Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-11-25 16:27:02

AIDS بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت


ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت


ئاساسىي مەزمۇن: زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش تۈپەيلى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان. بىر بالىسى بار ، ئېرىدىن ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ...
مۇھىم نۇقتىسى : بىر ئانىنىڭ بۇرچ - مەسئۇلىيىتى ۋە مېھىر - مۇھەببىتى ، جەمئىيەتنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمى ، پەرزەنتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تەشۋىش ۋە ئىزتراپ ...


***   ***   ***


- ياخشىمۇ سىز، مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
- بولىدۇ. ئىسمىم ئامىنە ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم )، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 35 ياشقا كىردىم.
- ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملغانغانلىقىڭىزنى قاچان بىلگەن ئىدىڭىز؟
- ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا. مەن زەھەر چېكىش جەريانىدا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىنئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى ئۆزۈمگە يۇقتۇرۇۋالغان.
- سىزنىڭ ئېرىڭىز ۋە بالىڭىز بارمۇ؟
- بىر بالام بار. ئېرىمدىن ئۆتكەن يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن.
- ئۇنداقتا ئېرىڭىزئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانمۇ ياكى ؟
- ياق، ئۇ يۇقۇملانمىغان ، ناھايىتى ساغلام.
- ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملغانغانلىقىڭىز مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشىمامسىلەر ؟
- ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپنى ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئېرىم مېنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مېنىڭ ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتى. مەن ئۇچاغدا ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماستىن، مەن جىگەر كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈتىپ بېقىڭ، دەپ مەجبۇرىي ھالدا ئۇنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ قېنىنى تەكشۈرۈتتىم. نەتىجىدە ئۇ تېخى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانمىغان، ساغلام بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن رەسمىي ئاجرىشىپ كەتتىم.
- قارىغاندا، ئېرىڭىز تېخى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەستە ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىپسىز، پەرزەنتىڭلار بارمىدى؟
- بىر قىزىمىز بار ئىدى.4 ياشقا كىردى. ئۇماق قىزىم بىلەن ئىككىمىزھازىر بىرگە تۇرىۋاتىمىز.
- سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى بىلگەن چېغىڭىزدا نېمىلەرنى ئويلغان ئىدىڭىز؟
- نېمە دېسەم بولار، ئىش قىلىپ كۆز ئالدىمدىكى ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆز رەڭگىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئېرىم بىلەن قىزىمنى تەكشۈرتكەندىن كېيىنكى نەتىجە چىققۇچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە ئويلىمغانلىرىم قالمىدى. تېخى 2 قاپ چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. ئەگەر قىزىممۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا، مۇشۇ دور ئارقىلىق ئىككىمىزنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم. 1 ئايدىن كېيىن نەتىجە چىقىپ، قىزىمنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانمىغانلىقى مەلۇم بولدى. پەقەت شۇندىلا كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. قىزىم ئۈچۈن ياشىشىم كېرەك، دەپ ئويلاپ ئىلگىرىكى بولمىغۇر خياللىرىمنى تاشلىدىم.
- نېمە ۋەجىدىن ئېرىڭىزدىن ئاجراشماقچى بولدىڭىز؟
- شۇنداق، ئۆزۈم خالاپ ئېرىمدىن ئاجرىشىش تەلىپىنى ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويدۇم. دەسلەپتۇ ئۇ قوشۇلمىدى. ئۇ ھېچ نېمىنى چۈشىنەلمەي جىلە بولاتتى، مەن سىزگە بىر ئوبدان قاراۋاتسام ، ئىككىمىزمۇ بىر بەلەن ئۆتۈۋاتساق توساتتىنلا نېمە دەپ ئاجرىشىپ كەتكۈدەكمىز ؟ دەپ زىنھار ئۇنمىدى. ئەمما مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم. ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتسام بولمايتتى. ئەگەر ئۇ شۇنداق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالسا، چوقۇم مېنىڭ بىلەن بىرگە ياشاپ، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىمەت دەپ تۇرۇۋالاتتى. مېنىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغۇم ، ئۇنىڭغىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم . ئاخىرقى ھېسابتا ئاجرىشىپ كەتكەن بولساقمۇ، ئېرىم ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن نېمە سەۋەبتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ...

- ئۇنداقتا بالىنى باقىدىغان مەسئۇلىيەتنى سىز ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالغان ئوخشىمامسىز ؟
- نېمە دېسەم بولار ، راست گەپنى قىلغاندا ، مېنىڭ ھېچقاندەك ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەيىم يوق. بالىنى ئۆزۈم بېقىپ قاتارغا قېتىشىم مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە قىزىمنى جاپاكەش ئانام بېقىپ بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭ ھازىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك مادارىم قالمىدى.
- قىزىڭىز ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ بېرەمسىز ؟
- قىزىم بەك چىرايلىق. بويمۇ ئېگىز. ھازىر ئۇ ناھايىتى ساغلام . يېشى كىچىك بولسىمۇ بەك ئەقىللىق. مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا بەك ئىش ئۇقىدۇ. قەتئىي قەغىشى يوق. ئۇنىڭ بىلەن بازارغا چىقساقمۇ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى كۆرگىنىدە تۇتۇپ - سىلاپ قويىدۇ يۇ ئەمما، ئاپا ئېلىپ بەر ، دەپ تۇرۇۋالمايدۇ. مەن دائىم قىزىمنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ، ئۇماق قىزىم ئاپىڭىز مۇئاش ئالغان ھامان ( ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ مائاشىم بولسۇن ) سىزگە مۇشۇ ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ - ھە ! دەپ بەزلەپ قويىمەن. گاھىدا سېغىز ئېلىپ بېرىمەن. ئىشقىلىپ قىزىم مېنىڭ كۆڭلۈمنى بەك ئايايدۇ ...
- قىزىڭىز نېمە دېگەن ئەقىللىق ھە ، ئۇ ئادەتتە نېمىلەرگە ئامراق ؟
- قىزىم ھېكايە- چۆچەك ئاڭلاشقا بەك ئامراق. دائىم مېنى ھېكايە - چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. يەنە ناخشا ئوقۇپ بېرىڭ دەپ تۇرۇۋالىدۇ تېخى، گەرچە ناخشىنى تازا ياخشى ئوقۇپ كېتەلمىسەممۇ ، قىزىم مېنىڭ ناخشىلىرىمنى ئاڭلاشقا بەك ئامراق.
- دېمىسىمۇ بالا ئۈچۈن ئانىنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يېقىملىق ئاۋاز يوقتە !
- ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىپ بېرەلمىسەم، ئۇ ئۆزى ئۈنقويغۇدا ناخشا قويۇپ تىڭشايدۇ، تېخى ئەگىشىپ ئۇقۇپ قويىدۇ. گاھىدا ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئۇسۇلنى تېلېۋۇزردىن ئۆگىنىۋالغان ئىكەن. ئىشقىلىپ قىزىم بەك زېرەك ...
- ئادەتتە ئۆيدە قىزىڭىزغا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىسىلەر ؟
- ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ 3 ئاساسلىق يۇقۇش يولىدىن باشقا يۇقۇش خەتىرى يوق. شۇنداقتىمۇ بالىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ، مەن ئادەتتە تولىمۇ ئاۋايلايمەن. ئۇنى سۆيگەن چاغلىرىم ياكى ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزگەن چاغلىرىمىدا تولىمۇ دىققەت قىلىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ يۈزىدە زەخىملەنگەن جاي ياكى مېنىڭ قوللۇرىم قاناپ قالغان بولسا ، قىزىمىغا يېقىنلاشمايمەن. كېيىملىرىنى تۇتۇشقا پېتىنالمايمەن. قىزىمىنىڭ كېيىملىرىنىمۇ ئانام كېيگۈزۈپ قويىدۇ. ئانام ئادەتتە مېنى ئىش قىلغىلى قويمايدۇ. ھەتتا تاماق ئەتكىلىمۇ قويمايدۇ. ئۇ مېنىڭ بۇ جەرياندا زەخىملىنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىم تۆۋەن بولغاچقا ئەگەر قولۇم كېسىلىپ كەتسە ياكى زەخىملىنىپ قالسا ئوڭاي ساقايمايتتى .
- ئۆز بالىسىغا كۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك، سىز بالىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى قانداق ئىپادىلەيسىز ؟
