adil621 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 13:43:38

سىياسى ئەرباپلارنىڭ قىزىقارىق دەقىقىلىرى

2008-يىلى11-ئاينىڭ 6-كۈنى چىلى زۇڭتۇڭى بىرمەيدان خەلقارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش توپىنى تەپكەندە دىققەتسىزلىكتىن كەشى ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكەن.

ئالدىقنى ئايدا ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىللىيام موتوبىلەن ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىدە يول بويىدا سەل قىستاپ قالغان چېغى.........ئەممابۇرەسىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن. ئامال قانچە،شاھزادىمۇئادەمدە.

ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى پېرىس  بىرقېتىملىق ھەربى مانۋېرنى <<كۆز>>دىن كەچۈردى......

ب د ت باش مىنىستىرى پەنجىۋىن 2007يىلى ئىراقتا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا 50مېتىر نېرىسىدا پارتىلىغان بومبىدىن ھۈركۈپ كېتىپ جوزىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەن،بىچارە بايقۇشنىڭ چىرايىغا قاراڭ

قارىغاندا بۇشنى بوزەك قىلىدىغان ئۇششاق چۈششەكلەر ئازئەمەس ئوخشايدۇ.

ب د ت باش شىتاپىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرقېتىملىق يىغىندا ياپون ۋەزىرى لىكسىيە سۆزلىگەندە پەستىكىلەر ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ھاڭۋېقالغان  ،ئەسلىدە ب د ت نىڭ ياپون تىلى تەرجىمانى ئىشقا كېچىكىپ قېلىپ بۇ قىززىقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.

بويى1.65لىق ساركوچى ئۆزىدىن10سانتە ئېگىز خوتۇن ئالغاندىن كېيىن ئامال قانچە دەيسىز......

2007-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى دۇنيابانكىسىنىڭ باشلىقى تۈركىيدىكى بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلىغان ۋاقتى.بۇسۈرەت ئەينى ۋاقتىدا پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلارنىڭ تالاشتارتىش قىلىدىغان قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.ئىزدىنىشتىمۇ مۇشۇتوغرىسىدا تېما بولغانغۇ دەيمەن.

بۇش ئەپەندىم ئۇكرائىنىيەنىڭ <<ساھىپجامال>>پرىزدىنتى يوشنكوۋانى كۆرۈپ ئۆزىنى ۋە يېنىدىكى 1-خانىمىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇنىڭغا ئېسىلغان،ھەقىچان كەچتە ئۆيگە بارغاندىن كېيىن خوتۇنىدىن تازا تازا تىلىنى ئىششىتتىغۇدەيمەن

ھەي....بۇ بۇشقا ئامال يوقتە،روسىيە بىلەن ئامرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى نېمىشقا ياخشى ئەمەسكىن دېسەم ئەسلى...

2003-يىلى ئارگىنتىنا زۇڭتۇڭى جىرنىش زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن قوللىغۇچىىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىزغىنلىقىدىن قىستاڭچىلىقتا مۇخبىرنىڭ ئاپپاراتىغا ئۈسىۋېلىپ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى مانا مۇشۇنداق باشلىغان

ئىسپانىيە زۇڭلىسى ئاسىنار- ئۆزىگە بېلەت تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىلمىسىمۇ بولاتتى

2003-يىلى بلايىر ئەر-خوتۇنلار ئەنگىلىيە بادىشاھى ئېلزابىت ئەرخوتۇنلار بىلەن تەنھەركەت مۇسابىقىسى كۆرىۋاتقان ۋاقتى، بەلكىم بۇئىككىسىگە مۇسابىقە تازا تېتىمىغان چېغى...

2005-يىلى بۇش بېيجىڭدا بىرقېتىملىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتاشىدا  بۇئىشىك بىلەن تازا ھەپىلەشكەن بولسىمۇ لېكىن قەتئىي ئېچىلمىغان

1982-يىلى9-ئاينىڭ24-كۈنى: ساچىر خانىم بېيجىڭ خەلق سارىيىدىن موللاق ئاتقان پېتى چىقىپ كەتكەن...

rabbialla يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 15:35:40

كىشىنىڭ ئەيپىنى ئالدىدا تۇزۇتۇش ، كەينىدىن سۆز- چۆچەك قىلماسلىق ياخشى ئەخلاق ........

ئەگەر  بىر كىشى دۇنيادا يەنە بىركىشىنىڭ  ئەيپىنى ياپسا ئاللا قىيامەت كۇنى  شۇ بەندىنىڭ ئەيپىنى ياپىدۇ

خاتا چۇشۇنۇپ خاپا بۇلۇپ يۇرمەڭ ...مەنمۇ كۇرۇپ كۇلگۇم كەپقالدى

misran يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 16:26:28

چۈشەندۈرىشلەر تازا جايىدا بوپتۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 19:43:33

ياخشى سۈرەتلەر ئىكەن.

بىر پارچە سۈرەت بار ئىدى ، كېلىنتون ياپونىيەدە نۇتۇق سۆزلەۋىتىپ  قولىدىن ھاسسىسى چۈشۈپ كەتكەندە يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە ياپونىيە باش ۋەزىرى دەرھال ئېڭىشىپ ئېلىپ بېرىدىغان . ئەينى چاغدا جىق تالاش  - تارتىش بوپتىكەن شۇ سۈرەت توغرىلىق .

dilshat يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 19:43:40

مەن ما رەسىمگە بىر كېچە كۇلگەن !

dilshat يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 19:47:02

كىلىنتوننىڭ  ھاسىسى بارمىتى ؟

attela يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 20:11:11

دۇيا باكىسىنىڭ باشلىغى ىېلى تەسىرلەندۇردى

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-12 20:14:48

موخپىرنى باي قىلىۋەتكەن رەسىملەركەن ھەممىسى

zuhra يوللانغان ۋاقتى 2008-12-16 17:15:16

دىلشات ئەپەندى بىر كىچە كۈلگەن رەسىم قانداق رەسىم بولغىيدى، بىر كۈرۈپ باقاي دىسەم چىقماي قويدى ئەمەسمۇ كاساپەت!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2009-1-16 19:52:14

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىغىنىڭ پايپىغى بىلەن ئوبامانىڭ ئايىغى ماس كېلىدىكەن.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2009-1-16 20:07:53

دۇنيا بانكىسىنىڭ يىرتىق پايپاق كىيىۋالغان ئاداش، ساق پايپاق ئالىدىغان پۇلنى بىرگە ئىشلەيدىغان ئاشنىسىغا بېرىۋېتىپتىكەن ،كېيىن پاش بولۇپ قالدى ئەمەسما .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2009-1-17 07:39:25

ئانىڭغا مەنمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتىم

بەت: [1]
: سىياسى ئەرباپلارنىڭ قىزىقارىق دەقىقىلىرى