kisek يوللانغان ۋاقتى 2008-11-30 21:06:11

غەرپكە كوچكەن ھۇنلار ئۇيغۇر نەسلىدىنمۇ؟

     مىلادى 160-يىللار ئەتراپىدا،ئىلى دەريا ۋادىسىدا ياشاۋاتقان شىمالى ھۇن قەبىلە ئىتپاقى(مىللىتى)نىڭ بىر قىسمى خەن ئمپىرىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار تالاپىتىدىن داۋاملىق غەرپكە قاراپ سىلجىشقا باشلاپ ياۋرۇپا زىمىنىگە تەۋە،ئالانلار ياشاۋاتقان زىمىنگە كېلىپ توختايدۇ.ئالانلار تۈركىي سېستىمىغا كىرىدىغان كوچمەن-چارۋىچى قەۋم بولۇپ،بۇ مەزگىلدە ئېدىل (ۋولگا)دەرياسىدىن دون دەرياسىغىچە تېررىتورىيەدە كۈچلۈك خانلىق قۇرغان ئىدى.مىلادى360-يىللىرى ئەتراپىدا ھۇنلار تەدرىجى كۈچىيىپ ئالانلار خانلىغىنى ئىستىلا قىلىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن ھۇنلار قىياندەك مەۋجىپ،شەرقى،غەربى گۇتلارنى(گېرمان مىللىتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ شۇ مەزگىللەردە ئورمانلىقلاردا-ۋارۋارچىلىقتا ياشايدىغان مىللەت)ئالدىغا سېلىپ ياۋروپا-رىم ئىمپىرىيەسى تەۋەسىگە بېسىپ كىرىدۇ...
     ھۇنلارنىڭ غەرپكە كوچۈشى گېرمان ۋارۋارلىرىنى ئورمانلىقتىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ(ئىنسانلار ۋارۋارچىلىق مەزگىللىرىنى ئورمانلىقلاردا دەرەخ مىۋىلىرىنى ۋە تىيىن...قاتارلىق ئۇششاق ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىپ ئپتىدايى ھالەتتە ياشايتتى)،ھۇنلارنىڭ تومۈر تۇيىغى ۋە گېرمانلارنىڭ شىددەتلىك تاجاۋۇزى ياروپادا غايەت زور داۋالغۇش پەيدا قىلىپ،ئوزىنى بىلمەي قالغان كورەڭ-چىرىك رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىنى ،ئاجىزلىشىشىنى ھەتتا ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ياۋروپا قالاق قۇللۇق تۈزۈمدىن فېوداللىق جەمىيەتكە كىرىدۇ،ياۋروپا ھەتتا دۇنيا تارىخى تەرەققىياتىنى زور ئالدىغا سىلجىتىپ ،تارىخ بېتىگە ئىنتايىن قېنىق مەزمۇنلارنى قالدۇرىدۇ.
    غەرپكە كوچكەن بۇ شىمالى ھۇن قەبىلە ئتتىپاقىنىڭ گەۋدىسى ئونۇغۇر(ئون-ئۇيغۇر)،قۇتۇغۇر(قۇت-ئۇيغۇر)دىگەن ئىككى قەبىلە ئىدى.
    ياۋروپانىڭ ھۇنگارىيە يايلاقلىرىنى بازا قىلىپ قۇرۇلغان ياۋروپا-ھۇن ئمپىرىيەسى ،«تەڭرى قامچىسى»ئاتتىلانىڭ ئالەمدىن ئوتۈشى بىلەن ،مىلادى 6-ئەسىرلەردە بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن قېرىنداشلىرى يالغان ئاۋارلار(ئاۋار تۈركلىرى بېسىمىدىن غەرپكە كوچكەن ئىگىز ھارۋىلىقلارنىڭ بىر بولىگى)ئىمپىرىيەسى تەركىۋىگە سىڭىپ كېتىدۇ.9-ئەسىرلەردە شەرقتىن  بۇ يەرگە كوچكەن پەچەنەك تۈركلىرى،ماجار تۈركلىرى(مانجۇرلار بىزنىڭ قەۋمىمىز دەيدىغان كوزقاراشمۇ مەۋجۇت) ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئوزارا سىڭىشىشىدىن ھازىرقى زامان ھۇنگارىيە(ۋېنگىرىيە)،ئاۋستىرىيە دولەتلىرىنىڭ ئېتنىك مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
    11-ئەسىرلەردىن باشلاپ ھۇنگارىيە پۈتۈنلەي خىرىستىيانلىشىپ باشقا تۈركىي قانداشلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان مەدىنىيەتكە يول ئالىدۇ،ئۇلار ھەتتا كېيىنچە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ غەربى ياۋروپاغا كىرىشىدىكى تومۈر توساققا ئايلىنىپ ياۋروپا خىرىستىيان مەدىنىيىتىنىڭ ئاكتىپ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ كېتىدۇ....
    7-8-9ئەسىرلەردە ئۇرخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىغى ھوكۈمران قەۋمى ئون ئۇيغۇرلار ،ئۇيغۇر،پۇگۇر،بايىرقۇ،ھۇن(浑(...دىگەن قەبىلىلەردىن تۈزۈلگەن ئىدى.يايلاق مەدىنىيىتىدىكى مىللەت ئۇقۇمى، يايلاق -سۇ نىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىشى قەبىلىنى بىرلىك قىلىپ ياشاش__قانداشلىق،ئورتاق تىل،ئورپ-ئادەت ...،ئورتاق مەدىنىيەت- مەنپەئەت لەردىن قەبىلىلەر ئىتتىپاقى__ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى ، مىللەت ئۇقۇمى مانا مۇشۇنداق تارىخى جەريانلاردىن ھاسىل بولغان .
    840-يىللىرىدىكى تالاپەتتىن خانلىق ئوردىلىرىنى ئۈچ يونۈلۈشتە غەرپتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ زىمىنىغا كوچۈرگەن ئۇيغۇر لاردىن ھازىرقى گەنسۇ(كەڭسۇ)نىڭ چىلانتاغ ئېتەكلىرىدە يەنى جاڭيې-ۋۇۋېي لاردا خانلىق قۇرغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئەۋلاتلىرى ھازىر يۈگۇر(سارى-ئۇيغۇر裕固族(نامى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ گەنسۇ ئولكىسىدە ياشاۋاتىدۇ.
