مەجۈن يەپ توختىماي كۈلۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزاتكا ،قانداق ئەھۋاللىرى؟
بىزنىڭ ياتاقتىكى باللار 1-2ئاي بولدى <مەجۈن>دەيدىغان بىر نەرسىنى يەيدىغان بولىۋالدى، شۇلارنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ يەپ باقتىم ، ئۇنى يىگەندىن كىيىن ئادەمنى خوش كەيىپ قىلىپ ،بىكاردىن بىكار كۇلىدىغان ۋە شۇ قاتارلىق بىر قاتار كەيىپلەرنى پەيدا قىلىدىكەن ، بۇلانىڭ ھەممىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ سىلى تىۋىپ بولغاندىكىن ھەممىنى بىلىدىلا، ئەمدى ئويلاپ قالدىم ،ئۇ دورىنىڭ تەركىۋى نىمە ،نىمىدە ياسايدۇ،ئادەمگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار، زىيانلىق تەرەپلىرىچۇ؟
يۇقارقى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بىرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن،
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەجۈننىڭ ئاساسلىق تەركىۋى نەشە .
پايدىلىق تەرىپى يوق دېيەرلىك،
ئىلگىركى ۋاقىتلاردا بىرەر بەگ، دورغىلارغا خۇشامەت قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلانغان سورۇنلارنى قىززىتىش ئۈچۈن ھەزىلكەش، ناخشا-ئۇسسۇلچىلارغا مەجۈن يېگۈزۈپ تاماشا قىلار ئىكەن. ئۆزىمۇ ھەم پاھىشە خوتۇنلارغا مەجۈن يىگۈزۈپ كەيىپ قىلار ئىكەن.
بۇنىڭ زىيانلىق تەرىپى كۆپ بولۇپ يېگەندىن كىيىن ئاساسلىقى خۇمار قىلىدۇ، بۇنى يېگەن ۋاقىتتا ۋاقىتلىك كەيىپنى كۆتۈرۈپ، ئادەمنى ساراڭ كىشىلەردەك توختىماي كۈلدۈرگەن بىلەن كىيىن ئېغىر دەرىجىدە چۈشكۈنلۈككە گېرىپتار قىلىدۇ.
كۆپ ئىستىمال قىلغاندا روھىي قۇۋۋەتنى خورىتىپ قورقۇنچاق، زەئىپ قىلىدۇ. جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇردۇ.
پەزىلەتلىك تېۋىپلار بۇنداق جەمئىيەتكە زىيانلىق، پاك قەلىبنى ئۆلتۈردىغانزىيانداشنى ياسىمايدۇ. ئۇنى ياسىغان تېۋىپ ھەم پەزىلەتسىز ھېسابلىنىپ لەنەتكە لايىقتۇر.
مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى http://www.80halta.com
بېتىمىز يېڭىلىقلىرى:
1.مەجۈننىڭ كەيىپ قىلىشتىن باشقا يەنە قانداق خۇسۇسىيت...
2.ئۈرۈك مېغىزنىڭ ھۆسۈن تۈزەش رولى بارمۇ؟
3.سوغۇقلۇق قىلسام نېمە سەۋەبتىن بەدىنىم ئىششىۋالىدۇ؟
4.ئانانىزىم سەۋەبىدىن مەنى تېز كېتىشكە قانداق چارە ب...
5.ئۇرۇقدان ساڭگىلىۋېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
6.ئۇرۇق ھەركىتىنىڭ ئاجىز بولىشى مەزى بېزى ياللۇقى بى...
7.ۋىتامىنEنىڭ يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
8.ۋىتامىن E
9. سامساق مايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
10. بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ قانداق ...
11.كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
بەزىلەر مەجۈنى.... دېگەننى كۆرسە شۇ نەشىدە ياسىلىدىغان مەجۈن ئىسىگە كىلىپ خاتا چۈشەنچىدە بولىدىكەن. ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مەجۇنات تۈرىدىكى دورىلار بىلەن بۇ مەجۈننىڭ قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق.
مەسىلەن :
مەجۈنى سۆئىلەپ
مەجۈنى لۇبۇبى كەبىر
مەجۈنى ماددىتىل ھايات
مەجۇنى ئازاراقى دېگەن دورىلار ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مەشھۇر دورا رېتسىپلىرىدۇر.
http://www.80halta.comباش بەتتىلا، تولۇق ئالاقىلىشىش ئادرىسىم بار.
بىر چاغلاردا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ گېپىنى قىلغان ئىكەنسىز، مەن ئاز-تولا ياردەم قىلاي دېسەمتېلفۇن قىلمىدىڭىز ؟!!
ئوغرىغا مال كەممۇ دەپ ، بۇ باللىغۇ يەيدىغان نېمە ئاز ئەمەسكەن ! ھېلى نەشە دېسە، ھېلى ئاق دېگەن، ئەمدى چۈمادو چىقىپتۇ دېسە، مىللىچىسى مەجۈن تەييار دېگەن ! ....
يۈكسەل بلوگى سىزنىڭ جىددىي ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمۇ نېمە؟
بۇ جاينى بېسىپ ، يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن 1 بېلەت تاشلاپ قويغايسىز !
