misran يوللانغان ۋاقتى 2008-11-30 23:39:00

قەدىرلەشنىڭ ئۆزى بەخت

قەدىرلەشنىڭ ئۆزى بەخت


    مەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى بەك ياقتۇرىمەن: «سەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەمەس، ئەمما مەن سېنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن! » بۇ جۈملىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ باقساق شۇنى سېزىمىزكى بۇ شۇنچىلىك تۈز، شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل ۋە شۇنچىلىك چىن دىلدىن ئېيتىلغان راست گەپ!
    بىز بىلىمىزكى كىشى دۇنياغا تۇغۇلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاللا تائاللا شۇنىڭغا جۆرىسىنى قوشۇپ يارىتىدۇ! ئەمما شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە چوڭ دۇنيادىن سىز قانداق قىلىپ ئۆز بەختىڭىزنى تاپالايسىز؟ بولۇپمۇ ھازىرقى خىزمەت بېسىمى، تۇرمۇش بېسىمى ۋە......... بېسىملارنىڭ ئاستىدا سىز نەق ئۆزىڭىزگە تەۋە جۈپتىڭىزنى تاپالامسىز؟ مانا مۇشۇ سەۋەپتىن سىز ئۇنى بەلكىم مەلۇم سەۋەپ تۇپەيلىدىن مەجبۇرى قوبۇل قىلىسىز- يۇ.... ئۆز كاللىڭىزدىكى سىزنىڭ نىشانىڭىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرىسىز!
    ھەر قېتىم سېلىشتۇرغاندا بىر قېتىم ئۈمىدسىزلىنىسىز!
بەزىلەر شۇنى بىلمەيدۇ ياكى چۈشەنمەيدۇ! يەنى ئۆز يېنىدىكىنىڭ قەدرىنى ياكى ئۆزى ئېرىشكەننىڭ بەخت ۋە مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى؟!
    مۇھەببەت دېگەن نېمە؟
    پەيلاسوپلار مۇنداق دەيدۇ: سەن ئۇنىڭ ئۆزەڭنىڭ چوقۇنىدىغان ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىللىكى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يەنىلا تاشلىۋەتمەي ياخشى كۆرگەنلىكىڭنىڭ ئۆزى مۇھەببەت!
    مۇنداقمۇ ئادەم مەۋجۇت، يەنى ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىگەن ھېچقانداق كەمچىللىكى يوق، ئەمما سىز ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولىسىز-يۇ يېقىنلىشالمايسىز! بۇ خىل ھېسسىياتنى مۇھەببەت دېمەيمىز! ئۇ پەقەت چوقۇنۇش! چوقۇنۇش خۇددى بىر قونچاققا ئامراق بولغانغا ئوخشايدۇ، ئەمما مۇھەببەت ھەقىقى بولىدۇ، سىز ئۇنى يۈرىكىڭىزدىن سېزەلەيسىز! ھەر قېتىم يۈرىكىڭىز ئېغىپ كەتكەندە ياكى يۈرىكىڭىز جىددى سوققاندا بىلەلەيسىز، چۈنكى ئۇ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت! مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قارشى تەرەپنىڭ پايتىمىسى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالسىمۇ، سىز ئۇنىڭ بىلەن كوچا چۆگىلەشنى خالايسىز! چۈنكى سىز ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرىسىز!
    ئالى مەكتەپنى قوش ئۇنۋان بىلەن پۈتتۈرگەن بىر قىز، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن كېلىشكەن، پۇلى بار، ئورنى بار يىگىتلەرنىڭ تەلىپىنى قايتۇرىۋېتىپ، ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدىغان، ئادەتتىكىدەك، بويىمۇ ئۆزىدىن پەرىقلەنمەيدىغان بىر يىگىتنى تاللاپتۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭ باشقا تۇنۇش بىلىشلىرىنى ھەيران- ھەس قالدۇرۇپتۇ. كۆپ يىللاردىن كېيىن ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا كۆرۈشكەندە ھەممىسى ھەيران قاپتۇ، چۈنكى باشقىلار ئۆز غايىسىنى جۈپتىگە تېڭىپ مەغلۇپ بولۇپ، نىمە قىلارىنى بىلمىگەندە، ئۇ قىز ئېرى بىلەن كەسىپ جەھەتتىكى نەتىجە ۋە تۇرمۇشتىكى خاتىرجەملىك ئىچىدە يېتىپ كەپتۇ. شۇ ۋاقىتتا قالغانلار ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەكرەك گۈزەللىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە تۇرمۇشقا تېخىمۇ بەكرەك پىشقانلىقىنى سېزىپتۇ. بۇ قىز كۆپچىللىككە شۇنى دەپ بېرىپتۇ: « مېنىڭ ئېرىم، مەن بىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋېرى ئەمەس، ئەمما ئۇ، مەن جاپاغا قالغاندا ياكى يالغۇزسىرىغاندا ۋە ياكى ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ھېچقانداق جاۋاپ كۇتمەي، ياردەم قولىنى سوزغان، شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ بارلىقى ۋە كەلگۈسىنى ئەنە شۇ ئېرىغىمغا باغلىغان!»
    ئەستايىدىل ئويلاشساق، يۇقىرىقىدەك ھەقىقىي چىن مۇھەببەت ياكى تاسادىپىي ۋاقىتلىق خوشاللىق، ئىككىسىدىن قايسىسىنى تاللايسىز؟ ..... دۇنيادا كېلىشكەن  يىگىت ۋە ياكى گۈزەل قىزلار نۇرغۇن، ئەمما سىزگە تەئەللۇقى ۋە سىزنىڭ بەختىڭىز پەقەتلا بىر!
    ھەرگىز باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە جۇپتىڭىزگە باھا بەرمەڭ؟ باشقىلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا ياشىماڭ! ئۆز- ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ! مۇھەببەت ئاچكۆزلۇكنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ چۇش ياكى غايە ئەمەس! مۇھەببىتىڭىز يەر زېمىننى زىل - زىلىگە سالىدىغان مۇھەببەت بولمىسىمۇ، سىز ئۇنى بارلىقىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر قوغدىسىڭىز ئەرزىيدۇ.
    «سىز ئەڭ لاياقەتلىك، مەن سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن» بۇ سۆز  ئەشۇ بىر جۈپ قولىنى قولىدا تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقان بوۋاي- موماي دېگەن سۆز. ( سىزمۇ شۇنداق بولۇشنى خالامسىز؟ )
   ئەتراپىدىكىنىڭ قەدرىنى بىلىش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەخىتتۇر!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-12-1 02:24:05