     يۈگۇرلار ھازىر گەنسۇ ئولكىسىنىڭ سۇنەن يۈگۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدە،جىۇ چۈئەن ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان،نوپۇسى10569،ئۈچ خىل تىل ئىشلىتىدۇ،يەنى غەربى قىسىم يۈگۇرلىرى ئالتاي تىلى سېستىمىسى شەرقى ھون تىلى تۈركۈمىگە تەۋەلىرى،شەرقى قىسىم يۈگۇرلىرى موڭغۇلچە تىل ئىشلىتىدىغانلىرى،خەنزۇ تىلى ئشلىتىدىغانلىرى.يۈگۇرلار لاما دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ.
    يۈگۇرلاردا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق مەدىنىيىتىنىڭ قالدۇقلىرى بىرقەدەر ساپ ھالەتتە ساخلىنىپ قالغان ،شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار  دۇنيا يايلاق مەدىنىيىتى تەتقىق قىلىش ساھەسىدە يۈكسەك ئېتىبارغا ئىگە.ئىلمى ساھەدە «تىرىك ئارخولوگىيە تېپىلمىسى»دەپمۇ قويۇلىدۇ.
ۋەتىنىمىزنىڭ مۇزىكا ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپ،جوڭگو مۇزىكا ئىنىستۇتى مۇزىكا كافىدراسىنىڭ سابىق باشلىغى دۇياشوڭ (杜亚雄)ئەپەندى يۈگۇرلار خەلق ناخشا-كۈيلىرى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا مۇزىكا نەزىرىيەسى ساھەسىگە مەشھۇر،يۈگۇرلار خەلق ناخشا-كۈيلىرى تەتقىقاتى بىلەن 40يىلدىن ئوشۇق ئەجىر قىلغان مۇتەخخەسىس.بۇ كىشى نەنجىڭ مۇزىكا ئېنىستۇتى مىللى مۇزىكا نەزىرىيىسى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ مىللەتلەر مىللى مۇزىكا -كۈيلىرى ئارىسىدىكى ئورتاقلىقنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ، يۈگۇرلار خەلق ناخشا-كۈيلىرى بىلەن ياۋروپادىكى ھۇنگارىيە  مىللى مۇزىكا -كۈيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىشىنى ھەيرانغا سالىدىغان باغلىنىش ئورتاقلىقنى بايقايدۇ ۋە«يۈگۇر مىللىتى غەربى قىسىم مىللى ناخشا-كۈيلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر خەلق ناخشا-كۈيلىرى ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات»تېمىسىدىكى ئىلمى ماقالىسى بىلەن دۇنيا مۇزىكا ئىلمى ساھەسىدىكىلەرنى غۇل-غۇلىگە سالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى كانادا شۇت فوندى نىڭ خىراجىتى بىلەن 1987-1988يىللىرى ھۇنگارىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى مۇزىكا ئىنىستۇتىدا 2يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،بۇ جەرياندا ئۇ ھۇنگار تىلىنى پىششىق ئىگەللەيدۇ،1989-يىلى يازغان«ھۇنگارىيە خەلق ناخشا كۈيلىرى بىلەن يۈگۇر  خەلق ناخشا-كۈيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت»تېمىسىدىكى ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ھۇنگارىيە سوتسىيالىستىك مەدىنىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1990-يىلى خەلقارالىق ھۇنگارىيە تەتقىقات كومىتېتىغا قاتنىشىپ مۇاۋىن كومىتېت باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ.
    ھازىر ھۇنگارىيەلىكلەردە گەنسۇنىڭ يۇگۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونىغا كېلىپ «يىلتىز»ئىنى ئىزدەش بىر قەدەر ئەۋج ئالغان.ھازىرقى ھۇنگارىيە تىلىدىمۇ يۇگۇر مىللىتى غەربى قىسمىدىكىلەرنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش سوزلۈكتىن نەچچى يۈزى ساخلانغان،شەخسەن ئوزۇممۇ بۇرۇن بىر كۇتۇپخانىدىن «ھۇنگار تىلى باشلانغۇچلىغى»دىگەن كىچىك كىتاپچىدىن «ساۋاق(词单نى شۇنداق دەيدىكەن(،ئالما،ئانا،باش....»قاتارلىق ئوخشاشلىقلارنى بايقىغان ئىدىم.
    غەرپكە كوچكەن ھۇنلار ،يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئوتكىنىمىزدەك شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن سىڭىشىپ باشقا مەدىنىيەتتىكى مىللەتلەر ھاسىل بولدى ،لېكىن شۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن روشەن ئىزنالىرى ھازىر قى ھونگىر قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرىدە ساخلىنىپ قالغان.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2008-12-2 09:12:10

مۇنداقمۇ ئىشلىرىمىز بارمىكەن؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2008-12-2 19:57:40

ماقالىنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلسە

kisek يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 14:48:41

hoopeelover:
ماقالىنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلسە

بۇ ماقالىنىڭ ئۇلىنىشى تۆۋەندىكى بەتتە:

http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=511

     غەرپكە كۆچكەن ھەرقايسى ئوگۇر قەۋملىرى( ogur) دىن  Onoghur, Saraghur, Utighur, Kutrighurلار ( ئوتتۇز، سېرىق، ئون ، توققۇز \" غۇر\" ياكى \"گۇر\" لار) ئىچىدىكى ئوتتۇز- ئوگۇرلارلارنى تارىخچىلار تۆۋەندىكى قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان دەيدۇ:

Iylle،Dilar،Chipul،Teli،Iljan

،Tarlan،Qogha،Tarboqan،Ayron،Bayan،Erkin،Qioy،Yusupi،Yaghlaqar،Quturghur~Qortagha~Utigi

،Buqasqir~Bashqirt،Awchagh,Awuchagh،Hazar~Qasar~Gasar~Qazar،Qughursu،Yaghma،Ayawir Torlamwibor~Dérima،Adiz~Atéiz

،Bayirqu~Bayérqu،Xun~Ghun~Hun،Bókú~Barghut،Tongra،Chibni~Chúbe~Chabish،Izgil،Qarluq~Qarliq،Basmil....

ATTILA يوللانغان ۋاقتى 2008-12-3 17:52:37

توغرا .

دۇ ياشىيوڭنىڭ ماقالىسىنى مەن ئوقۇغان،كېسەك ئەپەندى توغرا دەيدۇ

غەرپكە كۆچكەن ھونلا uyghur neslidin

hiyal2 يوللانغان ۋاقتى 2009-3-14 18:04:53

ھونلار ئۇيغۇر نەسلىدىن بولامدۇ ياكى ئۇيغۇرلار ھون نەسلىدىن  بولامدۇ ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2009-3-14 18:53:33

بىر خەلىقنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى نامى.

