بۇنداق ئەھۋال ھەرگىز بولمايدۇ
بۇنداق ئەھۋال ھەرگىز بولمايدۇ
بىر تاكسى شوپۇرى پويىز ئىستانىسىدىن بىر يولۇچىنى ماشىنىغا سېلىپ ،بىر شىركەتكە ئاپارماقچى بولدى ،ئارىلىق پەقەت بىر كىلومىتىرلا كېلەتتى،شوپۇر يولۇچىنىڭ سىرىتتىن كەلگەنلىكىنى كۇرۇپ،ئۇنى قاقتى – سوقتى قىلماقچى بولدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يولۇچىنى پويىز ئىستانىسىسى ئەتراپىدا تەكرار ئايلاندۇرۇۋەردى ،يولۇچى سەل ياۋاشمۇ قانداق،گەپ قىلماي ئولتۇرۇۋەردى.
ئالتىنچى قېتىم ئايلانغاندا ،يولۇچى يول بۇيىدىكى بىر ھەيكەلنى كورسىتىپ تۇرۇپ،شوپۇرغا دىدى :
-بۇ شەھەردە ھەيكەل بەك جىق ئوخشىمامدۇ ،يول بۇيى ئالتە ھەيكەلنى كوردۇم ،يەنە كېلىپ ھەممىسىلا ئوخشاش ھەيكەللەر ئىكەن .
شوپۇر بۇنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كەتتى ۋە:‹‹بۇ ئەبلەخ تازىمۇ ئىنچىكە نىمە ئوخشىمامدۇ ،بىلىپ قالدىمۇ نىمە ؟›› دەپ ئويلىدى.
شوپۇر كوزلىرىنى ئوينىتىپ ،يولۇچىغا دېدى:
-بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر يول بۇيىغا ھەيكەل قاتۇرۇشقا ئامراق ،يەنە كېلىپ ،ھەممىسى دېگۇدەك ئوخشاش ھەيكەللەر .
شوپۇر كورەڭ قىياپەتتە ئولتۇرغاندا يولۇچى يەنە دېدى :
-ئوخشاش ھەيكەلنى قاتۇرۇشقۇ مۇمكىن بۇلىدىغان ئەھۋال ،بىرق بىر ئىشنىڭ بۇلۇشى ناتايىن .
-نىمە ئىش ؟-سورىدى شوپۇر .
-ئالتە ھەيكەلنى كوردۇم ،ھەممىسىنىڭلا ئاستىدا ئوخشاش بىر بوۋاي ئالما سېتىپ ئولتۇرارمۇ ؟
تەرمىلەردىن ئېلىندى


بۇ تىما بۇرۇن بىر قېتىم يوللىنىپتىكەن.
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=30638
مەن تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 11- سانىدا كۇرۇپ يوللىغان ،بۇرۇن يوللانغانلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن .