Watandax يوللانغان ۋاقتى 2008-11-15 22:39:48

مەن كۆرگەن شىڭ شىسەي تۈرمىسى

بۇ رەسىملەرنى مەن ئۆتكەن يىلى ئۇرۇمچىدىكى ۋاقتىمدا تارتقان ئىدىم. بۈگۈن كومپىيۇتىرىمنى ئاختۇرىۋىتىپ يەنە كۆزۈمگە چىلىقىپ قالدى. يەنە كېلىپ خىلى تارىخىي قىمممىتى باركەن. كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھىرلەنگۇم كەلدى. ئىھتىمال مۇشۇ جايدا قوربان بولغان سانسىز قەھرىمانلارنىڭ روھى بۇ يەرگە بارغۇچىلارنىڭ، ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىپ يىڭى يول تاپقۇچىلارنىڭ دۇئالىرى بىلەن ئازراق بولسىمۇ ئەمىن تىپىپ قالسا مەن شۇنىڭدىن خوش.

تۈرمىنىڭ ھازىر قالغان بىردىنبىر كىرىش ئېغىزى

بىز تاغ ئۈستىدىن تۈرمە ئىچىگە كىردۇق

بىز تاغ ئۈستىدىن تۈرمىگە كىرىش ئۈچۈن ماڭغان 200دىن ئارتۇق پەلەمپەي  ھازىر ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ، شۇ چاغدا سانىغانتىم بولمىسا.

قاراۋۇلخانىغا تۇتاشقان ئىغىز

تۈرمە ئىشىكىنىڭ قىلىنلىقى

ھازىر ئىتىۋىتىلگەن چوڭ ئىشىك

شۇ چاغدا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇ تۈرمىنىڭ سۇ تۈرمىسى كامىرىدىكى سۇلار تىخى قۇرىماپتۇ. شۇنچىلىك سوغۇق. جەمئىي 30دىن كۆپرەك كامىر بار ئىكەن.( سىمۇنت زاۋۇتىنىڭ قىشىدىكى تۈرمىدىمۇ شۇنچىلىك كامىرى بار ئىكەن.لېكىن ئۇنىڭ يوللىرىدا ماشىنا قاتنىيالايىتتى. )

ئويلىغىنىم: ئۈرۈمچىدىكى تاغلارنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى تۈرمىمىدۇ؟ تۈرمىلەرنى نىمىشقا تاقىۋىتىدۇ؟ ئۇ ئەڭ ياخشى ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇ شىڭ شىسەينىڭ جاللاتلىقىنىڭ ياخشى ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 07:02:23

ئۈرۈمچىنىڭ نەرىدە بۇ تۈرمە ؟  بىزمۇ بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى !

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 08:07:47

     بۇ تۈرمىنى مەنمۇ 2004-يىلى كۆرگىلى بارغان ئىدىم. ئۇ يەر ئادەمگە ھازىرمۇ بىر خىل مۇدھىشلىكنى ئەسلىتىدىكەن. سۇ كامىرلېرىدىكى سۇلارنىڭ ھىلىغىچە قۇرۇپ كەتمىگەنلىكىگە قاراپ نۇرغۇن خىياللار كاللامغا كەلگەن ئىدى. قىسقىسى  پۇرسەت بولسا ھەممەيلەن بىر قىتىم بېرىپ كۆرۈپ كىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. تىما ئاپتورى ئېيىتقاندەك ئۇ يەر ھەقىقەتەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى قىلىشقا تىگىشلىك ئورۇن. نەدە يوق قىممىتى قالمىغان ئەسكى سوخمىلارنىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى قىلىۋالىدىكەن. مانا مۇشۇندان تارىخى قىممىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسسى بولغان جايلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى قىلىش زۆرۈر ئىدى.

بۇ جاينىڭ ئادرىسى : شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئالدىدىكى يول بىلەن شەرىققە قاراپ ماڭسىڭىز ۋاڭجىيالىياڭ(王家梁) مەھەللىسىگە چىقىسىز. بۇ تۈرمە مۇشۇ مەھەللىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تاغدا.

