بالىلار ئۇچۇن
مەسلىھەت بەرسەڭلار
مېنىڭ ئوغلۇم بۇ يىل باشلانغۇچنىڭ 6-سىنىپىگە چىقتى ،ئوغلۇم ئىمتاھان بېرىپ نوختىلىق ئوتتۇرا مەكتپكە ئۇتۇش ئۇچۇن ناھايتى تىرىشىۋاتىدۇ ،لېكىن ئوغلۇمنىڭ ئويدىن ئايرىلىپ باشقا شەھەرگە بېرىپ ئوقۇشىى مېنىڭ ئىدىيەمدىن ئوتمەيۋاتىدۇ .
بىرىنچىدىن :ئوغلۇمنىڭ نۇپۇسىنى يېزا نۇپۇس قىلىپ ئوزگەرتىشىم كېرەككەن .
ئىككىنچىدىن:كىچىك تۇرۇپ ئويدىن ئايرىلىپ ئوقۇش بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام ئۇسۇپ يىتىلىشىگە تەسىر كورسىتەمدۇ قانداق ؟.
نوختىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن قانداق پايدا –زىيىنى ،تەسىرى بار مۇشۇ جەھەتتە تەجىربىسى بارلار ئورتاقلاشساق .
سەمىمى پىكرىڭلارنى ئايىماسلىغىڭلارنى سورايمەن .
ئوغلىڭىزدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۆيدە يېنىڭىزدا تۇرۇپ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ۋە پەپىلىشىڭىزگە كۆنۈپ قالغاندىن، باشقا شەھەرگە بېرىپ، جەمىيەتنى كۆرۈپ،( نىسبەتەن) مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگەنگىنى، تۇرمۇشنىڭ ئازغىنە ئاچچىق-چۈچۈكلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغان خاراكتېرنى يىتىلدۈرگىنى ياخشى.ئوغۇل بالىنى(بەك كۆيۈندۈم دەپ)نازۇك ۋە ئاجىز قىلىپ قويمىغۇلۇق. قىلىپ بىرىشكە تىگىشلىك ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىپ، باشقا ئىشلىرىغا بەك ئارلىشىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلبەتتە بالىغا ياخشى تەربىيە قىلىپ كىلىۋاتقاندۇرسىز. شۇڭا پىسخىكا نورمالسىزلىق كۆرۈنىشىدىن ئەنسىرىمەڭ!
ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشتىن، نوختىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش كۆپ ياخشى.بىرىنچىدىن ، نوختىلىق مەكتەپتە ئاساسەن ئوغلىڭىزغا ئوخشاش ئەقىللىق، تىرىشچان باللار ئوقۇغان بولىدۇ.شۇڭا ئوغلىڭىز ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تىخىمۇ تىرىشمىسا، ساۋاقداشلىرى بىلەن رىقابەتلەشمىسە بولمايدۇ بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرلىشىگە پايدىلىق.ئىككىنچىدىن، نوختىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتلىرى ياخشى ، ئوقۇتقۇچىللىرى خىل بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئوغلىڭىز تىخىمۇ ياخشى مۇھىتتا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىيالايدۇ...
ئەڭ مۇھىم مەسىلە ، بالىنىڭ پىسخىكىسىنىڭ قانداق بولىشى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈلگىسى ۋە تەربىيسىگە، بولۇپمۇ ئانىنىڭ تەربىيسىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا سىز ئوغلىڭىزنى ياخشى تەربىيلەپ كىلىۋاتقان بولغاندىن كىيىن ، مۇشۇ يېشىدا پىسخىكىسى ئاساسى جەھەتتىن جازا تىكلەپ بولغان بولىدۇ. سىز توختىماي ياخشى سۆزلار بىلەن تەربىيە قىلسىڭىز ، ئوغلىڭىزغا چىن مۇھەببىتىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇپ،(مۇۋاپىق) كۆيۈنسىڭىز مىنىڭچە، بالىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نىمە قىلىدۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇپ!
ھازىرقى مەكتەپلەرمۇ بىلىم بىرەلەمدىكەن؟ توۋا!
ئۇنچىلىك بىلىمنى ئۇزىڭىزمۇ بىرەلەيسىزغۇ...
گەپلىرىم سىلەرگە بەكمۇ غەلىتە تۇيۇلغان بولسا بۇمۇ مىنىڭ ھازىرقى مۇئارىپقا بولغان نارازىلىقىمدۇر بەلكىم.بۇ مۇئارىپ پەقەت پۇل ئىلىشتىلا كامالەتكە يەتكەن، ئاخشام 7 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىنى كۇردۇم ،سومكىسى بىر تاغاردەك چوڭ!؟
ئۆردەككام توغرا دەيدۇ
لېكىن بالىنى چوقۇم ئوقۇتۇش كېرەك ئەمما يالغۇز سومكىدىكىنى ئەمەس تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش كېرەك .
بالا دېگەن بالىدەك ئەركىن ئازادە چوڭ بولغىنى ياخشى ، كىتاپ دەپتەرلەر دۆۋىسى بالىنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويىدۇ .
