totem يوللانغان ۋاقتى 2008-11-21 19:19:44

توتېم؛ئېيتىلمىغان كونا گەپ


ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ؟ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ؟ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟
21-ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﻭﺭ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﺪﺍ(ﺋﻪﺳﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﻟﻴﺎﺗﻘﯘﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﺎﻥ)ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺴﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻧﯩﺴﯩﯟﻩ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ،ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﭼﯘﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 4 ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ"ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ"ﻧﯩﯔ ﺋﯧﻘﻠﯩﻤﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻕ،ﮬﯚﻝ-ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯧﺮﯨﻤﺰﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻓﻮﻟﯩﻜﻠﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯧﺮﻯ،ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ،ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﺗﯘﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻮﻝ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ. "ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ"،"ﻗﺎﺭ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ"،"ياغاچ ئات"...........ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻣﺎﻝ-ﻣﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺟﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﯘﻗﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻼ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﯞﺍﻟﻤﺎﻕ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﮬﺎﻻ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯚﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ،ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ "ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻰ"،"ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﻮﻕ"ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ ﺷﻪﺭﻣﻰ-ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ،ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ-ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﮬﯧﻤﯩﺮﻟﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
"ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ"ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰ-ﺋﺎﻳﺎﻝ،ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﻯ؟ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ ﯞﻩ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﺯﺩﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ؟...........
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﭖ-ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﻴﻪﺳﯩﻨﻰ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﺎﻟﯩﺸﯟﺍﺗﻘﺎﻥ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﻳﯘﻗﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ،ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ،ﻗﺎﺭﺍ-ﻗﯘﻳﯘﻕ ﮬﻮﻗﻮﻕ ﻛﯚﺭﯗﺷﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ.
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ "ﮬﯩﺴﯩﻴﺎﺗﻰ"ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻪﺑﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ"ﺟﯩﮕﺪﻩ"ﭘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ،ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﻓﻪﻳﻐﻪﻧﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﮬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯩﺮﺍﺟﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﻭﺯﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯘﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻰ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﻳﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؟ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ؟
ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺷﯘﺋﺎﺭ- ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ.
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﻮﻕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ھۆﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯩﻤﯩﻼ ﺩﯨﻤﻪﻳﻠﻰ، ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﯞﺍﺑﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﺩﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻧﺎﮬﯩﻴﻤﯩﺰﺩﯨﻼ 100ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ (ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ)ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ "ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ"ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ؟ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ؟ﺋﺎﻛﺎ-ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻤﯘ؟
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﺟﯩﻖ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ "ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ" ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﻳﻼ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻠﯧﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﺍ"ﺟﺎﻻﭖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ"ﺟﯩﻘﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﭼﻮﻗﺎﻥ ﻛﯘﺗﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ.
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺯﯨﺮﻩﻙ، ﻳﺎﻧﻔﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯟﺍﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﺍ "ﺟﺎﻻﭖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ"ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﯩﺘﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻓﯩﮕﻮﺭﻯ ﻧﻪﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ،ﻗﯩﺰﻟﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﺎﻥ "ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ"ﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻤﻪﻥ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؛ ﺷﻪﺭﻣﻰ-ﮬﺎﻳﺎ، ﻗﯩﺰ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.


مەنبە: توتېم

ijtihat يوللانغان ۋاقتى 2008-11-22 09:30:16

ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ياخشى ماقالا بوپتۇ، چۈشىنىشلىك ھەم ئوبرازلىق ،

ijtihat يوللانغان ۋاقتى 2008-11-22 09:38:41

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-22 11:33:11

كىشىلىك ھوقۇق ئەسىلى توغرا گەپ ئىدى، لېكىن بەزىلەر بۇنڭىغا ئۆز خاھىشى بىلەن تەبىر بېرىپ، بۇ ئۇقۇمنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى،

