قېنى ، يەنە كىم ئەڭ ئەقىللىق ؟
ئالدىنقى قېتىم قويغان سۇئالىمنى مىھمان ئەپەندىم تېپىۋاپتۇ . شۇڭا مەن يەنە ، بىر قانچە تېپىشماق دېمەكچى ، قېنى بۇ قېتىم كىم ئەڭ ئەقىللىق بۇلالايدۇ ؟
1. 36 ئاتنى 9 ئوقۇرغا تاقتىن باغلاشقا توغرا كەلسە ، قانداق باغلاش كېرەك ؟
2. چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى - قىسقىلىقى ئوخشاش بولغان 4 دانە چوكىدىن پايدىلىنىپ مۇنتىزىم ئۈچبۇلۇڭدىن 6 نى تىزىڭ . چوكىنى سۇندۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ .
3. 7 كۆچەتنى 6 قۇرغا ھەر بىر قۇرغا 3 تىن تىكىڭ .
4. 10 كۆچەتنى 5 قۇرغا ھەر بىر قۇرغا 4 تىن تىكىڭ .
ھە ئەمىسە بۇ تېپىشماقلار ھۇزۇرۇڭلارغا كەتتى .
تىپىشىپ كىتىدىغان ئاتلاردىن ئەمەستۇ ھە7 تۈپ كۈچەتنى 6 رەتكە، ھەر بىر رەتكە ئۈچتىن كۈچەت
1
1 1
1
1 1 1
10 تۈپ كۆچەتنى 5 قۇرغا 4 تىن تىكسەك بەشۋار بولسا بولار.
1
5 4 3 2
7 6
8
9 10
428 نىڭ جاۋابى توغرا بولۇپتۇ . يەنى بىر ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىگە چۈشۈرۈلگەن ئۈچ دانە ، بېسسىكتىرساسى ، ياكى ئېگىزلىكى ، ۋە ياكى مىدىئانىسىنى سىزساق 6 قۇر بارلىققا كەلگەن بولىدۇ . بۇ قۇرلارغا كۆچەتلەرنى 428 نىڭكىدەك تىكسەك بولىدۇ .
osmanjan12 نىڭ جاۋابىمۇ توغرا بوپتۇ. يەنى بىردان بەش يۇلتۇز سىز سىڭىزلا بولىدۇ .
لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاۋۇ 36 ئاتنى باغلىيالمىدىم ، ياكى 7 ئوقۇرغا 5 تىن باغلاپ ئېشىپ قالغان بىر ئاتنى ئىككى ئوقۇرغا تەڭلا باغلاپ قويساق بولامدۇ يا؟
ئات باقارلار يوقمۇ ئىزدىنىشتا؟ ماۋۇ ئاتنى باغلىشىپ بېرىڭلار . بەك جىقكەن . ياكى بولمىسا ئاۋۇ چوكىنى تىزىشىپ بەرسەڭلار قانداق بەك ئويلىنىپ كەتتىم..
39 ئاتنىڭكى ...