(قارىقات )ئانىلار، پاراڭلىشايلى.
ئانا بولغان، يېڭىدىن ئانا بولغان، شۇنداقلا ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار، بوۋاقلىرىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشايلىچۇ؟
مېنىڭ قوزام ئاز كەم بەش ئايلىق بولدى، ئاللا ئۇنىڭغا ئىنساپ، بەخت ، ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن.
بالام يېڭى تۇغۇلغاندا نېمىلەرنى قىلىشىمنى بىلمەيلا قالغانتىم، قىرىق ئىچىدە مۇنداق ئىشلارغا جىق يۇلۇقىدىكەن كىشى:
1.چۈچۈك: بوۋاق كۈندۈزى ياخشى ئۇخلاپ كېچىسى يىغلايدۇ، بۇنداق بوۋاقلارنى چۈچۈك (ئىسسىق تۇتىۋالغان) دەيدىكەن، بالام تۇغۇلۇپ 15-كۈنى كىچىچە ئۇخلىماي يىغلاپ چىقتى، ئۇكۈنى كۆزۈمنى بىر يۇمغان بولسام نىم دەدىم، ئەتىگەن بولغاندا بالا ئازراق بېسىققان بولدى، لېكىن يەنىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدى، ئاپام پەلكۈچنى سۇ مېيىغا سۈركەپ بالىنىڭ تەرەت يولىغا ئەمەلچە قىلىۋىدى ،بالا خېلى ئوبدانلا تەرەت قىلدى، ئاندىن پۇشۇلداپ ئۇخلاشقا باشلىدى. بىرھاجىم تونۇشىمىز بار ئىدى، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ تېلفۇن قىلدۇق، ئۇ ئايال : ئانىنىڭ سۈتىنى سېغىپ،بىر پىيالىگە قويۇپ قويسا قايماق تۇتىدۇ، ئاندىن شۇ قايماقنى بالىنىڭ توققۇز كۆزىگە باش بارماق بىلەن بوش ئۇۋىلاپ بەرسە، تىكەندەك تۆت قارا نەرسە قولغا ئۇرۇلىدۇ، شۇنى يۇلىۋەتسە بالا ئىككىنجى چۈچۈك بولمايدۇ، ئېغىر بولغانلىرىغا 15كۈندە بىر قىلىپ بەرسە سەللىمازا يوقايدۇ دېدى. ئاندىن يەنە بالا كەينىگە داجىيدىغان بولىۋالسىمۇ شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ،تاغىقىغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭلىنىدۇ دېدى. راست گەپ قىلسام بۇ گەپلەرگە تازا ئىشىنىپ كېتەلمىگەنتىم. سىڭلىم كېلىپ قىلىپ باقايلى دەپ قايماقتا بالىنىڭ توققۇز كۆزىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى، خۇدايىم توۋا قىلدىم، دىگەندەك ئارىدىن 10مىنۇت ئۆتە -ئۆتمەي ئالتە دانە قاپقارا ،خۇددى ئەرلەرنىڭ يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان ساقىلىدەك تۈك قولغا ئۇرۇلدى، ئاپام قىسقۇچ بىلەن ئۇنى يۇلىۋەتتى، ئۇكېچە بالامنىڭ قانچىلىك راھەتلىنىپ ئۇخلىغىنىنى دىمەيلا قوياي، سائىتىغا بىر قوپىدىغان بالا مىت قىلىپ قويماي ئۇخلىدى.( چۈچۈك بولۇپ قالغان بالىنى ۋاقتىدا ئوڭشىمىسا بالا ئاق تۇغۇلغان بولسىمۇ قارىداپ قالىدىكەن.) شۇ ئىشتىن كېيىن تا ھازىرغىچە خۇدايىم بۇيرۇسا بالامدا ئۇنداق ئەھۋال قايتا كۆرۈنمىدى.
2.ئاغزى پىشلاق بولۇپ قېلىش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز ئىچى كۆپ ھاللاردا ئاپپاق بولۇپ قالىدۇ، خۇددى بىر قەۋەت پىشلاق چاپلىشىپ قالغاندەك. بۇخىل ئەھۋالنى چوڭلار پىشلاق بولۇپ قېلىش دەيدىكەن، مېنىڭ بالاممۇ بۇ تەقدىردىن قۇتۇلالمىدى، دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسام ، تۇز سۈيى( يەنشۇي)نى دوختۇر پەلكۈچىگە چىلاپ بالىنىڭ ئېغىزىغا سۈرتۈپ بېرىڭلار دىدى. ئۇنداق قىلساقمۇ ئۈنۈمى دىگەندەك بولمىدى، ئاپام مۇنداق قىلساق ئۈنۈمى بولمايدىكەن دەپ تۇزلۇق پەلكۈچ بىلەن پىشلاقنى بوش قىردى، پىشلاق ئۇۋۇلۇنۇپ چۈشتى، ئاندىن دورىخانىدىن مەخسۇس مۇشۇنداق بولۇپ قالغانغا پۈركەيدىغان دورا تېپىپ چىقىپ ئۇنى ئېغىزىغا پۈركەپ بەردىم ، (كۈندە نەچچە رەت ) ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تاپقاندا يوللاپ قويىمەن. ئىككى كۈنگە قالمايلا بالامنىڭ ئېغىزى ئوڭشالغانتى.
3.ئىچى سۈرۈپ قېلىش: بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسىغۇ( سىمىدا ) ئىكەن، دوختۇرلار سۇسىزلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خالتىدا ئۇنسىمان ئىككى خىل دورىنى بەرگەنتى، بۇ نىمە دەپ سورىسام تاڭ -يەن شۈي (تۇز بىلەن شىكەر ئىكەن ) دېدى، ئاندىن چوڭ بوتۇلكىدا نەچچىنى بىر ئاخشامدا ئىچىپ بولسۇن ، بولمىسا سۇ سىزلىنىپ قالىدۇ دىدى. كېيىن بىلسەم بۇنى چوڭلار ئىچسىمۇ بولىدىكەن، يەنى ئىچى قاتتىق سۈرۈپ كەتسە سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇغا تۇز بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قوشۇپ، جىق ئىچىپ بەرسە بولىدىكەن.
4.سۈتۈم ئاز بولغانلىق تۈپەيلى بالامغا لىدوجىڭدىن باشقا قۇۋۋەت بولارمىكى دەپ كالا سۈتى بەرمەكچى بولدۇق، لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاشقازىنى كالا سۈتىنى ئانچە ھەزىم قىلالمايدىكەن، ئىچى سۈرۈپ كەتتى، سىزمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقسىڭىز قورقۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بالا 3-4 ئايلىق بولغاندا ئۆزلۈكىدىن ئىچەلەيدىغان بولىدىكەن، دەسلەپتە قوقسىڭىز سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدىكەن، كېيىن ساپ بەرسىڭىزمۇ ئىچىۋېرىدىغان بولىدىكەن. . . .
راست گەپ قىلسام ئانا بولماق بەك تەسكەن، ئادەم ئۆزى ئانا بولغاندا ئاندىن ئانىنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىدىكەن.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بالام 40 ئىچىدىكى مەن يولۇققان مەسىلىلەر، سىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. سىلەرچۇ؟ سىلەر قانداق ئىشقا يۇلۇقتۇڭلار؟ كوتۇلدىشايلىچۇ؟
ھەجەپ تەستە تاپتىم بۇ تىمىنى ...
ئاچامغا لازىم بولغۇدەك خەتكۈچ بولسۇن ..
رەھمەت !!!
پاراڭلىشىمىز كامون ...ئىككىنجىسىگە 6 ئاي قالدى ....ئىككى ۋات - ۋاتنىڭ ئارىسىدا قالىمەن ئەمدى


مەن ئاڭلاپ باقاي دەپ كىرگەنتىم....
بىزمۇ خۇدايىم بويرىسا ئاتا بولىمىز ئەمەسمۇ.ئاتىلارمۇ بىلىپ قويسا ھېچنىمە بولمايدۇ ئەمەس،بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىشلارئىكەن.
بالىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.ئەمدى بىلىپتىمەن تېخى.