بىزنىڭ يۇرتتا ئەنجاياڭغى (توغرىسى ئەنجان ياڭىقى بۇلۇشى مۇمكىن) دەيدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بار، بەزى بالىلار شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى يەپ مەست بۇلىدۇ.كەيىپ قىلىپ مەس بولىۋىلىش نىمە زۆرۈل بولۇپ قالغاندۇ؟
،جەمىيەتتىكى، ھاياتلىقتىكى بەزى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي بوشاڭلىق قىلىپ مەس بولىۋېلىپلا تۈگەتمەكچىمىدۇ.
زىيىنى پايدىسىدىن ئىغىركەن بۇئىشلارنىڭ..................
پايدىلىق تەرەپلىرى بارمىكىن دەيمەن ...ۋاي بەك پەيزى نېمە دەۋاتاتتىغۇ، ئاندا پايدىسى با يەي، ماندا قۇۋۋەت بولىدۇ يەي ... مەنمۇ ئىزدەپ تۇرۇاتتىم.
مىللىيچىسى ..ھا ھابۇنى يىمىسە ئوغۇل بالا بولمايدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا يەيدۇ. كەيىپنىڭ قانداق بۇلدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوغۇل بالا ئوغۇل بالا بولماسمىش(ئاشۇنى يەيدىغان نوچىلارنىڭ ھىكمەتلىك سۆزى). شۇڭا كەيىپ بولۇش ئۈچۈن ئوغۇل باللىقىنى كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن بولسىمۇ يەيدۇ بۇ نىمىنى. مۇشۇنداق نىملەرنى يەپ سەت كۈلدىغان باللارنى كۆرسەم ئاغزىغا بىرە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچنى تىقىۋەتكىم كىلىپ كىتىدۇ
قىچىشامدىغاندۇ بىر يەلىرى ما ئادەملەرنىڭ...
ئۇنى-بۇنى يەپ ساق كاللىنى ساراڭ قىلىپ يۈرگىچە 3 ۋاق تاماقنى جايىدا يەپ جان بېقىشنىڭ ئىپىنى قىلسىچۇ...
مەجۈن؟ مۇشۇ بىرنەرسىنى ھازىر قىزلار بەك يەيمىش ئاڭلىسام... ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازىرىدا بىر پوچتا بانكىسى بارغۇ، شۇنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا كۈزدە يۇرتتىن كەلگەن ئىلگىرىكى بىرقانچە كەسپداشلار بىلەن تاماقلىنىپ ئولتۇراتتۇق، ياندىكى ئۈستەلگە ئۈچ- تۆتتەك قىزلارمۇ كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئارىدىن بىرى: ئاداش تۆنۈگۈن يىگەن مەجۇننىڭ تەسىرى ھازىرمۇ كەتمەيۋاتامدۇ ئىشقىلىپ كاللام گاراڭلا..دېسە يېنىدىكى يەنە بىرەيلەن تۇنجى قېتىم يېگەندىن كېيىن شۇنداق بولىسەن، پەيزى نەرسە ئۇ... دېيىشىپ كۈلكىسى بىلەن تاس قالدى تاماقخانىنىڭ ئۆگزىسىنى كۆتۈرىۋەتكىلى.بالىلاردىن نېمە ئۇ مەجۈن دېگەن؟ ھاراقنىڭ بىر تۈرىمىكىن دېسەم يىگەن دەيدۇ، قانداق نەرسە ئۇ دەپ سوراپ ساپتىمەن. ئۇلار بىر- بىرىگە قارىشىپ قويۇپ تەركىۋىدە نەشە بار، ئىستىمال قىلسا مەست قىلىدۇ، كەيىپ قىلىدۇ. ھازىر قىزلار جىق يەيدىغان بوپ كېتىپتۇ بىز ئوغۇللاردىن ئېشىپ دېيىشتى... قارىسام ئۈستى- بېشى خېلى تۈزۈكلا قىزلاركەن بولمىسا، توۋا دەپ قىز يېقىنلىرىمنىڭ ئىنساۋىنى تىلىگەن ئىدىم.
