zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 22:49:34

ماڭا قالدۇرغان ئەسلىمىلىرىڭگە رەخمەت

ماڭا قالدۇرغان ئەسلىمىلىرىڭگە رەخمەت

بۇگۇن توي قىلغىنىمىزغا توپ –توغرا 15يىل بولغان كۇن ،ھەر يىلى مۇشۇ كۇننى ئوغلۇم تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى  سەن بىلەن ئىككىمىز خۇددى تۇنۇگۇن توي قىلغان كۇندەكلا بەخت ۋە شىرىن ئەسلىمە ئىچىدە ئوتكۇزەتتۇق ،ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالتە ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنىدە سىلەر قاچان توي قىلغان ؟دەپ تاساددىپى سوراپ قالدى، سەن شۇنداق خوشاللىق بىلەن جاۋاپ بەردىڭ ،ئوغلۇم سىلەرنىڭ توي خاتىرە كۇنىڭلار بۇندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ بايرام كۇنى بولسۇن ،مەن چوڭ بولساممۇ نەدە بولسام بۇ كۇنى مەن ئويگە قايتىپ بىللە بايرام ئوتكۇزىمەن دىگەندە سەن شۇنداق خوشال بۇلۇپ ،ئوغلۇمنى كوتەرگەنچە نەچچىنى پىرقىرتىۋەتكەن ئىدىڭ ،راست شۇندىن كېيىن ھەر يىلى بۇ كۇندە بىز ئائىلىۋى شاتلىققا چومەتتۇق ،بالىلىرىمىز بىز ئۇچۇن خوشال بۇلۇشۇپ بالىلارچە تەييارلىق بىلەن بىزنى كۇتەتتى ،سوۋغىلارنى بىرەتتى ،لېكىن ئائىلىمىزنىڭ بۇ شاتلىقىغا ئۇششۇك تەگدى .

شۇ كۇنلەردىكى ئاشۇ گەپ –سوزلەر شۇ كۇنلەردىكى ئاشۇ مەنزىرە كوز ئالدىمدا ھازىر يۇز بەرگەندەك تۇرۇدۇ .پەستىكى ئىشخانىدىن ماتىرياللارنى ئېلىپ ئىشخانىنىڭ يېنىغا كىلىشىمگىلا ،خىزمەتدىشىم پەرىحەنىڭ :توۋا نۇرنىساعا ھەيرانمەن ،ئائىلىسىدە شۇنچە ئىشلار يۇز بەرسىمۇ شۇنچە روھلۇق ھىچ قانداق ئىش يۇز بەرمىگەندەك يۇرۇيدۇ ،ھەممىنى ئىچىگە سولاپ نىمە قىلىدۇ ؟ ،ئۇنىڭدىن كورە بىزگە دەۋەتسە ئىچى بوشاپ قالمامدۇ ؟دىگەنلىرى قۇلۇقۇمعا كىردى ئۇلار نىمىنى دىيىشىۋاتىدىعاندۇ ؟حاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ –يە دىگەننى ئويلىعاچ ئىشحانىعا كىردىم ،حىزمەتداشلىرىم نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۇنى –بۇنى تىتمىلاپ تۇراتتى ،مەنمۇ نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي ئوز ئىشىم بىلەن مەشعۇل بۇلۇۋەردىم ،لېكىن كاللامدا حىلمۇ –حىل سۇئاللار قاينايتى ،ئاحىرى كەچ بولدى ،كوڭلۇم يېقىن خىزمەتدىشىم ئالىيەنىڭ ئويىگە كىردىم ،ئۇ خۇددى نىمە ئۇچۇن كىرگنلىگىمنى بىلگەندەكلا ماڭا شۇنداق تۇزۇت قىلىپ كەتتى .مەن گەپنى ئۇدۇل دەۋەردىم نىمە ئىش بولدى؟ ،ماڭا ئۇچۇق دىگىن ،ئالىيە بىردەم يەرگە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن: ئاداش ئىشخانىدا ھەممىسى يولدىشىڭنىڭ مەخپى ئويلەنگەنلىك ئىشى توغىرسىدا غۇل –غۇلا قىلىشىۋاتىدۇ دىدى ئۇ ناھايتى تەستە ،مەن دەماللىققا نىمە دىيىشنى نىمە قىلارىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم ،راست گەپنى دىسەم پەقەت ئىشەنگىم كەلمىدى ،نىمە دەۋاتىسەن؟ نىمە دىگىنىڭ بۇ؟ كىمنىڭ ئېرى ؟مېنىڭ ئىرىمما ؟بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئۇ ئىلگىركىدەكللا ناھايتى ياخشى تۇرسا ،خزمىتى ئالدىراش ئويگە ۋاختىدا كىلەلمەيدۇ –شۇ،دىدىممەن ئالىيەگە  .ئالىيە ناھايتى تەسلىكتە :ئاداش بۇ ئىشنى پەقەت سەنلا بىلمەيسەن ھەممىمىز بىلىمىز ،ھەتتە ئوز كۇزى بىلەن كورگۇچىلەرمۇ بار ،ساڭا دىيەلمىدۇق شۇ .مەن نىمە دىيىشىمنى نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئاستاعىنە حوشلۇشۇپ يېنىپ چىقتىم .