ئۇ تەبەسسۇم ئەيلىگەي سەن قاراپ كۈلسەڭ ئەگەر،

ئۇ بەخىت بەرگەي ساڭا قەدىرىنى بىلسەڭ ئەگەر.

ئۆز-ئارا بىلسەڭ مۇھەببەت ئۇ ئەمەس بىر سەن ئۈچۈن،

ئۇ سىنى سۆيگەي يۈرەكتىن سەن ئۇنى سۆيسەڭ ئەگەر.

دەردىگە دەرمان بولۇپ،   سۆيگىن ئۇنى مىھرىڭ بىلەن،

سەن ئۈچۈن ئۇ پايپىتەك ئوتىدا كۆيسەڭ ئەگەر.

ئۇمۇ ئىنسان بىل شۇنى ئۇندىمۇ نازۇك كۆڭۈل.

زەڭ قويۇپ ئاڭلار سۆزۈڭنى  سەن نەزەر ئىلسەڭ ئەگەر.

ئەتىۋا قىلساڭ ئۇنى، ئۇندىن بەلەن يار نەدە با؟

قايغۇسىغا جۆر بولۇپ ، شاتلانسا تەڭ كۈلسەڭ ئەگەر.

30-نويابىر يېزىلدى

Turjun يوللانغان ۋاقتى 2008-12-2 11:23:28

مىسرانكا  ماۋۇزە  خېلى  بوپتۇ .

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-2 13:02:58

بىلگنىڭ شئېرىمۇ دەل كەپتۇ، ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۆز،

007 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 11:21:36

ھەقىقى مۇھەببەت ئاق كۆڭۆللەگە مەنسۇپ !

ATTILA يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 17:44:12

ساقلىۋالاي

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2008-12-15 20:40:34

ئىسىل شئېر ،ياخشى يازما ئىكەن .

yusran يوللانغان ۋاقتى 2008-12-25 09:31:37

يوققا ئېسىلماي.....

بارنىڭ قەدرىنى قىلىش....

ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ يولى

misran يوللانغان ۋاقتى 2008-12-25 10:29:29

مەن باياتىن google دىن مۇشۇ تېمىنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسام ھۇررا مۇنبىرىدە ئۇچراپ قالدى.

6 - قەۋەتتىكى ئاتتىلا مېنىڭ بۇ يەردە يازغان يازمامنى ھۇررا مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ، بازارغا سېلىپسىز! سىزگە رەخمەت تۆت ئادەمگە سېتىپسىز، تىجارىتىڭىز ياخشىدۇ!  

http://www.urraclub.com/bbs/read.php?tid=3344

yusran يوللانغان ۋاقتى 2008-12-25 11:21:16

ئاللا بۇ بولماپتۇ....

ھۆرمەت قىلايلى!~~ئۆزىمىزنە ھەم ئۆزگىنى

密男的爱 يوللانغان ۋاقتى 2008-12-28 11:13:40

ئەجەپ ياخشى ئىكەن!

misran يوللانغان ۋاقتى 2009-1-1 15:00:18

دەھشەت ئىنسانلار بار ئىكەن جۇمۇ.... بۇنىڭغا نىمىمۇ دىگۈلۈك؟؟؟؟؟

http://www.kalibim.cn/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=215

deluz يوللانغان ۋاقتى 2009-1-30 11:41:39

ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكىنى بايقىغاندىن كىيىنمۇ ئۇنى تاشلىۋەتمەسلىكنىڭ ئۆزى مۇھەببەت؟؟؟.........بەلكىم ، پەيلاسوپلارنىڭ بۇ گىپىمۇ توغرىدۇ..........

ئالدىنقى كۈنى دېڭىز بويىدا ئوخشاش قىپقىزىل شامال چاپىنى كييىۋالغان ،چاچلىرى ئاپئاق بىر جۈپ بوۋاي موماينى كۆردۈم...بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتىۋىلىشقان،موماي قارىماققا پۇتىدا بىرەر كىسىلى باردەك كۆرۈندى،ئاستا ماڭىدىكەن،بوۋاينىڭ ھەركەتلىرى چاققان لىكىن مومايغا ماسلىشىپ ئاستا مىڭىۋاتقان،بوۋاينىڭ قۇلىقى ئېغىرراق بولسا كىرەك ،موماي كۈچەپ ۋاقىراپ سۆزلىدى،لىكىن بوۋاينىڭ جاۋاب ئاۋازى تۆۋەن.......بىر دەم پاراڭلاشتىم،ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سومكىسىدىن بالىلىرى، نەۋرىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىلىپ كۆرسەتتى....مۇشۇ ھەقىقى مۇھەببەت دىگەن شۇ بولسا كىرەك دەپ ئويلىغانىدىم.............

بەت: [1]
: قەدىرلەشنىڭ ئۆزى بەخت