wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-6 21:38:12

تېخىمۇ تىرىشقىن سىڭلىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يىراق بېيجىڭدا  ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىنى ئوقۇۋاتقان سىڭلىم .

قۇربان ھېيىتىڭغا مۇبارەك بولسۇن  ،ئىككىمىز ئەسلا تونۇشمايتۇق ،بىر سوم پىلانى سەۋەبى بىلەن سېنى تونۇدۇم ، سەن ئۆگۈنۈشتە تولىمۇ تىرىشچان ،لىكىن ئائىلە ئىقتىسادىڭ ھازىرچە سەل ناچارراق بولغىنىڭ ئۈچۈن ،ئوقۇشۇڭنى داۋام ئېتىشىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچۇڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بىر سوم پىلانى نامىدىن ياردەم بېرىش ئوبىكتى قىلغان ئىدۇق ،ئۇ چاغلاردا سەن تولۇق ئوتتۇرا ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىڭ .مانا شەھەر بويىچە  ئەڭ ياخشى نومۇرنى ئېلىپ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىڭغىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىپتۇ ....

ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن  يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتكەندىن كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىڭ ، بىز سېنىڭ ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇڭ ئۈچۈن 300 سومدىن تاكى سەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە تەمىنلەيدىغان بولدۇق ..

شۇندىن بۇيان مانا بىر يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ ...ھەر ئاينىڭ بەلگۈلەنگەن كۈنلىرى سېنىڭ كارتاڭغا 300 سوم  تۇرمۇش پۇلىنى -سەن ۋە سەندەك تالاي تىرىشچان ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇشۇنى خاتىرجەم داۋام ئېتىشى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولغان تۇرمۇش پۇلىنى سېلىپ بېرەتتىم .

مەن ساڭا تۇنجى قېتىم پۇل بەرگەن ۋاقتىمدىلا دىگەن ئىدىم :

ئۇكام ، بىرىنجىدىن  سىزگە بېرىۋاتقان پۇللار مېنىڭ ئەمەس بەلكى مەندەك يۈزلىگەن مىڭلىغان ئوغول قىزلارنىڭ پۇلى .شۇڭا بىزنى خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ئاكىسىدەك بىلىڭ .ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى تۆۋەن چاغلاش  كويىدا بولماڭ !مەيۈسلۈككە باھانە ئىزلىمەڭ !ھازىرچە پەقەت   ئائىلە ئىقتىسادىڭىزلا نامرات لىكىن تىرىشچان،ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىنتىلىدىغان ئۈمۈتۋار  قەلىپ كىمدە بولۇدىكەن ئۇھامان باي بولىدۇ ،بىراق :

قەلەندەرنى شاھ سايلىساڭ ئەگەردە ،

خۇرجۇن ئېسىپ چىقار يەنە سەھەردە !

ئىككىنچىدىن ھەرگىزمۇ بېسىم ھېس قىلماي تېخىمۇ تىرىشىڭ ،  تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن سىزگە ياردەم قىلىۋاتقان شۇ ساخاۋەتچىلەرگە،ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇڭ .....

.......................................

بۈگۈن ئىشقا ماڭغاچ  بانكىدا ئادەم كۆپ ئىكەن شۇڭا ،ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن سېنىڭ كارتاڭغا 200 سوم ھېيىتلىق پۇلنى ئاغدۇردۇم .،دە ياتىقىڭغا تېلىفون قىلدىم ،.سېنى ئۆگۈنىشكە چىقىپ كەتتى دىگەن ئىدىڭ سەندىن خۇرسەن بولدۇم ..

بايام تېلىفون قايتۇرۇپسەن ،شۇنچە تەكەللۇپ بىلەن: نېمىشقىمۇ پۇل ئەۋەتكەنسىز ،رەھمەت دېدىڭ ،،،

بىلىمەن ،سەن مەن ئارقىلىق ساڭا- بىر سوم پىلانى ئارقىلىق ساڭا ياردەم قىلىۋاتقان بارلىق ساخاۋەتچى ئاكا ھەدىلەرگە چىن دىلىڭدىن رەھمەت ئېيتىۋاتاتتىڭ ...

ئاكا ،ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالدىم،ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن ،تەتىلدە ئۆيگە قايىتمايمەن دېدىڭ  ، بايام قانچىلىك خوشال بولغۇنۇمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ،شۇڭا ئۆيگە ئالدىراپ كېلىپ بۇ خوش خەۋەرنى سېنىڭ بارلىق ئاكا ھەدىلىرىڭگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تورغا چىقىپ مۇنۇ قۇرلارنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن ،تورغا بىر نەرسە يازمىغىلى ئۇزۇن بولغاچ  خوشال بولغىنىمغا لايىق تۈزۈك ئىپادىلىيەلمىدىم ،.

تىرىش سىڭلىم تىرىش ،سەن ۋە سەندەك  تىرىشچان سىتۇدىنىتلارغا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان شۇ ساخاۋەتچى  ئاكا ھەدىلەرنىڭ ھاردۇقى چىقسۇن ،،،،،،ئۇلار ئۆزلىرى تاماكا چەكمەي ،تاكسىلارغا چىقماي مىننەتسىز ئەۋەتكەن شۇ 1 سوم ،10 سوم 100 سومدىن پۇللىرىغا رازى بولسۇن .....ئۇلارغا ئاللىقاچان رازى بولغان ،بەلكى مەندەك خوشال بولسۇن ...ئۆزلىرى  ياردەم قىلىۋاتقان بىر سىڭلىسىنىڭ نەتىجىلەر قازانغىنى بىلىپ خوشال بولسۇن ...كۈلسۈن .....ھاردۇقى چىقسۇن .......

تىرىش سىڭلىم تىرىش ،

بىزنىڭ ساڭا ياردەم قىلىىشمىز ھەرگىزمۇ تۆھپە تاماسى ئەمەس !بەلكى ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىشقا  قوشۇشقا تېگىشلىك بۇرچىمىزدۇر ...

تىرىش ،غەلبە ۋە شەرەپ تىرىشقانلارغا مەنسۇپتۇر ....

شەھرى بورتالا دا ھازىرنىڭ ئۆزىدە تامام .

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 07:01:07

سىلەرنىڭ پوچتا ئامانەت بانكسىنىڭ نۇمۇرى يۇقمۇ؟ مەن سىلەرگە پۇل سالاي دىسەم ماڭا بەك قۇلايسىز....ھىچ بولمىسا ئايدا 50 سوم سالاتتىم.

مۇنۇ تىرشىپ ئۇقۇۋاتقان سىڭلىمىزنىڭ ۋە باشقا ئۇكا سىڭىللېرىمىزنىڭ ئۇقۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بۇلۇشىغا تىلەگداشمەن.تىرىشىڭلار...تىرىشقاندىلا ھەممە نەرسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلدۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2008-12-7 10:46:05

ۋاپادارىمكام ئىمزاسىنىڭ ئورنىغا بانكا كارتا نومۇرنى يېزىپ قويسا بولامدۇ-نىمە؟
بەت: [1]
: تېخىمۇ تىرىشقىن سىڭلىم