شۇنچە ئازادە كەڭرى ئويمۇ ماڭا تار بىلىنىشكە باشلىدى ،ھاۋا شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ پۇتۇن  جاھان مۇزلاپ كىتىۋاتقاندەك تىترەپ كېتىۋاتاتتىم ،ئىچ –ئىچىمدىن يىغا قاپساشقا باشلىدى مۇنچىغا كىردىم سۇنى شارقىرتىپ چۇشۇرگىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدىم دەل شۇ چاغدا سەن كەپ قالدىڭ ،مەن دەرھال يۇزلۇرۇمنى سۇرتۇۋېتىپ ئالدىڭغا چىقتىم ،سەن كۇلۇمسىرگىنىڭچە قاراڭ ،سىزگە دەپ جاڭگال كاۋاپ ئەكەلدىم دەپ ،مەن ئامراق جاڭگال كاۋىپىنى ئۇستەل ئۇستىگە قويدۇڭ ،مەن خۇددى سېنى ئۇزاقتىن بېرى كورمىگەندەك ساڭا شۇنچىلىك سىىنچىلاپ قاراپ كەتتىم ،سەن بۇنى تۇيمىدىڭ لېكىن سەن سىزگە نىمە بولدى كوزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتىغۇ ،بىرەرسى رەنىجىتتىمۇ ؟،بالىلار خاپا قىلدىمۇ – يە؟دەپ ماڭا ناھايتى كۇڭۇل بۇلۇپ گەپ سوراپ كەتتىڭ .مەن ھىچنىمە دىگەنچە لېگەن ئەچىقىشقا ئاشخانا ئويگە كىرىپ كەتتىم ،بالىلار چۇرقىراشقانچە يىيىشكە چۇشتى ،سەن ماڭا مەن ئامراق قىزىرىپ ،قۇرۇپ پىشقان يەرلىرىنى تاللاپ ئېلىپ بىرەتتىڭ ،مېنىڭ ھىچنىمىگە كوڭلۇم يوق ،يىمەي لېگەنگە قۇيۇپ قويدۇم ،سەن نىمە بولدى دىسەم دىمەيسىز ،نىمىشقا يىمەيسىز دىگەنچە ماڭا ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى زورلايتىڭ .

كېچە سەن ئۇخلاپ قالدىڭ لېكىن مېنىڭ كۇزۇمگە ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس ،سېنىڭ يىنىك خورەك تارتىپ ئۇخلاشلىرىڭغا قاراپ يەنە خىياللارغا غەرق بولدۇم .ئالىيەنىڭ دىگىنى راستمىدۇ ؟مېنىڭ ئىرىم شۇنداق ئىشنى قىلارمۇ ؟ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا بىرەر ئالامىتى بۇلار ئىدى ،بەزى دوسلۇرۇمدىن ئاڭلىشىمچە ئەرلەر ئوزگەرسە ،ئويدە ھىچنىمە كۇزىگە كۇرۇنمەسمىش ،بالىلارنىمۇ شۇنداق سەتلەپ ،ئىشىكنى تىپىپ كىرىپ تىپىپ چىكىتەرمىش ،ھەتتا ئەتكەن تاماقمۇ تېتىماسمىش،لېكىن سەندە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھىچ قايسسى يوق ئىدى .چۇقۇم ئۇلارنىڭ تاپقان گېپى ،مېنىڭ بەختىمنى كۇرەلمايۋاتامدۇ –يە ،بولدى خەقلەرنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي ئوزەمگە ،ئوزەمنىڭ ئېرىگە ئىشىنەي ،باشقىلار نىمە دىسە دەۋەرسۇن .ئەتىگەندەسەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەن ياخشى كۇرۇدىغان چوچۇرىنى سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بولغىچە ئۇستەلگە ئەكىلپ بولدۇم ،سەن ئىشتىھايىڭ بىلەن ئىككى چىنە ئىچىپ ئىشقا كەتتىڭ .

