kisek يوللانغان ۋاقتى 2008-11-30 21:14:04

ياۋروپا ھۇنلىرى كىشى ئىسىملىرى

     قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز ھۇنلار توغۇرلۇق خەۋەر-ئۇچۇرلار، تارىخى يېزىلمىلار جوڭگودا مۇتلەق كۆپ قىسمى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە قەيت قىلىنغان ۋە ھازىرغا يېتىپ كەلگەن. خەنزۇچە ۋە تۈركى تىل ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان-زىمىن پەرقلەردىن كۆرە خەنزۇ تارىخنامىلىرىغا يېزىلغان ھۇن كىشى ئىسىملىرى ئاھاڭ تەرجىمىسى 2000 يىللاردىن بېرى ئۆزگىرەپ-بۇزۇلۇپ ھازىرقى ئادەملەر ئاڭقىرغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن، مەسىلەن 亦郅徵单于دىگەندەك ئىسىملارغا كەينىدىكى «چانيۈ»خېتىنىڭ مەنىسى نىڭ تەڭرىقۇت ئىكەنلىگىدىن باشقا 亦郅徵(يى-جى-جى)دىگەن ئىسىمنى قانداق تەرجىمە قىلىش ، مەنىسىنى نىمىگەتاقاپ تەھلىل قىلىش دىگەندەك مەسىلىلەرگە كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش ئادەتتىكى بىزدەك ھەۋەسكارلارغىلا ئەمەس، تارىخشۇناس-تىلشۇناسلارنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. دىمەك ئاسىيا ھۇنلىرى- ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىشى ئىسىملىرىنى خەنزۇچە تارىخى يېزىلما-مەنبەلەردىن تەھلىل-تەرجىمە قىلىپ چۈشىنىش  مۇشەققەتلىك بىر ئىش. (ھەتتا ئادەتتىكى بىر «تۈرك»ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە 狄、低、翟、丁零、丁灵、敕勒、铁勒、突厥....قاتارلىق نۇرغۇن خەتلەردە يېزىلىپ كېلىشى تارىخشۇناسلاردا ئاز بولمىغان قالايمىقانچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەردى ۋە بەزى غەرەزلىك تارىخشۇناسلىرىمىز غا دەستەك بولۇپ بەردى.)

   لېكىن ياۋروپا قەدىمقى رىم تارىخ يېزىلمىلىرىدىكى ياۋروپا ھۇن كىشى ئىسىملىرىنى قەدىمقى تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر) تىلىدا چۈشەندۈرۈش تولىمۇ ئاسان بىر ئىش، ھەتتا بۇ ئىسىملارنى قەدىمقى تۈرك-ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىللاردا چۈشەندۈرۈش مۈمكىن ئەمەستۇر.

  مىلادى370-يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا تارىخنامىلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ياروپاغا سۈرۈلگەن ھۇن ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىگە خۇددى مىللەت تەۋەلىگىنى ئەسلىتىدىغان تۈرك-ئونوغۇر(ئون ئۇيغۇر)چە ئىسىملارنى ئۆزلىرىگە  قويغان، ئاز ساندىكى بەزى ئىسىملار تەركىۋىگە شۇ ۋاقىتتىكى مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن قەدىمقى گېرمانچە قوشۇلمىلار قوشۇلغان. مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت، كىچىگىدىن رىم ئىمپىرىيە ئوردىسىدا گۆرەدە تۇرغان ئاتتىلا بوۋىمىزنىڭ ئىسمىگە تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر)چە atil(ئېتىل)ياكى ata(ئاتا) دىگەن ئىسىم تومۇرىغا گوت-گېرمانچە laقوشۇمچىسى (كىچىك دىگەن مەنە بېرىدىغان قوشۇمچە، تۈرك-ئوگۇرلارنىڭ كىچىك ئاتىسى ياكى كىچىك ئاتىل-ئېدىل) بىلەن ئاتتىلا ئىسمىنى چۈشەندۈرىدۇ ھازىرقى ئىلىمشۇناسلار.

   يەنە مەسىلەن ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ داھىسى بالامىر-balamir،تۈرك-ئوغۇر(ئۇيغۇر)چە balaبىلەن mir(مەنىسى پادىشا)قوشۇلىشىدىن بالامىر ئىسمى بولغان(بالا پادىشا،ياش پادىشا دىگەن مەنىدە).بالامىر بىز بىلىدىغان ياۋروپا ھۇن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىرىنچى پادىشاسى ھىساپلىنىدۇ،ئاتاغلىق تۈركولوگ Friedrich Hirthقاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە بۇ بوۋىمىز باتۇر(莫顿单于) تەڭرىقۇتنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ئىكەنلىگى قەيت قىلىنغان.

