تارىختىن پارچىلار
سەئىدىيە خاندانلىقى نەسەبنامىسى
ھەزىرىتى ئىسمايىلخان -ھەزىرىتى ئابدىرىھىم خان ئوغلى ، ئابدىرىھىم خان - ئابدۇرېشىت خان ئوغلى ، ئابدۇرېشىت خان -سۇلتان سەئىد خان ئوغلى ، سۇلتان سەئىد خان -سۇلتان ئەھمەتخان ئوغلى ، سۇلتان ئەھمەتخان -سۇلتان يۇنۇسخان ئوغلى ، سۇلتان يۇنۇسخان -سۇلتان ۋەيىسخان ئوغلى ، سۇلتان ۋەيىسخان -شىرئەلىخان ئوغلى ، شىرئەلىخان -مۇھەممەت خان ئوغلى ، مۇھەممەت خان -خىزىر خۇجا خان ئوغلى ، خىزىر خۇجاخان -توغلۇق تۇمۇرخان ئوغلى ، توغلۇق تۇمۇرخان -ئىسىن بۇقا خان ئوغلى ، ئىسىن بۇقا خان -داۋاخان ئوغلى ، داۋاخان - بەرراقخان ئوغلى ، بەرراقخان -يىسۇن قاراخان ئوغلى ، يىسۇن قاراخان -موۋاتوكانخان ئوغلى ، موۋاتوكانخان -چاغاتاي خان ئوغلى ، چاغاتاي خان -چىڭگىزخان ئوغلى ، چىڭگىز خان - يەسۈگەيخان ئوغلى ،يەسۈگەيخان -بەرىتانخان ئوغلى ، بەرىتانخان - قىبىلخان ئوغلى ، قىبىلخان -تۇنىبنە خان ئوغلى ، تۈنىبنە خان -بايسىنقۇرخان ئوغلى ، بايسىنقۇرخان -قايدۇرخان ئوغلى ، قايدۇرخان -دوتۇم مىنىنخان ئوغلى ، دوتۇم مىنىنخان بوقاخان ئوغلى ، بوقاخان -بودەنچىر قائان ئوغلى ، بودەنچىر قائان - ئالانقۇۋاكوركلۇك ئوغلىغا يىتىدۇ .ئالانقۇۋا كوركلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى بولسا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە يىتىدۇ .
------شاھ مەھمۇت جوراس. <سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار>
<ئۆزبىك> نامى ھەققىدە
چىنگىز قائاننىڭ تۇنجى ئوغلى جوجى خاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى . ئالتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى .شەيبانىنىڭ تۆتىنچى نەۋرىسىگە < ئۆزبىك > دەپ ئات قويۇلدى . بۇ بالاغەتكە يىتىپ ، چوڭ بۇلۇپ ، دۆلەت ۋە ھۆكىمەتكە ئىگە بۇلۇپ ، فەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋارائۇننەھرىنى ئىستىلا قىلىپ ، ھۆكۈمرانلىق قىلدى . ئۇنىڭ مۇسۇلمانچىلىق ، مۆمىنچىلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئادالەتپەرۋەرلىك ، پۇقراپەرۋەرلىكتە تەڭدىشى يوق ئىدى . شۇ ھالەتتە ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى . پۇقرالار ئاممىسىدا ناھايىتى پاراۋانلىق ، تنىچ تۇرمۇش پەيدا بولدى .شۇنىڭ ئۈچۈن ، خەلق ئىچىدە < ئۆزبىك > دىگەن نام باقى قالدى . لېكىن مۇھەممەت خان شەيبانى بىننى جوجى خان نەسلىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆزىگە < شەيبانى > دەپ تەخەللۇس قۇيدى . پۈتۈن ئۆزبېكلەر يۇقۇردىكى ئۆزبېك خانغا تەئەللۇق قەبىلىلەردىن بولغاچقا ، < ئۆزبېك > تايىپىسى دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى .
----------موللا مۇسا سايرامى . < تارىخى ھەمىدى >
بىرقىسىم ئىزاھاتلار
1. ماۋارا ئۇننەھرى - بۇقەدىمقى يونانچە < تىرانىسىئوكسانىيە > ( ئوكىس - ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپى ) دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ ، ئەرەپچە < ماۋارائۇننەھرى > دەريانىڭ نېرىقى تەرەپى ، دەپ ئاتالغان .ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارلىقىدىكى جايلارنىڭ ئۇمۇمى نامى .
2.ئىسمائىل خان - مىلادى 1514-يىلى يەركەن خانلىقىنى قۇرغان سولتان سەئىد خاننىڭ ئەۋلادى .مىلادى 1670-يىلى يەركەن شەھرىنى مەركەز قىلغان < قارا تاغلىق > سوپىلارنىڭ قوزغىلىڭىدىن پايدىلىنىپ تەخىتكە چىققان .1682-يىلى ئاپپاق خۇجا ( خۇجا ھىدايىتۇللا ) ۋە ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا بېسىپ كىرگەن مۇڭغۇل جۇڭغار ئاقسوڭەكلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ ئىرەن قابىر دىگەن جايغا نەزەر بەنت قىلىنغان .كىيىنچە شۈ جايدا ۋاپات بولغان .يەركەن خانلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشقان .
3.مۇغۇلىستان - مىلادى 1348-يىلى چاغاتاي ئەۋلادى توغلۇق تۈمۈر خان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ھازىرقى قۇرغاس ناھىيەسىنىڭ دائىرىسىدىكى ئالمىلىق شەھرىنى پايتەخت قىلىپ ، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن باشلاپ كاتتا دېڭىز ( بالقاش كۆلى ) غىچە ، غەرپتە فەرغانا ئويمانلىقى ، جەنۇپتا قاراقۇرۇم تاغلىرى ، شەرىقتە قۇمۇلنىڭ شەرقىغىچە بولغان جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان دۆلەت . 1514-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا يەركەن خانلىقى قۇرۇلغان .
4. سۇلتان سەئىد خان - يەركەن خانلىقىنىڭ تۈنجى سۇلتانى ، چاغاتاي ئەۋلادى ، توغلۇق تۇمۇرخاننىڭ 7-ئەۋلادى .سۇلتان ئابدىرىشىت خاننىڭ دادىسى .مىلادى 1514يىلى يەركەن خانلىقىنى قۇرۇپ ، مىلادى 1533-يىلى شىزاڭدىكى ئالى رايۇنىغا قىلغان ھەربى يۈرىشىدە ئىس تىگىش كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ يەركەندە ۋاپات بولغان ۋە < ئالتۇنلۇق > قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان .
تۈركلەر يافەس ئەۋلادىدىن دەپ قارىلىدىكەن نۇرغۇن كىتاپلاردا .
ئۇنداقتا شىنجاڭ ماۋرائۇننەھىرنىڭ دائىرىسىدە ئەمەسكەندە؟
ماۋەرائۇننەھر --- دەريا ئارقىسىدىكى جاي: ئاساسلىقى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەريا ئارىلىقىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. سەئىدخان ، ابدۇرەشىتخانلارنىڭ ئاتا بوۋىسى موڭغۇللارغا تەۋە ئىكەندەشۇ ۋاقىتقا تەۋە تارىختا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ئىسسىق كۆل ھازىرقى قەيەرگە تورغا كېلىدۇ باللا ؟
ئىسسق كۆلقىرغىزىستاندىغۇ دەيمەن . ئىسسىق كۆل دېگەن ھازىرقى قازاقسىتاندىكى بالقاش كۆلى شۇمىكى...... ئىسسىق كۆل قىرغىزىستاندا.