[ياردەم] قوناقتىن ماي چىقىرىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ۋە تورداشلار ئامان تۇرغانسىلەر..
مەقسەتكە كەلسەك..ياردەم
مىنىڭ بىر قانچە يىقىن تونۇشلىرىم بىرلىشىپ ماي زاۋۇت قۇرماقچى ئىدى ...
مىنىڭ تورداشلاردىن سورايدىغىنىم ...
ئادەتتە بىر كىلو قوناقتىن زادى قانچىلىك ماي چىقىدۇ ،...
قوناقمۇ مايلىق قوناق ۋە مايسىز قوناق دەپ ئايرىلامدۇ.، ئايرىلسا قايسى خىل قوناق 《 سورتىنى دىمەكچىمەن 》 نىڭ ماي تەركىۋى يۇقىرى...
بىلدىغانلار بولسا بىلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپتىكەن كونىلار...
تىمام ئىنكاسسىسىز قالماس دەپ يوللىدىم بۇ تىمىنى ئالدىنئالا رەھمەت دىگەچ تۇراي ئەمسە؟...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئوبدان ئويلاپسز،ئەگەر مەبلەغ يىتەرلىك بولسا گېرمانينىڭ زاۋۇتلىرى بار،ياكى بولمىسا جوڭگۇنىڭمۇ زاۋۇتلىرى بارPCS7 سېستىمىس دەپ سېستمىسى بار،ئىش ئۈنۈمدارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى
.
يۇقارقى رەسىملەر شۇ سېستمىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئىكەن.
،سىزگە ئاتاپ ئىزدىگەن ماتىريالنىڭ توردىكى ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قوياي،شۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئەگەر خەنزۇچە بىلمىسڭىز پۇل خەجلەپ تەرجىمە قىلدۇرۇڭ،كەسپىي ئاتالغۇلار كۆپرەك ئىكەن.
بۇ توغرىلىق ئىش باشلىماقچى بولسىڭىز جوڭگۇنىڭ ئىچكى بازار ئەھۋالىنى ئوبدان تەتقىق قىلىڭ،شىنجاڭدا مىنىڭ بىلىشىمچە ئوبدانراق قوناق يېغى ئايرىش زاۋۇتى يوق ،بولسىمۇ ئەڭ ئىپىتىدائىي ھالەتتكىلىرى بار،چوڭلىرنى قۇرۇپ قالسىڭىز شىنجاڭ بازىرى بىلەنلا قالماي ئوتتۇرا ئاسىيدىكى بەش دۆلەتنى،ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەرنى ئويلاشسىڭىمۇ ئۇ تەرەپلەرگە ئىكىسپورىت قىلالاىسڭىز ئاشلىق -ماي ساھەسىدە پايدىسى ئىنتايىن ياخشى.شىنجاڭدا قوناق قانچىلىق لازىم بولسا چىقىدۇ،ماشىنا ،تېخنىكىلىق مەسللەرنىڭ پۇل بىلەن ھەل قىلىسىز،دۆلىتمىزنىڭ مۇشۇ زاۋۇتلارنى ياساشتا خېلى رىقابەت ئىقتىدارى بار،شىنجاڭدا ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى بار،ئەتىراپىڭىزدا بازار بار.نىيەت قىلىپ تىرىشسڭىز ئاللا ياخشى نەتجىسنى بەرگۈسى.
تۆۋەندىكىسى جوڭگۇدىكى بازار،زاۋۇت ،خام-ئەشيا باھاسى،قوناقنىڭ ئىشلەپچقىرىش مىقدارلىغا ئائىت خەۋەرلەر بار.
http://www.yumiyou.net/tags.asp
بۇنىڭدا خەلىقئارالىق بازار،مۇشۇ ساھەدىكى كارخانىلارنى باشقۇرۇش،ئىشلەپچقىرىش ئەھۋالى ھەققىدە تەتەقىقات نەتجىلىردىن تارتىپ بار ،لىكىن ھەقىلىق .بەزى ھازىرباسقۇچتا سىز لازىملىق بولغان ماتىرياللار ھەقسىز بولۇشى مۇمكىن.كۆرۈپ بېقىڭ.
http://www.bj-leadership.com/dczx/yzgy.htm
قوناقتىن چىققان ماي ! ماي ئايرىش پىرىنسىپى قانداق بولۇدۇ ؟
رەھمەت سىزگە يەرشارىلىق قېرىندىشىم...
دوستىلىرىمغا كۆرسىتىپ قۇياي ،،،،
ھازىر دىھقانلار بىر مو قوناققا 50 كېلۇدىن 70 گىچە ئاق ۋە قارا ئوغۇت بىرىپ تىرىدىغان بولدى ،بۇنداق قوناقنىڭ مىيى ساپ بولماس ھەقاچان. قۇناقتىن ھاراق چىقىدۇ دەپ ئاڭلىغان مايمۇ چىقامدا تىخى ،،،