مېنىڭچە ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇسۇن ، ئۇ يەرنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر جەۋلانكام دېگەندەك شەھەر كۆرۈش تۈگۈل دەرۋازىنىڭ سىرتىغىمۇ چىقالمايدۇ . مەن بىر قېتىم بېرىپ كۆرگەن ئىدىم ئاتا - ئانىلار كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەرلىك ئورۇۇننىڭ ئىسپاتىنى ئېلىش كېرەككەن . بولمىسا دەرۋازىدا تۈمۈرگە چاپلىشىپ خۇددى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەردەك كۆرىشىدىغان ئىشكەن ، دەرۋازىغا يامىشىپ سىرىتقا تەلمۈرۈپ تۇرغان سەبىيلەرنى كۆرۈپ ئىچىم بەك سېرىلدى ، مۇشۇمۇ مائارىپمۇ؟
ئۇ يەردىكى بېسىملاردا باللارنى كىچىك چېغىدىلا پىسخىك كېسەلگە گىرىپتار بولامدىكىن دەيمەن ، قىزىقسا بېرىپ ئوقۇسۇن ، كۆنەلمىسە قايتىپ كەلسۇن ، كىچىكىنە بالىغا تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى ، رىقابەتنىڭ دەھشەتلىكىنى سۆزلەپ قورقۇتۇش ھاجەتسىز شارائىت بولسىلا ئۇنداق رىقابەتكە تەبىئىيلا كۆنىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بالدۇرراق بايقاپ شۇ تەرەپتىن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن تۈزۈك
ماشىنا ئادەم تەربىيلەمدۇق ؟ ئۇ يەرلەر خۇددى زاۋۇتقا ئوخشايمىش.بالىنى ئۇيەرلەرگە يولغا سېلىش ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش. ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىزدەنمەيدۇ،ئۈگەنمەيدۇ، مۇئەللىملەر ھەممىنى ئۆگىتىدۇ-دەپ قارايدۇ.
18 ياش، مۇستەقىل بولۇشنىڭ يېشى. بالدۇرى-بالدۇر. بالىلارنى دارلىتامدا چوڭ قىلامدۇق ؟
سىز نوقتىلىق تولۇقسىز دىگىنىڭىز، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە ئاچقان تولۇقسىز مەكتەپلەر شۇمۇ.
ئەگەر شۇ بولىدىغان ئىش بولسا، مىنىڭچىمۇ ئوقوتماڭ. ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرى-مۇھەببىتى ئاستىدا چوڭ بولغان بىر بالا بىلەن يالغۇز چوڭ بولغان بىر بالىنىڭ خاراكتىرى مەڭگۇ ئوخشىمايدۇ. يەنە كېلىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا باسقۇچى بىر بالىنىڭ دۇنيا قاراش تىكلەش باسقۇچى بولغاچقا، ئۇ ئۇ يەردە ئوقوسا چوقومكى ئۆزىدىن ئايرىلىپ قىلىشى مومكىن. (ئەلۋەتتە بۇمۇ مۇقەررەر ئەمەس، بىراق زور كۆپچىلىك شۇنداق.)
موھىمى قانچىلىك بىلىش، قانچىلىك ئۈگىنىش ئەمەس، قانچىلىك پىكىر قىلىش، قانچىلىك ئىشلىتىش.
مېنىڭچىمۇ جەۋىلاننىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق. مىنىڭچىمۇ ئوقۇتمىغان تۈزۈكمىكىن دەيمەن، بىزنىڭ قومۇلدىمۇ مۇشۇنداق بىر نۇقتىلىق مەكتەپ بار، بالىلارنى ئاتا -ئانىلىرى بىلەن پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا2سائەت كۈرۈشتىرىدىكەن، ھەر قېتىم ئاتا -ئانىلارنىڭبالىلىرى بىلەن رىشاتكا تېشىدا تۇرۇپ خۇددى تۇرمىدىكىلەر بىلەن كۈرۈشكەندەك كۈرۈشكىنىنىكۈرىمەن. ئەڭ،ئەڭ،ئەڭ سەمىمى تەكلىپ:تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆيدىن ئايرىلسۇن.مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن............ھەممىڭلارنىڭ سەمىمى مەسلىھەتىگە رەخمەت ،مەن ئويلۇشۇپ ئىش قىلىمەن .
ئاۋۇ نۇقتىلىق، مېنىڭچە بالىغا نۇقتا سېلىپ ۋەيران قىلىدۇ!
مۇھىمى ئاتا - بالىلىق مېھىر - مۇھەببەت، ساغلام چوڭ بولۇش قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا، تولۇقسىزغىچە مەھەللىسىدە ئوقۇپ، ئاندىن مۇساپىرلىق كوچىسىغا قەدەم باسسىمۇ كېچىكمەيدۇ. بالا - چاقىنىڭ كۈندە ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپ تۇرۇشىمۇ بىر دەرس!
مېنىڭچە بالىلىڭىزنى ئوقۇتقۇڭىز ياخشى، ئوغۇل بالىكەن ئەمەسمۇ؟بۇنىڭ ئوغلۇڭىزدا كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەقىل ياشاش، ئۆزىگە تايىنىش ئادىتىنى يېىتىلدۈرۈشكە پايدىسى بار. ئوغلىڭىز تېخى كىچىك، ئۇنىڭ كاللىسى ھازىر شۇنداق ساپ ۋە سەبىي، مۇنداق ئوچۇق قىلىپ ئېيىتقانداق كاللىسى تېخى \"بۇلغانمىغان ساپ سۇ\" ئۇ يەرگە بارسا ئۈگەنگەن بىلىملەر ئاسانلا كاللىسىغا سىڭىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىز تەتىل كۈنلىرى ۋە ئالاقىلەشكەن ۋاقتىڭىزدائائىلىۋى تەربىيە،ئەخلاق پەزىلەت، ئادىمىيلىك تەربىيسىنى بالىڭىز قوبۇل قىلالىغىدەك ئۇسۇل بىلەن ئاستا- ئاستا سىڭدۈرسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.