مۇھەببەتلەشمەكچى، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار ۋە مۇھەببەتتىن ئايرىل
مۇھەببەتلەشمەكچى، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار ۋە مۇھەببەتتىن ئايرىلغانلارغا
1. « بىرگە بولساق ھەر ئىككىمىز بەخىتسىز بولۇپ قالىدىكەنمىز» دېگەن گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەڭ!
ئويلاپ باققانمىدىڭىز ھەر ئىككىڭلار بىر بىرىڭلارنىڭ بەختى!
مۇھەببەت ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە تىشچانلىقتۇر!
ئۆزىنى قاچۇرۇشقا سەۋەپ ئىزدىگۈچە، تىرىشىپ قارشى تەرەپنى بەخىتلىك قىلىش كېرەك.
قارشى تەرەپنى ئازاپلىماي دەپ ئايرىلماقچى بولغان ۋاقىت، قارشى تەرەپنىڭ زور ئازاپلىنىشىنىڭ باشلانغان ۋاقتى!
مۇھەببەت بىر خىل مەسئۇلىيەت، ئۇنداق ئاسانلاش تاشلاپ كېتىشكە بولمايدۇ!
ئايرىلىپ كېتىش ئارقىلىق سىزگە بېسىم پەيدا قىلغۇچى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىمەيدۇ! ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسىڭىزمۇ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغان ئادەم بەرىبىر كېتىدۇ.
2. ئۆزئارا چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ مۇھەببەت بولىدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭ!
چۈشىنىشمىگەن ۋاقىتتا پەقەت ياقتۇرۇش بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس.
بىر بىرىنىڭ كامچىللىقلىرى ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ياقتۇرۇش ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ.
مۇھەببەت كەڭ قورساق بولىدۇ، شۇندىلا قارشى تەرەپنىڭ بارلىقىنى مۇھەببەت ئارقىلىق ياخشى كۆرگىلى بولىدۇ.
چۈشەنمىگەن ئادەمنى ياخشى كۆردۈم دېگىنىڭىز بەلكىم ئۇنىڭ يېڭى ئىكەنلىكى، يېڭىلىقلىرىلا بولىشى مۇمكىن.
3. «سىزگە يات جىنىسلار بىلەن باردى كەلدى قىلسىڭىز توغرا چۈشىنىمەن« دېگەن گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەڭ!
بۇ گەپنى قىلغۇچى بىر بولسا سىزنى ئالداۋاتىدۇ، يەنە بىرى بولسا سىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ ياكى بولمىسا سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس.
سىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ سىزنى ئۇنتىغان ھالدا باشقا يات جىنىسلار بىلەن يېقىلىشىشىنى خالامسىز؟
ئويلىنىپ باقساق، بەلكىم ئۇ بىرنەچچە يات جىنىسلار بىلەن بىر ۋاقىتتا باردى كەلدى قىلىدىغان، بىرنەچچە قېيىققا تەڭ دەسسەيدىغان مىجەزى باردۇر.
بىرننەچچە قېيىققا تەڭ دەسسىمەڭ.
مۇھەببەت ئىككى ئادەم ئارىسىدا مەۋجۇت بولىدۇ! ئۈچىنچى شەخىسنى ئارىغا ئالالمايدۇ.
قارشى تەرەپكە بەك بېسىم قىلىۋەتمەڭ.
مۇھەببەتلەشكەندە قارشى تەرەپ بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاش كېرەك، ھەددىدىن تاشقىرى يېقىن بولۇپ كەتكەندە، ئۆزى سەزمىگەن ھالدا ئاسانلا قارشى تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ، ياكى ئۆزى زىيان تارتىپ قالىدۇ.
4. مۇھەببەتلەشكەندە قارشى تەرەپنى ئالدىماڭ!
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يالغان گەپ قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلالماي، تاسادىپى يالغان گەپ قىلغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا راست گەپنى قىلىۋېتىڭ.
يالغانچىلىق بىرسىنىڭ كەينىدىن بىرسى تېشىلىپ چىقىۋەرسە، بەلكىم ھەممە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.
5. قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋالماڭ! چىرايىڭىزدىن مەيۇسلەنمەڭ! چىرايىڭىزغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ!
50 يىلدىن كېيىن كىمنىمۇ قورۇق باسمايدۇ؟ كىمنىڭ چېچى ئاقارمايدۇ؟ كىم قېرىمايدۇ؟
بەلكىم سىز كېلىشكەن ئەمەس، بىلىمىڭىز باردۇر. بەلكىم بىلىمىڭىزمۇ يوقتۇ، ئەمما ئىنتايى ئاق كۆڭۈلدۇرسىز، بەلكىم سىزنىڭ ھېچ نېمىڭىز يوق بولىشى مۇمكىن، ئۇ سىزنىڭ شۇ ئادەتتىكى ئدەملىكىڭىزنى ياشى كۆرىشى مۇمكىن.
چىرايىڭىزغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىلىمىڭىزگە ئىشىنىڭ!
6. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ گەپلىرىگە بەك زەڭ سەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
چۈنكى مۇھەببەتلەشكۈچى ئىككىڭلار، قارشى تەرەپ ئەخلاقلىق بولسىلا بولدى. ئەتراپتىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە دوستلىرىغا مۇلايىم بولۇڭ، كۆپ ھاللاردا بەزى ئىشلارغا ئۆزىڭىز سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز!
مېنىڭ يازمىلىرىم ئىزدىنىش تورىغىلا مەنسۇپ! باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ!
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا 210 نەپەر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا ئۆز - ئارا كۆڭۈل بېرىشىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگىچە << مۇھەببەت >> لىشىپ يۈرگەنلەر 50 - 60 جۈبكە باراتتى. مانا ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 3 - 4 يىل بولغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆي - ماكانى ، نىكاھلانغان جۆرىسى بولغاندا قارىسام، ئەينى چاغدىكى << فەرھاد - شېرىن >> لەردىن پەقەت 2 - 3 جۈپلا بىر ئۆينى بېشىغا كېيىش شەرىپىگە ئېرىشىپتۇ. قالغانلىرى بولسا تېرىقتەك چېچىلىپ، << مۇھەببەت >> ى نېسى، ئۆزى نەق يېڭىچە تۇرمۇش ئېقىنىغا غەرق بولۇپتۇ ....
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئېنى - سىڭللارغا تەۋسىيە شۇكى، ھەر ئىشنى دەڭسەپ، يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسكۈلۈك. ھەر ئىشتا مەسئۇلىيەتچان، ئىنسانىي بولۇش لازىم.
10يىل بۇرۇن ئاڭلايدىغان دەرىسكەن، ھېلىھەممۇ كېچىكمەسمەن
ھەي، بۇ يەنىلا كىتابىي سۆز پېتى قېلىپ قالمىسا. تۇرمۇش دېگەن باشقىچە جەڭگاھمىكىن؟
بىرىنچى سۆزلا ماڭا ياقتى .مۇھەببەت ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس بەلكى تىرشچانلىقتۇر
مەن دائىم ئۆزۇمنى قاچۇرۇپلا يۈرىمەن،دىققەت قىلسام بولغۇدەك ...


مۇھاببەتلىشىۋاتقانلار
