋە ھەرپلەرنىڭ ناملىرى ئوخشاش بولۇپ، پەرقلىرى تۆۋەندىكىچە:
ISO10646 ئۆلچىمى بولسا پەقەت بىر كود ئۆلچىمى جەدۋىلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆلچەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار، بەزى كودلارنىڭ باشقا ناملىرى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۇچۇرلىرى، باشقا ISO ئۆلچەملىرى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش توغرىسىدا ئىزاھلاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
Unicode ئۆلچىمى بولسا كود ئۆلچىمىدىن باشقا يەنە ئۆلچەم ئىچىدىكى بەزى يېزىقلارنىڭ ھەرپلىرىنى (مەسىلەن ئەرەب يېزىقى) قانداق قىلىپ سىزىپ چىقىرىش توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە ۋە ئالگورىزىم، قوش يۆنىلىشلىك يېزىقلارغا دۇچ كەلگەندە قانداق بىرتەرەپ قىلىش، ھەرپلەرنى قانداق سېلىشتۇرۇش ۋە رەتكە تىزىش توغرىلىق نۇرغۇن چۈشەنچە، ئۇچۇر ۋە ئالگورىزىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

* ISO/IEC JTC1/SC2/WG2 خىزمەت گۇرۇپپىسى: ISO/IEC JTC1 بولسا IEC‏(国际电工委员会 ،International Electrotechnical Commission ، خەلقئارا ئېلېكترون كومىتېتى؟) ۋە ISO بىرلىكتە شەكىللەندۈرگەن بىر كومىتېت بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ IT ساھەسىدىكى ئۆلچەملەرنى ماسلاشتۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ISO/IEC JTC1/SC2 بولسا ISO نىڭ بىر تارمىقى، ISO/IEC JTC1 تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، خەلقئارالىق يېزىق كود ئۆلچىمىگە مەسئۇل ئورگان. مۇشۇ ئورگان ئاستىدا ISO/IEC JTC1/SC2/WG2 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ، مۇشۇ گۇرۇپپا خەلقئارالىق كود ئۆلچىمىنى لايىھىلەش، تۈزۈشتىن ئىبارەت كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىكەن. (نېمانداق مۇرەككەپ-ھە؟!)

يازمىمىزنىڭ 1-قىسمى تامام.

مەنبە: جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى

بەت: [1]
: كومپيۇتېردا يېزىق بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىرقانچە ئۇقۇم توغرىسىدا40