Freedom يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 12:29:59

http://v.youku.com/v_show/id_XMzc0MjYzNTY=.html

freedom freedom freedom freedom freedom freedom freedom freedom freedom freedom freedom

Algha يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 13:51:34

ئەمەلىيەتتە بۇ شىڭشىسەي دىگەن خۇمسىنىڭ تۈرمىسى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى قاپلاپكەتكەن ئوخشايدىكەن.مەن شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرىسىتىنىڭ كەينىدىكى تاغدا(لىيۇشەن دەيدىكەن خەنسۇچە)كۆرگەن،ھەم ئىچىگە ئالدى-كەينى بولۇپ  تۆت قېتىمدەك كىردىم.ئاڭلىسام،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئۇدىلىدا بىر راۋاق بار بولۇپ،شۇ راۋاقتىنمۇ شۇنىڭ ئىچىدكى تۈرمىگە كىرگىلى بولىدىكەن.شۇ يەردىمۇ بەك چوڭ تۈرمە بولغانكەن.شارائىتى بار دوستلارنىڭ كىرىپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئۆزى ئېلىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 19:23:52

ۋاڭ جىيالىئاڭ مەھەللىسىنىڭ شىمالى دىگەن گەپ ، ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلەمدۇ ؟ ياكى ۋاڭجىالىئاڭدىن ئۆتۈپ چىداۋەنگە چىقىپ كېتىدىغان يول تەرەپتىمۇ ؟ مېنىڭ بىر بېرىپ كۆرۈپ كەلگىم كېلىۋاتىدۇ . ئەمما ئېنىق ئورنىنى تازا پەرەز قىلىپ بولالمىدىم .

يەنە بىر گەپ توردا بەك داۋراڭ بولۇپ كەتسە ، بۇ يەر كېيىن يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئىزدېرەكسىز يوقىلىپ كېتىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن يەنە ؟

ATTILA يوللانغان ۋاقتى 2008-11-16 21:55:57

قانخور خۇمسى !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 12:54:21

تۇللۇق ئوتتۇرنىڭ 3 يىللىقىدا تارىخ مۇئەللىم بىزگە بۇرۇن شىڭسىسىەينى جاللات دەيدۇق ، ھازىر ئۇنداق دىيىشكە بولمايدۇ ، يىڭى تارىخى ماتىرىياللاردا ئۇنى شىنجاڭنى ۋەتەن زىمىنىدىن ئايرىماي قوغدىغان قەھرىمان دىگەن .

چۇنكى ئۇ ئاشۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى بىر نەچچە گىنراللار بىلەن بىرلەشسە ئەتراپتىكى بىرنەچچە دۆلەت قوللاپ بەرسىلە ئۆز ئالدىغا دۆلەت بۇلۇپ كىتىش تۇرغانلام گەپ

jasuryigit يوللانغان ۋاقتى 2008-11-17 15:54:33

مېنڭڭچە بىز بۇ يەردە قارىغۇلارچە باھا بېرىپ يۈرمەيلى ،توغرا شڭ شىسەي ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ھەر مللەت خەلقىگە غايەت زور زۇلۇملارنى ئېلىپ كەلگەن ،شىڭ شىسەيلا ئەمەس جڭ شۇرېنمۇ شىنجاڭدا مىللەت بويىچە بىخۇدلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ بىزنىڭ مۇشۇنداق <<مۇلايىم>>بولۇشىمىزغا سەۋەپچى بولغان ....

       دېمىسىمۇ ئەيىنى ۋاقتتا شىنجاڭنىڭ سىياسىتى ناھايىتى كەسكىن ئىدى ،مەن بۇ يەردە شىڭ شىسەينى ياخشى دېمەكچى ئەمەس بىراق مەن ئۇنىڭ سىياسىدا تولىمۇ كەسكنلىكىگە بەزىدە قايىل بولۇپ قالىمەن .. . نېمىشقا دېسەڭلار ،ئويلاپ باقايلى بىزدە دەل شۇنداق رەھىمسىز بىر سىياسىئون بولمىغاچقا خوجىنىياز ھاجى قاتارلىقلار نۇرغۇن قېتىم ئىنقىلاپ ئېلىپ بارغاب بولساقمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولدى،بۇ دەل بىزنىڭ رەھىمدىللىكىمىزدىن بولدى....بىز بۇيەردە ئەڭ ياخشىسى قالايمىقان باھا بېرىپ يۈرمەيلى .ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ قىزىقىدىغانلار بولسا ھەر قايسى تورداشلار ھەرخىل مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى يوللاپ ئورتاق پكىرلەشسەك .