مەن دەيمەن؛ شەرمىي -ھايا، قىز-ئاياللارنى قوغداش ئىماننىڭ جۇملىسىدىن،

1400يىل ئىلىگىرى بۇ گەپنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دىگەن ھەم ئەمىلەيتكىمۇ ئايلاندۇرۇپ بولغانتى، ئەپسۇس بىزلەر ئاغزىمىزدا تولا دىگەن بىلەن، ئەمىليىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ بولالمايۋاتىمىز،

بىر مىللەتتە نىمە ئەڭ كەم تېپىلسا ،شۇ نەرسە توغرۇلۇق پاراڭ كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىزدە مۇھاببەت توغرۇلۇق قۇرۇق پاراڭ تولا،

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-22 15:03:28

ئامرىكىلىقلار ئوتتىرىغا قويغان ئاياللار ھوقۇقى ، كىشىلىك ھوقۇق شۇنداق ياخشى گەپ ئىدى . لىكىن شەرىق دۇنياسىدا ئەزەلدىن ئادەتلىنىپ قالغان قۇلچىلىق .ئىدىيىسى بىلەن تولغان كاللىلار بۇ ئىدىيەلەرنى ھەزىم قىلالمىدى . ئەخلاقنىڭ گېپى بولۇپ قاپتۇ ، غەرىپ دۇنياسىدا بولغان ھەممىمىز بىلىدىغان ئىككى ئىشتىن بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆرىۋالالايمىز ... ئامرىكا زۇڭتۇڭى بولغان كېلىنتون ئاشنا ئوينىغاندا شۇنچە داۋراڭلار بوپ كەتكەن بولسىمۇ ئاخىرىدا خەلىق ئۇنىڭ كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلدى ، زۇڭتۇڭلىقىنى قىلىۋەردى . كىيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئاشنا ئويناپتى ، ئۇنى دەرھال ھوقۇقىدىن ئەپ تاشلىدى . ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك پەرىق بار ئىدى ، غەرىپ دۇنياسى نىمىشقا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ ؟ئەڭ چوڭ پەرىق بىرلا ، ھىچبولمىغاندا غەرىپلىكلەرنىڭ قارىشىچى بويىچە : كېلىنتون ئاشنا ئوينىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ھېىقى قىزچاقنى ھەقىقىي ھىسسياتى بىلەن ياقتۇرۇپ قالغان ، خىزمىتىگە تەسىر يەتمىگەن ، ئۇ ئىككەيلەن ئارىسىدا پۇل ، ياكى ھوقۇققا چېتىلىدىغان سودا بولمىغان .ماۋۇ دۇنيا بانكىسىدىكى ئەپەندىم بولسا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئاشنىسىنىڭ ھوقۇقى ، مۇئاشىنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن .بۇ پەرىق بىزلەر ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما غەرىپلىكلەر ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم . چۈنكى بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر نەرسە بار : ئادىمىيلىككە بولغان ھۆرمەت ، بىر ئادەمنىڭ ھىسسىياتى خالىغانچە پۇل بېرىپ ياكى ھوقۇققا تايىنىپ سودا شەكلىدە ئېلىم بېرىم قىلىدىغان نەرسە ئەمەس . ئادىمىيلىك ئىززەتنىڭ ساقلىنىش ساقلانماسلىقى كىشىلەرنىڭ شۇ كىشىلىك ئىززەت ھۆرمەتكە بولغان مۇئامىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ . شۇڭا غەرىپتىن زارلىنىپ يۈرگىچە ھازىر ئۆزىمىزنىڭ جەمىيىتىمىزگە بەكرەك سەپ سېلىپ ئۆزىمىزدىن نومۇس ھىس قىلىشىمىز كېرەك . غەرىپلىكلەر ھەر قانچە بۇزۇق بوپ كەتسىمۇ بىزگە ئوخشاش پۇل ھىسسىيات سودىسىغا بۇنچە كۆنۈكۈپ كەتكىنى يوق .
بەت: [1]
: توتېم؛ئېيتىلمىغان كونا گەپ