ۋاز كېچىش ئۇنداق ئاددىيلا ئىش ئەمەس
ۋاز كېچىش ئۇنداق ئاددىيلا ئىش ئەمەس
مۇنداقمۇ بىر خىل مۇھەببەت بار- ئىنتايىن گۈزەل ئۇ بولسىمۇ كۆزى ياشلانغان-- ۋاز كېچىش!
ۋاز كېچىش راستىنلا بىر خىل مۇھەببەتمۇ؟ ۋاز كېچىش راستىنلا بىر خىل بەخىتمۇ؟ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ۋاز كېچىش يەنە بىر تۈرلۈك ئىگىدارچىلىق قىلىش! ئەڭ ئاخىرى ۋەيرانە ھالەتتە چېكىنىش ئاقىلانىلىق ئەمەس! ۋاز كېچىش بىلەن ۋاز كەچمەسلىك ئوتتۇرىسىدا پىرقىراپ يۈرگەندە شۇنى بىلدىمكى، تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمىغاندەك، ھېسسىياتنىمۇ مۇجبۇرلىغىلى بولمايدىكەن. ۋاز كەچمەي چىڭ تۇتىۋالغاندا نىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ ئازاپ، ئازاپ يەنە ئازاپ.......... قانچىكى قولىڭىزنى چىڭ سىقىمدىسىڭىزمۇ چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسە يەنىلا بارماقلىرىڭىز ئارىسىدىن سىرغىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئالقانلىرىڭىزنى ئاچسىڭىزچۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تۇتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىسىز، دىمەك يەنە بىر تۈرلۈك ئىگىدارچىلىىق قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشىسىز.
ۋاز كېچىش بىلەن ۋاز كەچمەسلىك ئوتتۇرىسىدا تاللىيالماي قېلىشتىن بەكرەك ئازاپ ئوقۇبەتلىك ئىش بولمىسا كېرەك! ھەقىقى بەل باغلاپ ۋاز كەچكەندە بولسا ئادەم ئۆزىنى يېنىك، ئەركىن- ئازادە ھېس قىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ بۇرۇنقى ئازاپ ۋە مۇھەببەت يۈرەكنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كىرىپ كېتىدۇ.
ھاياتتا مېھرى- مۇھەببەت، بەخت ۋە ئازاپ ئوقۇبەتلەر ھەممىسى مەۋجۈت بولغاندىلا لەززىتى بولىدۇ، بولمىسا ھەسەل يەۋەرسە ئەمەن تېتىپ قالىدۇ. بۇرۇن ئىگە بولغان بولۇڭ ھەم يىراقلاپ كەتكەنمۇ بولسۇن، بەزى ئىشلارنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ.
بىرسىنى ياخشى كۆرۈش ئىنتايى ئاۋارىچىلىق ئىش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سىز نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەندە، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغاندا. ئۇ مەلۇم ئىشلاردىن قول ئۈزمەي چىڭ تۇرىۋالغاندا، مانا بۇ سىزنىڭ دوزاققا كىرگىنىڭىزگە باراۋەر بولىدۇ، ئىنتايىن ئازاپلىق..... ھەتتاكى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ سىزگە « بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ، ئۆزەڭگە ئۆزەڭ قىلدىڭ» دېگەندە............
بىر ئادەم ئۆمرىدە بىرنەچچەيلەننى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۆزىڭىزگە تەۋە بەخىتنى تاپقاندا، بۇرۇنقى ۋاز كەچكەنلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بايلىق ۋە بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ۋاز كەچكەندىلا قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىسىز. ئۇنتۇپ قالماڭ ھەر ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ، شۇڭا ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
ۋاز كېچىش بىر تۈرلۈك سەنئەت، ئۇ قارغۇلارچە ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە ئازاپلىق مۇھەببەتنى ساقلاپ قالىمەن دېگەندىن ۋاز كەچكەن ياخشى! ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا، ياش تۆكۈلگىچە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالغىلى بولىدۇ. تۈنۈگۈننى يۈرەكنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كۆمۈۋېتىپ، پەقەت گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ۋاز كېچىشنى بىلگەندىلا ئىككىلا تەرەپ يېڭىدىن باشلىيالايدۇ. ئازاپقا يۇغىرىلغان مۇھەببەتنى( مۇھەببەت دېگىلى بولسا) ساقلىغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق! بىرسىنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز، ئۇنى خۇشال قىلىشىمىز، مەسئۇلىياتچان بولىشىمىز، بەخىتلىك قىلىشىمىز كېرەك، شۇ ۋاقىتتىلا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز چوڭقۇرلىشىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنداق قىلالمىسىڭىز دەرھال ۋاقتىدا ۋاز كېچىڭ! ئۇ بىر گۈزەللىك بولۇپ قالغۇسى.....