مانا كۇرۇشنى ئارزۇ قىلمىغان كۇن ئاخىر كەلدى ،بۇ كۇنى دەل يەكشەنبە بولغاشقا ئويدە ئارام ئالغان ئىدىم ،بىر دوستۇمدىن تېلىفۇن كەلدى :ئاداش خوشنا ناھىيەگە بېرىپ كىلەيلىچۇ ،بەرىبىر دەم ئېلىش بولغاندىكىن كۇرۇپ كەلمەمدۇق ،مەن دوستۇمغا سەن بىلەن كۇرۇشۇپ ئاندىن جاۋاپ بىرىشنى ئېيتىم ،لېكىن سەن ئالدىنقى كۇنى يېزىغا بارىدىىغانلىقىڭ ئويگە قايتالمايدىغانلىقىڭ توغۇرلۇق ماڭا تېلفۇن ئۇرغان ئىدىڭ ،ساڭا بىر قانچە قېتىم تېلفۇن قىلدىم تېلفۇنىڭ پەقەتلە ئۇلانمىدى،دوستۇمنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن ،ئاخىر بالىلارغا دەپ قۇيۇپ خوشنا ناھىيەگە كەتتىم .بىز بىر قانچە دۇكاننى ئارلاپ بۇلۇپ شۇ ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ سودا سارايغا كەلدۇق ،مەن دۇكاندا بىر كىيىمنى كۇرۇۋېتىپ سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم ،شۇنداق بېشىمنى كوتۇرۇپ قارىسام سەن ئۇدۇلدىكى دۇكاندا xx نىڭ كىيىم تاللىشىغا قاراپ تۇراتتىڭ  ئوز كۇزۇمگە ئىشەنگىم كەلمىدى ،ھاڭۋاققىنىمچە قېتىپ قالدىم سەن قولتۇقلاشقانچە كوز ئالدىمدىن ئۇتۇپ كەتتىىڭ ،كوز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ،پۇتۇن جاھان چۇگلەۋاتقاندەك ..........

داۋامى بار

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 14:07:35

داۋامىنى كۈتىمىز.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 14:35:15

ئايالى ئېرىنى سەن دەپ ئېرى ئايالىنى سىز دىسە ھەجەپ تۇرىدىكەن دىسە  

etirgul يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 15:20:24

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 17:11:46

ئەتىگەندە چۆچۈرە تۈگۈپ بېرىدىغان ھەجەپ ياخشى خوتۇنكەندۇق ...............ھېييييييييييييييييييييييييييي ،ئەتىگەندە تۇخۇم چايغا نان چىلاپ قويسا خوش بولۇپ يۈرىمەن مانا

SNAKE يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 18:49:00

5-قەۋەتتىكى تورداش بۇ ئىش بولماپتۇ .

YAPIRAK يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 18:51:14

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 19:06:22

داۋامى...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 21:01:05

يىلان ئەپەندى قانداق قىلىمەن ئەمدىچۆچۈرە دىگەننى دەم ئېلىش كۈنلىرىلا كۆرۈش مۈمكىنپىنسىيىگە چىققاندا تارتىنىپ تۇرۇپ دەپ باقارمەن بولمىسا \" ئەتە ئەتىگەن چۆچۈرە ئىچكىم كېلىۋاتىدۇ \" دەپ

zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 23:13:11

ماڭا بۇ يەردىكى نە كىيىم، نەمۇھىت كۇزۇمگە كۇرۇنمەيدۇ ، دوستۇمنىڭ سوزى قۇلۇقۇمغا كىرمەيدۇ مەن بەئەينى سېزىمىنى يوقاتقان ئادەمدەك ناھايتىمۇ روھسىز ،ناھايتىمۇ  چۇشۇنۇكسىز بىر ھالەتكە چۇشۇپ قالغان ئىدىم ،دوستۇم: نىمە بولدى ساڭا؟بايا بىر ئوبدان تۇراتتىڭ دىگەندەك بىر مۇنچە سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى مەن مىجەزىمنىڭ يوقلۇغىنى ،بېشىمنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتكەنلىگىنى ،ئويگە قايتمىسام بولمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ ،قايتماقچى بولدۇم دوستۇممۇ مېنىڭ كوڭلۇمنى دەپ مەن بىلەن بىرلىكتە قايتىپ ماڭدى .ماشىنىدا كېتىۋاتىمەن كاللام قۇپ –قۇرۇق ،روھىم ئولگەن بولسا كېرەك ،ئويگە قانداق قايتىپ كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن .

