Kulke يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 09:29:57

ئەرلىرىڭلارغا سېلىق سالماڭلار!

ئەرلىرىڭلارغا سېلىق سالماڭلار!

يېقىندا بىر دوستۇم بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالفانىدىم . ئۇ:

بىز ئەرلەر چۈمۈلىدەك يىغىدىكەنمىز ، خوتۇن خەق توخۇدەك چاچىدىكەن ئاداش! - دەپ گەپ

باشلىدى ، - گپپى تولا بولىدىكەن . بۇ خوتۇن خەق دېگەننىڭ ، كىمنىڭ ئۇچىسىدا يېڭى كىيىم كۆرسە ، شۇنى ئېلىپ بەر دەۋاتقان ، يا ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمىفان ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان خەقكەن .ھېيىت - بايرام كېلىپ قالسىغۇ بولدى ، ئۆيدە جېدەل تۈگىمەيدۇ . ئۆتكەن يىلى دۆلەت بايرىمىدا "مېنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىسىز" دەپ تۇرۇۋېلىپ ، باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلدۇق . ئارقسىدىنلا روزا ھېيىت كەلدى . «ھېيتىلىق كىيىىم ئېلىپ بېرىىسز» دەپ تۇرۇۋېلىپ، 300 يۈەنگە ھېيىتلىق كىىيىم ئېلىپ بەردىم. 12 – ئايدا قۇربان ھېيىت كەلدى. قۇربان ھېيىتلىقمۇ كېىيىم ئېلىپ بەردىم . 1 – ئايدا «يېڭى يىللىق سوۋغا بەرمەمتىڭىز؟» دەپ تۇرۇۋېلىپ يەنە كىيىم ئالدۇردى. 2 – ئايدا چاغان كېلىپ، چاغانلىقمۇ ئەتىيازلىق كىيىم ئالدۇردى. كەينىدىنلا«ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى» كەلدى، بۇ بايرامدا «ئۈزۈك ئېلىپ بېرىسىز»دەپ تۇرۇۋېلىپ، ناھايىتتى تەستىلىكتە ۋەدە قەسەملەر بىلەن يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن ئېلىپ بېرىشكە كۆندۈردۈم ۋە ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمدىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ، ئەپلەپ – سەپلەپ ئاغىزىنى تۇۋاقلىدىم. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچە كۈن ماڭا قاپاق ئاچمىدى. 3 – ئايدا «خانىم قىزلار بايرىمى» كېلىپ، كېيىم – كېچەك ۋە دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان رېستوران چىقىمىنى تۆلەشكە بىر ئايلىق مۇئاشىم ئاران يەتتى. 4 – ئايدا ئالداش بايرىمىدا ئالدىۋېلىپ، مېنى يەنە چىقىمغا ئۇچراتتى. ئەمدى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان ماي بايرىمىدا مېنى يەنە قانداق چىقىملار كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ياكى يەنە ساياھەت قىلغۇسى كېلىپ كېتەمدۇ ۋە ياكى بالىلار بايرىمىدا ، تېخى تۇغۇلمىغان قورسقىدىكى بالا ئۈچۈن، بىر نەرسە ئالدۇرامدۇ، بۇ ھازىرچە ماڭا نامەلۇم. بۇ پەقەت خوتۇنۇمنىڭ ئىنسابىغا باغلىق. ياۋرۇپالىقلاردەك گۈلنى چوڭ بىلىدىغان ئىش بولسىغۇ، گۈل سوۋغا قىلىپلا قۇتۇلاتتۇق. لېكىن ئاياللىرىمىزنىڭ چوڭ بىلىدىغىنى لاتا-پۇتىكەن ئەمەسمۇ، ئاداش! ...

دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بۇ ئىش دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىلا ئەمەس، يەنە بەزى ئائىلەردىمۇ مەۋجۇت. ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە سېلىق سېلىش بەدىلىگە كەلگەن تاشقى گۈزەللىك بولسا، ئەخلاق كاتېگورىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىي چاكىنىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەقىقىي گۈزەل ئايال ئەرلىرى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ياشاپ، يوق بارىنى تەڭ كۆرۈپ، بىر ئۆيىنىڭ مورىسىدىن تەڭ تۈتۈن چىقىرىدۇ. «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن» ماسلىق، «ئىككى نان تاپسا، بىرىدە داپ چېلىش»، «تېشىدا ھېيىت ئويناپ، ئىچىدە روزا تۇتۇش» ئەزەلدىن بىرنىڭ كۆڭۈللۈك ، بەختىلىك تۇرمۇشىمىزنى بۇزۇپ كەلگەن. شۇڭا بايراملىق سوۋغىنى چوڭ ماددىي بۇيۇم بىلەنلا ئۆلچىۋالماي، يۈرەك قېتىدىن چىققان سەمىمىي تىلەكلەرنىمۇ قىممەتلىك بايراملىق سوۋغا دەپ بىلەيلى. بارنى كىيىپ، كۆڭلى – كۆكسىمىزنى كەڭرى تۇتۇپمۇ بايرامنى خوشال – خورام ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. قىسقىسى، ئەرلەر يانچۇقىنىڭ قۇرۇقلىنىپ قالغانلىقىدىن ئاچچىق يۇتۇپ يۈرمىسۇن، ئۇلارمۇ بايرامنى خوشال – خورام ئۆتكۈزسۇن. يۇقىرقىدەك ئاياللار ! ئەرلىرىڭلارغا سېلىق سالماڭلار!

ئاپتورى:ئابدۇغېنى مۇقىم

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچىلىك گېزىتى 2008 – يىل 19- ماي

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 21:21:50

ھازىربەزى ئۆيدىكى كونا لاتا -پىتە كىيىملەربىلەن بىر دۇكان ئاچقىلى بولىدۇ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2008-12-8 17:06:24

ھا ھا ھا ،،،،قايسى بىچارە  يازغۇچىنىڭ  يازمىسىدۇ  بۇ ،،،،،،ئەرلەرنىڭ  تاپقان پۇلىنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئايال خەجلىمىسە سىرتىدىكىسى خەجلەيدۇ ،،ئەرلەر ئاياللار ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ ،ئاياللار ئەرلەرنىڭ  پۇلىنى ئۆزىنىڭ  يانچۇقىدىن پۇل خەجلىگەندەك خەجلىيەلىسە ئاندىن ئەقىللىق ئايال  بولىدۇ ،،ھى ھى ھى ،،،تىللاپ چۈشمەڭلار  يەنە ،،بۇ دىگەن ئەمىليەت!!!!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-8 17:36:52

ھىم ~~~ پۇللا بولسا خەجلىگىلى لازىم بولىدۇ خېنىم ، ئاۋۋال ئۆينىڭ غېمىنى قىلىپ ، چوڭ بۇلۇۋاتقان بالىنىڭ كىيىنلىكىنى ئويلاپ قۇيۇپ خەجلىسىمۇ بولۇۋېرىدۇغۇ .... ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭكىدەك خەجلىيەلىسە ياخشى خوتۇن دىگەن گەپ ئۇيغۇرغا چۈشمەسمىكىن

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2008-12-8 21:13:48

پۇل دىگەن تارىمى نىڭ باش سۈرىتىكىدەك چۈشسە ھە
بەت: [1]
: ئەرلىرىڭلارغا سېلىق سالماڭلار!