Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 13:24:05

ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى

ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى

بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا . تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، دۇنيادىكى بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %80 ى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ ، بۇ كېسەللىك بۇ دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە .
دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت ئاياللىرى ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەر بار بولۇپ، ئالدىنقى  3- ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۇيغۇر ، مۇڭغۇل ۋە خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
نۆۋەتتە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى HPV سۆگەل ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ، دەپ قارالماقتا . شۇنداقلا بالىياتقۇ بوينى راكىنى %100 يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك ، دەپ ئېنىقلىما بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ كېسەللىك جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، HPV نىڭ يۇقۇملىنىشىنى توسۇش ۋە راك ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى داۋالاش ئارقىلىق ، بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بالدۇر توي قىلىش ، توي قىلىش قېتىم سانى كۆپ بولۇش ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ھەيز دەۋرىدىكى ناچار تازىلىق ئادەتلىرىمۇ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
مەزكۇر ماقالىدە بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان 245 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئادەتلىرى توغرىسىدا سۇئال - جاۋاب شەكىلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئۇلارغا قارىتا بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىگە ئائىت ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىلدى .


   1 كلىنىكىلىق ماتېرىيال ۋە ئۇسۇل

1. 1   ئادەتتىكى ماتېرىيال
2004 - يىلى 1 - ئايدىن 2006 - يىلى   7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ، خوتەن ۋىلايەتلىك ھەردەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ،1  - ، 2 - خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق جايلاردا بالنىتسىدا يېتىپ داۋالانغان بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇر ئايال بىماردىن 245 نەپىرى تاللىنىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى 23 ياشتىن 85 ياشقىچە ، ئوتتۇرىچە 48 ياش .
2  ئۇسۇل
تەكشۈرۈش جەدۋىلى لايىھىلەپ ھەمدە ستاتىستىكا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، تەكشۈرۈش جەدۋىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى EXCEL سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ X2 نى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى .

3  نەتىجە
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بۇ گۇرۇپپىدىكى 245 نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىنىش سەۋەبى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، شەخسىي تازىلىقى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى قاتارلىقلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق .


جەدۋەل : بۇ گۇرۇپپىدىكى ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ، جىنسىي تازىلىق ھەمدە تۇغۇتتىن ساقلىنىش چارىلىرى توغرىسىدا
ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى
تۈرى                                           سانى                           %
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن سىرتقى
جىنسىي ئەزاسىنى يۇيىدىغانلار             43                           %17.6
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن
سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى يۇيىدىغانلار   156                            %63.7
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن
جىنسىي يولىنى يۇيىدىغانلار                 163                            %66.5
يولدىشىنىڭ باشقا جىنسىي
ھەمراھى بارلار                                61                             %24.9
ئۆزىنىڭ يولدىشىدىن باشقا
جىنسىي ھەمراھى بارلار                     29                               %11.8
1 قېتىم توي قىلغانلار                        138                            %  56.3
2 قېتىم توي قىلغانلار                         79                             %32.2
3 قېتىمدىن ئارتۇق توي قىلغانلار          28                             %11.4
15 ياشتىن بۇرۇن توي قىلغانلار             58                             %23.7
20~16 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا
توي قىلغانلار                                  168                             %68.6
20 ياشتىن كېيىن توي قىلغانلار             19                                %7.8
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش چارىسى
قوللانغانلار                                       95                             %38.8
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش
ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلار                 65                              %26.5
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى
ئىچكەنلەر                                       40                              %16.3
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بىخەتەرلىك
قاپچۇقى ئىشلەتكەنلەر                       12                                %4.9
باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن
ساقلانغانلار                                      7                                 %2.9
ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلار           26                               %10.6
15
ياشتىن بۇرۇن تۇنجىي تۇغۇتىنى
تۇغقانلار                                       19                                 %7.8
20~16 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا
تۇغقانلار                                      175                               %71.4
20 ياشتىن كېيىن تۇغقانلار                51                               %20.8
1 ياكى 2 قېتىم تۇغقانلار                   38                                %15.5
3 قېتىم تۇغقانلار                               35                                %14.3
4 قېتىم تۇغقانلار                              49                                 %0.2
5 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قېتىم
تۇغقانلار                                      123                                %50.2
ساۋاتسىزلار                                   31                                 %12.7
ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەت
سەۋىيىسىگە ئىگە بولغانلار                 214                               %87.3