- تېلېۋۇزۇردا گاھىدا ئانا - بالىلارنىڭ قۇچاقلاشقان ، سۆيۈپ قويۇشقان كۆرۈنۈشلىرى چىقسا قىزىم ئۆزىنى ماڭا ئېتىپ، مەڭزىمگە سۆيۈپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنى ئىتتىرىپ يېقىن كەلگىلى قويمايمەن. بەزىدە ئۇ تىزىنى قۇچاقلاپ يىغىلاپ كېتىدۇ. مەن بىر باھانىلەر بىلەن ئۇنى بەزلەيمەن، چاچلىرىنى سىلايمەن . كۆزۈمدە ئەمەس يۈرۈكمدە يىغلايمەن. ئەجىبا مېنىڭ قىزىمنى باغرىمغا باسقۇم، مەڭزىلىرىگە مەڭزىمنى يېقىپ، سۆيۈپ قويغۇلىرىم يوقىمىدۇ ... ئاھ ، خۇدا !
- ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنىڭئەيدىز ( AIDS ) ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمدۇ؟
- مېنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىن باشقىلار مېنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمنى بىلمەيدۇ. مەنمۇ باشقىلارنىڭ مېنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. باشقىلارنىڭ كېسەللىكىم تۈپەيلى مېنى كەمسىتىشى ياكى چەتكە قېقىشىدىن قورقۇپ كەتمەيمەن. ئاساسلىقى قىزىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشدىن ئەنسىرەيمەن.
- ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىدىكى ئۆزگىرشىلەر بەكمۇ دىققەت قىلىسىز ھەرقاچان،قىزىڭىز ئاغرىپ قالغان چاغلاردا قانداق قىلىدىغانسىز ؟
- قىزىمىنىڭ زۇكامداپ، قىزىپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن. شۇنداق چاغلاردا كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كېتىمەن. قىزىمغا ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇپ قالغانمىدۇ، كۆزنەك مەزگىلى ئاخىرلىشىپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىۋاتامدىغاندۇ دەپ ، تەشۋىشلىنىپلا تۇرىمەن. گاھىدا ئۆلۋالغۇم كەپ كېتىدۇ. ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغىنىدا 1 قېتىم دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتىمەن. ئانام ماڭا، 2- 3 قېتىم تەكشۈرتتۇق، ساغلام چىققاندىن كېيىن، ئارتۇقچە ئەنسرەپ كەتمىگىن دەپ، تەسەللىي بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، كۆڭلۈم زادىلا جايىغا چۈشمەيدۇ. ھەر قېتىم دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىققانلىقىنى كۆرگەندىلا ئۇھ دەيمەن. شۇ تاپتا ھازىرمۇ قىزىمنى قايتا تەكشۈرۈتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. قانچە كۆپ تەكشۈرتسەم، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياخشى چىققاننى كۆرسەم ئاندىن كۆڭلۈم تىنىدىكەن، شۇنچە خاتىرىجەم بولىدىكەن. ئۇماق قىزىمنىڭ ئاپىسىنىڭ كاساپىتىدىن بۇ ئەيدىز ( AIDS ) ئاتلىق يالماۋۇزنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمايمەن.
- راست گەپنى دېگەندە، سىزگە ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىكەن. بىر يەتتە ئەزايى بېجرىم ساغلام تۇل ئايالنىڭمۇ بالىنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالمىقى شۇنچىلىك تەس، سىز تېخى كېسەلمەن، ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز شۇنچىلىك ناچار تۇرۇپمۇ قىزىڭىزغا شۇنداق ياخشى قاراپ كەپسىز. قارىغاندا، ئانىڭىز مۇشۇ كەمگىچە سىزگە تەسەللىي بېرىپ، سىزگە كۆيۈنۈپ، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ - دە ؟
-شۇنداق.
- ئۇنداق ئەشۇ مېھرىبان ئانىڭىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ باقساق بولۇرمۇ ؟ ئانا ياخشىمۇ سىز، قىزىڭىز ئامىنەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئاخىرقى تەپسىلاتنى http://www.yukselblog.com/logs/31182326.htmlدىن ئوقۇغايسىز!

يۈكسەل بلوگى

http://www.yukselblog.com



arkam125 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-25 16:38:54

ھەي توۋا.........

mubarak786 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-25 19:16:30

ۋابا....

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2008-11-26 12:50:22

بىزنىڭ مەلىدىمۇ جىقلاپ كەتتى بۇ كىسەل چىرايىدىن ھىچكىم بۇلارنى بۇنداق كىسەل دىمەيدۇ .مۇشۇ يىقىندا ئەيدىسلارنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم 90پىرسەنتى ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ئىكەن .بۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتى .مۇشۇ ئاينىڭ 20 كۈنى بىر تۇقىنىمىز مۇشۇ كىسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتى ئەمدى 30 ياشقا كىرگەن 7 ياشلىق بالىسى يىتىم قالدى.بۇكىسەل تاماقتىن يۇقمايدۇ دىگەن يالغان گەپكەن .تاماقتىنمۇ يۇقىدىكەن .ھازىر بۇ كىسەل مەن تۇرۋاتقان رايۇندا 30 پىرسەن ياش بالىلاردا بار ئىكەن مەنمۇ ئۆزەمدىن گۇمانلىنىپ تەكشۈرتۈپ باقتىم چىقمىدى.ۋاقتىمىز بولسا مەيىلى زەھەر چىكەيلى ياكى چەكمەيلى بېرىپ تەكشۈرتۈپ قۇيايلى پۇل المايدىكەن .

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-26 14:28:44

ئۇيغۇرلار ئەيدىز بىلەن تۈگىشەمدۇ نىمە؟بىر يىگىت ياكى بىر قىز ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى دىگەن گەپ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ بىر تۈپ دەرەخنىڭ بىر كىچىك شېخى قۇرىدى دىگەن گەپ. شۇ شاخ ئەگەر شۇنداق زەخىملەنمىگەن بولسا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادى چوڭ بىر شاخ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.زەھەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنى ۋە ئۆز توپىنى قۇرۇتۇشقا ھەسسە قوشسا، مانا شۇخىل كىشىلەر كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يۇقۇش نىسبىتى ئېشىپ بارسا، نوپۇسنىڭ ئازلىشىغا ھەسسە قوشقان بولىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى شۇ زەھەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەسلىدە مىۋە بېرىدىغان شاقلار ھارام شاققا ئايلىنىپ 30 ياشقا كىرمەي ئۆلۈپ كەتسە ،يەنە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە يۇقتۇرسا،بەزى كىشىلەر تېخى ئۆزىنىڭ ۋىرۇس يۈدۈپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەي ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى كىشىگە يۇقتۇرسا،مانا مۇشۇنداق تەرەققى قىلسا نىمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق ئەھۋال بۇ؟!

ئېزىپ-تىزىپمۇ زەھەرنىڭ تەمىنى تېپىپ بېقىش ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ بېقىش كويىدا بولۇپ قالمايلى باللار!خرويىنلا ئەمەس ھەرقانداق مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ئارقىلىق ھوزۇر ئىزدەيدىغان ناچار قىلىقتىن قەتئى يىراق تۇرايلى باللار!   شايتان ئەنە شۇنداق ۋاستىلەر بىلەن قىلتاققا دەسسىتىدۇ،شەيتان نۇقتا سېلىۋالمىسۇن دىسەك، زەھەرلىككە ۋە باشقا مەست قىلغۇچى نەرسىلەرگە يېقىن يولىمايلى.بولمىسا يۇقۇردىكى ئايالدەك پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ئۆتىدىغان ھالغا قالىدىغان گەپ.

ھالال ياشاپ ھارامدىن يىراق بولۇشتا چىڭ تۇرسا ئادەمنى پۇشايمانغا قالدۇرىدىغان ئىش بولمايدۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-26 14:42:12

يۇقۇرىدكى سۆھبەتتكى ئايال زەھەر چېكىپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان ھالەتتەئادىمىيلىكنى، مېھرى-شەپقەتنى تېخى يۇقاتمىغانئايالكەن.ئېرى ۋە بالىسىغا زىيانكەشلىك يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا خېلى ئەھمىيەت بېرىپتۇ.بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېلىلا ئىرادە كېرەك.بولمىسا ئادىمىيلىكنى يوقۇتۇپباشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆتىشى مۇمكىن.زەھەر چېكىپ يۈرگەن ياشلار ئىرادىسى ئاجىز كېلىپ خۇمارى ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆتىشى مۇمكىن.شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنى زار يىغلىتىپ ئۆتىشى مۇمكىن.بەزىلىرى ئوغرىلىق بۇلاڭچىلىق ئالدامچىلىق بۇزۇقچىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتىشى مۇمكىن.

زەرھەرگە يېقىنلىشىش ھاياتنىڭ قىممىتىنى يوقۇتۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2008-11-26 16:57:01

ھوۆۇمەتنىڭ سارس بىلەن ئەيدىزغا تۇتقان پەرقلىق مۇئامىلىسى كىشىنى ئويغا سالىدۇ
بەت: [1]
: AIDS بىمارى ئامىنە بىلەن سۆھبەت