سەن شۇ كۇنى كەچتە يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا يېزىدىكى ئىشلارنىڭ تۇگەپ بىرقانچە ئاغىنىلىرىڭ بىلەن تاماق يىگەنلىگىڭنى ئېيتىپ قايتىپ كەلدىڭ ،سەن بۇرۇنقىدەكلا شۇنداق نورمال ،خۇددى سەندە ھىچقانداق ئوزگىرىش يۇز بەرمىگەندەك تەبى ھالەتتە شۇنداق قىزغىن ئۇچۇق – يۇرۇق تۇراتتىڭ .ساڭا قاراپ تېخىمۇ ئەقلىمنى يوقۇتۇپ قوياي دىدىم ،مەن خاتا چۇشۇنىۋالدىممۇ –يە لېكىن مەن خاتا چۇشۇنىۋالغىدەك ئادەتتىكى مەنزىرە بولمىسا ئۇ ،ئادەم دىگەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمگە مۇشۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا بۇلالىسا ،بۇنداق كەيپىياتنى نورمال ساقلاش نىمە دىگەن ئۇستۇلۇق ،نىمە دىگەن كاتتا ماھارەت بۇ ،ساڭا راست ھەيران قالدىم 15 يىلدىن بۇيان سېنى قايتا كورۇۋاتقاندەك بولدۇم .ساڭا شۇنداق تىكىلىپ قارىساممۇ سەندە ھىچ بولمىغاندا ئانچە –مۇنچە خۇدۇكسىرەش ،ئوڭايسىزلىنىش ئالامىتى كۇرۇنمەيتتى ،ساڭا ئېغىز ئاچاي دىدىم لكىن ساڭا قانداق ئېغىز ئېچىشنى ،گەپنى قايەردىن باشلاشنى بىلەلمىدىم .ئۇخلاش ئۇچۇن ياتاق ئويگە ماڭدىڭ ئۇخلىمامسىز ؟مەن ئازراق ئىشىم بارلىغىنى ئېيتىتىم ،مېنىڭ ئۇخلۇغۇم يوق ،بۇلۇپمۇ سەن بار ئويگە كىرگىم ،سېنى كورگۇم يوق ،سەن ھازىر بۇرۇنقى مەن ئۇچۇن ۋاپادار ،بالىلار ئۇچۇن مەسئۇليەتچان دادا ئەمەس ،بەئەينى بىر يالماۋۇزدەك ھازىرنىڭ ئوزىدە بۇ ئوينى  پۇتۇن يۇتۇپ ۋەيران قىلىۋاتىدىغاندەك كۇرۇنۇپ كىتىۋاتاتتىڭ.