       ھىېلىقى تۈرمىگە مېنڭمۇ بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى...مۇمكىن بولسا مېنڭ ئېلىخەت ئادېرىسىمغا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار مېنڭ ئادېرىسىم:844196540چچ@.كوم

jahandar يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 10:00:27

مەنمۇ 1998-يىلىغۇ دەيمەن،مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چىغىمداساۋاغداشلىرىم بىلەن  بۇ يەرگە بىر نەچچە قېتىم بارغان، مەكتىپىمىزنىڭ ئارلىغى يېقىنتى،بەك قورقۇنۇشلۇق بىلىنگەنتى بۇ يەر،ئىغىزدىن كىرسىڭىز قېلىن بىتون ئىشىك،ئاندىن تار كارىدور، بۇ يەردىن ئۆتسىڭىز چوڭ كارىدور بولۇپ تاملىرىغا قاماقلار ئېسىلىپ قۇيۇپتىكەن،بىز قولچىراغ ئېلىۋالمىغاچ مەشئەل ياساپ كىرگەن،بىر ساۋاقدېشىم ئاستىدىمۇ يەنە كامىرلار باركەن دەپ ئىزدەپ بىر كامىرغا كىرىپ سۇنى كۆرمەي تۇسۇقتىن تۇسۇقتىن ئاتلاپ سوغا چۈشۈپ كەتكەن،سۇدىن تارتىۋالغان چېغىمىزدا بەكلا قورقۇپ كىتىپتىكەن،ئۇنىڭ دەپ بىرىشىچە سەكرىگەندە پۇتى يەرگە تەگمەپتىمىش،قارىغاندا خېلى چوڭقور بولسا كىرەك،شۇنىڭدىن يەنە نەچچە قېتىم بارغان،لىكىن ئۇ ساۋاقدېشىمىز قەتئى بارغىلى ئۇنىمىغان.

بۇ يەرنىڭ ئورنى ھازىرقى قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ شەرقى شىمالىغىراق توغرا كىلىدۇ،ئۇستى خەنزۇلارنىڭ قەۋرىستانلىقى.

arman0912 يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 13:42:57

دوسلار !  ئاۋارە بۇلۇپ ئۇ يەرگە بېرىپ  يۈرمەڭلار ! چۈنكى ئۇ يەرنى ئاللىقاچان سېمونىت بىلەن  ئېتىۋېتىپتۇ .

مەن يازدا  بارغان  ئىدىم ،  كىرەلمەي  قايتىپ كەلدىم !  شۇڭا  ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقتىن  ساقلانسۇن دەپ  ئىنكاس  يېزىپ قويدۇم .

ۋاڭجالىياڭ  تەرەپتىن  كىرىدىغان يەرگىمۇ سىم  تۇسۇقلارنى تارتىۋەتكەن ئىكەن ، مىڭ جاپادا  يول تېپىپ يۇقاردىكى رەسىمدىكى كىرىش ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلسەك ،  سېمۇنىت بىلەن قاتتۇرۇپ  ئىتىۋېتىپتۇ . باشقا  كىرىش ئىمكانىيىتى بولماي ، نەچچە يىل ئالدىدا كۈرۈۋالغانغا خۇداغا شۈكرى دەپ  يېنىپ كەلدۇق ! ! !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 14:57:26

ياۋرۇپادا گېتلىرنى «ياخشى» دەپ قويغان ئادەمنى تۈرمىگە سولايدىكەن، بىزنىڭ جۇڭگۇدىمۇ شىڭ شىسەينى«ياخشى» دىگەنلەرنى تۈرمىگە سولىسا بۇلاتتى

Gultikin يوللانغان ۋاقتى 2008-11-18 15:11:27

قارىغاندا ھەممىڭلار بارغان چىراي،مەنمۇ بىر بېرىپ كەلمىسەم.

muhsinun يوللانغان ۋاقتى 2008-12-13 14:58:14

ھەي !! بىز تېخى بىرقانچەيلەن ئۇ تۈرمىگە بېرىپ كۆرۈۈپ  قويغانغا  شۈيمىگو رايونىدىكى  دۆلەت خەۋپسىزلىكى باش ئەترىتىدىكى ئىتلار بىزنى شۇيەردىكى بىر ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بۇلىشىغا  ئۇرۇپ 2كۈن سۇلاپ قويغانتى  .بىزدىن بىرەيلەنى ئۇرۇپ  ئىككى قۇلىنى مىدىرلىتامايدىغان  قىىلۋىتىپتىكەن . ئويلىسام  ھىلىمۇ ئاچچىقىم بەك كىلىدۇ .

muhsinun يوللانغان ۋاقتى 2008-12-13 20:17:08

http://www.livearabictv.net/

muhsinun يوللانغان ۋاقتى 2008-12-13 20:18:29

http://www.livearabictv.net/

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 16:08:34

مەن بۇنىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن ،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىز بۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ مۈكۈشمەك ئوينايتۇق.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 21:44:30

بۇلار تۈرمە ئەمەس. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قېزىلغان، يادرو ئۇرۇشىدا ئىشلىتىمىز دەپ كولىغان لەخمە. شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئىزى قالمىدى.
بەت: [1]
: مەن كۆرگەن شىڭ شىسەي تۈرمىسى