يۇقىرىقى جەدۋەلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بارلىق بىمارلار ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى دېھقان ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ، تۇغۇت قېتىم سانى كۆپ ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ياكى 15 ياشتىن بۇرۇن توي قىلىپ تۇغقانلار بولۇپ ، مۇشۇ سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋەتكەن .


4  مۇھاكىمە  


بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ، ئاياللار كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بولۇپ ، ئاياللارنىڭ تەن - سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان ، ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە  3- ئورۇندا تۇرىدىغان ، شۇنداقلا ، ئاياللارنىڭ ياشاش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كېسەللىكتىن ئىبارەت . ھازىر پۈتۈن دۇنيا مېقياسىدا ھەر يىلى بۇ كېسەللىكگە گىرىپتار بولىۋاتقان ئاياللار تەخمىنەن 500 مىڭ نەپەر بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 200 مىڭ نەپەر ئايال مۇشۇ كېسەللىك تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلماقتا .
نۆۋەتتە ، بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى بىردىنبىر ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى ، دەپ قارالماقتا . دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ بۇ خىل كېسەللىكگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ ، جۈملىدىن رايونىمىز شىنجاڭدىمۇ بۇ خىل كېسەللىكگە گىرىپتار بولغان ھەمدە مۇشۇ كېسەللىك تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل HPV بىلەن يۇقۇملىنىش بولۇپ ، بۇ خىل يۇقۇملىنىش جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ . تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، توي قىلىش يېشى ، ھامىلىدار بولۇش قېتىم سانى كۆپ بولۇش ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ، تۇنجىي قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن يېشى كىچىك بولۇش ۋە جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئامىللار بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ئىبارەت .
Slattery قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە ، جىنسىي ھەمراھى 10 دىن ئارتۇق بولغان بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ، يېڭى بايقالغان بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ %36 نى ئىگىلىگەن . جىنسىي ھەمراھى  6دىن ئارتۇق ، تۇنجىي قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن يېشى 15 ياشتىن بۇرۇن بولغانلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى  5دىن 10 ھەسسە ئېشىپ بارىدىكەن ، دەپ كۆرسىتىلگەن .
مەزكۇر ماقالىدە بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ، تۇغۇت قېتىم سانى كۆپ ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ياكى 15 ياشتىن بۇرۇن توي قىلىش ۋە تۇغۇش قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىۋېتىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شۇڭا ، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، جىنسىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، يەرلىك ئاممىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى بىلىملىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چۈشىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ؛ بالدۇر توي قىلىش ، كۆپ توي قىلىش ، كۆپ تۇغۇشتەك ساغلام بولمىغان تۇرمۇش خاھىشلىرىنى تۈگىتىش؛ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەندە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىن باشقا يەنە جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ھەمدە بۇ ئارقىلىق جىنسىي يولى ئارقىلىق HPV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسەللىكى ئالدىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاش مەقسىتىگە يېتىش ، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش ۋە مۇشۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىنتايىن زۆرۈر .

يۈكسەل بلوگى

http://www.yukselblog.com

bighubar يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 08:47:13

بۇ تېما ئاياللار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ.  قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش بەك مۇھىم، لېكىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز تەكشۈرتۈشكە بەك سەل قارايمىز.

SNAKE يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 22:35:10

بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەش دېگەن قانداق كېسەل ؟ يامان تولا ئاڭلاپ كەتتىم ھەقسىز گۇاڭگاۋ دىن ....
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى