قېنى ، كىم ئەڭ ئەقىللىق ؟
مەن سىلەرگە بىر تېپىشماق دەي ، تېپىپ بېقىڭلار . تاپالىساڭلار مەن جازاغا تەييار .
100 دۇر ئۇنىڭ بارمىقى ،
8 ئاياغ ئۈستىدە تۇرمىقى ،
5 بېشى بار ، 4 جېنى ،
نە ئەجەپتۇر 5 شى بېرىپ ، 4 يانمىقى .
ئوبدان ئويلىنىڭلار جۇمۇ .
مەن چۈشىنەلمىدىم. قارىغاندا مەن بەك دۆتمۇ قانداق؟
جىنازا كۆتىرىپ كېتىۋاتقان تۆت ئادەم، جىنازىدىكى ئادەم بىلەن قوشۇلۇپ بەش ئادەم، بەش ئادەمنىڭ ھەربىرىنىڭ 20 دىن بارمىقى(پۇت+ قۇل) جەمىئى 100 بارماق.
قەبرىستانلىققا بەشى بېرىپ تۆتى قايتىپ كېلىدۇ.
شاھماتچىنى قانداق جازاغا تارتساق بولار ؟
مەنمۇ خېلى ئويلاپ تاپالمىغان بۇنىڭ جاۋابىنى ، قارىسام بۇ جاۋاب دەل ئۆزىكەن .
بەش ئادەمنىڭ پۇت- قول بارماقلىرى 100 .
كۆتۈرگەن تۆت ئادەمنىڭ ئايىقى سەككىز .
بىر ئۆلۈك ، تۆت تىرىك --- بەش بېشى بار ، تۆت جېنى .
بىرسىنى كۆمۈپ قويۇپ قالغانلار قايتىپ كېلىدۇ .
ما باللىنىڭ يامانلىغىنى.ئەسسالام ، مېھمان ئەپەندى . جاۋابىڭىز توغرا بوپتۇ . قېنى جازايىڭىز نېمىكىن ؟
يەنە قىيىن تېپىشماقتىن بىرنى ئېيتىڭ، تاپالمىساق كەچۈرۈم قىلىنىسز !ياخشى جاۋاب بىرىپتۇ.
مېھمان ساھىپخاندىن چاققان چىقىپتۇ. مەن دىگىچە...