كېچە سەن داۋاملىق تاتلىق ئۇيقۇدا ،مېنىڭ كۇزۇمگە ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس ،سەن بىلەن تۇنۇشقان ئاشۇ بالىلىق چاغلار بىرگە ئوتكۇزگەن ئاشۇ گۇزەل كۇنلەر كوز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك بىر بىرلەپ ئوتمەكتە .ئۇچۇنچى سىنىپتىكى چاغدا  ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئوي كۇچۇشى سەۋەبى بىلەن مەنمۇ مەكتەپ ئالماشتىم ،مەن سىنىپقا كىرگەن بىرىنچى كۇنى مۇئەللىم مېنى كىمنىڭ قېشىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالدى ،ھەقىقەتەنمۇ سىنىپنىڭ ئىچىدە بوش ئۇرۇن يوق ئۇزۇن ئۇرۇندۇقلاردا لىققىدە ساۋاغداشلار ئولتۇراتتى ،سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ: مۇئەللىم بۇ يەردە ئولتۇرسۇن بىز پاتىمىز دىدىڭ ،مۇئەللىم مېنىڭ بۇيۇمنىڭ ئىگىزلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ئارقىدىكى سېنىڭ يېنىڭدىكى ئۇرۇنغا مېنى جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ،تەقدىرىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانسا كېرەك ،سەن :مەن ئولتۇرا – ئولتۇرمايلا ئىسمىڭىز نىمە ؟دەپلا گەپ باشلاپ كەتتىڭ مەن ساڭا ئالىيىپ قارىغىنىمچە (مەن ئۇ چاغلاردا بەك قوپال ئىدىم )ئىسمىمنى سوراپ نىمە قىلىسەن يېغىردان(سېنىڭ ئېغىزىڭنىڭ چورىسىگە شۇنداق قوقاق ئورلەپ كەتكەن ئىدى) دىدىم ئاچچىغىم بىلەن ،سەنمۇ ناھايتى ئاچچىغىڭ بىلەن :نىمە دەيدۇ ماۋۇ سەھرالىق ئىسمىنى سوراپ قويسام ،دىگىنىڭچە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بالىلارنى باشقۇرۇشقا چۇشتۇڭ ،بىلسەم ئەسلىدە سەن ئىزچىل سىنىپ باشلىغى بۇلۇپ كىلىۋاتقان ئىكەنسەن ،گەرچە بىز سوقۇشۇپ تۇرۇپ تۇنۇشقان بولساقمۇ ناھايتى تىزلا چىقىشىپ كەتتۇق ،سەن داۋاملىق ماتىرياللىرىڭنى قالايمىقان تۇتاتتىڭ مەن ئۇنى رەتلەپ ھارمايتىم خۇددى مېنىڭ مەجبۇريىتىمدەك ،ھەر قېتىملىق سىنىپ تازلىغى ماڭا كەلگندە سەن ئوزلۇگىڭدىن ماڭا ياردەملىشەتتىڭ، مەكتەپتىن ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرسا سەن نەدىن تاپاتتىڭكىن ئاتايىن ۋېلىسپىتتىن بىرنى تېپىپ كىلەتتىڭ (ئۇ چاغلاردا ۋېلىسىپىتى بارلار ۋېلىسپىتتا بولمىسا پىيادە باراتتۇق ) سەن ۋېلىسپىتنى مىنىپ كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن كوزلەر ئۇمۇت بىلەن ساڭا قارايتى ،سەن مۇئەللىمگە ياردەملىشىپ بالىلارنى ماڭدۇرۋېتىپ مېنى مىندۇرگىنىڭچە ئېلىپ ماڭاتتىڭ ،بالىلاردىن ئۇزۇغاندىن كېيىن ئاستا ۋېلىسپىتتىن چۇشۇپ چاپىنىڭنى ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ئاستىمغا قۇيۇپ بىرەتتىڭ ،بىر قېتىملىق ئىش شۇنداق يادىمدىن چىقمايدۇ بىز بىر گورۇپتىكىلەر كوچەتنى بالدۇر تىكىپ بۇلۇپلا ئەكەلگەن تامىقىمىزنىمۇ يىمەي ،مۇئەللىمگىمۇ دىمەي قىزىل مىڭ ئوينى كورگىلى قېچىپ كەتتۇق ،سەن شۇ يەردە قىزىل مىڭ ئويگە قاراپ تۇرۇپ مەنمۇ سىزگە مۇشۇنداق ئويدىن بىرنى سېلىپ بىرىمەن دىگەن ئىدىڭ، يۇزۇم شەلپەردەك قىزىرىپ يۇگۇرگىنىمچە باشقا ساۋاغداشلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىۋالغان ئىدىم ،شۇ كۇنى بىز ئەمگەكتىن قايتىپ كەلگۇچە بىر ئېغىزمۇ گەپلەشمىدۇق .كۇنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئوتۇۋەردى يۇقۇرى يىللىقلارغا چىققانچە دەرسلىكلىرىمىزمۇ كوپۇيۇپ ئوگۇنۇش بېسىمىمىز ئېشىپ باردى ،بىز كۇندۇزى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرساق كەچ ۋاختى بىر ئۇستەلنى چورىدەپ كىمنىڭ ئويىگە نوۋەت كەلسە شۇنىڭ ئويىدە بىرگە ئوگۇنۇش قىلاتتۇق ،ئوگۇنۇش تۇگىگەندىن كېيىن ھەممىنىڭ ئالدىدا ساۋاغداشلار بىلەن بىرلىكتە مېنى ئويگە ئەكىلىپ تا مەن ئويگە كىرىپ كەتكىچە قاراپ تۇراتتىڭ ،‹‹مەڭگۇلۇك مۇھابەت ››كىنوسى يېڭى چىققان چاغ بولسا كېرەك سەن ماڭا ئىككى تال كىنو بېلىتىنى بىرىپ كەچتە دوستىڭىز بىلەن كۇرۇڭ بەك ياخشى كىنوكەن دەپلا كېتىپ قالدىڭ ،كىنوخانا بىزنىڭ ئويگە يېقىن بولغاشقا ئاپامغا دەپ يۇرۇپ خوشنىمىزنىڭ قىزى بىلەن بىرلىكتە كىنوغا باردىم ،كىنوخانىغا كىرىپ ئولتۇرشۇمغىلا سەن خۇددى ئاسماندىن ئۇنگەندەكلا يېنىمدا پەيدا بولدۇڭ ،كىنو تۇگىدى سەن خوشنىمىزنىڭ قىزى بولغاشقا ئۇن چىقارماي ئارقىمىزدىن تا بىز قورۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكىچە بىرگە كەلدىڭ ،ئەتىسى كەچلىك مۇزاكىردىن يېنىپ مېنى ئويگە ئەكىلىپ قۇيىدىغان چاغدا :كىنو ياخشىمىكەن؟ دەپ سورۇدۇڭ،مەن ھەئە دىگىنىمچە گەپ سوز قىلمىدىم ،سەن بىر نەرسە دىمەكچى بولدۇڭيۇ توختاپ قالدىڭ .يەنە شۇ ئالدىرش ئوەۇنۇش قاينىمى ئىچىگە چۇكۇپ كەتتۇق ،سەن بارغانسىرى ماتىرياللارنى قالايمىقان تاشلايدىغان بۇلۇۋالدىڭ، خۇددى مەن سېنىڭ ماتىريال رەتلىگۇچىڭدەك ماتىرياللىرىڭنى قالايمىقان تاشلاپ چىقىپ كېتىۋىرەتتىڭ ،مەن ئاخىرى بۇلالماي بىر كۇنى سىزغۇچ ئەكىلىپ ئۇرۇندۇق –ئۇستەلنى ئولچەپ ئىككىمىزنىڭ دائىرسىنى ئايرىدىم ،لېكىن بۇ ئامال ساڭا كار قىلمىدى .ئاخىرى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى باشلاندى ،گەرچە ئارزۇ تولدۇرۇدىغان جەدۋەلنى ئوخشاش تولدۇرغان بولساقمۇ نۇمۇر پەرقىمىز تۇپەيلى ئىككىمىزگە ئىككى شەھەردىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى ،بىرسىمىز شىمالغا ،بىرسىمىز جەنۇپقا قاراپ يولغا چىقتۇق ،گەرچە بىز ئىككى شەھەردە بولساقمۇ خەتلىرىمىز ئۇزۇلمەيتى ،سەن خېتىڭدە ئارتۇقچە گەپ،سېغىنىش ھىسياتىنى ئىپادىلمەيتىڭ ،لېكىن خەتلىرىڭدىن ماڭا بولغان كۇيۇنۇشۇڭ ،چوڭقۇر مۇھابىتىڭ چىقىپ تۇراتتى ،ئالى مەكتەپتە بىر قانچىسى ماڭا مۇھەببەت تەلىۋىنى قويغان بولسىمۇ خۇددى مەن ساڭا ۋەدە بەرگەندەك (گەرچە سەن ماڭا ھەقىقى يۇسۇندا مۇھەببەت تەلىۋىنى قويمىغان بولساڭمۇ )،ئوز- ئوزەمگە ۋەدە بىرىپ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلاتتىم ،ھەر قېتىم سېنىڭ خېتىڭنى كورگەندە ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىق ،غېرىپلىق مەندىن بىراقلا كوتۇرلۇپ كەتكەندەك بۇلاتتى .ئاخىر ئوقۇشمۇ تۇگىدى توينىمۇ قىلدۇق ،تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختكە چومدى ،سەن توي بولغان ئاخشىمى كۇچۇرۇپ كەلگەنلەر كەتكەندىن كېيىن ،مەكتەپتە ئۇرۇندۇقنى سىزغۇچ تارتىپ ئايرىپ قۇياتتىڭىز كارۋاتنىمۇ ئايرىپ قويمىغانسىز –ھە دىگەن ئىدىڭ ،يۇزلۇرۇم ئوت بۇلۇپ ياندى ،بىز بۇكۇنلەرنى مەكتەپتىكى بىر –بىرىمىزنى ئەسلەش ،ساۋاغداشلار بىلەن ئوتكۇزگەن مەنىلىك مەكتەپ ھاياتىمىزنى بىر –بىرىمىزگە ھارماي سوزلەش بىلەن تاڭلارنى ئاتقۇزۋىتەتتۇق ،مانا مۇشۇنداق بەخت ،خوشاللىق ئىچىدە مۇھەبىتىمىزنىڭ مەھسۇلى بولغان تۇنجى پەرزەنتىمىز دۇنياغا كەلدى ، ئائىلىمىز چەكسىز شاتلىققا چۇمۇلگەن ئىدى .