ھون نامى  بەلكىم  ئون ئوغۇرلار، ئون غۇرلار  نامىدىكى ئون سۆزىدىن كەلگەن بولىشى مومكىن، ھۇنلارنى تەشكىل قىلغان ھەم ھۆكۈمران تەبىقە ئورنىدا بولغان ئوغۇرلار(ئەمىليەتتە ئوغۇز ۋە ئوغۇر سۆزلىرى تەڭداش سۆزلەر بۆلۇپ يايلاقنىڭ  شەرىقىدىكى قەبىلىلەر ئوغۇرنامى بىلەن ئاتالغان بولسا غەربىدىكى قەبىلىلەر  ئوغۇز دەپ ئىشلەتكەن، ئوغۇز ھەم ئوغۇز سۆزلىرى خەنزۇچىىدا \"خۇ\" دەپ يىزىلغان)  ھون ئىمپىرىيىسى ۋەيران بولغاندىن  كىيىن يىڭى بىر سىياسى ئىتپاق \"ئۇيغۇر\" - ئۇي ئۇغۇر(ئوغۇز) -ئوغۇرلار(ئوغۇزلار) ئىتپاقى  نامىدا بىرلەشكەن، ھەم 8-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئورخۇن  ئۇيغۇر  ئىمپىريىسىنى قۇرۇپ چىققان.  

شۇڭا ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان نامدا تونۇلغان  ئوخشاش خەلىق . بۇ توغرىسىدا خەنزۇ مەلۇماتلىرىدىمۇ تەكرار \"ئۇيغۇرلار ھونلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى\" دەپ خاتىرلەنگەن.

ئۆتكەندە مەن بىر ھۇنگىريىلىك بىلەن توردا تونۇشۇپ قالغان ،ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى \" پەخىرلىك ئونۇغۇر\". ئۇنىڭ دىيىشىچە ھۇنگىريە ئالىملىرى ھازىرقى كىروران،چەرچەن بويلىرىدىكى قەدىمى قەۋرىستانلىقلاردىن بايقالغان تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن ۋىنگىريەدە بايقالغان ھون دەۋرىدىكى تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ ناھايىتى ئوخشاشلىقىنى ،ھەتتا بەزى بويۇملار ھازىرغىچە ھونگىريەدە ئىشلىتىلدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۇنگىريە ئالىملىرىنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىم بويلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى.  

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2009-3-14 19:49:57

خەلق ئاھاڭلىرىدىمۇ كۆپ ئوخشاشلىقلار بار دەۋاتقان

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2009-3-15 08:23:28

تارىخى مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق ھۇن نامى ئۇيغۇر نامىدىن بۇرۇن پەيدا بولغان .ھۇنلار ئۇيغۇر نەسلىدىن ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇرلار ھۇن نەسلىدىنغۇ دەيمەن .بىلىشىمچە........ بىزگە ئۆتىدىغان تارىخى كىتاپلاردا ئۇيغۇر بىلەن ھوننىڭ تارىخى مۇناسىۋتى توغرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك يەرلەر يوق.ئوقۇتقۇچىمدىن سورىساممۇ ھۇن دىگەن مىللەت ئەمەس بەلكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دىگەن ئىدى.

ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈم مۇھەممەت ئىمىننىڭ قەدىمى مەركىزى ئاسىيا دىگەن كىتابىدا ھۇنلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى ئىنسان تۈركىمى،ئاساسلىق قەبىلىلەر تۈرىكلەردىن ئىبارەت دىگەن بايانلار ئۇچۇرايدۇ

nopano يوللانغان ۋاقتى 2009-5-9 18:29:54

ھۇنگار تىلىدا پىچاقنى كەس   دەيدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2009-5-9 18:34:25

پىچاندا ھوڭ دەپ بىر كەنت بار . بۇ نام ئەسلى ھون سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دىيىلىدۇ .

gunes يوللانغان ۋاقتى 2010-10-20 02:37:49

       قۇياشنى ۋېنگىرچە <ناپ> دەيدۇ، يەنى خەنزۇچىدىكى<日>. ياپونچە ياپوننى <نىھون> يەنى <نىپپون> مۇ دەيدىغۇ. ۋېنگىرچىدىكى <ناپ> بىلەن ياپونچىدىكى <نى> ياكى تاۋۇش ئاسسىمىلىياتسىيىسى نەتىجىسىدىكى <نىپ>باغلىنىشلىقتەك تۇرامدۇ-ھە؟ (ئەمىلىيەتتىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك،ھىس قىلغىلى بولىدۇ،ئەمما ئىسپاتلاش لازىمدە ئولتۇرۇپ!)

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-20 07:27:03

بىر چاغلاردا بىر ئولتۇرۇشتا بىرنىڭ ئاغىزىدىن :شىنجاڭغا كەلگەن ۋېنگىرىيىلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ <ئەللەي بالام ناخشىسى>نى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا بىزنىڭ ناخشىمىزنى سىلەر قاچان ئۇگۇنىۋالغان دەپ سوراپتۇ دەپ ئاڭلىغان

بەت: [1]
: غەرپكە كوچكەن ھۇنلار ئۇيغۇر نەسلىدىنمۇ؟