Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 10:10:29

شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقامدۇ؟

شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقامدۇ؟


ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى جىنسىي قىلمىش ئارقىلىق يۇقۇش ۋە بەدەن سۇيۇقلىقىنىڭ ئۆز - ئارا ئۆتۈشىشىدىن يۇقۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV )  يۇقۇش خەۋىپى بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى قان، ئىسپىرما، ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈت، مېڭە - يۇلۇن سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. ئادەتتە باشقا تەر سۇيۇقلۇقى، ياش، شۆلگەي قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن، بۇ سۇيۇقلۇقلار ئارقىلىق ئەيدىز يۇقمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەتتىكى سۆيۈشۈش تۈپەيلى ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەمما، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئەگەر ساغلام تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلىقىدا يارا ياكى زەخىملەنگەن جاي بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىمۇ يارا ياكى زەخىملەنگەن جاي بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆيۈشكەندە، قاننىڭ ئۆز - ئارا ئۆتۈشۈشى كېلىپ چىقىپ، ئەيدىزدىن  يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.
تەر سۇيۇقلۇقىدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ. شۇڭا، ئەيدىز يۇقۇمدارىلىرى بىلەن بەدەننىڭ ئۇچرىشىشى تۈپەيلىدىن ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەمما، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇ، تىغ ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلاردا ئاز مىقداردا قان قالدۇقى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي تازىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن لۈڭگە ياكى لاتىدا ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى ياكى جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى قالدۇقى ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق شەخىسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئەيدىز ناھايىتى ئوڭايلا يۇقۇشى مۇمكىن. ئەيدىز يۇقمىدى دېگەندىمۇ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا باشقا يۇقۇچان جىنسىي يول كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرمۇ شەخىسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا ئاسانلا يۇقىدۇ.  شۇڭا، شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى زىنھار ئورتاق ئىشلەتمەسلىك لازىم.
مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://yuksel.blogbus.com

يۈكسەل بلوگى سىزنىڭ جىددىي ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمۇ نېمە؟

بۇ جاينى بېسىپ ، يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن 1 بېلەت تاشلاپ قويغايسىز !


katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 15:56:02

ئەيدىز گەرچە داۋاسىنىڭ يوقلۇقى، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇن مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قورقۇنۇچلۇق ۋابا دەپ ئاتالسىمۇ، ئەگەر سىز ئۆز قىلمىشىڭىزغا مەسئۇل بولسىڭىز، يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەكمىسىڭىز، ھالال  جۆرىڭىزدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ قېنى ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تېنىڭىزگە كىرىپلا كەتمىسە، ئەيدىزدىن ھەرگىز يۇقۇملانمايسىز. دېمەك، ئەيدىز بىر خىل قىلمىش كېسىلى.

بىلۇگىڭىزنى تۇنجى قېتىم كۇرشىمشۇڭا قۇرۇق چىقمىدىم.

hilalidin يوللانغان ۋاقتى 2008-12-4 10:59:51

ئەيدىز يۇقتۇرىۋالماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى زىنا قىلمسلىق خالاس .

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-4 11:58:10

24 نامزاتنىڭ ئىچىگە مېنىڭ بلوگىممۇ كىرىپتۇ، خوش بولدۇم.

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-4 13:32:42

يۈكسەل ئەپەندىم، بېلەت تاشلايدىغان يەردىكى \"10 چوڭ بلوگ قايسىلار\" دېگەن ULY يېزىقىدا ئىملا خاتالىقى باردەك قىلامدۇ-نېمە. ھېلىقى \"Qyasilar\"  دېگەن خەت \"Qaysilar\" بولۇشى كېرەكمىكىن دەيمەن.

munazira يوللانغان ۋاقتى 2008-12-4 22:41:13

مەن بىر رەسسامنى تونۇيتتىم، ئۇ رەسسام 70-يىللاردىن تارتىپ سىزغان رەسىمىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىدى، مەن بىرنەچچە رەسىمىنى ژورنالدا ئېلان قىلدۇرۇپ بىرەي دېسەممۇ ئۇنىمىدى. ئالدىرىماسلىق كېرەك، رەسىملىرىمنى ھامان بىر كۈنى كۆرگەزمە قىلىمەن، تەييارلىقىم تېخى پۈتمىدى دەيدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىمەن، كۆرگەزمىنى ھازىر ئاچسىمۇ چاتاق يوق ئىدى.

ئادەمدە بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر دەسمايە بولۇش كېرەك. سىلەرنىڭ بىلوگىڭلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بېقىپ 10چوڭ بىلوگنى تاللاپ چىقىمىز،دېگەن تەشەببۇسۇڭلارغا ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭلارنى،باشقىلارنىڭمۇ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغانسىلەر؟ پىشمىغان نەرسىنى دام-دام قىلماڭلار...

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-12-5 01:05:56

raxit1973:

يۈكسەل ئەپەندىم، بېلەت تاشلايدىغان يەردىكى \"10 چوڭ بلوگ قايسىلار\" دېگەن ULY يېزىقىدا ئىملا خاتالىقى باردەك قىلامدۇ-نېمە. ھېلىقى \"Qyasilar\"  دېگەن خەت \"Qaysilar\" بولۇشى كېرەكمىكىن دەيمەن.

ULY غا خاملىقىمنىڭ كاساپىتىدە ! ئەمما، ئەمدى ئۆزگەرتىمەن دېسەم كېچكىتىم. شۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن، يازغاندا ئەيىپ يوق، ئوقۇغانلار تۈزىتىپ ئوقۇغاي ! ...