بىر كۇنى سەن ئىككى دانە قول تېلفۇننى كوتۇرۇپ ناھايتى خوشاللىق بىلەن كىرىپ كەلدىڭ ،قاراڭ تېلفۇن ئالدىم ،نىمە قىلاتتىڭ پۇلنى زايە قىلىپ ماڭا ئېلىپ، دىدىم مەن ،سەن ناھايتى خوشاللىق بىلەن مۇشۇ تېلفۇن بۇرۇنراق چىقسا بولمامتى دەيمەن ،بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتى كۇندە سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ تۇراتتىم دىدىڭ سەن شۇنداق مېھرىڭ بىلەن ،مەن تۇمشۇغۇمنى ئۇچلايتىپ تۇرۇپ:توۋا قېرىغاندا نىمە دەيدىغاندۇ –بۇ دىدىم ،سەن تېخىمۇ مېھرىڭ بىلەن،بىز قېرىمىدۇق بىزنىڭ مۇھاببىتىمىز مەڭگۇ قېرىمايدۇ دىدىڭ .سەن ماڭا كۇندە نەچچە رەت تېلفۇن قىلاتتىڭ ،ئوتكەن يىلى شۇنداق ئېنىق ئىسىمدە سەن ئەتىگەندىلا خوشنىمىزنىڭ ۋېلىسپىتىنى ئېلىپ مېنى توۋلىدىڭ نىمە ئىش قىلىمىز ؟ بۇلۇڭ پەسكە تىز چۇشۇڭ مەن ئالدىراپ چۇشتۇم سەن مېنى مىندۇرگەنچە شۇنداق سوغۇققا قارىماي ،بىز يېڭى توي قىلغاندا داۋاملىق سەن مېنى ۋېلىسپىتكە مېندۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان كونا جايغا ئېلىپ باردىڭ ،سەن شۇنداق ھاسىراپ كەتكەن ئىدىڭ ،مەن بۇرۇنقىدىن كوپ سەمىرىپ كەتكەن ئىدىم ،مەن :نىمە ئىش بولدى؟ بۇ يەرگە نىمىشقا كىلىمىز ؟دىدىم ساڭا سۇئال نەزىرى بىلەن ،سەن كۇلگىنىڭچە :بۇگۇن قانداق كۇن بىلەمسىز ؟بۇگۇن دىگەن ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى ،سىز ۋېلىسپىتلىق ئايلىنىشنى ياخشى كۇرەتتىڭىزغۇ،كىلەر يىلى نىمە ئىشلار بۇلۇدۇ بۇنى ئاللا بىلىدۇ ،شۇڭا بۇ يەرگە كەلدۇق دىدىڭ سەن خۇددى مۇشۇ ئىشلارنى سەن ئالدىن بىلىدىغاندەك ،سېنىڭ قاتتىق خورەك تارتىشىڭ بىلەن خىياللىرىمدىن چوچۇپ ئويغاندىم .