خام سۈت ئىچسەم ھازىرغىچە ئىچىم سۈرىدۇ.قارىغاندا ئاشقازىنىم 4ئايلىق ۋاقىتتىكى ھالىتى بويىچە قالغان بولسا كېرەك
مەنمۇ بىر گەپنى قوشۇپ قوياي
ئاچامنىڭ ئوغلى بۇ يىل بىر ياشتىن سەل ئاشتى،ئەگەر قاتتىق يىغلاپ قالسىلا تېلقىپ قالىدۇ،دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كۆردى،ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بايقىماپتۇ.
بۇ زادى نىمە سەۋەپ...
رەھمەت رەھمەت ... مېنىڭ خاتۇنۇمنىڭ 3-4 كۈنلۈك ھايىلى قالدى. مېنىڭ ئوغلۇم 2- ئايدا 4كە كىردۇ،ھازىر ئۇيغۇرچە ساۋادى چىقاي دەپ قالدى، بىر ئىككى بوغۇملۇق خەتلارنى قىينالمايلا ئوقۇيدۇ، خىەنزۇچە يەسلىدە سىنىپنىڭ ئالدى ،يازغان خەنزۇچە خەتلىرنى كۆرسىڭىز خەتلەرنى يېزىلىش تەرتىپى بىلەن يازىدۇ، ھېساپلاپ باقسام 20دەك خەنزۇچە خەت يازالايدىكەن ھازىرقى سەۋيەسىدە،، ھەپتىيەكنى ئۆيدە ئوقۇۋاتىدۇ،7-8سۇرە بىلدۇ،نامازنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاي دەپ قالدى.ناماز ۋاقتى بولغاندا ئەزان توۋلا دىسە تاس قالىدۇ ئۆينى كۆتۇرۋەتكىلى،ماتىماتكىدا1000 ئىچىدىكى ھەر قانداق ساننى بىلىدۇ ھەم يازالايدۇ، 20 ئىچىدىكى سانلانى قوشۇشنى ئۈگۈنۈپ بولدى، بىراق ئويلىسام، ئېلىش ئەمىلىنى تېخى ئۈگەتمەپتىمەن..بىراق.دىگەن ئارزۇ ئۈمىتتىن يەنە خېلى يىراق...ھەمانا..... بىز قىلىدىغان پاراڭ چىقىپتۇ
ئەتتىگەندە ئىدارىدىن كىلىپلا ئوغلۇمنىڭ ياتقان يىرىگە كىرىۋالدىم ...
- بەك توڭلاپ كەتتىم ...بىردەم بىللە ياتايلى
- دادا ..ئاخشام نىمىشقا ئۆيگە كەلمىدىڭ ؟
- ئىدارىدا نۆۋەتچى ئىدىم .
- ئىدارىدا ياتتىڭما ؟
- ھەئە . ئىشخانا بەك سۇغۇق شۇڭا توڭلاپ كەتتىم
- نىمىشقا ئىدارىدا ياتىسەن ؟
- ياتمىسام باشلىق ئاچچىقلايدۇ
- نىمىشقا ؟ ئىدارىنى بىرسى پارتلىتامدىكەن ؟
شۈجى نۇر بەكرىنىڭ سۆزىنى بۇ بالا قاچانلادا ئاڭلىغاندۇ دەيمەن
-
ئاكىلىرىمنىڭ بالىلىرى كۆز ئالدىمدا چوڭ بولغان ، مۇشۇنداق پاراڭلارغا خۇمار دىسە كىشى

ئاجايىپ پاراڭلارنى قىلىدىغان بوپ كېتىپسىلەر...musicfan نىڭ گېپى ئالامەت كەپتۇ؟!!!
بۇ بويتاقلىق ئادەمنى ھەجەپ ئازاپلىدى.
قاچانمۇ.........................................................................................؟
مېنىڭمۇ ئاتا بولۇشقا تاقىتىم تاقىلداپ كېتىپ بارىدۇ شۇ تاپتا !
ئىھ ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئىگەم ، ماڭىمۇ پەرزەنت نېمەتلىرىدىن نىسىپ ئەيلىگىن !!! ...
قارىقات ، يازمىڭىزنى ساقلىۋالدىم ، خۇدايىم بۇيرۇسا ، بالدۇرراق پەرزەنتلىك بۇلۇشقا نىسىپ قىلغاي ،ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن ، رەھمەت .