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-12-5 01:08:53

munazira:

مەن بىر رەسسامنى تونۇيتتىم، ئۇ رەسسام 70-يىللاردىن تارتىپ سىزغان رەسىمىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىدى، مەن بىرنەچچە رەسىمىنى ژورنالدا ئېلان قىلدۇرۇپ بىرەي دېسەممۇ ئۇنىمىدى. ئالدىرىماسلىق كېرەك، رەسىملىرىمنى ھامان بىر كۈنى كۆرگەزمە قىلىمەن، تەييارلىقىم تېخى پۈتمىدى دەيدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىمەن، كۆرگەزمىنى ھازىر ئاچسىمۇ چاتاق يوق ئىدى.

ئادەمدە بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر دەسمايە بولۇش كېرەك. سىلەرنىڭ بىلوگىڭلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بېقىپ 10چوڭ بىلوگنى تاللاپ چىقىمىز،دېگەن تەشەببۇسۇڭلارغا ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭلارنى،باشقىلارنىڭمۇ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغانسىلەر؟ پىشمىغان نەرسىنى دام-دام قىلماڭلار...

سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزمۇ ئۆزگىچە ئىكەن. بىزمۇ ۋاقتىمىزنىڭ ئىسراپ بولۇشى بىلەن كارىمىز يوق بلوگ باھالاپ يۈرۈپتۇق، سىزمۇ بىزنىڭ ئىشىمىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلماي، ئۆز پىكرىڭىزدە قالسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

munazira يوللانغان ۋاقتى 2008-12-5 11:40:06

جۇغلانمىڭىز يېتەرلىك ئەمەس تۇرۇپ بىرمۇنچە خەقنى ئەخمەق قىلىۋاتقىنىڭىزدىن ئازراقمۇ خىجىل بولمىغان بولسىڭىز سۈكۈت قىلىشقا مەن تەييار.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-12-5 15:57:43

munazira:

جۇغلانمىڭىز يېتەرلىك ئەمەس تۇرۇپ بىرمۇنچە خەقنى ئەخمەق قىلىۋاتقىنىڭىزدىن ئازراقمۇ خىجىل بولمىغان بولسىڭىز سۈكۈت قىلىشقا مەن تەييار.

munazira:

جۇغلانمىڭىز يېتەرلىك ئەمەس تۇرۇپ بىرمۇنچە خەقنى ئەخمەق قىلىۋاتقىنىڭىزدىن ئازراقمۇ خىجىل بولمىغان بولسىڭىز سۈكۈت قىلىشقا مەن تەييار.


<< يۈكسەل بلوگى >> تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتى كەڭ بلوگىر دوستلار ۋە زىيارەتچى تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قاراڭ، تورداشلارنىڭ بەس - بەستە بېلەت تاشلاپ ئاۋاز قېتىۋاتقىنىنى، قاراڭ بلوگىر دوستلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەيەنلەشتۈرۈپ تۇشمۇ - تۇشتىن ئىنكاس يېزىپ كېتىشكەنلىرىنى .... ! ئەجىبا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ << ئەھمىيەتسىز تايىنى يوق بىر ئىش >> قا تەرەددۇتلانغان بىر توپ << ئەخمەق >> دەپ قارامسىز؟ سىز پېقىرنى ئەيىپلىمەكچىمۇ ياكى ئەھلى - جامائەتنىمۇ ؟! ....
دەرۋەقە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بىر مەسىلە ئۈستىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشى تەبىئىي. ئەمما، قارىشىڭ ماڭا ئوخشىمايدىكەن دەپلا، قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلىش ھەتتا ئۇنىڭ زىتىغا تېگىش پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس.
ئاخىرىدا ، سىزنىڭ قارىشىڭىزنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمنى، ئەمما، تەنە - دوقلىرىڭىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويماقچىمەن.


munazira يوللانغان ۋاقتى 2008-12-5 22:07:02

سىز پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەنسىز، بۇ يېرىڭىزگە مەن قايىل بولدۇم. لېكىن مەن پىكرىمدە يەنىلا چىڭ تۇرىمەن. ئىنكاسلىرىمنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، مەن ئۆز پىكرىمدە مۇنازىرە شەكلىدە ئەمەس كۆڭلۈمدە ساقلاشنى لايىق كۆردۈم.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-12-5 22:18:06

ئۇزۇقراق سۆيۈشسە يۇقىدىكەن. ئامانلىق ژۇرنىلىدا ئاشۇنداق دەپتۇ.

tartinqak يوللانغان ۋاقتى 2008-12-30 14:59:04

ھەي خۇدايىم......

ھەجەپ بىر ئىش بولدى.......

نەگە بارسا مۇشۇ نىجىس كىسەلنىڭ گىپى

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 11:24:28

ئەيدىزنىڭ زۇكام ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشاش تولىمۇ ئاسان ۋاستىلەر بىلەن يۇقۇپ قالمايدىغانلىقى، بۇ كېسەلىنىڭ پەيدا بۇلۇشىدىكى بىر ھىكمەتنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەندەك قىلىدۇ. پاسكىنىلىقنىڭ خۇلاسىسى -ئەيدىز!

ahatjan يوللانغان ۋاقتى 2008-12-31 16:34:53

شۆلگەيدە قان ئارىلاش بولۇپ سىزنىڭ ئاغىزىڭىزدا 口腔溃疡 بولسا يوقىدۇ
بەت: [1]
: شۆلگەيدىن ئەيدىز يۇقامدۇ؟