مەن قانداق قىلاي ؟سېنى ئويغۇتايمۇ ؟ساڭا ھەممىنى كورگەنلىرىمنى ،ئاڭلىغانلىرىمنى دەيمۇ ؟ياقاڭغا ئېسىلىپ نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق قىلغانلىغىڭنى ،ماڭا نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق ئازار بېرىدىغانلىغىڭنى ئېيتايمۇ ؟ ئېيتسام نىمە بولماقچى سەن مېھرىڭنى ئۇزەلەرسەنمۇ ؟ ئالاقەڭنى ئۇزۇپ ئەسلىڭگە قايتساڭمۇ مېنىڭ كوڭلۇم سېنى قۇبۇل قىلارمۇ ؟ مەن سېنى ياخشى كۇرەتتىم سېنى ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغانلىغىڭ ئۇچۇن ئەمەس سېنىڭ سەن بولغانلىغىڭ ئۇچۇن ياخشى كورەتتىم .مەن قايسى ئىشنى خاتا قىلدىم ؟ئائىلىدە ئاياللىق بۇرچۇمنى ،ئانىلىق مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلالمىدىممۇ ؟مەن خاتا قىلغان تەرەپ بولسا مەن تۇزۇتەتتىمغۇ ؟ مەن بالىلارغا نىمە دەيمەن ئۇلارغا سېنى باشقا خۇتۇن ئېلىۋاپتۇ دىيىشىم كېرەكمۇ ؟بۇ مۇمكىنمۇ بۇنى بالىلار كوتۇرەلەمدۇ ؟

مەن نىمىشقا ئاڭلايدىغان ،كۇرۇدىغان بۇلۇپ قالغان بولغۇيدۇم شۇ گەپلەرنى ئاڭلاشتىن ،شۇئىشلارنى كۇرۇشتىن ئاۋال ئاڭلىماس ،كورمەس بۇلۇپ قالسامچۇ ؟سېنىڭ قەلبىمدىكى ئوچمەس ئوبرازىڭ مەن ئۇچۇن بىر شام ئىدىغۇ ؟.

ماڭا بۇ ئائىلىدە نىمە قالدى؟ سەن بىلەن ئوتكۇزگەن ئاشۇ گۇزەل ئەسلىمىلەرمۇ ؟ئىككى بالىمۇ ؟ياسىداق ئويمۇ ؟ ياق ماڭا ھەممە نىمە قالدى مەن ئولگەن،روھى، مۇھاببىتى،ئەقىدىسى ئولگەن ئادەم نىمىنى بىلەتتى ؟ مەن سەن بىلەن داۋاملىق ياشاي تا سەن بۇ تۇرمۇشتىن ۋاز كەچتىم دىگۇچە ،سەن بۇ ئويدە بۇگۇندىن باشلاپ مەن ياخشى كۇرۇدىغان ئەر ئەمەس ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بول .

2008- يىلى 11- ئاي

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 07:59:10

ئاخىرى باردەكلا...ئاخىرنىمۇ يېزىۋېتىڭە.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 12:11:44

ئا ئاداش نەدىن ئۈگەنگەندۇ ئا ماھارەتنى؟

مىنى نەدە دەپ سورىسا قورقۇپ كىتىپ قىزلار بىلەن ئولتۇرۋاتقان دەپ قۇيۇپ بالاغا قالىمەن دىسە.

بىرەر قىزبالا بىلەن ئولتۇرۇپ قالسامغۇ ئىش با...

10-قەۋەتتىكى يولداش ئوبدان گەپ قىپتۇ. يەنە نىمىش قىلسىڭىز ئايالىڭىز خوش بۇلىدۇ، ئۈگۈنۋېلىپ ئايالىمنى بىر كۈلۈمسۈردۈرۋىتەي.

  ئۆيگە بېرىپ خوتۇننىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قۇيىتىم راس...  كەچۈرۈڭلار مەن ماڭاي!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 12:21:18

ئاخىرى شۇنداق بولۇپ تۈگىگەن بولامدا؟ھىكايە دەپ مۇئامىلە قىلاي دىسە يەنە تۇرغان.