   ئۇلاردىن باشقا يەنە ،ئاتتىلانىڭ ئوغلى دېنگىزىك(dengizik):مەنىسى دېڭىز بورىنى؛

   ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ داڭلىق سانغۇنى ONIKI،رىملىقلار Onegesiosدەپ ئاتىغان كىشى ئىسمىنىڭ مەنىسى تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر)چە سان 12نى بىلدۈرىدۇ؛

   ئاتتىلانىڭ يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئىسمى CSABA،چابا-چابان،ھازىرقى چوپان،مەنىسى «چارۋا-مال باققۇچى»؛
   
   ئاتتىلانىڭ ئاتىسى MUNCUK،مۇنجۇك،ھازىرقى مونچاق،كۆز-مونچاق مەنىدە،يەنە بىر مەنىدە «بايراق»؛
  
    ئاتتىلانىڭ بوۋىسىKARATUN،قاراتون،ھازىرقى مەنىسى:مۆتىۋەر،ئاقسۆڭەك؛

   باشقا بىر ھۇن پادىشاسىنىڭ ئىسمى ULDIZ،يۇلدىز،ھازىرقى مەنىسى يۇلتۇز؛

   يەنە بىر ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ داھىسىATAKAM،تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر)چە ئاتا بىلەن قام(قامان)نىڭ قوشۇلىشىدىن كەلگەن،شۇ چاغلاردىكى ياۋرۇپا ھۇنلىرى ئاسىيا ھۇن ئەجداتلىرىمىزغا ئوخشاشلا شامان(قامان)دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى.

   ESKAM،ئەس، قەدىمقى تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر)چە مەنىسى «جۈپتى» بىلەن يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن kam-قام نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن؛

   AYBARS:  مەنىسى ay-ئاي( قەدىمقى تۈرك-ئوگۇرچىدە ئاق دىگەن مەنىنىمۇ بېرىدۇ)بىلەن bars-بارس،يولۋاس نىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن؛

   تارىخشۇناس W.Bangنىڭ تەتقىقاتىچە ئاتتىلانىڭ خانىشىنىڭ ئىسمى ARIKAN-ئارىخان مۇ قەدىمقى تۈرك-ئوغۇرچە ئىسىم بولغان.

  دىمەك يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك ياۋروپا ھۇن ئەجداتلىرىمىز ئىسىملىرىدا بىرەرمۇ موڭغۇلچە ئىسىم كەلمىگەن بولۇپ بەلكى ئۆز قەۋم-مىللىتىنى ئەسلىتىدىغان قەدىمقى تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر)چە چىرايلىق ئىسىملار بولغان.

تېخىمۇ قىزىقارلىق تارىخى تېمىلار:

http://www.orkhun.com/bbs/

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-12-1 21:32:38

كېسەك ئەپەندى ئەھمىيەتلىك تارىخىي تېمىلارنى يوللاۋاتىدۇ جۇمۇ ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت

wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2008-12-2 10:01:31

呼韩邪    تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرچىدا خۇخانىيې دەپ ئېلىپ قويۇپتىكەن  .  ماتىريال تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئامال يوق شۇ بۇيىچە ئېلىپ قويدۇم لىكىن بۇنداق ئاتاش تازائىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ .

Svebi يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 11:34:18

\"تۈرىك-ئوگۇر\" دېگەننى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىتىڭىز ماقما!

1. ئوگۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىردىنبىر دۆلەت  - ۋېينگىرىيە.

2. لېكىن ۋېيىنگىرىيىلىكلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى \" ماغيار تىلى' دەپ ئاتايدۇ.

3. ۋېيىنگىرىيلىكلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى ھەرگىزمۇ تۈرىك تىلى دەپ قارىمايدۇ.

4. ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوگۇر تىلى بەك يىراق، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى قەدىمىكى ئوگۇر تىلىدىن كۆرە قەدىمىكى تۈركى تىللارغا يېقىن.

kisek يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 14:37:23

Svebi:

\"تۈرىك-ئوگۇر\" دېگەننى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىتىڭىز ماقما!

1. ئوگۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىردىنبىر دۆلەت  - ۋېينگىرىيە.

2. لېكىن ۋېيىنگىرىيىلىكلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى \" ماغيار تىلى' دەپ ئاتايدۇ.

3. ۋېيىنگىرىيلىكلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى ھەرگىزمۇ تۈرىك تىلى دەپ قارىمايدۇ.

4. ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوگۇر تىلى بەك يىراق، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى قەدىمىكى ئوگۇر تىلىدىن كۆرە قەدىمىكى تۈركى تىللارغا يېقىن.

      بولىدۇ \"ماقما \" ئەپەندى ، دىققەت قىلاي، ئەمدى بۇ ماجار تۈركلىرى ھەققىدە ، ياكى ھەرقايسى ئوگۇر قەۋملىرى ھەققىدە ، ئالتايشۇناسلىقتا ھەرخىل كۆزقاراشلار مەۋجۇت، فىن- ئوگۇر تىللىرىمۇ  ئالتاي تىللىرى بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىق - تۇققاندارچىلىق باغلىنىش  سەۋەبتىن تۈرك تىللىرى ئائىلىسى بىلەن ئالتاي - ئورال تىل سېستىمىسىغا تەۋە دەپ  قويىلىدىكەن. قىزىقسىڭىز ياۋروپادا 5-ئەسىرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ھەرقايسى ئوگۇر قەۋملىرى توغۇرلۇق تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقارلىق يەكۈنى بار ئىكەن :

http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=1425

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-22 16:02:24

ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ داڭلىق سانغۇنى ONIKI،رىملىقلار Onegesiosدەپ ئاتىغان كىشى ئىسمىنىڭ مەنىسى تۈرك-ئوگۇر(ئۇيغۇر)چە سان 12نى بىلدۈرىدۇ؛

...........

ھازىرقىغا ئوخشايدىكىنا؟!
بەت: [1]
: ياۋروپا ھۇنلىرى كىشى ئىسىملىرى