ھەراست نەشىنىڭ ئۇرىقىنى دەملەپ ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرەمدا @Birzat ئاكا؟ 3 يىل بۇرۇنقى تېما ئىكەنغۇ ، ھازىر يەنە يېڭى ئوقەت پەيدا بولغاندۇ ؟ ئاشۇ مەجۈن يەپ كەيىپ بۇلۇپ قالغان ساراڭلارنى قانداق قىلىپ كەيىپتىن قايتۇرمىز؟
بىر ئۇكام بۇلدىغان مۇشۇ نەرسىنى يەۋىلىپ خەلە ئۇزۇنغىچە ساراڭ قېتىشلا بۇلۇپ قالدى. ھىچقانداق ئامال قىلالماي، كىيىن باشقىلاردىن سورىسام توختىماي سوغوق سۇ ئىچسە ئوڭشىلدۇ دىگەن ئىدى.. ھازىر دىلكۇشاد دەيدىغانلىرى چىقتى دەيدۇ . ھازىر مەجۈننى چۈمادو ئارىلاشتۇرۇپ ياسايدۇ دەيدىغۇ؟ شۇنداق بوپ قالسا مەجۈن خۇمار قىز-ئۇغۇللار تۈگەشكىدەك. ئەڭ چاتاق يېرى مەجۇن يەرلىك مەرىۋانا بولغاچقا ئۇنىڭ نەشە مىقدارىنى توغرامۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ(بۇ پۈتۈنلەي تىۋىپنىڭ ئىنسابىغا باغلىق ) ،شۇڭا ھەددىدىن جىق يەۋىلىپ ئۆزىنى بىرنىمە قىلىۋىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەرۋاقىت مەۋجۇت
12- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەجۈن؟ مۇشۇ بىرنەرسىنى ھازىر قىزلار بەك يەيمىش ئاڭلىسام... ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازىرىدا بىر پوچتا بانكىسى بارغۇ، شۇنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا كۈزدە يۇرتتىن كەلگەن ئىلگىرىكى بىرقانچە كەسپداشلار بىلەن تاماقلىنىپ ئولتۇراتتۇق، ياندىكى ئۈستەلگە ئۈچ- تۆتتەك قىزلارمۇ كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئارىدىن بىرى: ئاداش تۆنۈگۈن يىگەن مەجۇننىڭ تەسىرى ھازىرمۇ كەتمەيۋاتامدۇ ئىشقىلىپ كاللام گاراڭلا..دېسە يېنىدىكى يەنە بىرەيلەن تۇنجى قېتىم يېگەندىن كېيىن شۇنداق بولىسەن، پەيزى نەرسە ئۇ... دېيىشىپ كۈلكىسى بىلەن تاس قالدى تاماقخانىنىڭ ئۆگزىسىنى كۆتۈرىۋەتكىلى.
بالىلاردىن نېمە ئۇ مەجۈن دېگەن؟ ھاراقنىڭ بىر تۈرىمىكىن دېسەم يىگەن دەيدۇ، قانداق نەرسە ئۇ دەپ سوراپ ساپتىمەن. ئۇلار بىر- بىرىگە قارىشىپ قويۇپ تەركىۋىدە نەشە بار، ئىستىمال قىلسا مەست قىلىدۇ، كەيىپ قىلىدۇ. ھازىر قىزلار جىق يەيدىغان بوپ كېتىپتۇ بىز ئوغۇللاردىن ئېشىپ دېيىشتى... قارىسام ئۈستى- بېشى خېلى تۈزۈكلا قىزلاركەن بولمىسا، توۋا دەپ قىز يېقىنلىرىمنىڭ ئىنساۋىنى تىلىگەن ئىدىم.
ھەراست نەشىنىڭ ئۇرىقىنى دەملەپ ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرەمدا @Birzat ئاكا؟
قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان نەرسە كۆپ ، لىكىن قان بېسىم دېگەن بىر قېتىم چۈشۈرۈپ قويغانغا جايىدا جىم تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا قان بېسىمنى تىزگىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولۇشى، دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەنلەرنى تەرتىپلىك ئىلىپ بىرىش كېرەك. كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۇرىقىنىڭ قان بېسىمىنى مۇئەييەن چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار. لىكىن بۇنى ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ. نېرۋا سىستېمىسىغا باشقا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن. قان بىسىمغا دورا ئىچىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە رېتسىپلىق دورا ئىچىپ بىرىشى كېرەك. قان بىسىمىنى چۈشۈرىدىغان ئادەتتە ئىستىمال قىلسا بولىدىغان، ئۆزى ئەرزان، تېپىشقا ئاسان نەرسىلەردىن لىمون (تىلىپ قايناق سۇغا سىلىپ ئىلىدۇ)، قوناق ساقىلى (چاي دەملەپ ئىچىدۇ)، كەرەپشە (چىڭسەي)، پەمىدۇر، تۇرۇپ، قارا ئۈرۈك، گىلاس، تاۋۇز، ھەسەل، چىلان، قېتىق قاتارلىقلار.
يۇقۇرى قان بىسىم بىمارلىرى دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى: يۇقۇرى قان بىسىم كۆپ ھاللاردا تۇراقسىز بولۇپ يۇقۇرى ھالەتنى ساقلاۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا بېسىم چۈشۈپ ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا ساقلانغان ئەڭ زور خاتا قاراش شۇكى سوغۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قان بىسىمنى چۈشۈرىدۇ، يۇقۇرى قان بىسىمغا پايدىلىق دەپ قاراپ كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىدىغان ۋە ياكى بۆرەك زەئىپلىشىپ كاردىن چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يۇقۇرى قان بىسىمنى داۋالاشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىلىپ تۇرۇشى، قەرەللىك تەكشۈرتۈش قىلىپ تۇرۇشى، ئوزۇقلىنىشتا ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە سوغۇقلۇق قوغلىشىپ قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشتىن ئۆزىنى تارتماسلىقى، مىزاجغا مۇناسىپ تەڭشەپ ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كېرەك.