توي قىلىپ باقمىغاندىكىن بىلمەيدىكەنمەن.

<<ئەسەردىكى مەن>> شۇنداق ئىچىگە دىمىنى يۇتۇپ قانچىلىك ئۈتەلەر؟

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 19:06:17

مۇھاببتە شۇنداق شەخسىيەتچى نەرسىمىدۇ؟ گۇھەردەك2 بالا، ئىللىق  ئائىلە، يەنە تېخى سۇلكەتلىك كۇيۇمچان ئەرمۇ ،كۆزىگە كۇرۇنمەپتۇ دىسە؟

دىمەك ئۇ ئەر پەقەت ۋە پەقەت سىز ئۇچۇنلا يارتىلىپتىكەندە؟؟؟ئۇنىڭدىن سىزگە ئوخشاش يەنە بىرىنىڭ مۇھاببەت سورىشى شۇنچىلىك ئېغىر ئەپ كەتكۇدەك ،شۇنچىلىك ۋايساپ قاخشاپ كەتكۇدەك ئىشمۇ؟

شۇڭىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاياللارنىڭ كۇپۇنچىسى دوزاختا بۇلىدۇ دەپكەن، چۇنكى سىلەر بىر ئۆمۇر ياخشىلىق كۆرگەن ئەرگە تۇزكۇرلۇق قىلىسىلەر ئەمەسمۇ، خۇددى يۇقىردىكىدەك،

http://www.choghlan.com/munbar/forum.php?mod=viewthread&tid=8231

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 20:06:33

ھۆكۈمەتتنىڭ قوينىدا تەڭگە -تەڭ ئىشلەپ، ئۆيگە كەلسە يەنە ئەرنىڭ كىيىم-كېچەك قورسىقىغا ئىشلەپ، بىر ئۆمۈر ياخشىلىق كۆرگۈزگەن ئايالىغا قانائەت قىلماستىن، باشقىلاردىن ئاتالمىش \"مۇھەببەت\" نى تەلەپ قىلغان ئەرنى تۈكۈرۈپ تاشلىۋەتسىمۇ ئەرزىيدۇ.

zilala يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 20:58:45

قاتىل 731 سىز مەزمۇننى كورمەيلا ئىنكاس يازامسىز نىمە ؟ئالدى بىلەن كۇرۇۋاراق بىر نەرسە دەرسىز .

بۇيەردە ئەرنى پەقەت ئايالى ئۇچۇنلا يارتىلغان دىمىدى ،توغرا بىر ئەرگە 41 خۇتۇن ھالال دەيدىكەن ،لېكىن شەپقەتلىك ئىگىمىز ئاللا ئەرلەرگە 41 خۇتۇننى بۇلۇڭ – پۇچقاقتا يۇرۇپ ئوغرى مۇشۇكتەك ئېلىڭ دىمىگەن بولغىيدى ؟

مۇھەببەتسىز ،ئىشەنچىسىز نىكاھقا ئېسىلىۋېلىپ بىر ئومۇر ئوزىنى ۋە ئوزگىنى ئازابلاشنىڭ ھاجىتى يوق .

ئەگەر مۇشۇ كۇنلەر سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلسە ئايالىڭىز سىزگە :سىزنىڭ ۋاختىڭىز ئوتكەن ئىدى ،ئوزىڭىزنى بىلىپسىز دەپلا سىزنى خۇددى ئويدىكى ئەسكى پالازنى چورىگەندەكلا چورىۋېتىشى كېرەككەندە .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 21:22:22

خوپ بولدىما ھە .................

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 22:01:15

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 01:17:11

نەقىل :

توغرا بىر ئەرگە 41 خوتۇن ھالال دەيدىكەن .

گەپ دىگەننىڭ ھەممىسى چىقىدىغۇ مۇنبەردە ، بۇ گەپنى نەدىن ئاڭلىغانسىز ؟ شۇنچە جىق ئالسا بولىدۇ دىگەن بولسا 2-سى بىلەن قولتۇقلىشىپ ماڭغىنىغا بۇلۇڭ پۇچقاقتا يۈرگىنىگە، ئۇ سىزنى سىز دىسە، سىز سەنلەيدىغان ، باللارنى ئۆيدە قويۇپ قوشنا ناھىيەگە بازار چۆگلىسە گەپ قىلمايدىغان ئەر بولغاچقا چىدىماي بىر نىمىلەرنى يازدىڭىزمۇ يا ؟ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ مۇشۇنداق بىر نىمىلەرنى ئوقۇتمىسا نىم بولا ما باللار

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 01:34:10

ياپىر..... ئالامەت باللا باركەن دىسە...

بەت: [1] 2 3
: ماڭا قالدۇرغان ئەسلىمىلىرىڭگە رەخمەت