بەزى ئىشلارنى باشقىلار دەپ بەرگەن بىلەن بىلگىلى بولمايدۇ، پەقەت باشتىن كەچۈرگەندىلا ئۆگەنگىلى بولىدۇ. مەسىلەن مۇھەببەت، ئادەم پەقەت ئازاپلانغاندىلا ئۆزىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى بىلەلەيدۇ، شۇ ۋاقىتتىلا قاچان چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى، قاچان ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئىگە بولۇش بىلەن يوقىتىش جەريانىدا بىز ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا ھەممە نەرسىگە تۈپ -تۈز مۇئامىلە قىلسا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. بەزىدە ۋاز كەچكەندىلا تۇرمۇش تېخىمۇ ئاددىلىشىدۇ، گۈزەللىشىدۇ.....!
ھەي... بۇ دۇنيادىكى مۇھەببەت دېگەن نېمىدۇ؟...... بەلكىم بىر بىرسىنى توختىماي قوللاش، ئۆزئارا مەسئۇلىيەتچان بولۇش، تىرىشىپ تۇرمۇشنى ياخشىلاش.... ۋە بارلىقىنى قارشى تەرەپكە ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىغا بېغىشلاشتۇ .....
ۋاز كېچىش====جۈرئەتسىزلىك؟؟؟ۋاز كېچىش ھوقوقىمۇ بولمىسا ،ئەڭ قورقۇنۇشلۇق.
ۋاز كېچىش > جۈرئەتسىزلىك!
ۋاز كېچىش > ئۆزىنى قاچۇرۇش!
ۋاز كېچىش = غەيرەتلىك بولۇش!
ۋاز كېچىش = ئۆزىنى تونۇش!
ۋاز كېچىش = ئۆزىنى قۇتقۇزۇش!
بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش مۇۋاپىقىيەتكە قاراپ يول ئالغانلىق دەپ ئوقۇغانتىم بىر دوستۇمنىڭ ھېكمەت خاتىرىسىدىن .ياخشى تىمىكەن ،قايتا -قايتا ئوقۇسا بولغىدەك.....
ئامال قالمىغاندا بوۋاقتەك يىغلاپ - ژىغلاپ ئارامىڭىزغا چۈشۈپ قالىسىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋاز كەچكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز. لېكىن ۋاز كېچىش ھەقىقتەن تەسكەن ، ماڭا ئامالىنى كۆرسىتىپ قويۇڭلارچۇ!!!!!! ۋاز كېچىش بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئارلاشتۇرۇپ قۇيىمەن دىسە
ۋاز كىچىشمۇبىر خىل ئاقىلانىلىق .بۇ دىگەنلىك تىز ۋاز كىچىش دىگەنلىك ئەمەس .ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك ۋاقىتتا چۇقۇم ۋاز كىچىش كېرەك .
شۇنداق ۋاز كېچىش كېرەككى ، ئەڭ ئاخىرىدا تاتلىق ھامان ئاچچىقنى بېسىپ كېتىدۇ . ئەنە شۇ ۋاقىتتا ، بىز ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئۆتمۈشىمىزنى خوشاللىق بىلەن ئەسلىيەلەيمىز . لايىقىدا ۋاز كېچىش ئاقىلانىلىك، بىراق ۋاز كېچىپ كۆنۈپ قېلىش ئادەمنى بەكلا بىپەرۋا قىلىۋېتىدۇ بەك توغرا گەپلەر ئىكەن.
ۋاز كېچىش... قۇرقۇنچاقنىڭ ئىشى،،،،،
ۋاز كېچىش..جۈرئەتسىزلىك
ۋاز كېچىش....ئىشەنچىسىزلىك
ۋاز كېچىش... ساختا مۇھەببەت...
ۋاز كەچمەسلىك كېرەك... تاكى قارشى تەرەپ ئۆزلىگىدىن چېكىنىپ چىقمۇغىچە!!
تىرىشىپ بەخىتنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقىي مۇھەببەت جۈملىسىدىن......
ۋاز كېچىس،، ئالىيجانابلارچە قارشى تەرەپنىڭ بەختىنى دەپ... ۋاز كېچىش...ساختىلىقتۇر،،، مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر!!
ۋاز كېچىش_ئۆزىنى قۇتقۇزۇش،ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك چاغدا چوقۇم كېچىش كېرەك،بولمىسا ئۆزىنى خاراپ قىلىدۇ.مەن ئاداققىچە ئېلىشىمەن..ئۇ كەچمىسىلا
ئۇ كېچىپ قالسا ئۇنىڭغا ئامال يوقتە
ۋاز كىچىش ئالغا ئىلگىرىلەش ھوقۇقى يوقلارنىڭ ئەمىلىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان بولغاندا باسقان قەدىمى ...شۇڭا بۇمۇ بىر ياخشى ئىش ... ھەيتاڭقوللايدىغان ئادەملەر ساناقلىقمۇ قالمىغۇچە ۋاز كەچمىگەنلەرچۇ؟
ئىشقىپ مەن بىر ئىش قىلسام.. باقشىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپلا قۇيىمەن خالاس